بۆلجۈرگەننىڭ يەنە مۇنداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

文摘   2024-11-08 11:00   新疆  

ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بۆلجۈرگەن يەپ بەرگەندە بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى بايقالغان. 

ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە كىرون كېسىلى (سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۈچەي يولى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 
بىمار دورا ئىچىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللەتسە بولىدۇ، ئەمما يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
تەتقىقاتچىلار ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان چاشقانغا بۆلجۈرگەن تالقىنى يېگۈزگەن، كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، چاشقاننىڭ بوغماق ئۈچەي يولىدىكى ياللۇغ ئىنكاسى ئازايغان، بوغماق ئۈچەي دىۋارىدىكى ياللۇغقا قاتنىشىدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى سانى تۆۋەنلىگەن، ئۈچەي يولىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى ئاشقان.
ھازىرقىدەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ، ئاز ھەرىكەت قىلىشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق، تۆۋەن تالالىق يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى قاتارلىقلار بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسەللىكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قىيىنغا توختىسا، يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ.
كۆرسەتمە: كۈندە 250 گىرام بۆلجۈرگەن يېگەندە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى ۋە بوغماق ئۈچەي توقۇلمىسى ياللۇغىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، يەنە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى، ساغلام باكتېرىيەلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章