كۈنلەمچى ئانام
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
18-قىسىم
بايىدىن بېرى مەن تىلفۇن قىلىپ ئالاقىلىشالمىغان نۇمۇردىن كەلگەن ئۇچۇر بۇلۇپ ، ئۇچۇر مەزمۇنى پەقەت بىر ئادرىستىنلا ئىبارەت ئىدى . نەچچە ئۇقۇپ نەچچە ئويلاپ باقساممۇ بۇ بىزنىڭ ناھىيىدىكى ئادرىستەك قىلمايتتى .
- بۇ چۇقۇم شەمشىنۇرنىڭ ھازىرقى ئادرىسى ، - دىگەننى جەزملەشتۈرگەچ : رەھمەت سىزگە دەپ جاۋاپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويدۇم ، ئۇ نۇمۇردىن قايتا ئۇچۇر كەلمىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن يەنە بىرەر ئۇچۇر كىلىپ قالارمىكىن دەپ تەما قىلىپمۇ يۈرمەي ، ئەمدىكى قەدەمدە قانداق قىلىش توغرىلىق پىلانغا چۈشۈپ كەتتىم . سىلەردىن يۇشۇرمايمەن ، شۇ تاپتا كاللامدا مەھپۇزە ياكى ئۇنىڭدىن قورقۇشتىن ئەسەرمۇ يوق بۇلۇپ ، مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى ئاتا - ئاناممۇ ھەتتا مەھپۇزەمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ، مىنى توسىمەن دىمەي تەييارلىقىمنى تۇلۇقى بىلەن جابدۇپ بۈگۈنلا ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قۇيىشى كېرەكتەك شۇنچىلىك خاتىرجەم پىلان سوقىۋاتىمەنكىن شۇ تاپتا . شەمشىنۇرنى تاپسام ئۇنى قايتۇرۇپ كىلەلەيمەن ، يارىشىۋالالايمەن دەپ ئويلاۋاتامدىم ياكى تەييار چۆپ باش دىگەندەك ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىنى بىر كۆرۈپ كۆڭلۈمنى تىندۇرۇپ قايتىپ كىلەمدىم ئۇنىمۇ بىلمەيتتىم . ئىشقىلىپ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۈرۈمچىگە بىر بارمىسام بولمايتتى .
- تۇرۇپلا ئۈرۈمچىگە بارغۇڭىز كىلىپ قاپتىغۇ ؟ ئەجىبا سىز ھىلىقى خۇتۇننى …
- سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتىم يوق مەھپۇزە ، ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز قايتىپ كەلگۈچە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭ ، نىمە گىپىڭىز بولسا شۇ چاغدا سورىۋىلىڭ ، مەنمۇ شۇ چاغدا ھەممىنى دەپ بېرەي بۇلامدۇ ؟ …
- ياق ! ئىككى ئېغىز گەپنى دەۋىتىشكە قانچىلىك ۋاقتىڭىز كىتەتتى ؟ مەن دىگەن سىزنىڭ خۇتۇنىڭىز ، بارغان تۇرغىنىڭىزنى بىلىمەن دىيىشىم ھەقلىقتۇ ؟ …
- ئۆزىڭىز مىنى مەڭگۈ تالاغا قارىمايدىغان تىپتىن دەۋاتمامتىڭىز؟ شۇڭا خاتىرىڭىزنى جەم قىلىپ ، نېرى تۇرۇڭ ! - مەھپۇزەگە كۆزلىرىمنى لامپۇچكىدەك چەكچەيتكىنىمچە كۈچەپ ۋارقىرىدىم ، لىكىن ئۇ ھە دەيدىغاندەك قىلمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر قۇلۇمنى شىلتىپلا مۈرىسىدىن كۈچەپ ئىتتىرىۋىدىم دەلدەڭشىپ بېرىپ كارۋاتقا چاپلىشىپ قالدى ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەپچىلگىنە سەپەر سومكامنى ئىلىپ تىز تىز مىڭىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم .
- ئاڭلاپ قوي يىگان ! سەن قايتىپ كەلگەندە مىنى بۇ ئۆيدە ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسەن ! راسلا شۇ خۇتۇننى ئىزدەپ بارىدىغان بولساڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ! ۋۇ ۋاپاسىز شەرمەندە ! ئىسىت مىنىڭ كور كۆزلىرىم ، يۇقال ! - ھوجرىمىزدىن ئاڭلىنىۋاتقان جاراڭ - جۇرۇڭ ، پاڭ - پۇڭ ئاۋازلار قەدىمىمنى توختىتالمىدى . ۋاراڭ - چۇرۇڭىمىزدىن بىلىپ قالغانمۇ ئەيتاۋۇر ئانامنىڭ بىلىكىمگە ئىسىلىپ :
- ساراڭلىق قىلما بالام ، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس ، يىنىڭدا بارىنىڭ قەدرىنى بىل جىنىم بالام ، توختا ! - دەپ يالۋۇرۇشلىرىمۇ يۇلۇمدىن توسىيالمىدى . بىكەتتە مەن چىقىدىغان پويىزنى ساقلاپ ئولتۇرسام دىلشات تىلفۇن قىلدى ، كۆڭلۈمدە ئۇمۇ ماڭا نەسىھەت قىلىدۇ دەپ ئويلاپ تىلفۇنىنى ئالمىسام ئۈندىداردا گەپ قىپتۇ ، ئۇ گەپلەرنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمىدىم .
بىر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ساراڭلىقىمغا ھەيران بولاتتىم ، ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالنى دەپ ئانامنى ، ھازىرقى ئەمرىمدىكى خۇتۇننى رەنجىتىپ بارغانغا چۇشلۇق ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىش ھاسىل بولار؟ شۇ مىجەزىدە دىدارىنىمۇ كۆرسەتمەي قۇيامدۇ تىخى ئۇنىڭغىمۇ بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ . يەنە بىر تۇرۇپ قىلىۋاتقانلىرىمنى خاتا دەپ ئويلىمايتتىم ، كۆرۈشەلمىسەم ھىچقىسى يوق ، بىلىشقا تىگىشلىكىنى بىلىۋالساملا بولدى ، تەييار چۆپ باش دىگەندەك ئۆلگىچە پۇشايمان يەپ ياشايدىغان كۈنگە قالمىساملا بولدى دەپ ئۆز كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىم .
ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ پويىز ئىستانسىسىدىنغۇ ھەر ھالدا باشقا سەپەرداشلارغا ئەگىشىپ ئوڭۇشلۇق سىرتقا چىقىۋالدىم ، راستىنى دىسەم مۇشۇ يىشىمغىچە بۇ شەھەرگە كىلىپ باقماپتىكەنمەن ، سىرتقا چىققاندىن كىيىن ئەتراپقا قاراپ بىشىم پىررىدە قىيىپ كەتتى ، ئۈرۈمچى دىگەن باشقىلا بىر دۇنياكەنغۇ ھېي ! بىزنىڭ ساتىراچنىڭ كاپلىغۇچىدەك ئاشۇ كىچىككىنە ناھىيىمىزگە سىلىشتۇرۇپمۇ سىلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەپ قالدىم . ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بەھەيۋەت بىنالار بىزنىڭ ناھىيىدىكى كەپە ئۆيلەردىنمۇ زىچ ، كوچىدا ئوڭ - سول يۆنىلىش بويىچە موكىدەك ئۆتىشىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل ئاپتۇموبىل ، ئاپتۇبۇس ، تاكسىلار مەلىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن تارىغان ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەك ئالدىراشچىلىق ھەم قىستاڭچىلىق ، پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا ئادەم شامىدەك لىكىن كۆز چانىقىم ئىتىلىپ كەتكۈچە ئىزدىسەممۇ ئېزىپ - تېزىپ بىرەر تۇنۇش چىراينى چىلىقتۇرغىلى بولمىدى .
- ۋاييەي ! ياقا يۇرت دىگەن ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ ئەجەپ مەرى سوغوق بولىدىكىنا ؟ نەچچە يىلدىن بۇيان شەمشىنۇر بۇ يۇرتتا قانداق ياشىغاندۇ ؟ قانچە غېرىپلىق تارتىپ قانچە زېرىككەندۇ ھە ؟ ئاغرىپ تارتىپ قالغانلاردا قانچە قىينالغاندۇ ؟ مەكتەپتىمۇ جىق ئوقىيالمىغان تايانچىسىز بىر ئايال نىمىگە تايىنىپ جان باققاندۇ ؟ … - خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى : ناۋادا ئۇ مۇشۇ شەھەرلىك بىرە يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرىۋالغان بولسىچۇ ؟ دىگەن پەرەزگە كىلىپ توختىغاندا كاللاممۇ شۇ نۇقتىدا قىتىپ قالدى . تىڭىرقاش دەقىقە داۋاملاشقاندىن كىيىن يوغان بىرنى تىنىۋىتىپ :
- ھامىنى مەھپۇزە بىلەن ئانامنى قاڭغىر قاقشىتىۋىتىپ كەلگەندىكىن نىمىلا بولمىسۇن ئۇنى بىر كۆرۈپ قايتاي ، ئەنسىرىگۈدەك ئىش بولمىسا خاتىرجەم قايتقۇلۇق ، ناۋادا تەييار چۆپ باش دىگەندەك بىرەر ئىش بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەل قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ ، - دىپ ئويلىغىنىمچە تاكسى تۇسۇشقا تەييارلاندىم . تاكسى شوپۇرى ھىلىقى قىسقا ئۇچۇردىكى ئادرىس بويىچە كىچىك بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئالتە قەۋەتلىك كونا بىر بىنانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن يەنە شۇ ئۇچۇرغا قاراپ بىناغا كىرىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدىم . يۈرىكىم خۇددى ئاغزىمدىن ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ تۇراتتى ، ئىشىكنى شۇنداقلا ئۇرسام ، ھايالشىمايلا ئىچىلسا ، ئۇ ماڭا ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلالماي تۇرۇپ كەتسەك … ئاندىن ئۇ مىنى تىللاپ ، يۈزلىرىمگە تۈكۈرۈپ ، قوغلاپ ئىشىكنى يىپىۋالسا … تىللاپ قوغلىسىمۇ ، ئىشىكنى يىپىۋالسىمۇ مەيلى ئۇ ساق سالامەت ، خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىلا بولاتتىدە .
ئىشىكنى نەچچە قىتىم ئۇرغان بولساممۇ ئىچىلىش تۈگۈل ئىچىدىن مۈشۈك ماڭغانغا چاغلىق شەپە بولمىدى ، ئەمما مەن ئۇرىۋاتقان ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى خوشنا ئىشىك تىرىقلاپ ئىچىلىپ ياشانغان بىر بوۋاينىڭ بىشى كۆرۈندى ۋە :
- ئۇرىۋەرمەڭ بولدى ! بەرىبىر ئادەم يوق بۇ ئۆيدە ، - دەپ قۇيۇپ كىرىپ كىتىشكە تەمشەلدى .
- ھەي تاغا ، توختاپ تۇرىڭە ، ئۇنداق بولسا بۇ ئۆيدىكى قىز نەگە كەتتى ، قاچان قايتىپ كىلەر؟ - بەلكىم شەمشىنۇر بىرەر يەردە ئىشلىسە تىخى ئىشتىن چۈشمىگەن بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىپ كىلىدىغان ۋاقتىنى ئىنىقراق بىلىۋىلىش مەقسىتىدە ئالدىراپ سورىدىم . بايىقى باش قايتا كۆرۈندى ۋە :
- ئاغرىپ قالدىمىكىن ئۆزى ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمىگىلى ، ئۇنىڭ دوستى بىر نەچچە قىتىم كەلگەن ، نەچچە كۈن بولدى ئۇمۇ كەلمەس بوپ قالدى ، ئىشقىلىپ بۇ ئۆيدە ئاساسەن ئادەم يوق ، - دەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتى . مەن باشقا گەپ سورىمىدىم ، ئۇمۇ قايتا كۆرۈنمىدى . بىشىمغا بىر قارلىق تاغ ئۆرۈلگەندەك بۇلۇپ پەلەمپەيدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم .
- ئۇ زادى نەدىدۇ ؟ راسلا ئاغرىپ قالغان بولسا قايسى دۇختۇرخانىدىدۇ ؟ كۈن كەچ بولاي دىدى مانا ، ئۇنى تاپالارمەنمۇ ؟ تاپالمىسام تۇنۇش - بىلىش ، ئۇرۇق - تۇغقىنىممۇ يوق بۇ شەھەردە نەگىمۇ بارارمەن ؟ يىنىمدا پۇل بولغاندىكىن مىھمانخانىغا كىرىپقۇ ياتارمەن بىر كىچە ، ئۇنى ئەتىمۇ ، ئۆگۈنمۇ تاپالماي قالسام نەچچە كۈن لەلەڭشىپ يۈرۈپ قۇرۇق كىتەرمەنمۇ ؟ … تۇرۇپلا يەنە ھىلىقى تەييار چۆپ باش يادىمغا كەلدى ، قائىدىمىز بويىچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتتىم :
- مەن ھازىر شەمشىنۇرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ، ئۇ ئۆيدە يوقكەنغۇ ؟ نەدىلىكىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، - ئۇچۇرۇمغا تىزلا ئۇچۇر قايتتى .
- ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2 - خەلىق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلىمى 36 - كارۋاتنى ئىزدەڭ .
دۇختۇرخانىغا يىتىپ كىلىپ تەييار چۆپ باش دىگەن بالنىسىتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ، سەپەر سومكام ئاللىقاچان قۇلۇمدىن چۈشۈپ كەتكەن ، كۆزلىرىم قىيا ئۇچۇق تۇرغان ئىشىكنىڭ ئاراچلىرىدىن ئۆتۈپ ئىچىگە مىختەك قادالغان ، لەۋلىرىم بوش ئۈمچىيىشتىن بىلىنەرلىك تىترەشكە ئۆتۈپ بولغىلىمۇ خېلى بولغان بۇلۇپ ، كۆز ياشلىرىممۇ يۈزۈمدە يايلاققا قۇيىۋىتىلگەن ماللاردەك شۇنچە ئەركىن يۈگرەشمەكتە . ئالدىمدىكىسى ئاياللار بۆلىمىنىڭ بالنىتسى ، ياتاقتا باشقا بىمارلارمۇ بار ئەڭ مۇھىمى مەن ھازىر ئۇنىڭ ئېرى بولمىغاندىكىن ئۈسۈپلا كىرەلمەيتتىم ، شۇ ھالەتتە ئۇنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر سۆڭەك بۇلۇپ قالغان سۇلغۇن ھەم تاتىراڭغۇ چىرايىغا ، قورايدەك ئىنچىكە ھەم جانسىز قوللىرى بىلەن چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تاراشلاشلىرىغا ، تومپۇچكا ئۈستىدىكى ئىستاكاننى ئىلىپ ئازراق ئۇسسۇلۇق ئىچىكەندىن كىيىن ئاغرىق دەستىدىنمىكىن چىرايلىرىنى بىر قىسما پۈرۈشتۈرۈپ تەستە يىتىۋىلىشلىرىغا قاراپ قانچىلىك تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن .
- قىنى ئۇنىڭ قىزارغان ئالمىدەك نۇرلۇق يۈزلىرى ؟ قىنى ئۇنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان بۇلاقتەك كۆزلىرى ؟ قىنى ئۇنىڭ ھىلىقى چاغدىكى مەندەك بىرەر- يېرىم ئادەمنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكۈدەك ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان ئاقسا تۇرقى ؟ قىنى ئۇنىڭدىكى سۈر- ھەيۋە ؟ تەييارچۆپ باش مىنى ھىچنىمىنى بىلمەي بەك خاتىرجەم ، كۆڭلى پۈتۈن ياشاپ كەتمىسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە كىلىشكە قىستاپ تۇرىۋاپتىكەندە ؟ ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ كىيىنكى ئۆمرىدە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكى توغرىسىدا تۈزۈكرەك ئويلىنىپ باقسۇن دەپتۇدە ؟ … ئىچىگە كىرىشكە يەنە بىر قىتىم تەمشىلىپ بىقىپ يەنىلا توختاپ قالدىم :
- ناۋادا ئۇ توي قىلىپ بولغان بولسا ياكى لايىقى بار بولۇپ قالسىچۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى تەييار چۆپ باشتىن سوراپ بىر ئىش قىلاي جۇمۇ ، - دەپ ئۇچۇر يىزىۋاتسام ئۆزى تىلفۇن قىلىپ قالدى ، ئالدىراشلا ئالدىم :
- ۋەي !
- تاپالىدىڭىزمۇ ؟
- ھە تاپتىم ، لىكىن …
- كەچلىك تاماق يەپ بوپتىمۇ ؟ سىز بىرەر نەرسە ئالغاچ كىرگەنمۇيا ؟ - تىلىم شۇنچىلىك سەت تۇتۇلدىكىن ، ئۆمرۈمدە بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىم كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن ؟
- ۋەي گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ مەن ھازىر بارماقچى ، بىرەر نەرسە ئىلىۋالامدىم سوراپ بىقىڭە ، تىلفۇنى ئىتىلىپ قاپتۇ ئۆزىدىن سوراي دىسەم .
- ھە … مەن … مەن تىخى ئىچىگە كىرمىدىم ، ئۇنىڭ ئېرى ياكى لايىقى بار يوقلىقىنى بىلىپ ئاندىن كىرەي دەپ …
- ياخشى بىلەن ياماننى ئىلغىيالمايدىغان كۆزى ئوچۇق كورمىكىن دىسەم جىڭ كاللاڭ ئىشلىمەيدىغان پىس - پاسكەنسىنەۋاي ! ئېرى ياكى لايىقى بولسا سىنى چاقىرىپ نىمىش قىلىمەن بۇ يەرگە ؟ دۇختۇر بۇيرۇپ بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ قالدىڭمۇيا ؟ قورقماي كىرىۋەر ، ئۇ بۇ ئۆمرىدە سەندىن باشقا ئەر زاتىغا قارىمايدىكەن ، - ما گەپنىڭ نەشتىرى يات يۇرتتا تەمتىرەپ ئاران قالغان مىسكىن ھالىمنى شۇنچىلىك دەھشىتى بىلەن چاقتىكى ، جىسمىم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ بارا - بارا كىچىكلەپ يوقاپ كىتىۋاتقان قارا چىكىتچىلىكلا قىلىۋاتاتتى .
داۋامى بار.