مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز35-قىسىم - ئۇنىڭدىن زېرىكتىمۇ

文摘   小说   2024-07-27 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 48-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726

34333231






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

35-قىسىم

 


35-قىسىم


يۈزتۇرانە ئىمتىھان


دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن.

زىلالە شەرق كۈي سۆيەر مۇزىكا ئۆمىكىگە ۋاقتىدا بېرىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتى.

دىليار ئۇنىڭغا ئارقا ئىشىك ئېچىپ بەرمىدى، ئۇ مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا زالىغا كىرىپ، جەدۋەل تولدۇرۇپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئالدىدا 30 نەچچە ئادەم تىزىلىپ بولغانىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، يۈز تۇرانە ئىمتىھان رەسمىي باشلاندى.

ھەر بىر مۇزىكانت سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

بەزىلىرى داڭلىق مەكتەپتىن كەلگەن، بەزىلىرىنىڭ مول تەجرىبىسى بار، بەزىلەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ...

ھەر بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن  ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئىدى.

سەھنىدە تۇرۇپ مۇزىكا ئورۇنلىغاندىمۇ، ھەممىسى ماھارەتكە پىششىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە نامايان قىلدى.

  -  كېيىنكىسى، زىلالە! 

خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، زىلالە ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقتى.

نەق مەيداندا يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقانلاردىن ئۆمەك باشلىقى دىلياردىن باشقا يەنە ئۆمەكنىڭ مۇزىكا باش نازارەتچىسى قاتارلىق بىر نەچچە رەھبەرمۇ بار ئىدى.

ئوڭ قول تەرەپ ئەڭ چېتىدىكى ئورۇندا چىرايلىق كۈزلۈك كىيىم كىيگەن بىر ئايال ئولتۇراتتى.

ئالدىغا  < ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى> دېگەن ئىسىم تاختىيى قويۇلغان ئىدى.

قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ، زىلالەنىڭ قېشى يېنىك سەكرىدى.

ئۇ بۇ ئايالنى تونۇيدۇ.

 ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەندە تونۇشقان، كېيىن ئاكىسى ئۆمەرنى  تەلۋىلەرچە قوغلاشقان مەربىيە ئىدى.

 ئىككى جۈپ كۆز بىر-بىرىگە قارىشىپ، يېنىك كۈلۈشتى.

زىلالە ئۇنىڭ مەنسىتمەسلىك ۋە يوشۇرۇنچە سۇيىقەستىنى ھېس قىلدى.

- زىلالە خانقىز، قېنى باشلاڭ!  - دېدى دىليار  ئۇنى تونۇغانلىقى ئۈچۈنلا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلمىدى،  تەلەپپۇزى ھەر بىر يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا ئوخشاش بولدى.

زىلالە قارشى تەرەپنىڭ  ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرۈشۈپمۇ كەتمەي، باشقا يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىدى. ئۆزىنى بىلىپ،  ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىپ يېقىنچىلىقمۇ قىلمىدى.

كۆپچىلىككە سالام بەرگەندىن كېيىن،  ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئىسكىرىپكىنى قولىغا ئېلىپ:

- ئوقۇتقۇچىلار، تەلىم بەرگەن بولساڭلار! - دېدى. 

ئارقىدىن، ئۇ نەق مەيداندا  < ئاققۇ ناخشىسى> نى ئورۇنلىدى.

دىليارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ مۇزىكىنى چالغىنىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قېلىشتى.

شەرق كۈي سۆيەر ئوركېستىرى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئوركېستىر بولۇپ، مۇزىكانتلارنىڭ ئورنىنى تاپمىقى تەس.

بايا يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقان بىر نەچچە ئىسكىرىپكىچى قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى مۇزىكىلارنى تاللاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ماھارىتى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.

زىلالە تاللىغان بۇ مۇزىكا گۈزەل بولسىمۇ، قىيىنلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە.

بۇمۇ زىلالەنىڭ بىرىنچى قەدەمدىكى خەتەرلىك ھەرىكىتى بولدى.

ماھارەت جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس.

قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى مۇزىكىلارنى تاللاپ، كۆپچىلىك بىلەن ماھارەت سىنىشىش --- باشقا يول تاپقاندىن ياخشى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاق قۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ئاۋازىنى چىقىرىدىكەن.

<  ئاققۇ ناخشىسى> دا ئاققۇنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ناخشا ئاۋازى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاياتلىققا بولغان قىيماسلىق، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى خالىماسلىق ئىپادىلەنگەن.

زىلالە بۇ مۇزىكىنى سانسىز قېتىم ئورۇنلىغان.

 بۇ قېتىمقىسى ئەڭ تەسىرلەنگەن ۋاقتى بولدى.

 ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ مۇزىكىدىكى نوتىلارنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەندى.

بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى مۇزىكىغا بىرلەشتۈردى.

مۇزىكا ئاخىرلاشتى، دىليارلا ئەمەس، بىر نەچچە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قايىللىقىنى بىلدۈردى.

  -  مەن زىلالە خانقىزدىن بىر سوئال سورىماقچى.- دېدى مەربىيە كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئېچىپ،  ئەمما سوئالى ئىنتايىن كەسكىن بولدى، -  زىلالە خانقىز باشقا مۇزىكانتلارغا سېلىشتۇرغاندا، تاللىغان مۇزىكىڭىزنى بەك ئاددىي دەپ قارىمامسىز؟  - دېدى.

ئۇنىڭ ئۆزىنى تەڭلىكتە قويىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان، زىلالە ئازراقمۇ ھەيران قالمىدى.

  -  مۇزىكا كەيپىياتنىڭ ئىپادىلىنىشى، ماھارەت پەقەت ئىپادىلەش ۋاسىتىسى. شۇ تاپتا مېنىڭ كەيپىياتىم، بۇ مۇزىكىنى چېلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز مېنىڭ ماھارىتىمدىن گۇمانلانسىڭىز، قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى مۇزىكىدىن بىرنى تاللىسىڭىز چېلىپ بەرسەم بولىدۇ. - دېدى زىلالە.

مەربىيە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەنگەن، زىلالەنىڭ ماھارىتىنىڭ قالتىسلىقىنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يەنە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ.

  -  ھې ھې! - مەربىيە مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ، -  مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكا ئورۇنلىغاندا ھەر قېتىم زىلالە خانقىزنىڭ كەيپىياتىغا قارىمايدۇ، - دېدى. 

 قەستەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مازلاشتۇرۇپ، زىلالەنى سەتلەشتۈرمەكچى بولدى.

زىلالە مەربىيەگە تىكىلىپ قاراپ، ئاچچىقى كەلسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،  ئۆزىنىمۇ كەمسىتمەي ياكى چوڭمۇ تۇتماي:

 - مەن تېخىمۇ ماس كېلىدۇ دېدىم، ھەرگىزمۇ بۇ مۇزىكا بىردىنبىر تاللىشىم دېمىدىم. يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا، مەن ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى نامايەن قىلىمەن.  - چىرايلىق  جۈملە بىلەن جاۋاب بەردى.

ئىزچىل چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق مەربىيە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ،  چاۋاك چېلىپ:

 -  بولىدۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، كۆپچىلىك ئارام ئېلىش ئۆيىدە ساقلاپ تۇرۇڭلار، بارلىق يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلار نەق مەيداندا بېلەت تاشلايدۇ، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن مۇزىكانتلار بۇ ئورۇنغا ئوڭۇشلۇق ئېرىشەلەيدۇ، - دېدى. 

زىلالە باشقا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن بىللە ئىسكىرىپكىنى يىغىشتۇرۇپ، ئويۇن قويۇش زالىدىن چىقىپ كەتتى.

باشقا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دەككە-دۈككىدە ئىچىدە ساقلىغان بولسىمۇ، زىلالە ئەكسىچە ناھايىتى ئازادە بولۇپ قالدى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، زىلالە ئىسكىرىپكا ئوقۇتقۇچىسى بارات پىروفېسسورنىڭ قولىدا ئوقۇغان.

مەربىيە ئۇ چاغدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، دەل بارات پىروفېسسورنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

دەرسكە قاتنىشىش جەريانىدا ئىككىيلەن تونۇشۇپ قالغان.

بىر قېتىم ھاۋا ياخشى بولمىغاچقا، ئاكىسى ئۆمەر زىلالەنى ئالغىلى كەلدى.

زىلالەنىڭ مۇشۇنداق بىر ئاكىسى بارلىقىنى بىلگەن مەربىيە زىلالە بىلەن ئاز-ئازدىن يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆمەرگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى.

زىلالە ئۇ چاغدا تېخى كىچىك بولۇپ، ئۇنى پەقەت ھەمساۋاق ئاچىسى، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان مەسلەكداش دوستى دەپ قارايتتى.

مەربىيە بىر نەچچە قېتىم ئېنىق بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ ئۆمەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.

يامغۇر ياغقان كۈنى زىلالەنىڭ ئۆيىدە  قونۇپ قېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،  يۈرەكلىك ھالدا ئۆمەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، بەدىنىگە تايىنىپ يۇقىرىغا ياماشماقچى بولدى، نەتىجىدە ئۆمەر ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.

ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقىمۇ ئاخىرلاشتى.

زىلالە مەربىيەنىڭ ئاكىسىغا ۋە ئۆزىگە ئۆچ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا چوقۇم چاتاق چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرمۇ ناھايىتى مۇنەۋۋەر، زىلالە ئۆزىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىدمۇ كۈتمىدى.

ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مەربىيە زالدىن ماتېرىيالنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن بۇرۇلۇپ قاراشتى، مەربىيەنىڭ چىرايىدىكى سۇس مۇزدەك كۈلكىنى كۆرگەن زىلالە   جاۋابىنى پەرەز قىلىپ بولدى.

ئىسكىرۇپكىنى كۆتۈرۈپ، بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.

- كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى قالتىس ئىپادىسىگە رەھمەت. ـ مەربىيەنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ كەينىدىن ئاڭلاندى، ـ زىلالە خانقىز، مەن بىلەن زالغا كىرىڭ.  - دېدى.

زىلالە سەل ھەيران بولۇپ قەدىمىنى توختىتىپ، بۇرۇلۇپ مەربىيەگە قارىدى.

يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتتىمۇ؟ !

باشقا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئارقا ـ ئارقىدىن ئۈمىدسىزلەندى.

مەربىيە ماتېرىيال جەدۋىلىنى كۆتۈرۈپ، مۇزىكا زالىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:

- زىلالە خانقىز، مەرھەمەت! - دېدى.

زىلالە ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، قەدەم تاشلاپ ئويۇن قويۇش زالىغا كىردى.

- زىلالە ، مۇبارەك بولسۇن! - دېدى دىليار كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ چوڭلارغا ماس ھەرىكىتى بىلەن  مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ، -  بايىقى ئىپادىڭىز،  بارلىق يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلارنى قايىل قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا، بىردىنبىر تولۇق بېلەت ئالغان ئادەم سىز بولدىڭىز! - دېدى. 

زىلالە سەل ھەيران قالدى، مەربىيەمۇ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاپتۇ.

دىليارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەربىيەنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقناپ كەتتى.

ئۇ ئەلۋەتتە زىلالەنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى خالىمايدۇ، لېكىن ئەمدىلا بېلەت تاشلىغاندا، بارلىق يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلار زىلالەغا بېلەت تاشلىدى.

مەربىيە ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇش بېلىتىنىڭ ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئەگەر ئۇ راستتىنلا قارشى ئاۋاز بەرسە، ئۆمەك رەھبەرلىرى ئۇنىڭ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ.

ئوركېستىرنىڭ ئارقا رېتىدە بىر نەچچە يىل ساز چېلىپ، ئاران دېگەندە ئالدىنقى گۇرۇپپا باشلىقى  بولۇپ، چوڭ شەھەردە ئولتۇراقلاشتى.

ئۇنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىق ئورنىغا چىقىش پۇرسىتى بار، ئەلۋەتتە ئۆمەك باشلىقىنىڭ قۇسۇر تېپىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.

مەربىيەگە قوللاش بېلىتى تاشلاشتىن باشقا ئامالى يوق.

ـ زىلالە، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ!   ئۇنىڭ ئۆمەك باشلىقى بىلەن شۇنچە يېقىن تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ،  ـ  بىر ئۇستازنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  بايا سىزنى قەستەن تەڭلىكتە قويمىدىم.  – دېدى مەربىيە.

  -  سىلەر تونۇمسىلەر؟ - دەپ سورىدى دىليار سەل ھەيران قېلىپ.

  -   شۇنداق.  - دېدى مەربىيە يالغاندىن زىلالەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، ـ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بارات پىروفېسسور، زىلالەنىڭمۇ ئۇستازى، - دېدى. 

زىلالە  سۇس كۈلۈپ قويدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا، مەربىيە مۇشۇنداق ئىككى يۈزمىچىلىك قىلىشقا ئۇستا بولۇپ، ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلاتتى.






 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章