مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز67-قىسىم - نېمانچە ئوخشايدۇ

文摘   小说   2024-08-19 14:01   新疆  
  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 90-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261




66


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

67-قىسىم

  

67 قىسىم 

كۆز ئالدىدىكى قىزچاق ئۇنىڭغا نېمانچە ئوخشايدۇ؟


قاتتىق چۆچىگەن زىلالە قەيسەرنى كۆرۈپ، ئېھتىيات بىلەن كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ:

- بۇ يەر نازارەت قىلىش رايونى،  ئەڭ ياخشىسى قالايمىقان ئىش قىلماڭ! -  دېدى.

 - زىلالە، مەندىن بۇنداق قورقماڭ! - دېدى قەيسەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، خاپا بولغان ھالدا، - خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدىم. -  دېدى.

كەچۈرۈم سوراش؟

زىلالە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

 -  تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئەمدى سىزدەك كۈيۈئوغۇلنى تونۇماسقا چىقىرىۋەتتى، شۇنداقمۇ؟ -  دېدى.

 - زىلالە، يەنە خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، مەن ئەسلىدىمۇ گۈزەلنۇرنى ياخشى كۆرمەيتتىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. - دېدى قەيسەر قولىدىكى قەغەز خالتىنى سۇنۇپ، -  بۇلارنى  ئۆمەر ئۈچۈن تەييارلىغان، ھەممىسى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر، يەنە بىر نەچچە قۇر ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىمىمۇ بار،  ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرەمسىز؟ -  دېدى.

ئۇ ئۆمەرنى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ تۇتۇپ تۇتۇش ئورنىغا كىرگۈزۈپ قويغان تۇرۇقلۇق، ھازىر يەنە ياخشى ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىۋاتامدۇ؟

زىلالە كۆز ئالدىدىكى پۈتۈنلەي تۇنۇيالماي قالغان قەيسەرگە تىكىلىپ، ئۆزى ياقتۇرۇپ يەيدىغان تورتنىڭ ئۈستىگە پوق چىۋىننىڭ قۇنۇۋالغانلىقىنى كۆرگەندەك كۆڭلى ئېلىشىپ:

- ئاكامغا نېمە لازىم بولسا، مەن ئېلىپ بېرىمەن،  ياخشى نىيەتلىك ئادەم بولۇۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! -  دېدى - دە قەيسەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن ماڭدى.

 - زىلالە!  - قەيسەر ئېتىلىپ كېلىپ، پوك قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ تىزلىنىپ تۇرۇپ،  - بىلىمەن، مەن ئېغىر خاتالاشتىم، ... -  دېدى ۋە  زىلالەنىڭ قولىدىن تارتىپ  يۈزىگە كۈچەپ ئۇرغۇزۇپ،  - زىلالە،  مېنى ئۇرۇڭ، تىللاڭ.  پەقەت خۇش بولسىڭىزلا، قانداق قىلغۇڭىز شۇنداق قىلىڭ! ئۇ كۈنى كەچتە، مەن... راستتىنلا قەستەن قىلمىدىم،  كۆپ ئىچىۋېلىپ كاللامدىن كېتىپتىمەن... - دېدى.

 - يوقۇلۇڭ! -  دېدى زىلالە قولىنى كۈچەپ تارتىپ، تېز قەدەم بىلەن ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.

 - زىلالە! - قەيسەر ئورنىدىن تۇرۇپ، - ئەجەبا، ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرۇشىغا ياردەم قىلغۇڭىز يوقمۇ؟ -  دېدى.  

زىلالە ئاكىسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختاتتى.

قەيسەر ئۇنىڭ قىزىققانلىقىنى كۆرۈپ، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن قوغلاپ كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشىچاق بولۇپ:

 - زىلالە،  ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن، سىز بىلەن بۇرۇنقىدەك يارىشىپ قالغۇم بار. - دېدى.

 ئىش ئاكىسى ئۆمەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقىلا كۆڭۈل ئېلىشقانلىقىغا مەجبۇرى بەرداشلىق بېرىپ:

 - قولىڭىزدا ئىسپات بارمۇ؟ -  دەپ سورىدى.

 - ئەلۋەتتە، ئۇ تۈرنى مەن ئۆمەر بىلەن بىللە بېجىرگەن، بارلىق لايىھە چېرتيوژلىرى ۋە ماتېرىيال كىرگۈزۈش تالونلىرىنىڭ زاپاس نۇسخىسى بار. تۈنۈگۈن كەچتە ئالايىتەن رەتلەپ چىقتىم. مېنىڭ بۇ ئىشنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى ئىكەنلىكىنى، ئۆمەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپاتىم بار. - دېدى قەيسەر ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، ـ  زىلالە،  يېنىمغا قايتىپ كەلسىڭىزلا،  سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازىمەن! -   دېدى.

زىلالە قولىنى قاتتىق سىلكىپ چۈشۈرۋېتىپ:

 -  مېنى ئالدىمىغانلىقىڭىزنى قانداق بىلىمەن؟ -  دېدى.

 قەيسەر چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ماتېرىيال جەدۋىلىنى چىقىرىپ:

 - بۇ تيەننىڭ ياتاق بىناسى تۈرىگە مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تىزىملىكى، كۆرۈپ باقسىڭىزلا بىلىسىز. - دېدى.

 زىلالە  تارتىپ ئېلىپ، ماتېرىيال جەدۋىلىگە بىر قۇر قاراپ چىقىپ، دەرۋەقە بىر نەچچە مال تەمىنلەش سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرى يېزىلغانلىقىنى كۆردى.

زىلالەنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ تۇرغان قەيسەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بىر قەدەم يېقىنلىشىپ:

 -  ئەمدى ماڭا ئىشەنسىڭىز بولىدىغاندۇ؟ -  دېدى.

 - بىر پارچە قەغەزگە مېنى ئىشەندۈرمەكچىمۇ؟ - دېدى زىلالە دىمىقىنى قېقىپ، -  ھىم،  مېنى ئەخمەق چاغلاپ قالدىڭىزمۇ؟ -  دېدى.

 - بۇ پەقەت شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسمى،  سەمىمىيىتىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. - دېدى قەيسەر ئۇنىڭ سەل قىزىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ،  - پەقەت جەسۇر بىلەن ئاجرىشىشقا ماقۇل بولۇپ، تيەننىڭنىڭ پاي ھوقۇقىنى  تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز، تەكشۈرۈپ تاپقان بارلىق ماتېرىياللارنى سىزگە بېرىمەن -  دېدى.   

- ئۇنى دەپ بۇنى دەپ سىزنىڭ قولغا چۈشۈرمەكچى بولغىنىڭىز تيەننىڭنىڭ پېيى ، ھەرگىزمۇ مەن ئەمەسكەنمەن، - دېدى زىلالە.

 -  ئۇنداق ئەمەس، زىلالە. - دېدى قەيسەر  بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن،  - مەن راستتىنلا سىزگە ياردەم قىلماقچى، بۇرۇن يولدىن ئېزىپتىمەن، مانا ئەمدى ماڭا ھەقىقىي ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەمنىڭ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم، -  دېدى.

- ئەپسۇسكى، بەك كېچىكىپ بىلدىڭىز. - دېدى زىلالە ماتېرىيال جەدۋىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تېز قەدەم بىلەن ماشىنىنىڭ يېنىغا  كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ شوپۇر ئورنىدا ئولتۇردى.

 - زىلالە! - قەيسەر كەينىدىن  قوغلاپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ، - ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،  ئۆزۈمنى سىزگە ئىسپاتلاپ بېرىمەن، راست مەن جەسۇرغا قەتئىي ئوخشىمايمەن، ئۇ پەقەت سىزدىن پايدىلاندى، مانا مەن سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىمەن! -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ماشىنىنى قوزغاتتى.

قەيسەر قولىنى سوزۇپ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تارتتى، ئەمما ئىشىك ئېچىلمىدى.

زىلالە ماي كىلاپانىنى يېنىك دەسسەپ، ئۇدۇل ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن چىقماقچى بولدى.

ئۇنىڭ راستتىنلا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قەيسەر ئېتىلىپ كېلىپ، بىلىكىنى كېرىپ،  ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توستى.

زىلالە دەرھال تورمۇزنى دەسسەپ، سوقۇۋېتىشتىن ئاران ساقلىنىپ:

 - نېرى تۇرۇڭ!-  دېدى.

- سىزنىڭچە جەسۇر سىزگە راستتىنلا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ئۇ پەقەت سىزدىن پايدىلاندى خالاس، - دېدى قەيسەر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، -   تۇرسۇننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ -  دېدى.

زىلالە ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى كىچىككىنە چۈشۈرۈپ:

 - نېمە ئۈچۈن؟ -  دەپ سورىدى.

 - چۈنكى ئۇ مەربىيەگە تەھدىت سېلىپ، مېنىڭ كارىۋاتتىكى سىن كۆرۈنۈشۈمنى سىنغا ئېلىپ،ئۇنىڭغاتاپشۇرۇپ بەردى. ـ  دېدى قەيسەر سوغۇق كۈلۈپ، ـ   ھازىرقى ئېرىڭىزنىڭ بۇنداق پەسكەش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانسىز؟ ئەگەر ئۇ سىزنى راستتىنلا ياخشى كۆرسە، ئىسپاتنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، سىز ئۈچۈن ئادىللىقىنى ياقلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، چۈنكى ئۇ ھېسسىياتىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى پەقەت تيەننىڭ گۇرۇھى! -  دېدى.

زىلالە ئورنىدا جىم ئولتۇرۇپ، ئاۋاز چىقارمىدى.

شۇ كۈنى كەچتىن كېيىن، مەربىيەنىڭ ئويۇن قويۇشقا قاتناشمىغانلىقى ھەتتا مۇزىكا ئۆمىكىدە قايتا پەيدا بولماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.

ئەسلى ... ھەممىسى جەسۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بوپتۇ!

 ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق،  ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپتۇ.

قەيسەر زىلالەنىڭ خىيالىنى ئەسلا بىلمەي، تېخى ئۆزىنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشىنىڭ ئۈنۈم بولدى دەپ قاراپ، داۋاملىق سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ:

ـ  بىراق، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن مەربىيەنى بەدەل تۆلەتكۈزدۈم،  بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولمايدۇ. زىلالە، ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ، سىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم مەن، - دېدى.  

زىلالە ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى يەنە ئازراق چۈشۈرۈپ، دېرىزە سىرتىدىكى قەيسەرگە سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ:

 - جەسۇرنىڭ نېمىشقا ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقىنى بىلەمسىز؟- دېدى.  

 - ئەلۋەتتە. - دېدى قەيسەر كۈلۈپ قويۇپ، - چۈنكى  سىزگە قەتئىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى. -  دېدى.

 - سىزدەك ئادەملەر ھەرگىز چۈشەنمەيسىز. - دېدى زىلالە غەزەپتىن ئاچچىق كۈلۈپ، - جەسۇر ساقچىغا مەلۇم قىلمىدى، چۈنكى ئۇ قانداق قىلغاندا مېنى ھەقىقىي قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ! - دېدى.

قەيسەر تېڭىرقاپ قالدى.

زىلالە ئۇنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئەمدى كۆرۈشنى خالىماي،  ماشىنىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدىدى.

خېلى يىراقلاشقاندىن كېيىن قەيسەرنىڭ قوغلاپ كەلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ، چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ھېلىقى ماتېرىيالنى ئېلىپ، ئەستايىدىل كۆردى.

بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، ئۆمەرنى ساقچىلار شۇ كۈنى كەچتە ئېلىپ كەتكەن.

شۇنداقلا تيەننىڭ تۇرالغۇ ئۆي  تۈر بۆلۈمىگە ئوت كېتىپ، كومپيۇتېر ۋە بارلىق قەغەز ماتېرىياللار پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگدى.

ساقچى تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆمەرنىڭ لايىھە چېرتيوژىنىلا تاپالىدى، يەنە قەيسەر قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قوشۇلۇپ، ئۆمەرنىڭ لايىھەسىدە مەسىلە بارلىقى ئىسپاتلاندى.

ئۆمەر شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ بارلىق جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.

كېيىن زىلالە ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئاكىسىنىڭ ئىسپات ئىزدىشىگە ياردەملەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن.

ئەگەر بۇ ماتېرىياللار راست بولسا، يەنە باشقا ماتېرىياللارنى تاپالىسا... ئۇنداقتا بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆمەرنىڭ لايىھەسىدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ئويلاپ، زىلالە ئالدىراش ھالدا يانفونىنى ئېلىپ، جەسۇرغا تېلېفون قىلدى.

ھازىر جەسۇر ئۇنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمى.

تېلېفون ناھايىتى تېزلا ئۇلىنىپ، مۇلايىم تەلەپپۇزدا:

 - نېمە، كۆرۈشمىگىلى نەچچە سائەت بولۇپلا مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟ -  دېدى جەسۇر.

زىلالە ئۇنىڭ ئويناشقان گەپلىرىگە پىسەنت قىلماي:

  - سىز نەدە، ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتىدىمۇ ياكى تىيەننىڭدىمۇ،  سىز بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدىغان ئازراق ئىشىم بار، - دېدى.

    جەسۇر بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ:

- مەن ھازىر سىرتتا، قولايسىز، كەچتە ئۆيگە قايتىپ پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟ -  دېدى.

ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلگەن زىلالە كۆپ سورىماي:

- ماقۇل، ئەمىسە كەچتە ئۆيگە قايتقاندا دېيىشەيلى. - دېدى.

 تېلېفوننى قويۇپلا، ئەكبەرگە تېلېفون قىلىپ:

 - مەن ئەمدىلا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن چىقتىم، ئاكام توختامغا ئىمزا قويدى، سىزگە قاچان قولايلىق بولسا،  ئاپىرىپ بەرسەم بولىدۇ، - دېدى.

- دەل ۋاقتىدا تېلېفون قىلدىڭىز، مەنمۇ سىڭلىم بىلەن سىز توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتاتتىم! - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ،  - بىز ھازىر سىرتتا، بولمىسا مۇنداق قىلايلى...  چۈشتە بىللە تاماق يەيلى،  سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، - دېدى.

 - توغرا، مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغان ئازراق گېپىم بار. ئۇنداقتا  چۈشتە كۆرۈشەيلى! -  دېدى زىلالە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ مۇزىكا ئۆمىكىگە قايتتى.

چۈشتە، ئەكبەر ئەۋەتكەن ئادرېس بويىچە،  دەل ۋاقتىدا 2-ئايلانما يول بويىدىكى  ئۇزۇن يىللىق ئۆردەك كاۋىپى قىلىدىغان ئاشخانىغا كەلدى.

ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ئىشىكنى چەكتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئىچىدىن ئېچىلىپ، بىر قىزنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايى كۆرۈندى.

قارشى تەرەپنى  ئېنىق كۆرگەن زىلالە ھاڭ-تاڭ قالدى.

كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزچاق زىلالەگە بەكلا ئوخشايتى. 





 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章