مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز15-قىسىم - قولغا كەلتۈرۈش جاپالىق

文摘   小说   2024-07-12 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 18-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876

14131211


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

15-قىسىم

 



15-قىسىم ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش نېمە دېگەن جاپالىق


دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، زىلالە ئالدىراپ مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق رەپىتىس قىلماقچى بولدى، نىگارە رېپېتىتسىيە زالىدا كۆرۈنمىدى، زىلالەمۇ كۆپ سورىمىدى.

ئۇنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، بۇنداق كىچىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئارتۇقچە ۋاقتى ۋە زېھنى يوق.

بىر كۈن ئالدىراش يۈرۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە گۇگۇم ۋاقتى بولۇپ قالدى.

- ساۋاقداش زىلالە، -  مۇزىكا ئەترىتىدىكى قىسقا چاچلىق قىز ئىسكىرىپكىنى يۈدۈپ كېلىپ، -  بىز بىللە ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ كېلەمدۇق؟ - دېدى.

ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنى تۈنۈگۈن ئاخشام، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئۆزى بىلەن بىر كارىۋاتتا يېتىشقا تەكلىپ قىلغان، بىر ياتاقتىكى قىز ئىدى .

- كەچۈرۈڭ، بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ تۇرىمەن. باشقا كۈنى بولسۇن! - دېدى زىلالە .

جەسۇر  بۈگۈن ئۇنىڭدىن كۆچۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمدى باش تارتىپ بولالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشتىن ھامىنى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

زىلالە نىگارەنىڭ دادىسىغا پايدىسىز  ئىشلارنى قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالايىتەن دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى.

دىجورنى سېسترادىن سوراپ، دادىسىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن،  يۈرىكى جايىغا چۈشتى.

خۇاتىڭ ئولتۇراق رايونى دوختۇرخانىدىن ئانچە يىراق ئەمەس، ئورنى دوختۇرخانا بىلەن مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلەتتى.

شەھەر مەركىزى بولغاچقا، قاتناش بەك قولايلىق.

زىلالە مېتروغا ئولتۇرۇپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىكى قولايلىق دۇكاندىن ئازراق تەييار يېمەكلىك سېتىۋالدى.

سىرتتىن تاماق بۇيرۇتسا بەك قىممەت، ھازىر  تېجىگۈدەكلا بولسا تىجىمىسە بولمايدۇ.

جەسۇرنىڭ ئۆيى ئولتۇراق رايوندىكى ئەڭ ياخشى بىنادا بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىغان بىۋاسىتە لىفىت بار ئىدى.

زىلالە جەسۇر ئېيتىپ بەرگەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆيگە كىردى.

جەسۇرنىڭ ئىشخانىسىغا ئوخشاش، ئۆينىڭ بېزىلىشىمۇ قارا، ئاق ۋە كۈلرەڭنى ئاساس قىلغانىدى.

كۆك ۋە ئوچۇق سېرىق رەڭ بىلەن قىلىنغان قوشۇمچە زىننىتى بىلەن ئاددىي ئەمما ھەشەمەتلىك كۆرۈنەتتى.  

زىلالە ئاياغ ئىشكاپىنى ئاچتى، ئىچىدە جەسۇرنىڭ ئايىغىدىن باشقا، يەنە ئىككى جۈپ ماركىسىمۇ ئېلىنمىغان يېڭى ئايالچە ساپما كەش بار ئىدى.

زىلالە تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدى.

جەسۇرغا ئوخشاش بۇنداق ئادەمنىڭ ئەتراپىدا قانداقسىگە ئايال كىشى كەم بولسۇن؟

قانچىلىك قىزنىڭ  بۇ يەردە قونۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. دەپ ئويلىدى.

ئاياغ ئىشكاپىدىكى ساپما كەشنى كىيمەي، زىلالە چاماداندىن ئۆزىنىڭ ساپما كەشىنى ئېلىپ ئالماشتۇردى.

تېلېفوننى چىقىرىپ، جەسۇرغا   ئۈندىداردا ئۇچۇرى يوللاپ:

[ مەن ئۆيگە كەپ بولدۇم. ] دېدى.

[جەسۇر: بۈگۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن، مېنى ساقلىماڭ. ] - دېدى.

زىلالە ئۇھ دېدى.

بۈگۈن كەچ، قۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدى.

ياتاق ئۆينى تاپقاندىن كېيىن، چاماداننى سۆرەپ كىردى، گەرچە كۆڭلىدە تەييارلىق قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەر كۈنى كەچتە جەسۇر بىلەن بىر كارىۋاتتا يېتىشنى قوبۇل قىلالمىدى.

ئۇ سېتىۋالغان يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، كەچلىك تاماقنى قىزىتىپ قورسىقىنى  تويغۇزدى. ئەمدىلىكتە ئورۇن تېپىپ ئىسكىرۇپكا مەشىق قىلماقچى بولدى.

ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كارىدورىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئوچۇق ئىشىك ئىچىدىن ئۈچ بۇرجەك پىيانىنونىڭ بىر بۇرجىكى بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى، زىلالە تېز قەدەملەر بىلەن كىردى.

دەرۋەقە، مۇزىكا ئۆيى ئىدى.

مۇزىكا ئۆيى ناھايىتى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تامدا ئاۋاز توسۇش تاختىسى بار، پىئانىنومۇ ئەڭ ئېسىل سىتانۋېي ئۈچ بۇرجەك پىيانىنو بولۇپ، ئۈستىگە يەنە بىرنەچچە نوتا قويۇلغانىدى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىيانىنو دائىم ئىشلىتىلىدىكەن، ھەرگىزمۇ پۇلدارلارنىڭ ئۆيىدىكى جابدۇق ئەمەس.

جەسۇر ساز چېلىشنى بىلەمدىغاندۇ؟

بۇ خىيال زىلالەنى سەل ھەيران قالدۇردى.

ئەلۋەتتە،  بىر ئاز تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى خالاس.

پۇلدار ئائىلىنىڭ بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا پىيانىنو چېلىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بۇنداق ئىشلار  كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئاددىي نوتا جازىسىنى ئېچىپ، نوتىنى ئۈستىگە قويۇپ، ئىشىكنى ياخشى تاقاپ، ئەستايىدىل مەشىق قىلماقچى بولدى.

كېلەر ھەپتە ئويۇن قويىدۇ، ۋاقىت قىستاپ قالدى.

ئۇ ۋاقىتلىق ئالماشقان ئىسكىرىپكىچى، سەھنىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، سەھنە ئاستىدا جاپالىق مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مۇزىكا ئۇنىڭ پاناھگاھى.

ئەگەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتسە،  ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.

 بىر قېتىم.

ئىككى قېتىم.

ئۈچ قېتىم.

بىلىپ-بىلمەي، يېرىم كېچە بولۇپ قالدى.

ئەسنەپ ئازراق ئاغرىغان بېلىنى سوزۇپ ھەرىكەتلەندۈرگەن زىلالە ۋاقىتقا قاراپ، ساز ۋە نوتىلارنى يىغىشتۇرۇپ ياتاق ئۆيگە قايتتى.

ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ چىقىپ، توڭلاتقۇدىن بىر قۇتا سۈتنى ئېلىپ ئىسسىتتى.

قىزىق سۈتنى ئىستاكانغا قويۇپ تۇرۇشىغا  ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپنىڭ     دىڭ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

جەسۇر قايتىپ كەلدىمۇ؟

زىلالەنىڭ يۈرىكى تېز سوقۇپ كەتتى.

 ئاشخانىنى يىغىشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، سۈت ئىستاكانىنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ياتاق ئۆيگە قايتىپ كەلدى.

ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويۇپ، پۇتىدىكى ساپما كەشنى سېلىپ، كارىۋاتقا يامىشىپ چىقىپ، ئۈستەل چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ، يوتقاننى تارتىپ  ياپتى.

جەسۇر ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى كارىدوردىكى ئاچقۇچ تەخسىسىگە تاشلاپ قويدى.

جازا ئۈستىدىكى زىلالەنىڭ سۈتتەك ئاق رەڭلىك پەلتوسىنى كۆرۈپ، سۇس كۈلۈپ،  چاپىنىنى سېلىپ يېنىغا ئېسىپ ، ساپما كەشىنى كىيىپ مېھمانخانىغا كىرىپ:

  -  خوتۇن؟  - دەپ چاقىردى.

ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئاشخانا ئۆينىڭ چىراغ ياندۇرۇلغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئىتتىكلا كىردى، ئادەم يوق.

مەشغۇلات سۇپىسىغا ئىشلىتىپ يۇيۇلمىغان كىچىك سۈت قازان قويۇلغان.

جەسۇر ئەتراپقا قاراپ، ئۇدۇل چوڭ ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

ئۇ كىچىك ياتاق ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قەدىمىنى توختىتىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.

زىلالە كۆزىنى يۇمۇپ، يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالغانىدى.

چىراغ نۇرى كارىدوردىن كىرىپ، ئۆي ئىچىنى يورۇتتى.

جەسۇرنىڭ كۆزى ئىشىك تۈۋىگە ۋە كارىۋات يېنىغا چېچىلىپ ياتقان ساپما كەشتىن ئۆتۈپ، ئۈستەلدىكى ھور چىقىپ تۇرغان سۈتكە ، يەنە يوتقان بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغان زىلالەنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

ئۇ ئېڭىشىپ، چېچىلىپ ياتقان ساپما كەشىنى ئېلىپ، كارىۋاتنىڭ يېنىغا قويدى.

قولىنى كۆتۈرۈپ يوتقىنىنى تارتىپ، قىزنىڭ يۈزى ئاچتى.

زىلالە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، مىدىر-سىدىر قىلمىدى.

لېكىن، قۇلىقى تىكلىشىپ،  شەپىنى جىددىي ئاڭلىدى.

 كارىۋاتنىڭ يەنە بىر تەرىپى سەل ئولتۇرۇشۇپ، جەسۇر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

ئىللىق قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغان قالايمىقان چاچلىرىنى تۈزەشتۈردى.

تونۇش پۇراق يېقىنلىشىپ، جەسۇرنىڭ نەپسى يۈزىگە ئۇرۇلدى.

زىلالە يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ مىدىرلىمىدى.

 ھامان بىر كۈنى  قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

لېكىن ھازىر،  راستتىنلا تەييارلىق قىلىپ بولالمىدى.

جەسۇرنىڭ سوغۇق لەۋلىرى ئۇنىڭ لېۋىگە چۈشتى.

زىلالە لەۋلىرىنى ھىم يۇمۇپ، بارماقلىرى بىلەن يوتقاننى چىڭ تۇتۇۋالدى، بەدىنى يەنىلا مىدىر-سىدىر قىلمىدى.

پەقەت مۇشۇنداق قىلسىلا  ئۇنى قويۇپ بېرىشى  مۇمكىن.

مۇلايىم سۆيۈش ئەمدى قۇلاق يۇمشىقىغا چۈشتى.

ئاندىن، بوينىنى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ ، ئوقۇرەك سۆڭىكىنى يېنىك چىشلىدى... 


يۈرىكى خۇددى  يۇمشاق تىرناق بىلەن تاتىلىغاندەك بولۇپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، يوتقاننىڭ ئاستىدىكى پۇت بارماقلىرى ئېگىلىپ، ئىككى پۇتى ئىختىيارسىز قىسىلدى.

 يوتقان ئىچىدە بارماقلىرىنى چىڭ تۈگۈپ، ئۆزىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى تىرىشىپ كونترول قىلىپ، چاندۇرۇپ قويمىدى.

ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇخلاپ قالدى!

مۇشۇنداق تۇرۇۋالسىمۇ، جەسۇرنىڭ يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ؟







 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章