دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ
تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چېڭلوڭ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭ جوڭشى رايونىدا تۇغۇلغان، ئەسلى يۇرتى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخۇ شەھىرى. جۇڭگو شياڭگاڭلىق ئەر ئارتىس، رېژىسسور، ھەرىكەتلىك فىلىم يېتەكچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، سىنارىست، ناخشىچى. ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېڭلوڭ شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ نەتىجىسىگە ۋەكىللىك قىلغان، ئۇنىڭ يەنە خەلقئارادا زور تەسىر كۈچى بار. جۇڭگونىڭ گۇمپا فىلىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھوللىۋودتا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدىكى قەھرىماننىڭ ئۇقۇمىنى نامايەن قىلغان، ئۇ دۇنياغا دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىشىكى ئېچىپ بەرگەن، جۇڭگو ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغۇچى.
ھازىرقى كىنوچىلىق ساھەسىدە، نۇرغۇن چولپانلار چېڭلوڭنى «ئاكا» دەپ چاقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئورنى، قىممىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز، لېكىن ئۇ كىنو ئىشلەۋاتقاندا ئىزچىل قاتتىق تىرىشىپ، جاپاغا چىداپ كەلگەن، نۇرغۇن خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆزى ئورۇندايدۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا، ئۇخلىغۇدەك يەر بولسىلا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋېرىدۇ. مانا بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، ھازىرقى تاماشا چەمبىرىكىدىكى ياش ئارتىسلارنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئادەتتە سىياقداشلارنى كۆپ ئىشلىتىشلا ئەمەس، فىلىملەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بولمىسا رول ئالمايدۇ. ئۇلارنىڭ چېڭلوڭنىڭ بۇ ھالەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىنتايىن بىلىپ باققۇم بار، خىجىلچانلىق ھېس قىلارمۇ؟ نېمىنىڭ ھەقىقىي ئارتىس ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەرمۇ؟
تۆۋەندە، بىز چېڭلوڭنىڭ فىلىم ئىشلەش مەيدانىدىلا ئۇخلاپ قالغان سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.