ﭼﺎﭼﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ تىزىملىكى(ساقلىۋېلىڭ)

文摘   2024-11-02 11:01   新疆  

ﭼﺎﭼﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ


ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ. ﺳﻪﻱ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﯞﻩ ﻳﯧﺴﻰ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻣﻮﻝ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ, ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ, ﺳﯩﻨﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﯩﺌﻮﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﭼﺎﭺ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ, ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭺ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.


ﺳﻪﯞﺯﻩ. ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A ﺑﺎﺭ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ, ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ, ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ, ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺷﻪﺭﺗﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯩﻴﯩﺸﻤﯘ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. 


ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ. ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ, ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﺎﻟﻪﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A  ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ  C, ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻣﺎﻱ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭼﺎﭺ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﮪﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻟﻪﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ.


ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﺳﯜﺕ. ﺳﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ, ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻲ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﺍ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﺳﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺳﯜﺕ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ.


ﺗﻮﺧﯘﻡ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ, ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮪﻮﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﺌﻮﺗﯩﻦ ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ B12 ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭺ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


ﺳﺎﭖ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﻚ, ﺗﯚﻣﯜﺭ ﯞﻩ B ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .


ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻮﺳﺘﻠﯘﻕ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻮﺳﺘﻠﯘﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯧﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ a ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ W-3  ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﯩﻜﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ. ﻣﯘﻗﺎﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻮﻝ ﺳﯩﻨﻚ ﺑﺎﺭ . ﺳﯩﻨﻚ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﺎﭺ ﺋﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ, ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ, ﮔﯜﺯﻩﻝ ﭼﺎﭼﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻮﺳﺘﻠﯘﻕ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ.


ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ, ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ, ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ, ﻛﯚﭖ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ . ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ, ﺋﻮﺭﯨﺰﺍﻧﯩﻦ, ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﻰ, ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ ﯞﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ. ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ, ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ B ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ E , ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﻰ, ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ, ﺗﯚﻣﯜﺭ, ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ, ﻛﺎﻟﯩﻲ, ﺳﯩﻨﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ. ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﺎﻍ, ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ,  ﺳﺎﺧﺎﺭﯨﺪ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ  A, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ  E, ﻟﯧﺘﺴﯩﺘﯩﻦ,  ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﻰ, ﺗﯚﻣﯜﺭ, ﺧﺮﻭﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﻝ. ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ, ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯗ؛ ﻛﯚﭖ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ, ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ, ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﮪﻪﻡ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﻯ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章