ئەڭ يېڭى ئەسەر : قېرى قىز 5-6- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-08 11:00   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

5- قىسىم

تېخىمۇ تېز يۈگۈرمەكچى بولۇپ قەدىممىنى ئىتتىكلەتتىم ۋە پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى بىرنەرسىگە پۇتلىشىپ ئالدىمغا دۈم چۈشتۈم.

--تېرىنىر! بۇ قىزنىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى!

-ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدىمۇ نېمە بۇ قىز! پۇت-قوللىرى تىترەپ كېتىۋاتىدىغۇ؟

-تېز كۆتۈرۈڭلار، دوختۇرخانىغا ئەكىرەيلى!

-ماياققا مېڭىڭلار، ھە ماياققا، مەكتەپ دوختۇرخانىسى مۇشۇ تەرەپتە!

كۆزۈمنى خىرە-شىرە ئېچىپ، مېنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىننىڭ ئارمان ئىكەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلدىم ۋە بىردىنلا بېشىم قېيىپ، يەرنىڭ ئاستىغا دومۇلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر سىزىم بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى.

***                 ***                  ***

شۇ يىقىلىپ چۈشۈش بىلەن ھەربى مەشىققە قاتناشمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان بىلەن ئىككىمىز تەبئى ھالدا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدۇق. دەل شۇ سەۋەپتىن مەن  بەزى قىزلارنىڭ كۆزىگە تازا سىغمايۋاتقىنىمنى بىلەتتىم.

-ماۋۇ گۈلزىبا دېگەن قىز ئارمان بىلەن يېقىن ئىكەن ھە؟

-شۇنى دەيمەن، يا چىرايىنىڭ تايىنى يوق، يا بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ، ئۆزىگە لايىق ئادەم تاپماي ئىگىز شاخقا ئېسىلىپ قالدىمۇ نېمە بۇ قىز؟

-ۋاقىت ئۇزۇن، تېخى كۆرىمىز!

-ئىشقىلىپ مېنىڭ ھازىرچە ئۇنداق ئىشلارغا قىزىققۇدەك ۋاقتىم يوق، مەن بۇيەرگە ئوقۇغىلى كەلدىم،ياخشى ئوقۇپ،كەلگۈسىدە ئوبدان ئورۇندا خىزمەت قىلىپ، ئاتا-ئانامغا ياخشى قارىسام، ئۆزۈم ياخشى ياشىساملا بولدى، ئوغۇللارغا قىزىقمايمەن!

پات-پاتلا قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىغان بۇنداق گەپلەر ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇرۇپ، ئارمانغا تېخىمۇ يېقىنلاشقۇم كېلەتتى. بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولىۋالغان ئىدىم. شەنبە-يەكشەنبىنىڭ كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم. چۈنكى شەنبە-يەكشەنبە بولسىلا ئۇ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتەتتى. ئۇ يېنىمدا بولمىغان بۇ كۈنلەر ماڭا بەكمۇ مەنسىز تۇيۇلاتتى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم!

-شەنبە-يەكشەنبىلەردە قەيەرگە بارىسەن ئارمان؟

-قانداق دەيسەن زىبا؟

-شەنبە-يەكشەنبە بولسىلا يوقاپ كېتىسەن، سەن بولمىساڭ ئۆزۈمنى غېرىب ھېس قىلىدىكەنمەن، مۇشۇ شەنبە-يەكشەنبىنى كالىنداردىن يوقاپ كەتسىكەن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.

-ئۇنداق ئەمەستۇ؟ چاقچاق قىلما! قىزلار شەنبە-يەكشەنبىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈڭلار بىلەن كۈتىسىلەرغۇ؟ 

-باشقا قىزلار شۇنداقمىكىن، لىكىن مەن ئۇنداق ئەمەس. سەن بىلەن بىللە يۈرسەم كۆڭۈللۈك بولىدۇ!

-شۇنداقمۇ؟ ئەمدى ساڭا دەپ قويۇپ يوقاي ھە؟

-راستىما؟ ماڭا دەپ قويۇپ يوقىغىچە، مېنى بىللە ئېلىپ كەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟

-مەن بېرىۋاتقىنى قىزلار بارىدىغان يەر ئەمەس.

-قانداق يەر ئەمىسە ئۇ؟

-ھىچقانداق.

مۇشۇ پاراڭدىن كېيىن ئۇنىڭ شەنبە-يەكشەنبىلەردە زادى قەيەرگە بارىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ، نەچچە كېچە ئۇيقۇسىز قالدىم.

-نېمىگە قېيداپ قالدىڭ زىبا؟

-ھىچنىمىگە!

-قاپاقلىرىڭ سېلىنىپ كېتىپتىغۇ؟ كېچىدىن ئۇخلىمىدىڭمۇ نېمە؟

-كارىڭ بولمىسۇن!

-خاپا بولمىغىنە، رەنجىمە ھە، سەن رەنجىپ قالساڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ جۇمۇ مېنىڭ!

-راستما؟

-راست!

ئاھ! ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن دە!  لىكىن نېمىشقا كۆڭلىدىكىنى ئاشكارە قىلمايدىغاندۇ؟  بەك تارتىنچاقمىكىن دېسە،خېلى ئوغۇللار دېيەلمەيدىغان گەپلەرنى مۇزغا داراڭگا ئاتقاندەك تاراڭ-تۇرۇڭ دەۋېتىپ ئولتۇرغان، بەك قېلىنمكىن دېسە مانا مۇشۇنداق دائىم مېنى گەپكە سېلىپ، تەشەببۇسكار ئورۇنغا چىقىرىپ قويۇپ، كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق دېمەي، مېنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قىيناپ يۈرگەن، تازىمۇ بىر!

تۇنجى قېتىملىق قىشلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. تەتىلگە چىقىپ كەتسەك كەم دېگەندە قىرىق-ئەللىك كۈن كۆرۈشەلمەيمىز، ئارماننى سېغىنىپ كەتسەم قانداق قىلارمەن؟ يە ئۇنىڭغا «سېنى سېغىنىپ كېتىمەن، مەن بىلەن بىللە كەت»دېگىلى بولمىسا. ھىچ بولمىغاندا ئۇ بولسىمۇ كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ، ئالدىمىزدىكى ئىككى شەنبە-يەكشەنبىدە ماڭا ھەمراھ بولسىچۇ ھە!

جۈمە كۈنى كەچتە پىنھان خىياللىرىمنى سۈرگەچ كۈتۈپخانىغا كىرىپ كېتۋېتىپ، سومكىسىنى ئاسقىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئارماننى كۆرۈپ قالدىم ۋە كىتاپ-دەپتەرلىرىمنى قولتۇقۇمغا قىسقان پېتى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم.

-ئارمان! ئارمان!

ئۈچىنجى ئېغىز ۋارقىراشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. ئۇ ئالدىدىلا توختىغان كوچا ئابتۇبۇسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.

-تاكسى!

مەكتەپنىڭ ئارقا ھويلىسى تەرەپتىن كېلىۋاتقان تاكسىنى توختىمىسا ئالدىغا ئۆزۈمنى ئاتقۇدەكلا قىلىپ توسۇپ كەتتىم.

-قەيەرگە باراتتىڭىز؟ بەكلا جىددىغۇ!  تاس قالدىڭىز چاقنىڭ ئاستىغا كىرىپلا ياتقىلى!

-تېز! ئاۋۇ كوچا ئابتۇبۇسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىڭ!

-ئىشپيۇنلۇق تەشكىلاتنىڭ ئادىمىمۇ يە سىز؟ ماڭا ئىش تېپىپ بەرمەڭ جۇمۇ!

-تولا گەپ قىلماي ئەگەشسىڭىزلا بولىدۇ ئۇستام! دەرسلىرىمگە ئاران يېتىشىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىمەن، ئىشپىيۇنلۇق قىلىشقا نەدە چولام!

-كىمنى ماراپ ماڭدىڭىز ئەمىسە؟ ئاپتۇبۇستا مۇھىم نەرسىڭىز ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەنمۇ يا؟

-ھە شۇنداق، شۇنداق، ئاشۇ ئاپتۇبۇسقا يىتىشىپ ماڭسىڭىزلا بولىدۇ!

بەش بىكەت ئالماشقاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دەريا بويىدا ئاپتۇبۇس توختاپ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چۈشتى، ئارمانمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ يۈرۈپ چۈشىۋاتاتتى.

-بۇ كوچا ئاپتۇبۇسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى قىزچاق، باياتىن بېرى نەچچە بېكەتتە توختىدى، ئۇنتۇپ قالغان نەرسىڭىزنىمۇ ئېلۋالمىدىڭىز، بىرەر ئادەمنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ كەلگەن بولسىڭىز، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چۈشتى ئەنە، مېنى ئەمدى ماشىنىنى ئاخىرقى بېكەتتىنمۇ ھالقىتىپ، دەريانىڭ ئىچىگە ھەيدە دېمەيدىغانسىز؟ ھېلى كىرا پۇلى جېق چىقىپ كەتسە، ئۇششۇقلۇق قىلسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!

شۇ ئەسنادا ئارمان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، دەريا ساھىلىنى بويلاپ شىمال تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

-نەچچە پۇل بولدى ئۇستام؟

-ئوتتۇز يۇەن!

-مانا، ئاشقان پۇلنى تېزراق قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!

-ھە، مانا!

شوپۇرنىڭ قولىدىكى پۇلنى تارتىپلا ئالدىم ۋە ئارماننىڭ ئارقىسىدىن ئۈن چىقارماي ئەگىشىپ ماڭدىم. ئۇ رەتمۇ-رەت ئىمارەتلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. 

-بۇ يەرگە قىزلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگىنىڭ نېمىسى ئارمان؟

يان تەرەپتىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنادىن چىقىپ كەلگەن سېمىز بىر ئەر تۇيۇقسزلا شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى.  شۇھامان ئارقىسىغا قارىغان ئارمان ئۆزىگە ئەگىشىپ كېلۋاتقىنىمنى كۆرۈپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى.

-نېمىشقا كەلدىڭ زىبا؟ مەن ساڭا بۇ قىزلار كېلىدىغان يەر ئەمەس دېگەنغۇ؟

-سەن شەنبە-يەكشەنبىلەردە مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامسەن ئارمان؟

-شۇنداق!

-نېمىشقا؟ نېمىشقا ئەمدى؟

-مەن دېگەن ئوغۇل بالا، ئىشلىسەم نېمە بوپتۇ؟

-بۇنى...بۇنى مۇئەللىم بىلەمدۇ؟ ئاتا-ئاناڭ بىلەمدۇ؟

-بۇ دېگەن مېنىڭ خۇسۇسى ئىشىم، مۇئەللمنىڭ، ئاتا-ئانامنىڭ چوقۇم بىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

-سەن دېگەن ئوقۇغۇچى ئارمان، بۇنداق يەردە ئىشلىسەڭ بولمايدۇ!

-ھاياجانلانما زىبا، توغرا مەن دېگەن ئوقۇغۇچى. مەكتەپتە مەن ئوقۇغۇچى بولغىنىم بىلەن تۇرمۇش مېنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمگە باقمايدۇ، تۇرمۇش مېنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىمىنىلا بىلىدۇ، يەنە ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ تىرىشمىسام كۆز ئالدىمنىڭ ئەمەس، كەلگۈسۈمنىڭمۇ ناھايتى قىيىنچىلىقتا ئۆتىدىغىننى ماڭا ھەرۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.  دادام ماڭا «كىشىنىڭ ئالدىدا بېشىڭ ئېگىلگۈچە، ئەمگەك ئالدىدا بېلىڭ ئېگلسۇن،مۇھتاجلىقتىن يۈزۈڭ ساغارغۇچە، ئەجىر-مېنىتىڭدىن قولۇڭ قاپارسۇن »دېگەن.  مەن مۇشۇنداق تىرىشمىسام بولمايدۇ!

-مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن، بىز ھەممىنى تەڭ كۆرىمىز، جاپادىمۇ-ھالاۋاتتىمۇ بىرگە بولىمىز، يۈر ئارمان، بۇ يەردىن كېتەيلى!

-ياق زىبا، بىركىم يەنە بىر كىمنىڭ تۇرمۇشىدا ياشاپ بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، مېنىڭ دەردىمنى سەن چۈشەنمەيسەن.

-تەتىلگە ئاز قالدى، كىلەر ھەپتە ئىمتىھانلار باشلىنىدۇ، ھازىر مەن بىلەن قايتىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىل، ئاۋۋال خاتىرجەم ھالدا تەتىلگە  چىقايلى، قالغان ئىشلارنى ئاندىن ئويلىشايلى،بولامدۇ؟

-بۈگۈن بەرىبىر بۇيەرگە كېلىپ بولدۇم، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئىككى كۈن ئىشلىۋېتىپ قايتاي ئەمدى، سەن قايتقاچ تۇرغىن، بولامدۇ؟

-ماقۇل، ئۆزۈڭگە بەك دېققەت قىل. ئەتە سېنى يوقلاپ كېلىمەن.

-ياق، سەن ئەمدى كەلمە. بۇ يەردىكى ھەممىسى ئەركىشى، سەن كېلىۋالساڭ ياخشى بولمايدۇ، ئۆگۈنلۈككە كەچتە قايتىپ بېرىپلا سېنى ئىزدەيمەن.

-ماقۇل.

-ساقلاپ تۇر،سومكامنى ئەكىرۋېتىپ چىقاي، ئاندىن سېنى ئاپتۇبۇسقا چىقىرىپ قوياي، قايتقىنىڭىنى كۆزۈم بىلەن كۆرەي!

ماقۇل.

ئۇ ھېلىقى ئەر چىققان بىناغا كىرىپ كېتىپ، مىنۇتتىن كېيىنلا قايتىپ چىقتى.

-يۈرە! بايا سەن مېنىڭ ئارقامدىن ئەگىشىپ،تاكسىدا كەلدىڭما؟

-ھەئە.

-يىگىرمە-ئوتتۇز يۇەن چىققاندۇ كىرا؟

-ئوتتۇز يۇەن چىقتى.

-بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلما، ئوتتۇز يۇەنگە سەن ئىككى -ئۈچ كۈن تاماق يەيسەن، ئاتا-ئاناڭ پۇلنى ئاسان تاپمايدۇ، بەتخەجلىك قىلما،بولامدۇ؟

-ماقۇل.

- مېنىڭ بۇ تەرەپكە ماڭغىنىمنى قانداقمۇ كۆرۈپ قالغانسەن؟

كۈتۈپخانىغا كىرىپ كېتۋاتاتتىم، قارىسام سومكاڭنى كۆتۈرۈپ مېڭىپسەن، توۋلىسام ئاڭلمىدىڭ، يىتىشىپ بولغىچە ئاپتۇبۇسقا چىقىۋالدىڭ،شۇنىڭ بىلەن تاكسى توسۇپ ئارقاڭدىن كەلدىم شۇ!

-ئىشپىيۇنلۇققا يارايدىكەنسەن جۇمۇ!

-ساراڭ! بايا تاكسى شوپۇرىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدى.

-ئۇنداق بولسا راستىنلا ئىشپىيۇن ئوخشايسەن، ئىككىمىز ئېتراپ قىپتىمىز ئەمەسمۇ ئىشپىيۇنلىقىڭنى!

ساراڭ!

-تولا ساراڭ،ساراڭ دەۋەرمەي، ئاپتۇبۇسقا چىقە، ئۇدۇل مەكتەپكە كەت جۇمۇ! مېنى خاتىرجەم قىل ھە!

-ماقۇل!

بىر كۆزۈم ئارقىدا قالغان ھالدا مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. ئارماننىڭ يوغان سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ كېتىۋاتقان شۇ مەيۈس ھالىتى بىلەن سىنىپتىكى تۇلىمۇ مەغرۇر ھەم كۆتۈرەڭگۈ ھالىتى، قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا زوق-ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كېتىدىغان ھالەتلىرى كۆز ئالدىغما كېلىپ، بوغۇزۇمغا قاتتىق بىر يىغا كەپلەشمەكتە ئىدى. بايا ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇيەردە ئىشلەيدىغانلىقى، قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىمىغىنىمغا ئۆزۈمنى ئەيىبلىمەكتە ئىدىم.  ئاجايىپ تەستە ئۆتكەن ئىككى كۈن ئاياقلىشىپ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئارمان يەنە ھېلىقى كېلىشكەن، جۇشقۇن ھالىتىدە سىنىپتا پەيدا بولدى.  قىزلار ئۇنىڭغا تۇشمۇ-تۇشتىن چاقچاق قىلىپ ئۈلگۈرۈشتى، پەقەت مەنلا زۇۋانسىز ئىدىم. ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتىم. پەقەت ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان بىر يىغا كۆزلىرىمگە يامىشىپلا تۇراتتى. ئۇ چاقچاقلارغا بىرەر قۇر جاۋاب قايتۇرۋېتىپ ئورنىغا كەلدى.

-نېمە بولدۇڭ يىغلاڭغۇ؟ كۆزۈڭ ياغ سالغان چايدەك پارقىراپ كېتىپتىغۇ؟

-ئۇ ئىشنى ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟

-يۈرە، سىرتىقا چىقىپ پاراڭلىشايلى.

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىلىكتىرۇنلۇق ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىىسغا ئۆتتۈم.

-سەن يۈك توشۇۋاتامسەن ئارمان؟

-ھەئە، بۇ ئىشنى پەقەت سەنلا بىلىسەن، سەندىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ، باشقىلارغا ھەرگىز ئېيتمىغىن بولامدۇ ؟

-ماقۇل، لىكىن ئەمدى ئۇيەرگە ئىشلىگىلى بارما، يۈك توشۇش دېگەن ئاسان ئىش بولمىسا! تىنىچ ئولتۇرۇپ ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ، ئىمتىھانغا بىللە تەييارلىق  قىلايلى،بولامدۇ؟

-كىلەر ھەپتە يەنە ئىككى كۈن بارمىسام بولمايدۇ.

-نېمىشقا؟

-ئۆيگە قايتقۇدەك كىرا پۇل تاپمىسام بولمايدۇ.

-مانا پۇل! بۇ ئىككىمىزنىڭ ئىككى ھەپتىلىك تاماق، ئۆيگە قايتىدىغان كىرا پۇلىمىزغا يىتىپ ئاشىدۇ ئارمان، مېنى يالۋۇرتما، كىلەر ھەپتە ئۇيەرگە بارمىغىن، ماڭا ھەمرا بولۇپ تەكرار قىلغىن.

چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ پوچتىخانىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان، ئاتا-ئانام بۇ ئايلىق خىراجەت ۋە ئۆيگە قايتىش كىرا پۇلى دەپ ئەۋەتكەن پۇلنى يانچۇقۇمدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.

داۋامى بار.


داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ


6-قىسىم




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章