مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 42-قىسىم_ ئادەم بار

文摘   小说   2024-10-10 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  82  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736




41




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

42 -قىسىم

   

 



 


42-قىسىم 


 تۆھمەت كۆتۈرىدىغان ئادەم بار  (2)



جەسۇر زىلالەنىڭ قولىدىكى ئىسكىرۇپكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ، گۈلدەستىنى سۇنۇپ:

 - ئۇنداق پۇرسەتنى رەت قىلىش ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟  -  دېدى.

ئۇ ئەمدىلا كەلگەن چاغدا، داۋۇت زىلالە بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇلارنى ئاۋارە قىلغۇسى كەلمىگەچكە، جايىدا تۇرۇپ ساقلىدى.

شۇڭا، ئۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىنىمۇ ئاڭلاپ قالغانىدى. 

 - دادام بىلەن ئاكام ھازىر مۇشۇ ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پېشىم قېقىپلا كېتىپ قالالايمەن؟  -  دېدى زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، قۇچىقىدىكى ئەتىرگۈلنى پۇراپ، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ:

 - ئەگەر مەن بۇ يەرگە كېلىپ تەرەققىي قىلسام، ھەر كۈنى ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ئېرىم بولمايدۇ، - دېدى.

جەسۇر كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، جىددىي تەلەپپۇزدا:

- ئەگەر راستتىنلا كەلگۈڭىز بولسا، مەنمۇ سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىللە كېلىمەن. دادىڭىزنىڭ داۋالىنىشنىمۇ  ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئاكىڭىزنىڭ دېلوسىغا كەلسەك، ئەكبەر بىلەن ئىككىمىز بار، ئەگەر سىزنىڭ بېرىشىڭىز زۆرۈر بولسا،  بىر نەچچە كۈن رۇخسەت سوراپ بارسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.

جەسۇر بۇنىڭ زىلالەگە نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە  ئۇنىڭ قولدىن بېرىپ قويۇشىنى خالىمايتتى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - ياق، مېنىڭ كەلگۈم يوق. دېدى.

 - نېمە ئۈچۈن؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر.

 - مەنمۇ بىلىمەن، ھازىر بىز تۇرۇۋاتقان رايوندا مۇزىكا بازىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس، لېكىن مېنىڭچە  ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بايا سەھنىدە ئويۇن قويغاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگىنى يەنىلا بىزنىڭ ئۇسلۇبىمىزدىكى  مۇزىكام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.  -  دېدى زىلالە.

مۇزىكا تىلغا ئېلىنىپ، زىلالەنىڭ كۆزىلىرى چاقناپ:

 -  بۇندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ   مۇزىكىلارنى ئىشلەپ، پۈتۈن دۇنيانى بىزنىڭ ئاۋازىمىزغا قۇلاق سالسىكەن دەيمەن.  -  دېدى .

ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ  تۇرغان جەسۇر كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - خوتۇن مەيلى قانداق قارار چىقىرىڭ، سىزنى شەرتسىز قوللايمەن، - دېدى.

 - رەھمەت، - دېدى زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلاپ، - ھازىر  ئويۇنۇم پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى، كېيىنكى ئۈچ كۈندە،  نەگە بېرىپ نېمە ئىش قىلماقچى بولسىڭىز،  سىزگە تولۇق ھەمراھ بولىمەن.  -  دېدى.

 -  راستمۇ؟ - دېدى جەسۇر يانچە بولۇپ، قۇلىقىنىڭ ئۇچىنى يېنىك  چىشلەپ،  - نېمە ئىش قىلسام بولىۋېرەمدۇ؟؟ - دېدى.

 - غەلۋە قىلماڭ! - دېدى زىلالە  يۈزى قىزىرىپ يېنىك ئىتتىرىپ، -  گىرىمىمنى يۇيۇپ كىيىمىم ئالماشتۇراي.  -  دېدى.

 - ئالماشتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلىنى تۇتۇپ، يۇمشاق، پارقىراق يىپەكنى سىلاپ،  - مەن سىزنىڭ بۈگۈن كەچتىكى كۆڭلىكىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم، بەك چىرايلىق ئىكەن، ئايروپىلانغا چىققاندا ئالماشتۇرۇڭ،- دېدى.    

 -  زىلالە ھەيران بولۇپ:

-  ئايروپىلانغا چىققاندا؟  نەگە بارىمىز؟  -  دەپ سورىدى.

 - مەن سىزگە   ئۆيۈمنى كۆرسىتىپ كېلەي دەيمەن.  - دېدى جەسۇر قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، - مېنىڭ ئۆيۈمگە، - دېدى.   

ئۇنىڭ كىچىكىدىن چوڭ بولغان جايىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلگەن زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - بولىدۇ.- دېدى.

ئىككىيلەن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاددىيلا يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، مېھمانخانىدىن زىلالەنىڭ چامادانىنى ئېلىپ ئايرودۇرۇمغا كەلدى.

زىلالەنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندە ئويۇن قويۇپ بەك چارچاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن جەسۇر ئالايىتەن ئالىي دەرىجىلىك ئايروپىلان بېلىتى ئالغانىدى.

ئايروپىلانغا چىقىپ زىلالە نەچچە كۈندىن ياقى قېپقالغان ئۇيقۇسىنى ئۇخلىدى،  ئويغانغاندا ئايروپىلانمۇ ئايرودۇرۇمغا قوندى.

ئايرودۇرۇمدا ساقلاپ تۇرغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئىككىيلەن بىرلىكتە شەھەر مەركىزىنىڭ شىمالىدىكى  كونا ئولتۇراق رايونغا كەلدى.

ماشىنا بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى، جەسۇر ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، غۇۋا قاراڭغۇ كارىدورغا باشلاپ كىرىپ:

- بۇ يەر مەن چوڭ بولغان جاي، تۇغۇلغاندىن تارتىپ 15 ياشقىچە تۇرغان.  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئوڭ-سولغا قاراپ:

 - بۇ يەردە ھازىرمۇ تۇرىدىغان ئادەم بارمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 - بار، ھەممىسى بۇرۇنقى كونا ئاھالىلەر.  - دېدى جەسۇر ئۇنى كونا پاسوندىكى لېفىتقا باشلاپ كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ، -  مەن بۇ پۈتۈن بىنانى سېتىۋېلىپ، كۆپچىلىككە ھەقسىز بەردىم.  -  دېدى.

ئۆز ۋاقتىدا ئاپىسى ئۇنى يالغۇز باققان چاغلاردا، نۇرغۇن قوشنىلار ئانا-بالا ئىككىسىگە ياردەم قولىنى سۇنغان.

جەسۇرنىڭ بۇنداق قىلىشى، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ساقلاپ قېلىش، باشقىلارنىڭ ئېلىپ كەتمەسلىكى، چېقىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بولسا، ئىككىنچىدىن، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى قوشنىلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىغان.

لېكىن بۇ ئۇچۇرنى  ئەزەلدىن سىرتقا ئېلان قىلىپ باقمىدى.

ئەنۋەر ۋە ئادۋوكاتتىن باشقا، زىلالە بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم.

لىفىت ئۈستىگە چىققاندا، زىلالە يېنىدىكى ئەرگە قاراپ، قولىدىن تارتىپ تۇتۇۋالدى.

ھەممە ئادەم ئۇنى كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدىغان قارام دەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرمەي قىلغان بۇ ئىشلىرىنى ھېچكىم خەۋىرى يوق.

لىفىت 9-قەۋەتكە چىققاندا، جەسۇر ئۇنى كارىدورنىڭ بېشىدىكى ئۆينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ:

 - بۇ يەر مېنىڭ ئۆيۈم، قېنى كىرىڭ،   - دېدى.

زىلالە ئىشىكتىن كىرىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى.

بۇ بىر يۈرۈش ئىنتايىن كىچىك ئۆي بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى كونا، ئەمما ناھايىتى پاكىز ئىدى.

مېھمانخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا  پىيانىنو، پىيانىنونىڭ ئۈستىگە رەسىم جازىسى قويۇلغانىدى.

زىلالە كېلىپ، پىيانىنودىكى رەسىم جازىسىنى ئالدى.

جەسۇرنىڭ ئاپىسى  كىچىك جەسۇرنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ چۈشكەن رەسىم بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇراتتى.

جەسۇرنىڭ چىرايىنىڭ كۆپ قىسمى ئاپىسىنى تارتقان بولۇپ، سۈرەتتىكى ئايال ناھايىتى نازۇك، گۈزەل نازىنىنلاردىن ئىدى .

 كىيىم-كېچەكلىرى ئاددىي بولسىمۇ،  ئەمما ۋۇجۇدىدىكى نەپىسلىكنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.

جەسۇر بىر ئىستاكان ئىسسىق چاينى كۆتۈرۈپ، زىلالەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

 -  ئاۋۋال چاي ئىچىۋېلىڭ، ئاندىن سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى.  -  دېدى.

زىلالە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان ئاشخانىغا كۆزى چۈشۈپ:

- بولمىسا...  ئۆيدىلا تاماق قىلىپ يەيلى... - دېدى.

ئادەتتە كىشىلەر ئۆيدە تاماق ئىتىلىپ، قازاندىن ھور چىقسا،ئۆينىڭ مىھىرى ئىسسىق بولىدۇ دەپ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ،  ئۆي ناھايىتى پاكىز يىغىشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەم تۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

زىلالە بۇ يەردە بىر ۋاخ تاماق يەپ، جەسۇرنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغان ئويىنى  ئوبدان كۆرۈپ باقماقچى بولدى.

جەسۇر سائەتكە بىر قاراپ:

  - بولىدۇ، ئۇنداقتا بىز ئاۋۋال يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالايلى.  -  دېدى.

ماشىنا ھەيدىمەي، ئىككىيلەن بىللە سەيلە قىلغاچ يېقىن ئەتراپتىكى  تاللا بازىرىغا كېلىپ، كېرەكلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە تېتىتقۇلارنى سېتىۋالدى.

جەسۇر ئىككى قولىدا نەرسە كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، زىلالە بىر خالتا بولكىنى كۆتۈرۈپ، ماڭغاچ  قايسى قورۇمىلار قۇرۇشنى پىلانلاپ:

 -  مېنىڭ پىدىگەن، يەنە دۇفۇ يېگۈم بار، - دېدى.

 -  چاتاق يوق. - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، - بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى،  بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئەتە  سىزنى ئاپام بىلەن كۆرۈشكىلى ئاپىراي، - دېدى.   

ئۇنىڭ ئاپىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ:

  - سىزنىڭچە  ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 - ئەلۋەتتە. - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ،  - ئاپام چوقۇم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، - دېدى.    

 - نېمىشقا؟  -  دەپ سورىدى زىلالە.

 -  چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ياخشى كۆرگەن قىزنى، ئاپام نېمىشقا ياخشى كۆرمىگۈدەك؟  -  دېدى جەسۇر.

زىلالە يولنىڭ بويىغا تىزىلغان تاشنىڭ ئۈستىدە، جەسۇر پەستە  بىر - بىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قاراپ تۇرۇشۇپ قالدى.

زىلالە  جەسۇرنىڭ نۇرلۇق كۆزىگە  قاراپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ،  لېۋىگە يېنىك سۆيۈپ قويۇپ:

- جەسۇر، مەن ... - دېدى ۋە  يېنىك نەپەس ئېلىپ، غەيرەتكە كېلىپ، - مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن...  -  دېدى.

زىلالەنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەستىنلا،  كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا غەلىتە نۇر چاقناپ، ئىختىيارسىز جەسۇرنىڭ كەينىگە قارىدى.

ماشىنا يولىدا، قارا رەڭلىك ماشىنا كونتروللۇقىنى يوقاتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ جەسۇر تەرەپكە قىيپاش ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى.

 - ئېھتىيات قىلىڭ!  -  دەپ ۋاقىرىغان زىلالە جەسۇرنى بىلىكىدىن بىر چەتكە تارتتى.

بۇ چاغدا، جەسۇرمۇ كەينىدىكى ماتورنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا بېشىنى بۇراپ:

 -  قېچىڭ!  -  دېدى.

جەسۇر ماشىنانىڭ ئىككىسىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچنېمىنى ئويلىمايلا، پۈتۈن كۈچى بىلەن زىلالەنى ئالدىغا ئىتتىردى.

زىلالە يەرگە يىقىلىپ چۈشتى، بولكا قاچىلانغان خالتا بوشلۇقتا ئۇچۇپ، بولكا ھەممە يەرگە چېچىلدى.

پاق... ماشىنىنىڭ يان چىرىغى جەسۇرغا سوقۇلغاندىن كېيىن، كەينىگە يىقىلىپ، يول بويىدىكى چىملىققا چۈشتى.

  - جەسۇر!  -  زىلالە يىقىلىپ چۈشكەن بىلىكى ۋە تىزىغا پەرۋا قىلماي، ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ،  چىملىق قاراپ ئېتىلدى.


 



、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章