گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 85-قىسىم _قىزىم قېنى

文摘   小说   2024-07-29 13:59   新疆  


;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776

84838281







گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

85-قىسىم


 


85-قىسىم

قىزىم قېنى

مېھراي ئىلىيار ۋە دىلارە ئىككىيلەننى كۆرۈپ ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىليارنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ:

ـــ ئېيتە ، قىزىمنى نەگە ئاپىرىپ قويدىڭىز  ؟ ئۇنىڭ ھادىسىگە ئۇچىرشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ سىز ئۇنى نەگە يوشۇرۇپ قويدىڭىز ؟ ! - دېدى.

مېھراينى ئىككى ياردەمچى ئىككى مېتىر يىراقلىقتا توسۇۋالدى.

- ئىليار قىزىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ !  ۋۇي ھايۋان ! قىزىم  سىزگە يۈز كېلەلمىگۈدەك زادى نېمە ئىش قىلدى ،  ئۇنىڭغا شۇنچە باغرى تاشلىق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ ! -   دېدى .

دىلارەنىڭ قوشۇمىسى  تۈرۈلدى ، ئۇ دەرۋەقە ، يەنىلا ئىليارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقىغا قاراپ تۇرالمىدى.

ـــ قىزىڭىز كۆز يۇمدى ، - دېدى دىلارە ئەڭ ئاددىي سۆزلىرى بىلەن مېھرايغا قاتتىق تېگىپ.

 مېھراي بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى،  غەزەپتىن يېرىلغۇدەك  بولغان تۇرقى مەخبۇبەنىڭ تەلۋىلەرچە تۇرقىغا بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاپ كەتتى.

- ھەممىسى سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىز ... - دېدى مېھراي.

- توغرا ، مېنىڭ ئىشىم. ــ دېدى دىلارە ياۋاشلىق بىلەن ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ بۇنداق پەرۋاسىز پوزىتسىيەسىدىن ئەتراپتىكى كىشىلەر راست-يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمىدى. 

- ئەگەر مۇمكىن بولسا ، مېنىڭ ئۇنى ھازىرغىچە قىيناپ ھۇزۇرلانغۇم بار ئىدى.ئەپسۇس ــ دېدى دىلارە.

 مېھراي دەلدەڭشىگىنىچە ، كۆزىنىڭ ئېقى كەينىگە كېتىپ ، ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قېلىپ:

- سىز... سىز... - دېدى.

- مەن ئىزچىل ئۇنىڭغا چىشىمغا تەگمەڭ دەپ كەلدىم. باشقىلار ماڭا چېقىلمىسا ، مەن ھەرگىز باشقىلارغا يۇقۇلمايمەن، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭغان بولسا، ئامان-ئېسەن بولاتتۇق. سىلەر بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ، ئاۋۋال قىزىڭلارنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئاپامنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك ئىدى.

 ئۇنداق ئىشنى مەن ئۇنى زورلاپ قىلغۇزمىدىم. ئەسلىدىنلا بارسا كەلمەس يول ئىدى،  يەنە كېلىپ مېنى قەستەن بېرىشقا قىستىدى، ئەسلىي مەقسىتى ئانا بالا ئىككىمىزنى بىراقلا يوق قىلماقچى   ئىكەن.  بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان خاتا  ئىشىنىڭ جازاسىنى تارتتى خالاس. - دېدى دىلارە.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي قالدى.

مېھراينىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈسكە كىردى.

 بىر جۈپ ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن لەۋلەر  غالىلداپ تىترەپ، نېمىگە قاراۋاتقانلىقىنىمۇ  بىلگىلى بولمىدى.

قىزىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى ئازابلانغانلىقى راست ، لېكىن بۇ  ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا  سەۋەبى بولالمايدۇ.

ـــ  سىلەر راستتىنلا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتىڭلارمۇ؟ - دېدى مېھراي ھازىرغىچە رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن تۇرسا قانداقمۇ ئىشەنسۇن ، ھازىر دىلارە ، ئىليار قاتارلىقلار بۇ يەردە بىر  ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ ، يالغۇز ئۇنىڭ قىزىغا بىر ئىش بولسا قانداق بولىدۇ.

-  ئىليار ، ئۇنداق بولمايدۇ شۇنداقمۇ ؟ ئۇ ھەرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ ، سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولدى شۇنداقمۇ ؟  كىچىكىڭىزدىنلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، چوقۇم ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايسىز ، شۇنداقمۇ ؟  - دېدى مېھراي.

ئىليار سوغۇق تەلەپپۇزدا:

-  ئۇ ھەقىقەتەن شۇ كۈنگە لايىق، -  دېدى.

- سىلەر ساق - سالامەت تۇرۇۋاتىسىلەرغۇ مانا... ئۇنى ئېسىدىن چىقمىغۇدەك جازالاپ قويساڭلار بولىدىغۇ، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر  ... - دېدى مېھراي.

- مېھراي خانىم ، بۇ ئۇزۇن سوزۇلغان تىركىشىشتە ، سىزنىڭ قىزىڭىز مېنى مەجبۇرىي ھالدا بۇ ئويۇنغا تارتىپ كىردى. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئۆزى قىلدى - دېدى دىلارە.


 مېھراينىڭ پۇتى ماغدۇرسىزلىنىپ، يۇمشاپ،  پوك قىلغان ئاۋاز بىلەن يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.

كېرەم ئاستا-ئاستا مېڭىپ كەلدى، بىر نەچچە كۈن كۆرمىگەنگە قېرىپ ھالى قالمىغاندەك، چېچىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاقىرىپ كېتىپتۇ.

- ئىليار ،  بۇ ئايال مەخبۇبەگە زىيانكەشلىك قىلدى شۇنداقمۇ ؟ - دېدى.

 ئىليار بېشىنى كۆتۈرۈپ، كېرەمغا تىكىلىپ قاراپ:

 ـــ ياق ، ئۇ دىلارەگە قول سالىمەن دەپ ئۆزىنىڭ پالاكەتلىكى سەۋەبىدىن يىقىلىپ بېشىنى يارلاندۇرۇپ  شۇ ئاقىۋەتكە قالدى   ــ دېدى.

دىلارە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى.

 كېرەم ئىليارغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ ، تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ:

 ـــ ئۇ بايا ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان تۇرسا، سىز يەنە ئۇنى قانات ئاستىڭىزغا ئالماقچىمۇ ؟ !  قىزىم ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدى ،بىراق ئۇچۇ. دىلارە دېگەن بۇ ئايال قىزىمنىڭ ھاياتىنى تۈگەشتۈردى.  - دېدى.

 ئىليار سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:

- سىرتقا چىقىپ   دەپ سىناپ بېقىڭ، كىم ئىشىنىدىكىن ؟ - دېدى.

 كېرەمنىڭ يۈز مۇسكۇللىرى قاتتىق تىترەشكە باشلىدى.

 شۇنداق! ئۇنىڭ ئىسپاتى يوق ، سىرتقا چىقىپ دىلارە مەخبۇبەگە ئۆز قولى بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى دېسە ، كىم ئىشىنىدۇ ؟

مەخبۇبە ئاۋۋال دىلارەنىڭ ئاپىسىغا  ىيانكەشلىك قىلدى.   يەنە كېلىپ شەھەر مەركىزىدىكى يولدا ، شۇنچە كۆپ كۆزلەرنىڭ ئالدىدا  ئېلىپ كەتتى، يەنە تېخى تېلېفوندا سىنغا ئېلىپ ئىسپات قالدۇرۇشتى.

بۇ ئىشلاردىن ھەرگىز تېنىۋالالمايدۇ ،مۇشۇنداق ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ، ئەگەر دىلارەنى مەخبۇبەگە ئۆز قولى بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى دېيىلسە ، باشقىلار تىللاپ خوپ بوپتۇ دېيىشىپ، خۇش بولۇشۇپ كېتەر.

كېرەم چوڭقۇر نەپەس ئالدى ، ئەمەلىيەتتە مەخبۇبەدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى.

 كىچىكىدىن تارتىپلا  ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن قىزى  بۇ كۈنگە كەلگەندە يوق بولدى، ئۇنىڭ قانداقمۇ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن.

ـــ ئۇنداقتا مەخبۇبەچۇ ؟ ـــ دېدى كېرەم بىر ھازادىن كېيىن ،  - ئۇ راستتىنلا ... ئۇنداقتا سىلەرنىڭ كىچىكىڭلاردىن تارتىپ بىللە چوڭ بولغانلىقىڭلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ،ئۇنى...   قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭىزمۇ ؟  - دېدى.

ئىليار قىلچە تەۋرىنىپ قالماي:

- ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاندىكى مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىۈ  تۈگەشتۈردى. مېنىڭ ئۇنچە كۆپ زېھنىم يوق ،  يەنە بىر يۈك ئېلىۋېلىشىمغا توغرا كېلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، - دېدى.

-  ئىليار! - دېدى  بىر چەتتە تۇرغان  بوۋاي ئاخىرى ئىليارنىڭ شۇ چاغدىكى كەسكىن قارارىدىن غەزەپلىنىپ، -  سەن زادى ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟ ! ئەڭ ئاخىرىدا تاپقان ئايالىڭغا قاراپ باقە ؟  - دېدى.

-  بولدى بەس! - ئىليارنىڭ سوغۇق ئاۋازى  بوۋاينىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى. ـــ ھېچكىمنىڭ ئۇنى ئەيىبلەشكە سالاھىيىتى يوق. بەلكىم بۇ دۇنيادا پەقەت سىزلا  ئوغلىڭىزنىڭ ماتەم  خەۋىرىنى ئاڭلاپمۇ پەرۋا قىلماي ئولتۇرالىشىڭىز مۇمكىن. - دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، بوۋاينىڭ بەدىنى دەلدەڭشىپ ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى،  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ:

ـــ سەن... نېمە دەۋاتىسەن ؟ - دېدى.

ئىليارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى غەزەپتىن تىترەپ،  سوغۇق تەلەپپۇزدا:

- ئۇنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى ئۆزۈم ئوبدان بىلىمەن، گەپ يورغىلاتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۇنى چۈشەنمىگەندىكىن، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ. - دېدى.

-   سەن... - دېدى بوۋاي.

- ئىليار ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز!  ئالدىڭىزدا تۇرغان ئادەم  بوۋىڭىز ، باشقا بىرەر ئادەم ئەمەس!  ئۇنىڭغا مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا  پوزىتسىيە بىلدۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ بىر يات ئادەم ئۈچۈن ،  ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىڭىز! - دېدى ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ  تەنبىھ بېرىپ.

  ـــ يات ئادەم ئۈچۈن ؟ - دېدى ئىليار نېپىز لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ، مەسخىرىلىك كۈلۈپ ، ـــ قاچانلاردا  كېرەم ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىچىك خوتۇنى بولۇپ قالدى، - دېدى.

ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى  ئەينى چاغدا بوۋاينىڭ كېرەم ئائىلىسىنى دەپ ، ئۇنىڭ شىركەت باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا بايۋەچچىلىكىنى ئاشكارا تارتىۋېلىغانلىقىنى دېمەكچى ئىدى.

 ئەزىمەت بىر مەھەل گەپمۇ قىلالماي:

 ـــ بۇ ... بۇمۇ سىزگە  ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ! - دېدى.

-  ھاجىتى يوق ، ماڭا ياخشى بولسۇن دېدىمۇ - دېمىدىمۇ ، كۆڭلۈمدە سان بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى پەقەت مەخبۇبەنىڭ ئىشى ئۈچۈن بولسا ، ئىشنى مەن ناھايىتى ئېنىق دەپ بولدۇم. ئىشنىڭ سەۋەبكار مەخبۇبە ئۆزى ، ئەمدى بۇ يەردە يولسىزلىق قىلمىسۇن ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى سىلەرگە ئارتىپ قويمىغانلىقىمنىڭ ئۆزى سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى تولۇق قىلغىنىم ، - دېدى.

مېھراي يەنە ھۆڭرەپ يىغلاپ:

- مەخبۇبە ، قىزىم ، قىزىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ! ئىليار... سىز... سىلەر  ياخشى كۈن كۆرمەيسىلەر! دىلارە دېگەن پەسكەش ، ئۆلگۈر!   - دەپ تىللاپ كەتتى.

ئىليار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 ـــ ئەكرەم! - دەپ ۋارقىرىدى.

ئەكرەم دەرھال ئورنىدىن تۇردى. كەينىدىكى ياردەمچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، قىلچە رەھىم قىلماي مېھراي بىلەن كېرەمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئىليار دىلارەنى ئېلىپ بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.

 ـــ سەن... توختا! -  كەينىدىن بوۋاينىڭ غەزەپلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.

 ئىليارنىڭ توختىمىغانلىقىنى كۆرۈپ :

- بۇ ئائىلە سېنى بېقىپ چوڭ قىلدى،ئەمدى بولغاندا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ئىليار ، مېنىڭ ساڭا سىڭدۈرگەن زېھنىم ۋە ئۈمىدىمگە يۈز كېلەلەمسەن ؟ مۇشۇنداق بىر ئايالنىڭ زادى نەرى ياخشى ، سەن بىر ئوبدان بوشى مالىيە گۇرۇھىنى بەرسەم ئالماي، يەنە تېخى  ئەڭ ئاساسلىق ئادىمىيلىكىڭنىمۇ يوقىتىپسەن! - دېدى.

 دىلارە بېشىنى بۇراپ يېنىدىكى ئىليارغا قارىدى ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سوغۇقتىن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ،  يەنىلا ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

-  ئەگەر سىزنىڭ مېنى تەبىيەلىشىڭىز مېنىڭ سىزگە شەرتسىز جاۋاب قايتۇرىشىم ئۈچۈن بولسا ، ئۇنداقتا سىز راستتىنلا  ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ گېپىنى قىلىۋەرمەڭ، سىز ئەتىۋارلاپ كەتكەن نەرسىنى مەن تېخى ياراتمايمەن، - دېدى ئىليار.

- سېنىڭ ھازىرقى ھەممە نەرسەڭنى  بوشى مالىيە گۇرۇھى بەرگەن ، -  دېدى بوۋاي.

- ئۇنداقتا بوشى مالىيە گۇرۇھى تۈگەشسە،  مېنىڭ ھېچنېمەم قالمامدۇ ؟ - دېدى ئىليار.

-  ئۆزىنى چاغلىمىغان ئەبلەخ! ــ دېدى بوۋاي ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ، ئەمما ئىليار پەقەت ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارىسىنىلا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.

 كېرەم بىلەن مېھراينى ئېلىپ چېقىلغاندىن كېيىن، مېھراي قاتتىق يىغلاپ، ئۆزىنى  تۇتالماي قالدى.

 ئەكرەم بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:

- كېرەم ئەپەندىم، مېھراي خانىم ، بۇ يەردە جېدەل قىلغاندىن كۆرە ، بولمىسا يەنىلا ئامال قىلىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭلار ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى يەنىلا  لايىقىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىڭلار كېرەكتە، - دېدى.

 مېھراينىڭ يىغا ئاۋازى بىردىنلا توختىدى.

خۇددى جاننى قۇتقۇزىدىغان شال پاخىلىنى تۇتۇۋالغاندەك ، ئەكرەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ:

- ئەكرەم ، ماڭا دەپ بېرىڭ ، قىزىم راستتىنلا كۆز يۇمدىمۇ ؟ ئۇنداق ئىش يوق شۇنداقمۇ ،ئۇلار مېنى ئالداۋاتىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟ - دېدى.

 ئەكرەم بېشىنى چايقاپ:

- مېھراي خانىم ،  سەۋر قىلىڭ. - دېدى.

 مېھراي ئاخىر تەقدىرگە تەن بېرىپ ،  ئەكرەمنىڭ قولىنى قويۇۋېتىپ، ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

ئىليار بىلەن دىلارە  داچىدىن چىقتى ، كېرەم ئەر - ئايالنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ماشىنىغا چىقتى.

ئەكرەم ئامالسىز ئۇھسىنىپ ، مېڭىشتىن بۇرۇن ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارغا مەخبۇبەنىڭ قالغان جايىنى ئېيتىپ بەردى. 

گېپىنى دەپ بولۇپ بۇرۇلۇپ ماشىنىغا چىقىپ  شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ   ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئىليارغا قاراپ:

-  ئەپەندىم ، راستتىنلا مۇشۇنداق قىلامدۇق ؟  - دەپ سورىدى.

ئىليارنىڭ  ھىم  دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ،  ئەكرەم ئەمدى قايتا سورىمىدى.

 


 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章