دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ
ئافرىلىق بايلار «ئەڭ قىممەت كېلىنچەك»نى تالاشتى! لېكىن كېلىنچەك 14 ياشلىق بالا بولۇپ چىقتى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
سام پېپپېر ئەنگلىيەلىك تور چولپىنى. يېقىندا ئۇ دوستى بىلەن ھىندىستاننىڭ مادھىيا ئىشتاتىنىڭ ئۇجاغا بېرىپ، ئاسىيا سەپىرىنى باشلىغان. يېڭى كەلگەندە ئۇ ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتىكى ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ قالغان.
موتسىكلىتقا ئولتۇرۇش، كوچىدا چاچ ياسىتىش، قۇتا ئىچىدىن نەرسە تېپىش، كالا تېزىكى ۋە قارماق سېتىۋېلىش... قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان.
بىر كۈنى سام كوچىغا چىقىپ، كوچىدا سېتىلىۋاتقان Bhang Lassi دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىچىملىكنى سىناپ باقماقچى بولغان. Bhang Lassi بىر خىل ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئىچىملىكى، كۆپچىلىك ئادەتتە بايرام ۋە مۇراسىملاردا بۇ خىل ئىچىملىكنى ئىچىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ بىر خىل ئىچىملىك قېتىق، يوپۇرماق، گۈل غۇنچىسى ۋە كەندىر ئۆسۈملۈكىنىڭ قىسمەن تەركىبى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ.
ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر رومكىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن گۈپپىدە يەرگە يىقىلغان.
(سام)
شۇ كۈنى كەچتە، سامنىڭ ئىچى سۈرۈپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، قىزىتمىسى 39 گىرادۇسقا چىقىپ، ھاجەتخانىدىن كېلەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.
ئاندىن ئۇ ئۆزى تارتقان ئاجرالمىلارنىڭ قوڭۇر رەڭدىن غەلىتە يېشىل رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىغان.
سام دەرھال ئىچىملىكنى ئويلاپ، دەل شۇ ئىچىملىكتىن مۇشۇنداق بولدۇم دەپ قارىغان. Bhang Lassi ئىچىملىكىنى ياسىغۇچى شۇ جايدىكى بىر كىچىك يايمىچى بولۇپ، بۇ كوچىدا تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولغان ئىدى.
(يايمىچى)
سام بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئۇ پاكىز يۇيۇلمىغان قولى بىلەن ئىچىملىكنىڭ ئىچىگە تېتىتقۇلارنى بىۋاسىتە چاچىدۇ ھەمدە بىر ئىستاكان ھىندىستان سۈتىنى بىر پارچە قانچىلىك ۋاقىت تازىلىمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان مەينەت پاختا رەختكە تۆكۈپ، قولى بىلەن سىقىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ تىرناق ئىچىنىڭمۇ كىرگە تولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئاندىن ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ئىچىملىكنى مەينەت پولدىكى ئىستاكانغا ئۇسۇپ بېرىدۇ.
يەرنىڭ قانچىلىك مەينەت ئىكەنلىكىنى ئىچىملىكنىڭ يېنىدىكى پۇتقا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ... ئوخشاشلا، ئىستاكاننىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىدىمۇ گۇمان بار.
نەچچە سائەتلىك ئازابتىن كېيىن، سامنىڭ دوستلىرى پەقەتلا چىدىماي قالغان سامنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن دەپ دىياگنوز قويغان، لېكىن ھىندىستان دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالىشى ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتالمىغاندەك قىلىدۇ. ئانتىبىئوتىك ئوكۇل ئۇرغاندىن كېيىن، سام تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغاندا قان پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
سامنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستانلىق دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورا «باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن»، بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ ئازابلىق ئىچ سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرخانىنىڭ مۇلازىمىتىمۇ سامنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئۇ ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىپ ئىچى سۈرۈش سەۋەبلىك ئولتۇرىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئوكۇل سېلىپ داۋالىنىشى قوبۇل قىلىشى كېرەك، شۇڭا ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا بارغاندا ئوكۇل توختاپ قالىدۇ. دوختۇرخانا ئۇ بالنىتسىدا يېتىپ تۆتىنچى كۈنى ئاندىن ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرۇش ماشىنىسى ئەكىلىپ بەرگەن، بۇ ماشىنىدا ئوكۇل سالغاندا مەيلى ئىشتانغا چىقىرىۋېتىڭ 1.5 سائەت ساقلىشىڭىز كېرەك.
ئۇ يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا، بىر سېسترا ئۇنىڭ ئانتىبىئوتىك يىڭنىسىنى ئېلىۋەتكەن، قان ھەممە يەرگە ئېقىپ كەتكەن، ئۇ سەھەر سائەت تۆتتە «قان» ئىچىدە ئويغىنىپ، ئۆزىنى بىرەرسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ قالغان، ئەمما تۆت سائەتتىن كېيىن، بىر سېسترا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن قان چىققان-چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان، خىلمۇ-خىل ئازاب-ئوقۇبەتلەر سامنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن دوختۇر سېستىرالاردىن ئاغرىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ قانداقسىگە دوختۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئادەتتىكى ئاساسىي مەشىقنىمۇ بىلمەيدىكەن، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇم يوق. مېنىڭچە بۇ يەر بىخەتەر ئەمەس. مېنىڭچە دوختۇرلار ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، مېنىڭچە مەن ئېرىشكەن داۋالاش بىخەتەر ئەمەس.»
ھىندىستان دوختۇرخانىسىدا بىر نەچچە كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، سام بۇ دۆلەتتىن دەرھال ئايرىلماقچى بولغان، بىراق ئەنگىلىيەگە قايتىش ئۈچۈن 14، 15 سائەت ئۇچىدۇ، ئۇنىڭ بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاۋۋال بانكوكقا بېرىپ قان تەكشۈرتكەن ۋە دورا ئىچكەن.
سام تەرەپ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھىندىستان يېمەكلىك تازىلىقى ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، بەزىلەر بولسا قاباھەتلىك چۈشتەك ھىندىستان ئاۋىياتسىيەسىنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئانىپ پاتېل ئىسىملىك بىر يولۇچى 6292 دوللار (تەخمىنەن 44116 يۈەن) تۆلەپ، چىكاگودىن دېھلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىسىنى زاكاز قىلغان، لېكىن بۇ بوئېڭ 777 تىپلىق ئايروپىلانغا چىققان. ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ھەشەمەتچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، كۆزگە چېلىقىدىغىنى قاتمۇقات زەمبۇرۇغلار ۋە چېقىلىپ كەتكەن تېلېۋىزور ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئورۇندۇقنىڭ ھەر بىر يوچۇقىغا ئەخلەت قىستۇرۇلغان، ئورۇندۇق بۇزۇلۇپ، چاڭ-توزان بىلەن قاپلانغان، قارا رەڭلىك كىر ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى مەھكەم توسۇۋالغان، ئورۇندۇق رەختىدە يەنە سىرلىق داغ بار. بۇ بۆلۈمچىنى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» دەپ سۈپەتلەشكە تامامەن بولىدۇ.
(مەينەت ئورۇندۇق)
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەممە نەرسە يىرتىلىپ كېتىپتۇ، بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، ھەتتا كۆكۈرۈپمۇ كېتىپتۇ. مەن نورمال ئۇپراشنى چۈشىنىمەن، لېكىن بۇ نەرسىلەر ئۇپراشتىنمۇ ئۆتۈپ باشقا ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ.»
(چاڭ-توزان ۋە ئەخلەتلەر بىلەن تولغان روزېتكا ئېغىزى)
ئايروپىلاندا سىمسىز تور يوق، كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسىمۇ بۇزۇلۇپ قالغان، ئايروپىلان خادىملىرى رېمونت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 15 سائەتلىك ئۇچۇش جەريانىدا ناھايىتى زېرىكىپ كەتكەن.
بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىنىڭ %30 يېمەكلىكىنى يېگىلى بولمايدىكەن.
(ئاۋىئاتسىيە تامىقى)
ھەر بىر نەرسىدىن پەقەت بىر تاللا بار، پۈتۈن يولۇچىلار بۆلمىسىدە تۆت ئادەم بار، شۇڭا ئاساسىي جەھەتتىن ئالدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېمەكلىك سۈپىتىگە كەلسەك، تېخىمۇ ناچار، شورپىسى ھەتتا ئۇيۇپ قالغان.
بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىدە تەمىن ئېتىلىدىغان جۇۋاۋا ئانچە يېڭى ئەمەس، ئەرزان بۆلمىنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس.
پاتېل خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەقىقەتەن بىر قاباھەتلىك چۈش. مەن بۇ قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدىم.» گەرچە ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرغان بولسىمۇ لېىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.