مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز65-قىسىم - شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش!

文摘   小说   2024-08-17 13:59   新疆  
  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 86-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756

 64636261






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

65-قىسىم

 


65-قىسىم  شىركەتنى مۇۋەپپىقەتلىك ئۆتكۈزۈۋېلىش


مەربىيە بېشىنى كۆتۈردى.

قەيسەرنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايى ياۋۇزلىشىپ،  غالجىرلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى.

 - يېقىن كەلمەڭ، مەن... مەن ھازىرلا ... ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن، - دېدى مەربىيە قورقۇنچ ئىچىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي.  

قەيسەر دەرھال ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يان تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ، سۇ قاچىلانغان ۋاننىغا تاشلىدى.

مەربىيە يەردىن ئۆمىلەپ قوپۇپ، تازىلىق ئۆيىدىن قېچىپ چىقماقچى بولدى.

 قەيسەر ئۇنىڭ چېچىدىن  تۇتۇۋېلىپ تارتىپ قايتۇرۇپ كېلىپ، تېز سۈرئەتتە تاسمىسىنى يەشتى.

مەربىيە جەسۇرنىڭ تاسمىنى تۇتۇپ، قەدەممۇقەدەم يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ تىترەپ كەتتى.

زىياپەت نەق مەيدانىدا زىلالە تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ، جەسۇرنىڭ كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى دوقمۇشتا تۇرۇپ، ئەنۋەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ:

 - بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ -  دەپ سورىدى.

 - ھېچ ئىش يوق! - دېدى جەسۇر قولىدىكى يان تېلېفونىنى ئەنۋەرگە بېرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ بېلىدىن قولتۇقلاپ، - ماڭايلى، بېرىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالايلى. - دېدى.  

ئىككىيلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا قايتىپ كەلدى، زىلالەنىڭ كۆزى يېقىنلا يەردە مېھمانلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغان تۇرسۇن ئەپەندىگە چۈشۈپ:

- تۇرسۇن ئەپەندىنى زادى قانداق قولغا چۈشۈردىڭىز؟ -  دەپ سورىدى.

گۈزەلنۇر   قەيسەرنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئالدىنقى قېتىم ئاشخانىدا كۆرۈشكەندە تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ خانىمىنىڭ قەيسەرنى كۈيئوغۇل ئورنىدا كۆرگەنلىكى ئېنىق.

 تۇرسۇن ئەپەندى زىياپەت زالىدا پەيدا بولغان ئاشۇ دەقىقىدە، ھەتتا زىلالەمۇ ئۇنى قەيسەر ئۈچۈن كەلدى دەپ قارىغان.

ئويلىمىغان يەردىن، جەسۇر قارشى تەرەپنى ئوڭۇشلۇق ئۆزى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇڭا زىلالەمۇ قانداق ھۈنەر ئىشلەتكەنلىكىگە قىزىقىپ قالدى.

- خوتۇن، بۇنداق ئىشقا بېشىڭىزنى قاتتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى جەسۇر.  

ئۇنىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغۇسى يوق ، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئاشۇ شەرەپسىز ۋاسىتىنىمۇ بىلدۈرگۈسى ئەسلا يوق.

ئۇنداق قاراڭغۇ ئىشلارنى ئۆزى قىلسىلا بولدى.

جەسۇر زىلالەنى يېنىك ئىتتىرىپ، رومكىنى قولىغا ئېلىپ، يېقىنلا يەردىكى تيەننىڭ شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە پايچىكلار بىلەن سالاملاشتى.

كۆپچىلىك دەرھال رومكىنى كۆتۈرۈپ ئىككىيلەنگە جاۋاب قايتۇردى.

 -  كۆردىڭىزمۇ؟  - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ،  - ھازىردىن باشلاپ، تيەننىڭ  ھەقىقىي تۈردە بىزنىڭ قولىمىزغا قايتىپ كەلدى -  دېدى.   

زىلالە ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى.

بىر شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئاسان، ئەمما بىر شىركەتنى ھەقىقىي كونترول قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

بۇ قېتىمقى زىياپەتتە، جەسۇر  تۇرسۇن ئەپەندىنى ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرۈپ، تيەننىڭدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى.

بۈگۈندىن باشلاپ، پۈتكۈل مۇدىرىيەت ۋە تيەننىڭنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن رەھبەرلىك قاتلىمى ئۇنى تېخىمۇ قوللايدۇ ۋە بىر سەپتە تۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە.

زىلالە جەسۇرنىڭ  < بىز >  دېگەن سۆزىگە ساددىلىق بىلەن ئىشەنمىدى.

ھازىرقى تيەننىڭ جەسۇرغا مەنسۇپ.

بىراق، زىلالە بۇلارنى كۆڭلىگە ئالمايدۇ.

چۈنكى ئۇ  پەقەت جەسۇرنىڭلا تيەننىڭنى بۇرۇنقى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بۇ دادىسىنىڭ بىر قوللۇق قۇرغان كارخانىسى، بۇنىڭدا دادىسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق قان-تەرى، ئاكىسىنىڭ ئون يىللىق تىرىشچانلىقى بار .

زىلالە شىركەتنىڭ ھەم ئەمەلىي كۈچى بار ھەم  ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمنىڭ قولىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كۆڭلىدە جەسۇرنىڭ ئاشۇ قابىلىيەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنىدۇ.

زىياپەت ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئىككىيلەن بىرلىكتە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلارنى بىر - بىرلەپ ئۇزىتىپ قويدى.

ئەنۋەرنىڭ قېپقېلىپ ئاخىرىدىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تاپىلىغاندىن كېيىن، جەسۇر زىلالەنىڭ پەلتوسىنى يېپىنچاقلىتىپ، بىنادىن بىللە چۈشتى.

شوپۇر ماشىنىنى قوزغىتىپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى.


ماشىنا ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، ئۇدۇل لىفىت ئېغىزىدا توختىدى.

جەسۇر زىلالەنى يۆلەپ ئارقا ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۈپ،  يېتىلەپ لىفىت ئىشىكىنى باستى.

ئىككىيلەن بىللە لىفىتقا چىقتى، جەسۇر باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمىدى.

لىفىت يۇقىرىغا ئۆرلىدى، جەسۇر يەنە گەپ قىلمىدى. پەقەت ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، باش بارمىقى بىلەن  ئالىقىنىنى يېنىك سىلىدى.

زىلالە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغاچقا پۇتىنىڭ ئازراق يۇمشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

-- دىڭ

لىفىت ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا، جەسۇر مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئىشىكنى ئاچتى.

زىلالە ئىشىكتىن كىرشىگىلا ئۇنىڭ سۆيۈشى ھاراق پۇرىقى بىلەن تەڭلا يوپۇرۇلۇپ كەلدى.

ئۇچىسىدىكى پەلتو شەپىسىز سىيرىلىپ، پۇتىنىڭ ئاستىغا چۈشتى.

بۈگۈن كەچتىكى جەسۇر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قالغانىدى.

زىلالەمۇ نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىشقا ئۈلگۈرمەي ئۇنىڭ مۈرىسىدىن  چىڭ تۇتۇۋالدى.

كىيىمنىڭ سىيرىتمىسىنىڭ قاچانلاردا تارتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ئوڭ پۇتىدىكى ئاياغنىڭ قانداق چۈشۈپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمىدى...

 ...........

ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، زىلالە قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى.

 ئوڭ قولىنى سوزۇپ، تېلېفوننى ئېلىپ، قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئېتىۋەتمەكچى بولدى.

قولى تېلېفونغا تەگمەي تۇرۇپلا، قوڭغۇراقلىق سائەت توختاپ قالدى.

 قۇلاق تۈۋىدە، پىخىلداپ كۈلگەن ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ:

 -  خوتۇن، نەنى سىيلاۋاتىسىز؟ -  دېدى.

زىلالە كۆزىنى ئېچىپ، جەسۇرنىڭ بىر ئاز مەسخىرە قىلغان چىرايىنى كۆردى.

 قوڭغۇراقلىق سائەتنى بېسىۋەتمەكچى بولغان ئوڭ قولى دەل ئۇنىڭ كۆكرىكىدە تۇراتتى.

ئەڭ مۇھىمى ... ئىككىيلەننىڭ ئۇچىسىدا كىيىم يوق.

زىلالە قاتتىق چۆچۈپ، پوكاندەك قىزارغان ھالدا ئۆرۈلۈپ،  دۈمبىسىنى قىلىۋالدى.

جەسۇر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يوتقاننى تارتىپ يېپىپ، كەينىدىن قۇچاقلىدى.

زىلالەنىڭ پۈتۈن بەدىنى جىددىيلىشىپ كەتتى.

جەسۇرنىڭ نېمە مەقسىتى بارلىقىنى چۈشەنمەي:

 - بۈگۈن ئاكامنى كۆرگىلى بارىمەن، -  دېدى. گەپنى يۆتكىمەكچى بولۇپ.

 جەسۇرنىڭ ئەسلىدىمۇ باشقا مەقسىتى بولمىغاچقا  سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

 - چاتاق يوق، خوتۇنۇم تەلەپ قىلغان يەردە،  مەن چوقۇم تىرىشىمەن، - دېدى.

زىلالە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ تۈگۈلۈۋالدى، قوپاي دېسە تېخى، قوپماي دېسە تېخى بولمىدى.

ھېلىمۇ ياخشى، جەسۇرنىڭ يانفونى سايراپ قېلىپ، خىجىللىقتىن قۇتۇلۇپ قالدى.

جەسۇر يانفونىنى ئېلىپ ئېكراندىكى نومۇرغا قاراپلا قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

 مۇنچا لۆڭگىسىنى تارتىپ بەدىنىگە ئوراپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ ئالدى.

زىلالە ئۇھ دەپ، ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىراش مۇنچىغا كىرىۋالدى.

 يۇيۇنۇپ بولۇپ، كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىققاندا، جەسۇر ئاشخانىدىن ناشتىلىق ئېلىپ چىقىۋاتاتتى.

ئەتىگەنلىك تاماق ناھايىتى مول بولۇپ، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە شاكىلاتلىق سۈت بولۇپلا قالماي، يەنە مايدا پىشۇرۇلغان كولباسا ۋە مېۋە-چېۋىلەرمۇ بار ئىدى.

جەسۇر تېخى كىيىم ئالماشتۇرمىغان، مۇنچا لۆڭگىسىنى ناھايىتى ئەركىن ھالدا سېمىز بولمىغان بېلىگە ئورالغان بولۇپ،   ھەر ۋاقىت چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.

زىلالە ئۇنىڭ بېلىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالماي، كۆزىنى بېلىدىن يۆتكەپ، بىلىكى ۋە مۈرىسىدىكى بىر نەچچە روشەن تىرناق ئىزىغا دىققەت قىلدى.

 تۈنۈگۈن كەچتە  كۈچەپ تاتىلاپ سالغاندەك قىلاتتى.

   





 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章