مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 45-قىسىم_ئەمدى ئالدىمايمەن دېگەنتىڭىز

文摘   小说   2024-10-13 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  84  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736




41




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

45 -قىسىم

   

 



 


45-قىسىم 

ئەمدى ئالدىمايمەن دېگەنتىڭىز (1)


زىلالە دورا بوتۇلكىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە تامچە دورا سۇيۇقلۇقى تېمىپ بولسىمۇ،  پەقەتلا سەزمىدى.

شۇ تاپتا ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىگە پېتىپ قالغانىدى.

ھېلىمۇ ياخشى، ئەنۋەر تاماقنى كۆتۈرۈپ ۋاقتىدا كېسەلخانىغا قايتىپ كېلىپ  زىلالەنىڭ كارىۋات بېشىدا ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىدىكى خالتىنى قويۇپ، جازا ئۈستىگە ئېسىلغان دورا بوتۇلكىسىغا قارىدى.

 دورا سۇيۇقلۇقى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىتتىكلا قولىنى سوزۇپ  نەيچىنى  ئېتىپ:

 -  خانىم؟  - دەپ توۋلىدى.

زىلالە بېشىنى بۇرىدى، ئەمما  كۆزلىرى چوڭقۇر خىيال ئىچىدىن چىقالماي، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئاندىن ئەنۋەرنى ئېنىق كۆرۈپ ئېسىگە كېلىپ:

- جەسۇر ھوشىغا كەلدىمۇ؟  - دەپ سورىدى.  

ئەنۋەر بېشىنى يېنىك چايقاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ سېسترانى چاقىرىپ،  قولىدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى.

- تاماق ئېلىپ كەلدىم،   ئازراق بولسىمۇ يەۋېلىڭ، - دېدى ئەنۋەر  كېسەل كارىۋىتىدىكى كۆچمە ئۈستەلنى تارتىپ چىقىرىپ، سېتىۋالغان يېمەكلىكنى ئېچىپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدى.

زىلالە ئۈستەلدىكى يېمەكلىكلەرگە قارىماستىن يوتقاننى ئېچىپ كارىۋاتتىن چۈشۈپ، پوپايكىسىنى بىمارلار كىيىمىنىڭ سىرتىغا يېپىنچاقلاپ، ئايىغىنى كەيگەچ:

 - جەسۇرنى كۆرۈپ چىقاي، - دېدى.  

 ئەنۋەر كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، زىلالەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا تىكىلىپ:

- كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، بىراق  بىر نەرسە يېمىسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ئاۋۋال يىقىلىپ چۈشىدىغىنى جەسۇر دىرېكتور ئەمەس، سىز بولىسىز. سىزمۇ جەسۇر دىرېكتورنىڭ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرۈشىنى خالىمايدىغانسىز!  ئۇنى يوقلاپ بارسىڭىزمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ، بولمىسا كېسەلخانىدىن چىققىلى قويمايمەن.   - دېدى.

زىلالە گەپ قىلماي، قايتىدىن كارىۋاتقا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى ئاڭسىزلارچە سوزۇپ، ئۈستەلدىكى سۈتنى ئېلىپ، بىر تىنىقتا ئىچىۋېتىپ:

 - ئەمدى چىقسام بولامدۇ؟  - دېدى.

ئەنۋەر يەنە نېمە دېيەلەيدۇ، پەقەت كەينىگە بۇرۇلۇپ كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.

ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جەسۇرنىڭ مەسئۇل دوختۇرى كېسەلخانىدىن چىقتى.

ئەركىن تۇنجى بولۇپ ئالدىغا كېلىپ:

  - ئوغلۇم نېمىشقا ھازىرغىچە ھوشىغا كەلمەيدۇ؟  - دەپ سورىدى.  

- ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىراق  چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغاچقا قاچان ھوشىغا كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمىز.  - دېدى دوختۇر بىر نەچچە ئادەمگە قاراپ قويۇپ، - كىم بىمارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى؟  - دەپ سورىدى.

زىلالە ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ:

  - مەن، مەن ئۇنىڭ ئايالى!  - دېدى.

- ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى 24 سائەت ئەڭ مۇھىم، سىز كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىتىشقا ياردەم قىلسىڭىز، بەلكىم  تېزراق ھوشىغا كېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە... - دوختۇر مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قېلىپ، - سىلەرنىڭمۇ تەييارلىقىڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بەلكىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھوشىغا كېلەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.   - دېدى.

 - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى ئەركىن دوختۇرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ،- ئوغلۇم ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟- دەپ سورىدى.   

 - ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ھەر بىر بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، بىر نەچچە سائەت، بىر نەچچە كۈن كېتىشىمۇ مۇمكىن، بەلكىم بىر نەچچە ئاي، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قېلىشىڭلارمۇ مۇمكىن .  - دېدى.

 - دادا! - دېدى ئابلىكىم دادىسىنى تارتىپ،  - ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، جەسۇرغا چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ -  دېدى.   

 - سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.- دېدى زىلالە ئەركىننىڭ ئالدىغا كېلىپ،  - مەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاي، بولامدۇ؟ - دېدى.   

ئەركىن قاپىقىنى تۈرۈپ قويۇپ، گەپمۇ قىلمىدى.

 - ئەركىن ئەپەندى. - دېدى ئەنۋەر زىلالەنىڭ يېنىدا تۇرۇپ،  - جەسۇر دىرېكتورنى دەپ بولسىمۇ، خانىمنى كىرگىلى قويۇڭ، ھازىر ئۇ جەسۇر دىرېكتورنى ئويغىتىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى ئادەم. - دېدى.

ئەركىن بېشىنى بۇراپ، كېسەل كارىۋىتىدىكى جەسۇرغا دېرىزىدىن قاراپ ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كۆزىنى يۇمۇپ، ئاخىرى ...بېشىنى لىڭشىتتى.

سېسترا زىلالەگە مىكروبسىز كىيىمنى بېرىپ، قولىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىغا ئەستايىدىل ياردەملەشكەندىن كېيىن، ئاخىرى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، جەسۇر بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلدى.

بۇ چاغدا زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئون سائەت بولغانىدى.

قىسقىغىنا ئون سائەت بۇرۇنقى ۋاقىتتا ئىككىيلەن  ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس.

لېكىن بۇ قېتىم، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

كېسەلخانا ئىشىكىدىن كىرىپ، كارىۋات يېنىغا بېرىش ئۈچۈن ئون نەچچە قەدەم كېلىدىغان بولۇپ، ئارىلىق ئون مېتىردىن ئاشمىسىمۇ، ئەمما زىلالەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقا بىر دۇنياغا ئوخشاش يىراق بىلىندى.

ئاخىرى كارىۋاتقا يېقىنلىشىپ،  جەسۇرنىڭ قولىنى ئېھتىيات بىلەن تۇتتى.

ئون سائەت بۇرۇن جەسۇرنىڭ ئالىقىنى  ئىللىق ھەم كۈچكە تولغان بولسا، شۇ تاپتا  بۇرۇنقىغا ئەسلا ئوخشىمايتتى،  چىرايلىق ئالىقىنى ئۇنىڭكىدىنمۇ سوغۇق،  ئازراق  كۈچنىمۇ ھېس قىلالمىدى، خۇددى قېتىپ قالغان سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاش.

قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، زىلالەنىڭ كۆزىدىن بىر تېمىممۇ ياش چىقمىغان.

بىراق،  يەنە بىر قېتىم قولىنى تۇتقان مۇشۇ پەيتتە كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى.

بۇ 10 سائەت جەسۇرغا نىسبەتەن ھاياتىدىكى ئەڭ قىينالغان 10 سائەت بولسا، زىلالە ئۈچۈنمۇ شۇنداق.

زىلالەنىڭ بۇ ئون سائەتتە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

سېسترا بىر ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ، زىلالەنىڭ يېنىغا قويدى.

زىلالە ئولتۇرمىدى، پەقەت جەسۇرنىڭ ئالىقىنىنى تۇتۇۋېلىپ يىغلىغاچقا، ئالىقىنى ۋە قولىنىڭ دۈمبىسىنى  ھۆل قىلىۋەتتى.

سېسترا  ئۇنىڭغا ياندىن بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ، بىر نەچچە ئېغىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى  ئەسكەرتىپ،  چىقىپ كەتتى.

زىلالە  خېلى ۋاقىتتىن كېيىن كەيپىياتىنى سەل كونترول قىلىپ، كېسەل كارىۋىتىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇردى.

 جەسۇرنىڭ ئالىقىنىنى ئېلىپ، يۈزىگە قويۇپ تۆۋەن ئاۋازدا:

 -  بىلەمسىز؟

 مەن ھازىر بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، سىزگە نۇرغۇن گەپلەرنى دېمىگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم.

ئەمەلىيەتتە، مەن ...  بۇرۇنلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، لېكىن ئىزچىل ئېتىراپ قىلغۇم كەلمىدى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ كۈنى كەچتە سىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا،  سىزنى راستتىنلا ئەبلەخ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىنمۇ بەك   قورقۇنچلۇقكەن دەپ ئويلىغان...

 مېنى سۆيۈپ قويۇڭ دېگەن ۋاقتىڭىزدا، كەينىمگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكۈم كەلدى، - دېدى زىلالە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

- بىلەمسىز، بۇ مەن 20 نەچچە يىل ياشاپ، قىلغان ئەڭ چەكتىن ئاشقان ھەم ئەڭ دادىل بولغان ئىشىم. - دېدى.  

قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىيلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن كۈندىن باشلاپ، تۈنۈگۈن كەچتىكى قاتناش ۋەقەسىگىچە سۆزلىدى.

زىلالە ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ گەپ قىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئىچكى تەسىراتىنى بايان قىلىپمۇ باقمىغان.

 سىرتتىكى قۇياش ئولتۇرۇپ يەنە كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەر يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالدى.

دېرىزە سىرتىدىكى كارىدوردا ئادەملەر ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈشكە باشلىدى.

باشقىلارغا نىسبەتەن بۇ بەلكىم ئادەتتىكى بىر كۈن بولۇشى مۇمكىن.

لېكىن زىلالەگە نىسبەتەن، ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر سېكۇنت خۇددى بىر  يىلدەك ئۇزۇن بىلىندى.

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئالىقىنىنى سوزۇپ، جەسۇرنىڭ يۈزىگە  يېنىك تەگكۈزۈپ:

-  سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەمدى ئۇخلىماڭ، مەن راستتىنلا ... قورقۇپ كېتىۋاتىمەن!

كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، بولامدۇ؟ پەقەت  ئويغانسىڭىزلا، ھەرقانداق  مەن ئىشنى قىلىشقا رازى، جەسۇر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي! - دېدى.  

كېسەل كارىۋىتىدىكى جەسۇر بۇرۇنقىدەكلا جىمجىت ياتتى.

مىدىرلىماي ئۆرە تۇرغان ئەركىن كارىدورنىڭ بېشىدىكى دېرىزە يېنىغا كېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى سىيلىدى.

ئەنۋەرمۇ جايىدىن مىدىرلىمىدى، ئەمما كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

بىر نەچچە سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئۈمىدنى كۆرۈشنى ئويلىغان، ئەمما ساقلىغاننىڭ قىلچە پايدىسى بولمىدى.

گەرچە ھېچكىم ھېچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدىكى ئۈمىد ئاستا-ئاستا چۆكمەكتە ئىدى.

ئابلىكىم كارىدورنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ، دېرىزە ئارقىلىق ياتاقتىكى جەسۇرغا تىكىلىپ قارىدى.

كۆزىلىرى قىسىپ، لەۋلىرى ئىختىيارسىز يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. 

مەيلى كېسەلخانا سىرتىدىكى ئەركىن بىلەن ئەنۋەر بولسۇن ياكى كېسەلخانا ئىچىدىكى زىلالە بولسۇن،  ھېچكىم ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلمىدى.

سىرتتا تۇرغان سېسترا ۋاقىتقا قاراپ، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ  زىلالەنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ:

- زىلالە خانقىز، سىزمۇ بېرىپ ئارام ئېلىۋېلىڭ!  - دېدى.

- ھارمىدىم! - دېدى زىلالە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا بىچارىلەرچە قاراپ،  -  ماڭا يەنە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ، بىر نەچچە مىنۇت بولسىلا بولدى، ئۆتۈنۈپ قالاي! بەش مىنۇت... ياق... ئۈچ مىنۇت!  - دېدى.

سېسترا ئېغىر ئۇھ تارتىپ:

 - ئۈچ مىنۇت.   - دېدى.

زىلالە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، جەسۇر تەرەپكە يەنە بىر قېتىم بۇرۇلۇپ:

- ئاڭلىدىڭىزمۇ، ئەگەر  يەنە ئويغانمىسىڭىز، ئۇلار مېنى چىقىرۋېتىدۇ.

 كېلەر قېتىم قاچان كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن.

جەسۇر، سىز ماڭا توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن،  يەنە كېلەر قېتىم قار ياغقاندا بىللە قار بوۋاي ياسايمىز، بايرام كەلگەندە بىرلىكتە بايراملىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرىمىز دېگەن.

يالغانچى ئىكەنسىز، ئەمدى مېنى ئالدىمايمەن دېگىنىڭىز ئېنىق تۇرۇقلۇق... كۆزىڭىزنى ئاچمىدىڭىز...    

زىلالە ئاغزىنى ئېتىۋالدى،  ئاخىرى چىداپ تۇرالماي يىغلاپ تاشلىدى.

 




、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章