مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز37-قىسىم - نوچى ئىكەنسەن

文摘   小说   2024-07-29 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 52-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231




36


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

37-قىسىم

 


37-قىسىم  

  نوچى ئىكەنسەن!


زىلالە تاماق يەتكۈزگۈچى يىگىتكە تاماقنى ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە قويۇپ قويۇشنى تاپىلاپ،  تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كۈتكۈچى كالا گۆشىنى ئېلىپ كەلدى، گۆش يۇمران،  پىشىش دەرىجىسىمۇ دەل جايىدا بولغان بولسىمۇ،  ئەمما زىلالەنىڭ كۆڭلى جايىدا بولمىدى.

قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان زۆھرە يەنىلا غەيۋەت قىلىشتىن توختىماي:

- ھە راست، زىلالە، سىز  جەسۇر  بىللە تۇرغاندىكىن، چوقۇم بىر كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقانسىز؟ - دەپ سورىدى. 

زىلالە جەسۇر بىلەن بولغان بىر نەچچە قېتىملىق ئىشنى ئويلاپ  يۈزى قىزىرىپ:

- ئەلۋەتتە ئۇنداق ئىش يوق، - دېدى. 

ـ  بۇنچە جىددىيلەشكۈدەك نېمە ئىش بولدى؟ ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر ھازىر ئەر-خوتۇن، تويلىشىش خېتىڭلار بار،  قانۇندىمۇ قوغدىلىسىلەر، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى ھەقلىق ئەمەسمۇ، -دېدى زۆھرە قاقاقلاپ كۈلۈپ.-  يەنە كېلىپ، شۇنداق كېلىشكەن يىگىت كۆز ئالدىڭىزدا تۇرسا،  ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ - دېدى. 

بۇ چاغدا، ئۇ ئۈستەلدىن ئۆتۈپ زىلالەغا قاراپ كۆزىنى چىمىلدىتىپ:

- زىلالە، مېنى ئەسكەرتمىدى دېمەڭ، بىزنىڭ جەسۇر دىرېكتورنى ... ئەلەمدە قويماڭ،  ە - دېدى.

زىلالە ھېچنېمىنى چۈشەنمەي، گاڭگىرىغان ھالدا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ قالدى.  ئىككى سېكۇنت ھاڭۋىقىپ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، چىرايى پوكاندەك قىزىرىپ، قولىدىكى قەغەزنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپ:

- تازىمۇبىر، قىزبالا لۈكچەك!  - دېدى.

زۆھرەمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،

زۆھرە يەنە   :

-بۇلارنى تىلغا ئالمايلى. كېلىڭ، كەلگۈسىدىكى ئالقىشلىق چوڭ ئادۋوكات بىلەن بىر قەدەھ كۆتۈرۋېتىڭ! - دېدى. 

بەلكىم، پىراكتىكا ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ خۇشال بولغان بولۇشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا ئۆز دادىسىنىڭ يولدىن چىققان يامان ئىشلىرىنى ئويلىغاندۇ .... ئىشقىلىپ كۆپ ئىچىۋالدى.

زىلالە  زۆھرەنىڭ سومكىسىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، ئۆزى ھەيدەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

قايتىش سەپىرىدە، ئۇ يەنىلا كونا قائىدە بويىچە مېتروغا ئولتۇردى.

كەچتە مېترودا ئادەم بىر قەدەر ئاز بولغاچقا،  ناھايىتى ئاسانلا  ئورۇننى تېپىپ، كۆڭلىدە تاماق يەتكۈزۈش ئىشىنى ئويلىدى.

كېيىنكى بېكەت، پۇل-مۇئامىلە بىناسى. 

مېترو پۇل-مۇئامىلە سارىيى بېكىتىدە توختىدى، زىلالە ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، مېترو ئىشىكى تاقىلىشتىن بۇرۇن چۈشۈۋالدى.

بۇ ئىشنى ئېنىق قىلىۋەتمىسە،  ھەر قانچە قىلىپمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ.

زىلالە تېز قەدەم بىلەن مېترو بېكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن  پۇل مۇئامىلە بىناسىنىڭ ئاستىغا كەلدى.

لىفىتقا كىرىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى.

لىفىت ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا ئۇ يەنە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، پېشانىسىگە يېنىك ئۇرۇپ:

- زىلالە، زىلالە، سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن، نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزدەشنى ئويلاپ قالدىڭ؟  - دېدى.

جەسۇرغا ئوخشاش بۇنداق ئادەمنىڭ قانداقمۇ  بىر يۈرۈشلا ئۆيى بولسۇن.

ئۇ باشقا ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، ھەتتا باشقا ئاياللار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

زىلالە لىفىتنىڭ ئېچىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن،  قايتىدىن لىفىتقا چىقتى.

لىفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلىشتىن بۇرۇن، تونۇش بىر كۆلەڭگە ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى، ئۇ دەل جەسۇرنىڭ ياردەمچىسى ئەنۋەر ئىدى.

ئەنۋەر جەسۇرنىڭ كۆلەڭگىسى، ئۇ بار يەردە، جەسۇرمۇ چوقۇم بار.

زىلالە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، يېپىلاي دەپ قالغان لىفىتنىڭ ئىشىكىنى توسۇۋالدى.

ئەنۋەر ئەمدىلا بېسىپ چىقىرىلغان ماتېرىيالنى  يىغىن ئۈستىلى يېنىدا ئولتۇرغان بىر نەچچە كىشىگە تارقاتتى.

ئاساسىي ئورۇندا ئولتۇرغان جەسۇر بوغۇق ئاۋازدا:

-كۆپچىلىك قايتىپ بېرىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېقىڭلار ... -

گەپنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يۆتىلىپ يۈزىمۇ قىزىرىپ كەتتى.

 قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل بۆلۈپ:

- جەسۇر دىرېكتور، يۆتىلىڭىز بەك ئېغىركەن، بولمىسا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ؟ 

- شۇنداق، ئەگەر يۆتەل ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىپ قالسا ئاۋارىچىلىك بولىدۇ.  - دېيىشتى.

ئاڭغىچە ئەنۋەر بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ قۇيۇپ بەردى، جەسۇر دەرھال ئىككى يۇتۇم ئىچىپ، يۆتىلىنى توختىتىپ:

- ئەتە ئەتىگەندە، ھەر بىر ئادەم ماڭا بىر پارچە سېتىۋېلىش دوكلاتى تاپشۇرۇڭلار. يىغىن ئاخىرلاشتى!  - دېدى.

كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئامالسىز خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.

ئەنۋەر ئۈستەلگە يېيىلغان ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ،  قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-جەسۇر دىرېكتور، بۈگۈن كەچتە سىز يەنىلا ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاڭ.  لابوتورىيەلىك تەكشۈرتتىڭىزغۇ، يۇقۇملۇق زۇكام بولمىغاندىكىن، خانىمىڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.  - دېدى.

جەسۇرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدا  كىچىك دەم ئېلىش ئۆيى بار بولۇپ،  ۋاقىتلىق دەم ئالىدىغان جايى ئىدى.

ئۇ يەردە ئۇخلىسا ئۆيدە ئۇخلىغاندەك راھەت بولامتى؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەتچىلەر ئىشقا بالدۇر كەلسە،  شەپە چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،  كۆپرەك ئۇخلىماقچى بولسىمۇ ئامال يوق.

- تارقىلىشچان زۇكام بولمىسىمۇ يۇقىدۇ ... ئۆھۈ... سىز بىلمەيسىز، ئۇ... -

 جەسۇرنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئەنۋەر ھۆججەتنى قولىدا تۇتۇپ قېتىپ قېلىپ:

ـ  خانىم؟ ! - دېدى.

جەسۇر بېشىنى بۇراپ ئەينەك تامنىڭ سىرتىغا قارىدى.

بىر قاراپلا سىرتتا تۇرغان زىلالەنى كۆردى، قىز لېۋىنى چىڭ چىشلىۋالغان بولۇپ، كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى.

ئۇنى كۆرۈپ، چىرايلىق كۈلۈمسىرىدى.

جەسۇر بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەنۋەرگە قارىدى.

ئەنۋەر ئالدىراپ بېشىنى چايقاپ، ئۆزىنىڭ دېمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ چاغدا زىلالە يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغانىدى.

- زىلالە؟ !  - جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، يەنە كەينىگە چېكىندى.

يانچۇقىدىن زاپاس ماسكىنى ئېلىپ، يۈزىنى ئېتىۋېلىپ:

- سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

زىلالە كىرپىكلىرىنى پەسكە قارىتىپ، تەلەپپۇزىنى تەبىئىي چىقىرىشقا تىرىشىپ:

- مۇشۇ  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىدىم، شۇڭا سىزنى ئۆيگە ئالغاچ كېتەي دەپ كىردىم، - دېدى. 

- بۇ بىر نەچچە كۈندە شىركەتنىڭ ئىشى سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى. - دېدى جەسۇر گېلى سەل قىچىشىپ،  مۇشتى بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ، يېنىغا قاراپ يېنىك يۆتىلىپ، -  يىغىلىپ قالغان ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن،  قايتىمەن. ئەنۋەر، خانىمنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ!  - دېدى.

زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ، يېڭىنى تۇتۇپ يېنىك تارتىپ:

- شۇنچە چوڭ ئۆيدە  يالغۇز تۇرسام ئازراق قورقىدىكەنمەن، - دېدى. 

- جەسۇر دىرېكتور، ئۇنداق بولغاندىكىن ئايالىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بىللە قايتىڭ، قالغان خىزمەتنى  يالغۇز قىلساممۇ تۈگىتەلەيمەن. - دېدى ئەنۋەر. 

ئەنۋەر جەسۇرغا رەددىيە بېرىش پۇرسىتى بەرمەي،  ئىچىدىغان دورىسىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يىغىشتۇرۇپ، ئىشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن بىللە زىلالەغا سۇنۇپ:

 - ئەمىسە جاپا چىكىدىغان بولدىڭىز، - دېدى. 

زىلالە ئاچقۇچ بىلەن دورىنى ئالغاندىن كېيىن، جەسۇرنىڭ چاپىنىنى ئورۇندۇقتىن ئېلىپ، مۈرىسىگە يېپىنچاقلىدى.

جەسۇر بىلەكلىرىنى كېرىپ، پەلتوسىنى كىيىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىلالەنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى كۆتۈرۈپ:

ـ  ماڭايلى، - دېدى. 

ـ  ھېلىقى، خانىم... - دېدى ئەنۋەر يىغىن زالىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، يۈزىمۇ قىزارماي، يۈرىكىمۇ پوكۇلدىماي يالغان سۆزلەپ، -  ئەتە چۈشتىن بۇرۇن شىركەتتە قىلغۇدەك باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق، جەسۇر دىرېكتورنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ رېنتىگېنگە سېلىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئالدىنقى قېتىم دوختۇر چوقۇم قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك دېگەنتى.  - دېدى.

ئۇ قەستەن ‹ ‹ چوقۇم › › دېگەن سۆزنى  ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى.

- بولىدۇ. بىلدىم، - دېدى زىلالە يېنىك ئەمما ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ.

جەسۇر كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئەنۋەرگە ھومايدى.

ئەنۋەر  بۇنى كۆرمەسكە سالدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئىشخانىسىغا قايتىپ،  غىڭشىغىنىچە ھۆججەت ۋە ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ:

- نېمىگە ھومىيىسىز؟ نوچى بولسىڭىز، خانىمغا يولسىزلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېقىڭە! - دېدى.

- يەنە باشقا ئىش بارمۇ؟ - دېدى زىلالە جەسۇرنىڭ مىدىرلىماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ گۇمانلانغان ھالدا .

جەسۇر ئىشخانىدىكى پىخىلىداپ كۈلۈپ  تۇرغان ئەنۋەرگە بىر قارىۋېتىپ،  يۇمشاق تەلەپپۇزدا:

  ـ ھېچ ئىش يوق، ماڭايلى!  - دېدى.

ئەنۋەر  ئىككىيلەننىڭ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ شىركەت ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئېچىلىپ كۈلۈپ كەتتى.

مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى كاتتا شەخس بولسا نېمە بوپتۇ؟

 چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئۈچىنچى بايۋەچچە بولسا يەنە نېمە بوپتۇ؟ !

يەنىلا ئايالى  تەرىپىدىن بويسۇندۇرىلدىغۇ مانا !

كۈلۈپ كۈلكىسىنى تەستە توختىتىپ ئۇ يەنە بېشىنى چايقاپ، ئۇھ تارتتى.

بۇ دۇنيادا نەدىمۇ ھەقىقىي سوغۇققان ئادەم بولسۇن، پەقەت... ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالمىدى خالاس. ئۇچراتقان چېغىدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇلايىم ئادەمگە ئايلىنىدۇ...

 


 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章