سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بىرىنچىسى، ئامىرخاننىڭ ھېلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان گەپ قىلىۋاتقاندەك ئېيتقان ناخشىسى. رانىي ئىككىسىنىڭ بۇ ناخشىسى ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تاراپ مودا بولغان ئىكەن. بۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭى ئاددى بولغاچقىمىكى ياكى چىنلىقنى قوغلاشقانمۇ رېژىسسور ئامىرخاننىڭ ئۆزىنى ئېيتقۇزغان.
قايسى ناخشا ئىكەنلىكى ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ؟ ھە، قولياغلىقنى بوينىغا سېلىۋېلىپ تولغاپ ئېيتىدىغان ناخشىسى شۇ. كىنودا ئىككىسى تۇنجى كۆرۈشۈ چىقىپ ناھايىتى خىجىل بولۇپ گەپ قىلىشالماي ئولتۇرۇپ قالىدۇ. زېرىكىپ قالغان ئامىرخان ئولتۇرۇپلا بۇ ناخشىسىنى باشلايدۇ. شۇندىلا قىزنىڭ چىرايىدا كۈلكە يامرايدۇ.
بۇ ناخشا شۇنچىلىك مودا بولغانكى، ئەينى يىلى ئامىتاب باچچانمۇ «بەزىدە شاتلىق بەزىدە قايغۇ»دا ئايالى قېيداپ قالسا كۈلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ ناخشىنى «ئېيتىدۇ» ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ؟ بۇ ئامىرخاننىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئىكەن.
ئىككىنچىسى شاھرۇھ خان بىلەن ئاشۋارىيا ئىككىسى تۇنجى قېتىم بىرگە رول ئالغان كىنودىكى ناخشا. ئۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. رەپ تەرىقىسىدىكى بىر خىل ناخشا. شاھرۇھ خان ئېسىگە ئېلىپ شۇنى ئۆگەنگىچىمۇ بىر مۇنچە جاپا تارتقانتىم. ئۇنى ئاز دەپ كىنو قويۇلغاندا ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى شۇنداق سەت ئاڭلاندى دېدى.
ئۇ ئۆزىنى ياخشى ناخشا ئېيتالمايمەن دەپ قارىسا كېرەك. ئەمما بۇ ناخشا شۇ يىللاردا ناھايىتى مودا بولغان. ھەتتا ئۇ كېيىن سەھنىگە چىقىپ نەق مەيداندىمۇ ئورۇندىغان ئىدى.
يەنە ھازىر ھەممە يەردە مودا بولۇپيۇ مودىدىن قېپقالاي دەپ قالغان «say shava shava»دا ئامىتاب باچچان ئەپەندىنىڭمۇ ئاۋازى بار. قەيەرى سىلەر تونۇپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەلۋەتتە ئەڭ باشتىكى ناخشىنىڭ باشلانغان يېرى.
بۇ ئادەم ناخشا ئېيتسىمۇ خېلى يارىشىدىكەن. ئاۋازى ناھايىتى سالماق يېقىملىق ئىكەن. سىلەرچىچۇ؟ قانداق ئارتىسلارنىڭ بۇ كۆپ تالانىتلىرىنىمۇ بىلىۋالدىڭلارمۇ؟ سالمان خانغۇ ناخشا ئېيتىشقا ئاشىق. ئۇ نۇرغۇن سەھنىلەردە ئۆزى رول ئالغان كىنولارنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار