گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 56-قىسىم _ ھايات بولسىڭىزلا

文摘   小说   2024-07-10 13:59   新疆  


;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  55  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251







گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

56-قىسىم

56-قىسىم

-  ئەينى ۋاقىتتا سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى تاللىغانلىقىمدىن ئاغرىنسىڭىز بولىدۇ. - دېدى دىلنار.

 دىلارە بېشىنى چايقاپ:

- سىزدىن ئاغرىنمايمەن، - دېدى.

ئۇنىڭ تەلەپپۇزى يېنىك، ئاڭلىماققا ھەقىقەتەن ئازراقمۇ ئەيىبلەش يوق ئىدى.

-  ھايات بولسىڭىزلا ... بولدى، - دېدى.

 دىلنارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگىرىپ، يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.

 مەمەت تاغىنىڭ كۆز چانىقىمۇ قىزىرىپ، ياش ئەگىپ:

- بولدى، بولدى، ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر ھەممىمىز ياخشى، بۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوق. - دېدى.

 دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ھىم ... ئەگەر  بۇنىڭدىن كېيىن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيەلىگەن بولسام، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. - دېدى.

دىلنار بىردەم جىمىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ:

-  بەك ياخشى ئويلاپ كېتىپسىز! - دېدى.

 دىلارە يېنىك كۈلۈپ قويدى، مان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاپىسىنىڭ ھەر كۈنى تەنبىھ بېرىشىنى ئاڭلاشمۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ  ئەڭ گۈزەل تەرىپى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

-  سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتەي. - دېدى دىلنار.

- ھە؟ -دېدى دىلارە.

 دىلنارنىڭ يېنىدا تۇرغان  مەمەت تاغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

- چوقۇم ھەيران قالىسىز. - دېدى.

 دىلارە ئاپىسىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

 دىلنار چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئىككى قولى بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇتقۇچنى  چىڭ سىقىمدىدى، چىراي  ئىپادىسى بارا-بارا جىددىي تۈسكە كىردى.

بۇ ھەرىكەتتىن دىلارەنىڭ كۆزىدىكى تەبەسسۇم  ئاستا-ئاستا توختاپ قېتىپ قالدى.

ئاپىسىغا ئوخشاشلا بىر ئاز جىددىيلەشكەن ھالدا كۆزى يوغىناپ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.

  پۇتىغا قويۇلغان ئىككى قول ئىختىيارسىز تىترەپ، ئاخىرى ئاستا-ئاستا چىڭ تۈگۈلدى.

دىلنار كۆزىنى يۇمۇپ، يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئاخىرىدا لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، ئىككى قولىدا ئاستا-ئاستا كۈچەشكە باشلىدى.

دىلارەنىڭ يۈرىكى شۇ ھامان سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك، نەپەس ئېلىشىنىمۇ ئۇنتۇپ، بىر جۈپ كۆزى دىلنارنىڭ پۇتىغا تىكىلدى.

كېيىن دىلنار چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ئىككى پۇتىنى ئاۋايلاپ يەرگە قويدى، ئاندىن ئىككى بىلىكى بىلەن كۈچەپ، چاقلىق ئورۇندۇقتىن ئاستا-ئاستا تۇرۇشقا تەمشەلدى.

بۇ ھەرىكەت ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، دىلارە ھەتتا ئاپىسىنىڭ ئىككى قولىنىڭ قاتتىق تىترەۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەلىدى.

 تەخمىنەن بەش ـ ئالتە مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر ئەسىر   ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىندى.

 دىلنارنىڭ پېشانىسىدىن تەپچىپ چىققان تەرلىرى ئۇنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن مەڭزىنى بويلاپ يەرگە تامچىلىدى، چىشىنى چىڭ چىشلەپ، يۈز مۇسكۇللىرى تىترەپ كەتتى.

دىلارە مىدىر-سىدىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، تاكى دىلنار ئاخىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرغانغا قەدەر، ئۇنىڭ بىر جۈپ پۇتى يەنىلا سەل ئېگىلىپ ، سەل غەلىتە قىياپەتتە پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇراتتى، خۇددى ئاپىسى كېيىنكى سېكۇنتتا يەرگە يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ، ئىتتىك بېرىپ تۇتۇۋېلىشقا تەييار ھالىتىدە تۇردى.

  كۆز چاناقلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى،  تۇيۇقسىز چوڭقۇر نەپەس ئالدى، تىنىقلىرىغا روشەن يىغا ئاۋازى ئارىلىشىپ كەتتى.

 ئۇ ئاغزىنى تۇتقىنىچە، ئالدىدا سەل - پەل ئېگىلىپ تۇرغان دىلنارغا قاراپ، خۇشاللىقىدىن يىغلامسىراپ:

- ئاپا... - دەپ توۋلىدى.

 دىلنار چىشىنى چىشلەپ نەچچە ئون سېكۇنت بەرداشلىق بەردى، ئاخىرىدا ئىككى پۇتى قاتتىق تىترەپ ، بەدىنى بوشىشىپ، يىقىلىپ كېتەي دەپ قالدى، دىلارە تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى ۋاقتىدا يۆلىۋالدى.

ھەرىكىتى بەك چوڭ بولغاچقا، بۇ جەرياندا  تىزى چاي ئۈستىلىنىڭ قىرىغا تېگىپ كەتتى.

بىر پەس  ئاغرىقتىن كېيىن، دىلنار بىخەتەر ھالدا چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇردى،  دىلارە شۇندىلا   بېلىنى ئېگىپ، قولىنى سوزۇپ   تىزىنى ئېتىۋالدى.

چىرايى شۇ ھامان قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتتى.

- دىلارە خانقىز! - مەمەت تاغىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يۆلەپ:

-  سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.

 دىلارە لېۋىنى چىشلەپ بېشىنى چايقاپ:

- ھېچقىسى يوق... - دېدى.

- ئاغرىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، قىرلىق يەرگە ئۇرۇۋالغاندا، ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىيدۇ، قورسىقىڭىزدا يەنە بالا بار تۇرسا... بۇ... - دېدى مەمەت تاغا ئەنسىزلىك قىلىپ.

دىلنارنىڭ چىرايى تېخىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى، شۇ تاپتا تېخىمۇ ئاقىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

بالا بويىدىن ئاجراپ كېتىشتەك بۇ ئىشنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ئۆز كەچۈرمىشىنى ئويلاپ قالدى.

بىشارەتسىزلا كەلگەن يوقىتىش ئۇنى تۈگەشتۈرۋەتكىلى تاس قالغانىدى.

- مەمەت تاغا... قۇتقۇزۇش...  قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭ، - دېدى. دىلنارنىڭ ئاۋازىدىن ئالاقزادىلىك ۋە تىترەش چىقىپ تۇراتتى.

 مەمەت تاغا شۇنچە يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ئاز كۆرگەن ئەھۋال ئىدى.

 ئۇ دەرھال ھە دەپلا، يانفونىنى چىقىرىپ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلدى.

دىلارەنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھەقىقەتەن ئاغرىۋاتاتتى.

 تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولۇپ ئانا بولغاندا، مەمەت تاغىنىڭ گېپى ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇۋەتتى.

قورسىقىدىكى بالىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، قورسىقىنى قولى بىلەن تۇتۇۋالدى.

چاتاق چىقسا بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ.

ئەكرەم قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ دىلارەنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن پۇتى بوشىشىپ كەتتى.

 ئالاقزادىلىك ئىچىدە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، دىلارەنى ئەڭ ياخشى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى.

دىلارەنىڭ تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىليارغا تېلېفون قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، دىلارە ئۇنى توسۇپ:

- ئۇنىڭغا دېمەي تۇرۇڭ.  تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسە دەيلى. - دېدى.

 ئەكرەم سەل ئىككىلىنىپ قالدى.

 دىلارە شۇ تاپتا ئۆزىنى بېسىۋالغان بولۇپ، سالماقلىق بىلەن:

- ئاۋۋال تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلايلى، - دېدى.

 پوزىتسىيەسى تەمكىن بولسىمۇ، لېكىن شەك-شۈبھىسىز قەتئىي ئىدى.

 ئەكرەممۇ ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتتى.


 زۆرۈر تېپىلمىسا، دىلارە ئىليارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشنى خالىمىدى.

دىلنار تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ سىرتىدا سۈكۈتكە چۆكتى، تاتارغان چىرايى غەمگە پېتىپ قالغان بولۇپ، ھېچقانداق كەيپىياتنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ پۇتىغا قويۇلغان قوللىرى بىر-بىرىگە چىڭ كىرىشىپ، ئاقىرىپ، قاتتىق تىترەپ كەتتى.

مەمەت تاغا يېنىدا ئىلاجسىزلىق ئىلىكىدە قىينىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.

 ھازىر بېرىلگەن تەسەللىينىڭ ئازراقمۇ رولى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلنار ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ تەسەللىيسىگە موھتاج ئەمەس.

 بۇ خىل داۋلىنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدۇ، لېكىن مۇھەببەت ۋە نەپرەت،  قايغۇ-ھەسرەت، خاپىلىق ۋە خۇشاللىقتىن ئىبارەت بۇ خىل نورمال كەيپىياتنى ئادەم چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تېخىمۇ كونترول قىلالمايدۇ.

بۇ دىلنارنىڭ ئەسلى سۆزى، چۈنكى شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەمەت تاغا ئۇنىڭ ھەر بىر كەيپىياتىنى،  يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشكە چىداپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ئانچە پىششىق بولمىغان سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بېرىپ كەلدى.  ئەمەلىيەتتە دىلنار ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشلارنى بىلىدۇ.

مەمەت تاغا دىلنار خانىمنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقنى  ئازراق چۈشىنىشى مۇمكىن.

دىلنار ئۆتكەن ئىشلارنى  باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ كېتەلمىدى.

دىلنارنىڭ ھازىرقى يولدىشى ئەنسەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەندە، دىلارەنىڭ  تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىغانىدى.

دىلنارنىڭ كارىدوردىكى چاقلىق ئورۇندۇقتا تىنچ-ئامان ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەنسەرنىڭ تېز ، رىتىمسىز سوقۇپ كەتكەن يۈرىكى بىردىنلا پەسكويغا چۈشتى.

- دىلنار... - دېدى ئەنسەر.  كۆزلىرى دىلنارغا تىكىلدى، ھەتتا كۆزىنى چىمچىقلىتىشقىمۇ پېتىنالمىدى.

ئۇ ئاستا ماڭغان پېتى دىلنارنىڭ يېنىغا كېلىپ،  سىرتتىكى سوغۇق ھاۋادا قىزىرىپ كەتكەن يۈزى، شۇ تاپتا ئۆپكىدەك قىزىرىپ:

-   ھېچ ئىش... بولمىغان بولسا ياخشى بوپتۇ. - دېدى.

بۇ بىر ئېغىز گەپ ئاغزىدىن ئىتىتكلا چىقىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە <سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟> دەپ سورىماقچى ئىدى.

 لېكىن دىلنار ئەقىللىك ھەم كاللىسى ئۆتكۈر ئايال، بىر ئېغىز كۆڭۈل بۆلۈش سۆزى ئۇنىڭغا قۇرۇق گەپتەك بىلىندى.

 مەمەت تاغا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئازراقمۇ ئىنكاس قايتۇرمىغان دىلنارغا قارىدى،  چىرايى بارا-بارا تۇتۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ قالدى.

- ئەنسەر ئەپەندى، ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا، يەنىلا تېزراق قايتىپ كېتىڭ. دىلنار خانىمنىڭ سىزنى كۆرگۈسى يوق. - دېدى مەمەت تاغا.

ئەنسەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى،  كۆزلىرىدىكى قاراڭغۇلۇق خۇددى سىرلىق مۇزدىن ياسالغان ئوقياغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ھازىرلا تېشىۋېتىدەك قىلاتتى.

 ئەنسەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سۈر-ھەيۋە يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولۇپ،  رەھىمسىز، كەسكىنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايتتى.

- ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، بۇ يەردە سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئادەم يوق. - دېدى  دىلنار ئەنسەرگە.

ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولسىمۇ، قېرىشقاندەك ئەنسەرنىڭ بەدىنىدىن چىققان ھەربىر نەپەس... دىلنارغا ناھايىتى تونۇش ئىدى.

 دىلنارنىڭ گەپلىرىدىن ئەنسەر دەرھال ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ،  كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالغا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارىدى، ۋۇجۇدىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇراتتى.

- مەن سىزگە... ھەمراھ بولۇپ دىلارەنىڭ... چىقىشىنى كۈتىمەن،  - دېدى ئەنسەر دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.

 دىلنار  ئىنتايىن سوغۇق ۋە ياڭراق ئاۋازدا:

-  يوقۇلۇڭ. - دېدى.

ئەنسەرنىڭ يېنىدا يەنە ياردەمچىلەرمۇ بار ئىدى.  ئۇلار دىلنارنىڭ سۆزىدىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.

 ئۇلار ب رايۇندىكى كاتتىلاردىن ھېسابلىنىدىغان ئەنسەرگە ئەپەندىگە باشقىلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

 يوقۇلۇڭ دېيىشكە پېتىنىۋاتامدۇ؟

 تازىمۇبىر...  سۆيۈلگۈچىلەر ھامان شۇنداق يولسىز بولىدىكەن.

 دىلنارنىڭ بۇ گەپلىرى ئەزەلدىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ھاكاۋۇر قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئەنسەرنىڭ چىرايىنىڭ سەل-پەل ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى.

ئەمما ئەنسەر گەپ قىلمىدى،  دىلنارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كېتىپمۇ  قالمىدى،  پەقەت ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى، خۇددى دىلنارغا ھەمراھ بولۇپ دىلارەنىڭ تەكشۈرۈش ئۆيىدىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇرۇشقا بەل باغلىغاندەك قىلاتتى.

 دىلنارنىڭ قوللىرى قاتتىق تىترەپ، ئىنچىكە، ئۇزۇن كىرپىكلىرىمۇ تىترەپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنى قانداقتۇر يوشۇرۇن سەۋر-تاقەتتىن يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

- ئەنسەر، ئادەملىرىڭىزنى ئېلىپ كېتىڭ،بۇ شەھەردىن كىتىڭ! ئەمدى  ئالدىمدا پەيدا بولماڭ، مەڭگۈ پەيدا بولماڭ ! - دېدى دىلنار.  ئاۋازىدىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، پەس ئاۋازدا ۋارقىرىغان ئاۋازى پۈتكۈل جىمجىت كارىدورنى زىلزىلگە سېلىپ، ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

كارىدوردا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.

مەمەت تاغا ئالدىراپ-تېنەپ ئەنسەرنىڭ يېنىغا كەلدى،  چىرايى سوۋۇپ، جىددىي قىياپەتتە:

- ئەنسەر ئەپەندى، بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭ. - دېدى.

ئەنسەر يەنىلا ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەي،  دىلنارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

-  مەن ئېنىق دېدىم، سىز بىلەن بىللە دىلارەنىڭ چىقىشىنى كۈتىمەن، ھازىر كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس،  سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويالمايمەن  - دېدى.

- ھى... -  دىلنار تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، - لېكىن مەن ھازىر سىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. - دېدى .

ئاندىن بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ئەنسەرنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن تەنە قىلىپ:

 - مەن ھازىر سىزگە موھتاج ئەمەس، ئەنسەر، سىز ھازىر بۇ يەردە پەيدا بولۇپ، ماڭا ھەمراھ بولىمەن دېگىنىڭىزنىڭ قانچىلىك كۈلكىلىك ھەم مەسخىرىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.

ئەنسەرنىڭ چوڭقۇر كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.








 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章