مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 61-قىسىم_ بالا ھازىرمۇ بارمۇ؟

文摘   小说   2024-10-24 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

61 -قىسىم

   

 




61- قىسىم 

بالا ھازىرمۇ بارمۇ؟ (1)


ئەركىن ئائىلىسى سارىيىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا زىلالەنىڭ  يالغۇز كىشىلىك ئىسكىرۇپكا مۇزىكىسىنى ئورۇنلىشى ئاستىدا، ئەڭ ئاخىرقى مودېل ئاستا قەدەم بىلەن T سەھنىگە چىقتى.

ئاخىرقى ئاۋازدا، مودېل بىلىكىنى كۆتۈرۈپ  سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

 - ناھايىتى ياخشى!  - مۇيەسسەر رازىمەنلىك بىلەن چاۋاك چېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ،  -  بەك قالتىس بولدى، مۇزىكا ئەترىتىدىكى ھەرقايسى مۇزىكانتلار جاپا چەكتىڭلار. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق رېپېتىتسىيەلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن ئارقا سەھنىگە چىقىپ تاماق يەپ ئارام ئېلىڭلار، بىر سائەتتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى رەسمىي باشلىنىدۇ.  -  دېدى.

مودېللار ئارقا-ئارقىدىن بۇرۇلۇپ، ئارقا سەھنىگە قايتىپ كەلدى.

زىلالەمۇ ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ،  ئايگۈل قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئارقا سەھنىگە چىقتى، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مەخسۇس مۇزىكا ئۆمىكىدىكىلەرگە ئارام ئېلىش ئۆيى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

- زىلالە خانقىز، بۇ كۆپچىلىكنىڭ كەچلىك تامىقى!  - 

خىزمەتچى خادىملار قاچىلىق تاماق ئەكېلىپ بەردى، زىلالە ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن،  ئايگۈل بىلەن بىللە كەچلىك تاماقنى كۆپچىلىككە تارقىتاتتى.

 - زىلالە،  !  - 

 ئايگۈل ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قاچا تاماقنى ئېلىپ كېلىپ، بىر قاچىنى زىلالەگە بەردى، ئاندىن بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنىمۇ سۇندى.

زىلالە رەھمەت ئېيتىپ، مىنېرال سۇنى قولىغا ئالدى.

كۆپچىلىك تاماق قاچىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى، دەم ئېلىش ئۆيى شۇ ھامان تاماقنىڭ ھىدى بىلەن تولدى.

ھاۋادىكى مايدا پىشۇرۇلغان چوڭ راكنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان زىلالەنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆڭلى ئېلىشتى.

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغىنى بۇ خىل مايدا پىشۇرۇلغان قۇرۇمىنىڭ پۇرىقى بولۇپ قالغانىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ تاماق يېيىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىنى خالىماي، بىر بولاق قەغەزنى ئېلىپ، مىنېرال سۇنى كۆتۈرۈپ دەم ئېلىش ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.

كۆپ ئىقتىدارلىق زالدىن چىقىپ، دېرىزىگە يېقىن بىر بۇلۇڭنى تېپىپ ئولتۇرۇپ، بىر پارچە شاكىلاتلىق كەمپۈتنى سويۇپ ئاغزىغا سېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ بىئارام بولغان ئاشقازىنىنى يېنىك باستى.

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى بارغانچە كۈچىيىپ، بۇ بىر نەچچە كۈندە،   نېمە يېسە شۇنى ياندۇرۋېتىدىغان ھالەتكە يەتتى.

شۇڭا شاكىلاتلىك كەمپۈت ئارقىلىق قان شېكىرىنى تولۇقلاپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى.

يېقىنلا يەردە، مۇيەسسەر بىر ئىستاكان قەھۋەنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىسىدىن چىقتى.

بۇلۇڭدا ئولتۇرغان زىلالەگە دىققەت قىلىپ:

 - زىلالە خانقىز؟  -  دەپ چاقىرىدى.

زىلالە ئورنىدىن تۇرۇپ:

  - مېنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭىز بارمىتى؟  - دەپ سورىدى.

 - ھېچ ئىش يوق، بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم. - دېدى مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سەپسېلىپ، -  نېمىشقا تاماق يېگىلى بارمىدىڭىز،  كۆڭلىڭىزگە ياقمىدىمۇ؟  - دەپ سورىدى. 

 - ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ،  -   قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتمىدى.  -  دېدى.

 -  ئولتۇرۇپ سىز بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشسام بولامدۇ؟ - دېدى مۇيەسسەر.

 - ئەلۋەتتە. - دېدى زىلالە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ،  - مەرھەمەت!  -  دېدى.

ئارام ئېلىش ئورۇندۇقىغا كېلىپ ئولتۇرغان مۇيەسسەر بىر يۇتۇم قەھۋە ئىچىۋېلىپ:

 - بىزنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلماقچى بولغان زىبۇ-زىننەتلىرىمىزنى سىزمۇ كۆردىڭىز، سىزنىڭچە قانداقراقكەن؟  -  دەپ سورىدى.

 - ناھايىتى مودا، يەنە كېلىپ ناھايىتى نەپىس چىقىپتۇ،  ياقۇت رەڭگىنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى دادىل ھەم چىرايلىق! ئەلۋەتتە... - دېدى زىلالە مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، - مەن بۇ جەھەتتە كەسپىي  ئەمەس، مۇنداقلا دەپ قويدۇم.  -  دېدى.

 - مېنىڭ ئاڭلايدىغىنىم كەسپىي بولمىغان كىشىلەرنىڭ تەسىراتى، سىزنىڭ لايىھەمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. - دېدى مۇيەسسەر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ،  - ئەمەلىيەتتە مەن ئىلگىرى ئىزچىل يىراق ئەلدە تۇرغان، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ يەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشىم، رايونىمىزدىكى مودا ساھەسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇش يۆنىلىشىنى ئانچە ئېنىق بىلمەيمەن. راستىمنى ئېيتسام،  ھازىرغىچە ئازراق دەككە ـ دۈككە ئىچىدە ئەنسىرەۋاتىمەن، - دېدى.

 -  بۇنىڭ  قىلچە ھاجىتى يوق،  ئەسەرلىرىڭىز بەك چىرايلىق ھەم بەك ئالاھىدە، بۇ خىل زىبۇ-زىننەتلەر چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.  -  دېدى زىلالە.

مۇيەسسەر قېشىنى يېنىك ئېتىپ:

  - سىز ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتمايدىغانسىز؟  -  دېدى.

زىلالە قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

  - ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،  ئەستايىدىل گەپ قىلدىم، - دېدى.

ئۇنىڭ جىددىيلەشكەن ھەم سەمىمىي تۇرقىنى كۆرۈپ، مۇيەسسەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:

- زىلالە، سىز ھەقىقەتەن بەك ئوماق قىز ئىكەنسىز. - دېدى ۋە نەزىرى زىلالەنىڭ قولىغا چۈشۈپ سەل چۆچۈپ، - ھەي، ئېسىمدە قېلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈزۈك تاقىۋالغانتىڭىز، بۈگۈن نېمىشقا ئېلىۋەتتىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

ئۇنىڭ ھېلىقى ئۈزۈكنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان زىلالە سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا بارمىقىنى چىقىرىپ:

 -بۈگۈن تاقىمىدىم.  -  دېدى.

مۇيەسسەرمۇ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ باشقىچە بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان بىر سوئالنى سورىغانلىقىنى ھېس قىلىپ:

 - كەچۈرۈڭ، مەن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا بەك سەزگۈر،  مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەستەن سۈرۈشتۈرگىنىم يوق،   -  دېدى.

 -  ھېچقىسى يوق. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى، بېغىشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قاراپ:

-  ۋاقىتمۇ ئاز قالدى، مەن ئاۋۋال قايتىپ كۆپچىلىككە تەييارلىق قىلىشىنى ئېيتاي،   -  دېدى.

مۇيەسسەرمۇ ئەگىشىپلا ئورنىدىن تۇرۇپ:

  - يۈرۈڭ، مەنمۇ سىز بىلەن بىللە باراي.  -  دېدى.

ئىككىيلەن بىرلىكتە كارىدوردىن ئۆتۈپ، كۆپ ئىقتىدارلىق زالغا قاراپ ماڭدى.

 - زىلالە!  - 

كەينىدىكى كارىدوردىن جەسۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

زىلالە ھەيرانلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلدى، جەسۇر ئاللىقاچان چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:

 -  نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز؟  -  دېدى.

ئەكبەردىن زىلالەنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن جەسۇر ئالدىراپ-تېنەپ خەلق دوختۇرخانىسىغا باردى، نەتىجىدە پۈتۈن تۇغۇت بۆلۈمىنى ئاختۇرۇپمۇ زىلالەنى تاپالمىدى.

زىلالەگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسىمۇ،  ئالمىدى.

جەسۇر  زىلالەنىڭ باشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەتراپتىكى بىر نەچچە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەقەت بايقىمىدى.

ئۇنى تاپالىغۇدەك يەرنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇردى، ئاخىرىدا ئامالسىز بۇ يەرگە كېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغانىدى.

 - جەسۇر؟ -  زىلالەنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇيەسسەر جەسۇرنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە،  - سىلەر تونۇشامسىلەر؟  -  دەپ سورىدى.

- سىزگە كېيىن چۈشەندۈرۈپ قوياي، - دېدى جەسۇر زىلالەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ،  كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تارتىپ،  - بۇنداق چوڭ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرىسىز؟  - دېدى.

زىلالە ئوڭ-سولغا قاراپ قويۇپ،  بىلىكىنى تارتىپ چىقىرىپ:

  - سىز زادى نېمە دەۋاتىسىز؟  -  دېدى.

جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، بەك تېز يۈگۈرگەچكە، بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان گالىستۇكنى تۈزەشتۇرۇپ:

  - مەن بالىنىڭ دادىسى، ئەجەبا  بىلىش سالاھىيىتىممۇ يوقمۇ؟  -  دېدى.

زىلالە ئالاقزادىلىك ئىچىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ:

-  سىز... قانداق بىلدىڭىز؟  -  دېدى.

 -  مۇھىمى بۇ ئەمەس،  نېمىشقا مەندىن بۇنداق چوڭ ئىشنى يوشۇرىسىز، مەن... - دېدى جەسۇر قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ،  ئاۋازىمۇ سەل تىترەپ ، - زىلالە، ماڭا راست گەپنى قىلىڭ، بالام ھازىرمۇ بارمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

ئۇ زىبارەگە ئۇچراپ قالغاچقا، ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ كېتىپ قالغانىدى، باشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا پەقەت رايى بارمىدى.

جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، گېلىغا كەپلىشىپ قالغان يۈرىكى ئاخىر جايىغا چۈشتى.

ئەتىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بۇ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، كۆڭلى ئىزچىل يېرىم بولغان، ئۆزىنىڭ بىر قەدەم كېچىكىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى.

 - سىزمۇ بىلىپ بولغاندىكىن. - دېدى زىلالە يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ، -   بىر ئىشتا ئاۋارە قىلسام بولامدۇ؟  -  دېدى.

 -  قېنى دەڭ، ياردەم قىلالىساملا ئايىمايمەن. - دېدى جەسۇر قىلچە ئىككىلەنمەستىن.

 - ئەمەلىيەتتە  بەك ئاددىي، چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ،  - ۋاقتىڭىز چىققاندا، ماڭا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بەرسىڭىز، دوختۇر  ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش قەغىزىگە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىمزا قويۇشى كېرەك دەيدۇ، مېنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق - تۇغقىنىمدىن  ھازىر پەقەت سىزلا بار.  -  دېدى.

 - زىلالە، گېپىمنى ئاڭلاڭ. - دېدى جەسۇر بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ـ بىلىمەن،  ھازىر بۇنداق دېسەم،  مېنى غەرەز ئۇقمايدىكەن دېيىشىڭىز مۇمكىن،  بولمىسا...   بالىنى ئېلىپ قالساق قانداق؟  -  دېدى.


 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章