قىزىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئانىسى بىلەن دوستلاردىن بولۇپ قالدى

文摘   2024-09-29 22:29   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ



قىزىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئانىسى بىلەن ئايرىلالماس دوستلاردىن بولۇپ قالدى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھەر كۈنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئەستىر قىزىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، «ئۇنىڭ»غا بىر قېتىم قاراپ قويىدۇ. شۇنداقلا ئۆيگە كىرىپ ھال رەڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، قىزىنىڭ جەسەت كۈلى بىلەن پاراڭلىشىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىشقا بارىدۇ. ئۇنىڭ يېڭى خىزمەت قىلىدىغان ئىش بېجىرىش ئورنى ئۆيگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بەش مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشخانىسى ناھايىتى كىچىك، نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرلا خىزمەتدىشى بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئېمما سۇتتون بولۇپ، ئەستىرنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل سىكارلېتنىڭ ئانىسى.

2023-يىلى 2-ئايدا بىر رەھىمسىز قاتىللىق دېلوسى پۈتۈن ئەنگلىيەنى زىلزىلىگە سالغان. 16 ياشلىق جىنس ئۆزگەرتكەن قىز برىئاننا ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئىككى بالىنىڭ ئۆچمەنلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇلار ئۇنى ئالداپ بىر باغچىغا ئەكىرىپ، بىر ئوۋ پىچىقى بىلەن ئۇنىڭ بېشى، بوينى، كۆكرىكى ۋە دۈمبىسىگە 28 پىچاق تىقىۋەتكەن، رەھىمسىزلىك دەرىجىسى يۇقىرى بۇ قاتىللىق دېلوسى ساقچىلارنى قاتتىق چۆچىتىۋەتكەن.

(زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى برىياننا)

سوتتا، ئەستېر قىزىنى ئۆلتۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئىككى قاتىلنى قاتتىق ئەيىبلىگەن: «ئۇ ئىككىسىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلىساملا، مەن بەك قورقۇپ كېتىمەن. مەن بۇنداق كۆڭلى پاراكەندە، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە قىيناشقا بېرىلىپ كەتكەن ئادەمنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بەزىدە مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىمەن، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى، لېكىن مەن ھەر ۋاقىت شۇنى ئەستە تۇتىمەنكى، ئۇلار برىيانناغا رەھىمسىزلىك بىلەن ۋە ئالدىن پىلانلىغان ھالدا ھۇجۇم قىلغان، شۇڭا بۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا بولمايدۇ.»

ئەڭ ئاخىرىدا ئەگەشكۈچى جىنايەتچى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا، باش جىنايەتچى سىكارلېت 22 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

(سىكارلېت)

ئويلىمىغان يەردىن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەستىر ئىككى قاتىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن گەپ قىلىشقا باشلىغان. ئەستېر سوت مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەلەمپەيدە تۇرۇپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەيىپلىمەڭلار، ئۇلارمۇ بىر بالىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇلار چوقۇم ئۆمۈر بويى بالىسىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.»

بولۇپمۇ سىكارلېتنىڭ ئانىسى، سابىق ئوقۇتقۇچى ئېمما. ئەستېر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئويىنى ئالاھىدە ئىپادىلىگەن. چۈنكى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېمما ناھايىتى تېزلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاشكارا ھالدا قىزىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، ئەستېر ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

(سىكارلېت ۋە ئانىسى ئېمما)

ئاخىرى بۇ يىل 3-ئايدا، ئىككى ئانا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. ئەستېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئېممانىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، لېكىن ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىگەن، ئىككى ئانا بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقان، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىيلەن يىغلاپ كەتكەن. كېيىن ئەستېر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئېممادىن قىلچە ئاغرىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئېمما جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق خاتالىق يوق. ئۇنىڭ بالىسى ئۇنى قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى،  ئۇ كۈنى بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يالغۇز مەنلا ئەمەس، ئېممامۇ شۇنداق، ھەممىمىز بالىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بىز پەقەت ئىككى ئانا، بىز ئەڭ ناچار ئىشقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ بىز ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا چۈشۈنىشىمىز كېرەك. ئېمما رەزىل ئادەم ئەمەس، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى، ئۇ ھەقىقەتەن باتۇر، مەن ئۇنىڭ چوقۇم قورقىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇمۇ ماڭا ئۇنىڭ پەقەت بىر ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى، بىر مەزگىللىك قورقۇنچلۇق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مەن ياردەم قولۇمنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.»

دەل مۇشۇ دوستلۇق ئىككى ئادەمنى تېخىمۇ مۇھىم نەرسىگە ئېرىشتۈرگەن. ئىككى ئانا پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ قاتىللىق دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسىنى تور دەپ ئاتىغان. قاتىل سىكارلېت قورقۇنچلۇق كىنو ۋە زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلولىرىغا خۇمار بولۇپ قالغان، يەنە قاراڭغۇ توردا ھەر خىل ھەقىقىي قاتىللىق ۋە قىيناش دېلولىرىنى كۆرگەن؛

برىياننا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەستېر ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدىن ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۆزىنى مېيىپ قىلىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بايقىغان، ئۇ شۇندىلا قىزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى كونتروللۇقىنى يوقاتقان ياۋايى ھايۋان دەپ قارايمەن.»

(برىئاننا)

ئۇلار نۇرغۇن پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، نۇرغۇن پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىكى بالىسى بار خىزمەتچىلەرنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ توردىكى زىيانلىق مەزمۇنلارنى بەك بالدۇر كۆرۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئانا بىرەر ئىش قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇلار تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، مۇتەخەسىسلەر، ئاتا-ئانىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە تور شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بالىلارنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە 121 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەستېرنىڭ مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يان تېلېفون شىركىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ شىركەتلىرىنى بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلغان.

ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئوي بار. ئەستېرنىڭ ھازىرقى ئويى بولسا بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى كۆرۈشىگە ماس كېلىدىغان بىر ياشنى تېپىش. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېما توغرىسىدىكى تەتقىقات ناھايىتى ئاز بولۇپ، نۇرغۇن يېشى چوڭراق بالىلار ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش يېشىنىڭ بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ-ئەمەسمۇ بىلمىدىم، بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقە تورىدا نەچچە ئون مىليون 13 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھېساباتىنى «ياش-ئۆسمۈرلەر ھېساباتى»غا ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئېلان قىلغان، ئىچكى مەزمۇن ۋە ئۇچۇر چەكلىمىسى بار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيەمۇ پات ئارىدا يېڭى تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويىدۇ، بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ شىركەتلىرى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ.

ئەستېر ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، شۇڭا قارشى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.»

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بىر جۈپ ئالاھىدە دوست يەنىلا باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، ئورتاق تىرىشىۋاتىدۇ. ئەستېر سىياسەتۋازلار، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى، كۆچمە تېلېفون شىركەتلىرىگە ئېلخەتلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ ئېمما پائالىيەت تەشكىللەپ، ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ مەبلەغ توپلاۋاتىدۇ. ئىككى ئانا بىردەك ئىتتىپاقلاشقان. ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى، بالىلىرىدا يۈز بەرگەن پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تەۋسىيەلىك كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章