كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
71 | 70 | |||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
72-قىسىم
72-قىسىم
غېرىب ئانا
بۇ يەردىن R شەھەرنىڭ ئارىلىقى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق مۇساپە.
زۇبەيدە ئورۇن تېپىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر قېتىم يانفونىنى چىقىرىپ، قۇپقۇرۇق ئۇچۇر ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،سۇس كۈلۈمسىرەپ، يانفونىنى ئېتىۋەتتى.
ئايروپىلان خادىمى ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈپ، ئاستا-ئاستا مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئاندىن بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
ئالاھىدە بۆلۈمنىڭ مۇھىتى راھەت ئىدى.
ئۇ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئاپئاق، قېلىن بۇلۇتلارنى كۆردى.
كەيپىياتى تىنچ، ئەمما خىيالى يىراقلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆيىنى تازىلاپ، كىرلىك ۋە يوتقان-كۆرپىلەرنى يۇيۇپ، ئۆيدىكى سۇغۇرۇشقا تېگىشلىك گۈللەرنىمۇ سۇغىرىشى كېرەك، ئاۋۋال تاللا بازىرىغا بېرىپ ئازراق يېمەكلىك ماتېرىيالى سېتىۋالمىسا بولمايدۇ، چوقۇم ياخشىراق يېيىشى كېرەك.
ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولسا، ۋاقتى كەلگەندە ئوغلىمۇ ساغلام تۇغۇلىدۇ.
بۈگۈن ئۆيدە بىر كۈن دەم ئېلىپ ئەتە شىركەتكە چىقىدۇ.
زەپەرنىڭ ئوبزاز ۋەكىلى بولۇشى ۋە دىلارەنىڭ يېقىنقى داڭقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ مەھسۇلات سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.
بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان باشقا ئىشلار ۋە ھەمكارلىق مۇمكىنچىلىكىمۇ بارغانسېرى چوڭايماقتا، شىركەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بۇ بىر نەچچە كۈندە نۇرغۇن ئىشلارنى دوكلات قىلدى، ئەمدى قايتىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
بىر ئادەم بولسىمۇ تۇرمۇشنى يەنىلا تەرتىپلىك ئۆتكۈزىشى كېرەك.
ھېچ بولمىغاندا ئۇ ماددىي جەھەتتە ئۆزىگە ئۇۋال قىلمايدۇ، ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمايدۇ.
چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئەدىيالنى تارتىپ، ئۆزىنى ھىم يېپىپ، قولىنى قورسىقىغا يېنىك قويۇپ، دېرىزە سىرتىدىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارغا ئۈن-تىنسىز قاراپ، ئاستا-ئاستا كۆزىنى يۇمدى.
ئايروپىلان بۆلمىسىدە ئايروپىلاننىڭ قونۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدىغان رادىيو ئاڭلاندى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىدى، ئۇھ تارتىپ قويۇپ، تۈز ئولتۇردى.
ئايروپىلان مۇقىم قوندى، ئۇ ئۆزى يالغۇز تاكسىغا ئولتۇرۇپ تاللا بازىرىغا باردى، ئاندىن ئۆيىگە قايتتى.
ئايرۇپىلاندا پىلانلىغىنىدەك، ئاۋۋال خۇرۇچ - ماتېرىياللارنى ئېلىپ شورپا سېلىپ، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ قويدى، يوتقان كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆينى تازىلىدى.
ئوتتۇرىلىقتا ئاشخانىغا كىرىپ شورپا ۋە شوۋىگۈرۈچ قاينىتىۋاتقان قازاننى ئىلەشتۈرۈپ قويدى.
ھەممە ئىشلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.
ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىككى خىل قورۇما قورۇپ، بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ ئىچتى، ئاندىن يەنە ئاشخانىغا بېرىپ ئەمدىلا تەييار بولغان شورپىنى ئېلىپ چىقتى.
بۇنى دىلارەنىڭ ئۆيىدىكى ئوزۇقلۇقشۇناس ئۆگىتىپ قويغان، يەنە نۇرغۇن كۆكتات ۋە شورپىلارمۇ بار، ئۇ ھەممىنى خاتىرىلىۋالدى، ھەممىسى ھامىلدار ئاياللار ۋە بوۋاقلارغا ناھايىتى پايدىلىق.
گەرچە تەمى چوڭ ئاشپەزنىڭكىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن يېگىلى بولاتتى.
شورپىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كىرئالغۇدىكى يوتقان-كۆرپىلەرنى ئېلىپ قۇرۇتتى، پاكىز ئۆيگە قاراپ، ئۇھ دېدى كەيپىياتىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.
بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلىپ ئازراق تەرلىدى، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۇچىسىدىكى ئۆي كىيىملىرىنى ئالماشتۇرماقچى بولدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ، كىيىملەرنى ئالغاندا، كۆزى ئېھتىياتسىزلىقتىن كىيىم ئىشكاپىنىڭ قالغان يېرىمىنىڭ ئورنىغا چۈشتى.
ئۇ يەرنى قەستەن بىكارلاپ قويغانىدى، لېكىن، پەقەت ئەرلەرنىڭ ئاددىي ئىككى قۇر كىيىمىلا بار ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن يۈرىكى ئاغرىدى، ئەينى چاغدا توي قىلغاندا ئۇ مەۋلان بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىكى كۆرۈنۈشىنى بەك كۆپ خىيال قىلغان.
ئۇلار ئاندا-ساندا ئالدىراش بولغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يەيمىز دەپ ئويلايتتى.
تازىلىق ئۆيىدە ئۇ ۋە مەۋلاننىڭ چىش چوتكىسى، مۇنچىدا ئىككىسىنىڭ مۇنچا كىيىمى ئېسىقلىق، كىيىم ئىشكاپىدا ئىككىسىنىڭ كىيىملىرى ئېسىقلىق تۇرىدۇ دەپ ئويلايتتى.
ساپما كەش ئىككى كىشىلىك، قاچا-قۇچا ئىككى كىشىلىك، سۇ ئىچىدىغان ئىستاكان ئىككى كىشىلىك، ھەممە نەرسە پەقەت ئىككى كىشىلىكلا.
ھازىرمۇ ئوخشاش ھەممە نەرسە جۈپ - جۈپى بىلەن تىزىقلىق، لېكىن ھازىر قارىسا، مەسخىرىلىك كۆرۈنۈپ قالدى.
ئۇ لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىشكاپنىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇ يەرگە دۆۋىلەپ قويغان كىيىم-كېچەك، مۇراسىم كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئاشۇ بوش ئورۇنغا ئاستى.
ئاخىرىدا، ئۇ كىيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرماي، مۇنچىغا يېقىن كېلىپ، يەنە بىر مۇنچا كىيىمى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇردى، يەنە پەسكە يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، كارىدوردىكى ساپما كەش، ئاشخانىدىكى قاچا-قۇچىلار، سۇ ئىچىدىغان ئىستاكانلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋەتتى.
ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، مەيدىسى ئېگىز-پەس كۆتۈرۈلۈپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى.
كۆڭلىدىكى قايغۇ ۋە ئۇۋالچىلىقلار شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىر ئالدى، يۇتقۇنچىقىنى مىدىرلىتىپ، جاھىللىق بىلەن ئېتىلىپ چىققان ئاچچىق ئازابنى يۇتۇۋەتتى.
لېكىن كۆز ياشلىرى يەنىلا كۆز چانىقىدىن ئېقىپ چۈشتى.
بىر تامچە ياش، ئۇنىڭ جاھىللىقىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.
تىنىقىدىن ئىنچىكە بوغۇلغان ئاۋاز چىقىپ، مەيدىسى چىڭقىلىپ تەسۋىرلىگۈسىز بىئارام بولدى.
ئۇ قولىنى سوزۇپ قورسىقىنى ئېتىۋالدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى، جاھىللىق بىلەن ئېتىلىپ چىققان ياشنى ئىچىگە يۇتتى.
خېلى ۋاقىتتىن كېيىن، كەيپىياتىنى تەڭشەپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، سافاغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاخىرىدا سافاغا يۆلىنىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ كۆزىگە قويدى.
بىر مەھەل پۈتۈن ئۆي ئادەم يوقتەك ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ كەتتى.
پەقەت ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن چاڭ-توزانلار قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۈن-تىنسىز ئۈزۈپ يۈردى.
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفون پۈتۈن ئۆينىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، قەددىنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ، چاي ئۈستىلىدىن تېلېفوننى ئالدى.
- زۇبەيدە، ئۆيگە ساق-سالامەت بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ - مىكروفوندىن دىلارەنىڭ تىت-تىت بولغان ھەم ئەنسىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئانامەي، كەچۈرۈڭ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قايتىپ كېلىپ تازىلىق قىلىپ، ھەممە يەرنى سۈرتۈپ، تازىلاپ بولغۇچە مۇشۇ چاغ بولغانلىقىنى بىلمەپتىمەن... - دېدى زۇبەيدە.
ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى بايىقى كەيپىياتى بىلەن پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى، ھېچنېمە بولمىغاندەك، ھەتتا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى.
دىلارە ئۇھ تارتىپ :
- ئۆيگە بېرىۋالغان بولسىڭىزلا بولدى، تېلېفونىڭىزنى خېلى ئۇزۇن ساقلىدىم... - دېدى.
ـ كەچۈرۈڭ، راستتىنلا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھە راست. بۈگۈن ئوزۇقلۇقشۇناس ئۆگىتىپ قويغان شورپىنى ئۆزۈم قايناتتىم، گەرچە تەمى سەل ناچارراق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىچىشلىك بوپتۇ! - دېدى زۇبەيدە.
دىلارە يېنىك كۈلۈپ كېتىپ:
- مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ياخشى يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدىغانلىقىنى قاراي باقاي، ۋاقتى كەلگەندە سىز بىلەن ئورتاقلىشىمەن، ئېتىش ئۇسۇلىنى سىزگە قىسقا فىلىم ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتىمەن. - دېدى .
-بولىدۇ! - دېدى زۇبەيدە خۇشال ھالدا، - ھامىلدار ۋاقتىمىزدا يېگىنىمىز ئوخشاش، ۋاقتى كەلگەندە ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم قانچىلىك ماسلىشىپ كېتەر؟- دېدى.
- نەدىمۇ يىگىنى ئوخشاشلار ماس كېلىدىغان ئىش بولسۇن؟ - دېدى دىلارە ئامالسىز قېلىپ، ئوغلىغا خوتۇن تېپىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭغا ئېسىۋېلىشىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.
- ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپلا شۇنداق ماس قەدەمدە مېڭىۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆزى ئاسانلا بىر-بىرىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ياقتۇرۇپ يەيدىغان تامىقى ئوخشاش بولىدۇ. - دېدى زۇبەيدە.
دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بەلكىم شۇنداقتۇ. - دېدى.
- چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، - دېدى زۇبەيدە.
چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، زۇبەيدە ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ:
- مەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى ئىدىم، شۇڭا تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم. - دېدى.
دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بولىدۇ، بەك يىراققا بارماڭ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. - دېدى .
- بولىدۇ. - دېدى زۇبەيدە.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زۇبەيدە تېلېفوننى قولىدا تۇرۇپ، قايتىدىن سافاغا يۆلىنىپ، ئېغىر ئۇھ تارتتى.
دىلارەنىڭ غەم قىلىپلا يۈرىدىغان مىجەزى بىلەن ناۋادا ئۇنىڭ باشقا كەيپىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالسا، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
بىراق ئۇ ھازىر ھەقىقەتەن ئۆزىنى بۇ ئۆيگە سولاپ قويماسلىقى كېرەك.
بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، تېلېفوننى چاي ئۈستىلىگە قويۇپ، قايتىدىن ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقتى.
قايتا پەسكە چۈشكەندە، ئۇ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، كەڭرى مامۇق چاپان كىيىۋالغانىدى.
تېلېفون بىلەن ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىشىكتىن چىقتى.
ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ يېقىن ئەتراپتىكى سودا سارىيىغا باردى.
رادىياتسىيەدىن ساقلىنىدىغان ئىككى يۈرۈش تۇغۇت كىيىمى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىردى.
بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ چۇس قەلبىنى ئاستا-ئاستا تىنچلاندۇردى.
بوۋاقلار كارىۋىتى، بوۋاقلار ھارۋىسى، بوۋاقلار كىيىمى، كىچىك ۋاننا، كىچىك لۆڭگە، يۇيۇش بۇيۇملىرى، چوڭ-كىچىك ھەممە نەرسە بار ئىدى.
ئۇ ھەممە نەرسىنى دېگۈدەك كۆرۈپ، سېتىۋالماقچى بولدى، ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدى.
ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسا، بىردەمدىن كېيىن ئاپىرىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى، زۇبەيدە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
بىرىنچى قەۋەتتىكى ئارام ئېلىش رايونىغا بېرىپ، بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي بۇيرۇتۇپ ئىچتى، يان تەرەپتە بىر كىچىك تىپتىكى زال ئىچى ئويۇنچۇق مەيدانى بار بولۇپ، بالىلار بۇ يەردە خۇشال-خۇرام ئويناۋاتاتتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارام ئېلىش رايونىدا بىر تەرەپتىن ئارام ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى، گەرچە ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە ناھايىتى سۇس بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ خۇشال كۈلگەن چىرايىنى كۆرۈپ، قەلبىنىڭ ھەسسىلەپ خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
زۇبەيدە بىر مەھەل بۇ يەرگە ئازراق ئىشتىياق باغلاپ، خىياللىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى، چۈنكى يېنىدىكى بىر كىچىك قىزچاق تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، سەۋەبسىزلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
- نېمە بولدى قوزام؟ - ياش ئاپا ئىچى ئاغرىغان ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدى.
- توشقانچاق ...توشقانچاق... ئۈلۈپ قالدى... - دېدى قىزچاق.
زۇبەيدە بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ، بېشىنى بۇراپ مەلۇم بىر بۇلۇڭغا قارىدى، بۇ تەرەپتىكى بۇلۇڭ كىچىك تىپتىكى ئەرمەك ھايۋانلار ماكانى ئىدى.
ئۇ قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، قىزىقىپ بېرىپ قاراپ باقماقچى بولدى.
نۇرغۇن كىچىك دوستلار ئىشىك ئالدىغا توپلىشىپ قالغانىدى، جۈپ-جۈپ كۆزلەر قىزىقىش ئىلكىدە ئىچىگە قاراپ تۇراتتى.
كۆك رەڭلىك چاپان كىيىۋالغان ئەرمەك ھايۋان دوختۇرى ئاق توشقاننى ئۈن-تىنسىز ھالدا بىر كىچىك قۇتىغا سېلىپ قويغان بولۇپ، قارىماققا بىر تەرەپ قىلماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
توشقان باشتىن-ئاخىر مىدىر-سىدىر قىلمىدى، ئۇزۇن قۇلىقى جانسىز ساڭگىلاپ تۇراتتى، ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغان ئىدى.
زۇبەيدە لىۋىنى يۇمۇپ، كۆز ئالدىدىكى يۇمران باشلارغا قاراپ، كۆزلىرىنى ئاستا چىمچىقلاتتى.
ئاخىرى ئۇ ئىچىگە كىردى، ئىچىدىكى مۇلازىم دەرھال ئالدىغا چىقىپ:
- خانقىز، بىرەر نەرسە لازىممۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
- مەن بىر ئەرمەك ھايۋاننىڭ بالامغا ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھۇجۇم قىلىش كۈچى يوق، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىيالايدىغان ھايۋان بولسا بولاتتى، سىزنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغان بىرەر ھايۋان بارمۇ؟ - دېدى .
پىركازچىك ئۇنىڭ قورسىقىغا قاراپ، كۈلۈپ قويۇپ :
- بۇنداق بولغاندا، ئىت ئەڭ ماس كەلگۈدەك، ھەمراھ بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى مۇلايىم، كۆڭۈل قويۇپ سىزگە ياردەملىشەلەيدۇ، بەزىدە سىز ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسىڭىزمۇ، ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىپ بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ ... مەيلى بالىلارغا بولسۇن ياكى چوڭلارغا بولسۇن، ئۇلار ئەڭ مۇلايىم سادىق ھەمراھ بولالايدۇ. - دېدى.
زۇبەيدە سەل تەسىرلىنىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ - دېدى.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ. - دېدى پىركازچىك.
زۇبەيدە ئەڭ ئاخىرىدا بىر تال سېرىق تۈكلۈك كۈچۈكنى تاللاپ، ئازراق ئىت يېمى سېتىۋېلىپ، پىركازچىكتىن بىر مۇنچە تەلىم ئېلىپ، بىر دۆۋە نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالدى.
توشقانغا كەلسەك، بۇنىڭغىمۇ نېمە ئامال؟
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈچۈككە بالكوندىن بىر كىچىك كاتەك بوشىتىپ بەردى، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يەنە ئەخلەت خالتىسىدىن بۇرۇن مەۋلان ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان يېڭى پاختىلىق ساپما كەشنى چىقىرىپ، كۈچۈكنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى.
بەلكىم ئىسسىق ياتسۇن دەپ ئويلىغاندۇ، ياكى ئاددىيلا قىزىقارلىق ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، كۈچۈك يېڭى ئۆي ۋە يېڭى خوجايىنغا ئانچە كۆنەلمىدى، ئۇ ساپما كەشنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ چىشلىدى.
زۇبەيدە ياندا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي پەس ئاۋازدا كۈلۈپ قويۇپ:
-توغرا! كۈچەپ چىشلە، يەتمىسە يەنە بىر جۈپ بار. - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar