كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
71 | 70 | |||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
75-قىسىم
75-قىسىم
قىشتا كۈن قىسقا بولىدۇ، سىرتتا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن مەۋلان كۈندۈزدەك يورۇق چىراغ نۇرى ئاستىدا تۇرغاندا، روشەن رەڭ پەرقى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
ئۇنىڭ چىرايىدا مەڭگۈ ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ھېچ بولمىغاندا زۇبەيدە ئۇنىڭ چىرايىدىن سوغۇققانلىقتىن باشقا ئىككىنچى خىل چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقمىدى.
مەۋلان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، زۇبەيدە ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە چۈشكەنلىكىنى كۆردى، لېكىن بىردەملىكلا بولدى، تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن زۇبەيدە ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغان خاتا تۇيغۇسىدەك ھېس قىلدى.
موماي مەۋلاننى كۆرۈپ، چىرايى سوۋۇپ:
- ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭ ھە؟ خىزمەت ۋاقتى جەدۋىلىڭدىن بىر نۇسخىنى ماڭا بەرسەڭ بولامدۇ، ۋاقىتىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراپ ئاندىن ئاغرىپ قالاي... - دېدى.
مەۋلان قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاندىن ماڭغاچ، تېشىدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋانى بىللە ئېلىپ كىردى.
- دەڭە، مېنى قانداق كەچۈرۈم سورىسۇن دەيسىز؟ - دېدى مەۋلان.
موماي غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ:
- سېنى ئازراق خىزمەت قىل دەپ، خاتا گەپ قىلدىممۇ؟ خىزمىتىڭ زادى قانچىلىك ئالدىراش؟ ئالدىراش بولسا يىراق ئەلگە چىقىشقا يەنە ۋاقىتىڭ باركەنغۇ؟ ! - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ يۈرىكى بىردىنلا جىغغىدە قىلىپ قالدى، موماينىڭ ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىمۇ ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.
موماي ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى ئېنىق ھېس قىلدى، ئەمما زۇبەيدە سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ چاي ئۈستىلىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچتى.
مەۋلاندا ھېچقانداق داۋالغۇش بولماي، قاش-كۆزلىرىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمىدى.
ھەتتا موماي ئادەم تېپىپ ئۆزىنى نازارەت قىلغان ئىشىنى بىلىپ-بىلمەي ئاشكارىلاپ قويسىمۇ، پەرۋا قىلمىدى.
- مەن ئۇ يەرگە كاماندۇرۇپكىغا چىقتىم، - دېدى مەۋلان.
موماي سوغۇق دىمىقىنى قېقىپ ئىچىدە مەسخىرە قىلىپ، ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئاشكارلىۋەتمىدى.
زۇبەيدە بىر چەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ سۇ ئىچىۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايىدا پەرۋاسىزلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
- ئۆزۈڭ بېرىشقا توغرا كېلىدىغان، ھەتتا قايتا - قايتا بارىدىغان قانچىلىك مۇھىم ئىشتى؟ مەۋلان، ئۇنتۇپ قالما، سەن ھازىر توي قىلىپ بولغان ئادەم ... زۇبەيدەنى زادى قايسى ئورۇنغا قويدۇڭ؟ - دېدى موماي.
زۇبەيدە موماينىڭ مەۋلاننىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى توغرىلاشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى.
بارلىق سۆزلەر مەۋلاننىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇننىڭ باشقا بىر ئايال تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ بولۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭدەك ھامىلدار ئايالىنىڭ ئورنى يوق...
ئەڭ كۈلكىلىك ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئادەم ئۇ ئەمەسمۇ؟
مەۋلان شۇندىلا نەزىرىنى زۇبەيدەنىڭ يۈزىگە قاراتتى.
- توي قىلدىم شۇ، تويدىن كېيىن كاماندۇرۇپكىغا چىقساممۇ بولمامدۇ؟ - دېدى.
- زۇبەيدە ھازىر ھامىلدار، - دېدى موماي.
- ئۇنداقتا مەن ئۇنى 24 سائەت يېنىمدا باغلاپ يۈرسەم ئاندىن رازى بولامسىز؟ - دېدى مەۋلان.
موماي مەۋلاننىڭ بىر ئېغىز گەپ بىلەن بوغۇلۇپ، تىت-تىت بولۇپ:
- سەن ... ۋاپاسىز سولتەك... - دېدى.
- موما، - دېدى بىر چەتتە جىم تۇرغان زۇبەيدە بىردىنلا سۇس ئېغىز ئېچىپ، قولىدىكى ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويدى، ئالىقىنى كۆيۈشۈپ ئۇيۇشۇپ قالغانىدى.
- ھەممىمىزنىڭ ئۆز خىزمىتىمىز بار، مەنمۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى، ئالدىراش بولغان ۋاقىتىمدا راستتىنلا تاماق يېگۈدەكمۇ ۋاقتىم چىقمايدۇ، مەۋلاننىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىمەن، بىز تېخى ياش، بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇشىمىز تەبئىي، - دېدى.
ئۇ تەمكىنلىك بىلەن مەۋلاننى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتقۇزدى.
يەنە داۋاملاشسا، مەۋلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەسئۇلىيەتنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
مەسىلەن، موماي تۇيۇقسىز مەۋلاننى ئەيىبلىسە، ئۇنى بۈگۈن قايتىپ كېلىپلا مومايغا ئەرز قىلىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
موماي گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي، مەۋلانغا زەردە بىلەن تىكىلىپ ئالىيىپ قويدى.
ئەمما مەۋلان زۇبەيدەگە قاراپ:
- بۇ چاغدا بەك كەڭ قورساق بولۇپ قاپسىز. - دېدى.
زۇبەيدە كۈلۈمسىرەپ، سافادىن ئاستا تۇردى، ئۇ مەۋلاننىڭ ئۆزىنى شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
- بىمەنىلەرچە ماختاپ كەتتىڭىز، - دېدى زۇبەيدە.
ئۇ سالماقلىق بىلەن گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا يېنىدا تۇرغان خىزمەتكارغا قاراپ:
- كەچلىك تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ھېلىقى خىزمەتكار ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتتى.
مومايمۇ سافادىن تۇرۇپ:
- ئەمىسە تاماق يەيلى ، - دېدى.
زۇبەيدە ئالدىغا بېرىپ موماينىڭ بىلىكىدىن يۆلىدى.
ئۇ چاپان كىيمىگەنىدى، كۈل رەڭ ئىلمە توقۇلما ئۇزۇن پوپايكا كىيگەن بولۇپ، چاپان كەيگەندىن سەل زىلۋا كۆرىنەتتى.
بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئەگمىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
مەۋلاننىڭ كۆزى ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئۇ موماينى يۆلەپ بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ ئاپئاق يان يۈزىدىن قارىغاندىمۇ ھېچقانداق گىرىم يوق ئىدى.
ئۇ ئەزەلدىن زۇبەيدەنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ سالاپىتى باشتىن-ئاخىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
كىچىكىدىنلا باي ئائىلىدە چوڭ بولغان تۇرسا، چىراي ۋە سالاپەتتە ھېچكىمگە ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ.
ئەينى چاغدىكى مەكتەپ گۈزىلى دېگەن ناممۇ بىكارغا چىقىپ قالغان ئەمەس.
مەۋلان ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا، زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى يەنىلا يېنىك چاقناپ كەتتى.
ئۇنىڭ تەبىئىي ھەرىكىتى زۇبەيدەنىڭ قەلبىدە باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلدى.
ئەگەر ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولمىغان بولسا، ئۇلار بۇنداق يېقىن ئولتۇرالمىغان بولاتتى.
موماي ئاساسىي ئورۇندا ئولتۇرۇپ، ئىككىيلەنگە قاراپ كەيپىياتى ئىختىيارسىز ياخشىلىنىپ قالدى.
خىزمەتكار قورۇمىلارنى ئېلىپ چىقىپ تەبىئىي ھالدا مەۋلان ياقتۇرۇپ يەيدىغان قورۇمىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى، زۇبەيدەنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىنى ئامال بار ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
لېكىن ئىشنىڭ سەل قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب، زۇبەيدە ھازىر ھامىلدار.
نېمىنى كۆرسە يېگۈسى كېلىدۇ، يەنە كېلىپ يېگۈسى كېلىپ چىدىيالماي قالىدىغان ۋاقتى.
لېكىن مەۋلاننىڭ ئالدىدىكى قورۇمىلارغا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم چېقىلالمايتتى.
بىر نەچچە قېتىم، زۇبەيدە چوكىسىنى مەۋلاننىڭ ئالدىدىكى تەخسىگە سۇندى، ئاخىرىدا چوكىسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋالدى.
موماينىڭ زېرەكلىكىدە، ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە ئويلىغانلىقىنى بىلمەي قالاتتىمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن يېنىدا تۇرغان خىزمەتكارغا :
- بايۋەچچە بىلەن كېلىنئاغچىنىڭ ئالدىدىكى قورۇمىلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ. - دېدى.
زۇبەيدە بىلەن مەۋلان تەڭلا توختاپ قالدى، موماي مەۋلانغا ئالىيىپ قويۇپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ :
- كۆزۈڭ يوقمۇ سولتەك. - دېدى.
مەۋلان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىدىكى زۇبەيدەگە بىر قاراپ قويدى، زۇبەيدەنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە خىل قۇرۇمىغا چۈشتى، ئاندىن يەنە بۇرۇلۇپ، قاپقارا كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، كۆڭلىنى توختىتىپ، ئاستا ئېغىز ئېچىپ:
- ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سىزنىڭ قورۇمىڭىزنى ئۇنچە يېگۈم يوق. - دېدى.
مەۋلان بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سوغۇق دىمىقىنى قېقىپ قويدى.
دېگەندىن دېمىگەن ياخشى ئىدى.
ھەممە ئادەم ئېنىق كۆرۈپ تۇرسا، كىم ئىشىنەتتى.
تاماق ئۈستىلىدىكى باشقىلار ئۈن-تىنسىز كۈلۈشتى، زۇبەيدە شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ، يۈزى سەل قىزىرىپ كەتتى.
بىراق خىزمەتكار يەنىلا ئالدىغا بېرىپ قورۇمىلارنى ئالماشتۇردى.
مەۋلانمۇ ھېچنېمە دېمىدى.
بايا تەمە قىلغان قورۇمىلار ئالدىغا كەلدى، زۇبەيدە بۇ قېتىم قول ئۇزارتىشتىن خىجىل بولدى.
- زۇبەيدە، تېز يەڭ، ياقتۇرسىڭىز كۆپرەك يەڭ، - دېدى موماي.
زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، چوكىسىنى چىقىرىپ ئازراق كۆكتات قىستۇرۇپ ئاغزىغا سالدى.
تەمى ھەقىقەتەن سۇس ئىدى.
ئۇ كۈچلۈك تەملىك تاماقلارنى يەپ كۈنۈپ قالغانىدى.
كۆزى مەۋلاننىڭ ئالدىدىكى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ماس كېلىدىغان قورۇمىغا تىكىلگەنلىكىدىن، سەل پۇشايمان قىلدى.
ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپلا باشقا قۇرۇمىدىن ئالماقچى بولغاندا، يېنىدىن چوكىنى قويۇلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى.
بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مەۋلان تۇيۇقسىز چوكىسىنى قويۇپ، قولىدىكى ئىستاكاننى چىڭ تۇتۇپ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىۋەتتى.
زۇبەيدەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاچقا مەۋلاننىڭ قۇلىقىنىڭ بارا-بارا قىزىرىپ، يۈز ۋە بويۇنلىرىنىڭمۇ قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆردى.
زۇبەيدە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي پەس ئاۋازدا كۈلۈپ كەتتى.
ئۇنتۇپ قاپتۇ.
مەۋلان ئاچچىق يېمەيدۇ.
تەمى سۇس، ئاچچىق بولمىغان تاماقلارنى يەيدۇ.
ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىق نەرسە يېگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان.
ئەمدىلىكتە ئاچچىق يېمەيدىغانلىقىنى ئەمەس، ھەرگىزمۇ يېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.
مەۋلاننىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھالىتىنى كۆرۈش بەك ئاز ئۇچرايدۇ.
ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
زۇبەيدە چوكىنى قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنىلا ئىككى ئادەمنىڭ تامىقىنى ئالماشتۇردى.
موماي توسماقچى بولدى، زۇبەيدە ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ:
- مەن يەنىلا بۇلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن، - دېدى.
موماي ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى، بۇ يەردە، ھەممە ئىشتا نەۋرە كېلىنىنىڭ دېگىنى ھېساب نەۋرە كېلىننىڭ نېمە يېگۈسى بولسا شۇنى يېمىسە بولمايدۇ.
خىزمەتكار مەۋلانغا يەنە بىر قېتىم چاي قۇيۇپ بەردى، مەۋلان بۇ قېتىم بىر يۇتۇم ئوتلاپلا ئىستاكاننى قويۇپ:
- قورسىقىم تويدى. - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ تاماق يېيىش ھەرىكىتى سەل توختىغان بولسىمۇ، لېكىن بېشىنى كۆتۈرمىدى.
خاسىيەت پەس ئاۋازدا:
- ئاران تەستە تاماققا كەلدىڭ، قانچىلىك يېدىڭ، مۈشۈكتىنمۇ ئاز يەمسەن؟ - دېدى.
- نېمىگە كۆزۈڭنى ئالايتىسەن؟ سېنى تاماق يېسۇن دەپ قويغانغا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سېنىڭ چىرايىڭغا قاراپ تاماق يېيىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئاچچىق قۇرۇمىنى چوقۇم يەيسەن دەپ بويۇنۇڭ بېسىپ تۇرۇپ يۈرگۈزدۈممۇ! - موماينىڭ مەۋلانغا تەنبىھ بەرگەن سۆزلىرى ئارقا - ئارقىدىن قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايلا چىقتى.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ مىجەزىدىن ئەنسىرەپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
نەتىجىدە مەۋلان قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، چوكىنى قايتىدىن قولىغا ئالدى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن، موماي قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ مەۋلاننى كۇتۇپخانىغا چاقىردى.
زۇبەيدە خىزمەتكارلارغا ياردەملىشىپ ئاددىيغىنە يىغىشتۇرۇشۇپ بەردى. لېكىن خىزمەتكارلار ئۇنى ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۈندىدى.
زۇبەيدە مېھمانخانىغا چىقىپ، ۋاقىتقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سافادا ئولتۇرغان خاسىيەتكە قاراپ:
- ئاپا، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، مەن قايتاي ، - دېدى.
خاسىيەت باي ئائىلىنىڭ كېلىنى، مىجەزى ئېسىل، يۈرۈش-تۇرۇشى نەپىس ، سالاپەتلىك، ئەزەلدىن ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان چىراي ئىپادىسىدە بولمايدۇ ھەم ئېغىر گەپنىمۇ قىلالمايدۇ.
زۇبەيدەنىڭ كېتىدىغىنىنى ئاڭلاپ، پەس ئاۋازدا:
- مەۋلاننىڭ بىللە كېتىشىنى ساقلىمامسىز؟ - دېدى.
زۇبەيدە سەل تۇرۇپ قالدى، مەۋلان بىلەن بىللە ماڭامدۇ؟
بەلكىم ئۇ يالغۇز يۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ھازىرغىچە، ئۇ ئەزەلدىن مەۋلان بىلەن جۈپ بولۇپ مېڭىشنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ كۆڭلىدە مەۋلاننىڭمۇ بۇنداق ئويى يوقلۇقىنى بىلىدۇ.
شۇڭا ئېڭىشىپ سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ، سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بولدى، ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلدۇق، ئۇنىڭ بىردەمدىن كېيىن باشقا ئىشى بولۇشى مۇمكىن. - دېدى.
خاسىيەت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەپۇ سوراش نەزىرىدە قارىدى.
ئوخشاشلا ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توردىكى گەپلەرنى ئۇمۇ كۆردى، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق ئىشتا زىيان تارتىدىغىنى قانداقلا بولمىسۇن ئايال كىشى، ئەگەر ئۇنىڭ ھېلىقى ئەبلەخ ئوغلى بولمىغان بولسا، زۇبەيدەمۇ بۇنداق چوڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمىغان بولاتتى.
لېكىن، مەۋلاننىڭ يەنە بىر ئامالى بار ئىدى، ھەرقانچە كۆپ سۆزلىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
- زۇبەيدە، بەزىدە ئەرلەر ھېسسىيات ئىشىدا ھامان بىر ئاز سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، ئۇ تېخى ياش، بەزى ئىشلارنى ئاز-ئازدىن ھېس قىلىپ چۈشىنىشى مۇمكىن، مەن سىزنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن يەنە چىداڭ، بەلكىم بالا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. - دېدى خاسىيەت.
زۇبەيدە خاسىيەتنىڭ ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ:
- ماڭا بۇلارنى دېگىنىڭىزگە رەھمەت، بىلدىم، - دېدى.
خاسىيەت بېشىنى لىڭشىتتى، زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەمىسە مەن ماڭاي. - دېدى.
- يولدا ئېھتىيات قىلىڭ... - دېدى خاسىيەت.
- بولىدۇ. - دېدى زۇبەيدە.
مومايدىن يەنە بىر قېتىم تەنبىھ ئاڭلىغان مەۋلان موماينىڭ تىللاشلىرىغا ئادەتلىنىپ قالغاندەك ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرى.
بىر ئازدىن كېيىن ئىككىلىسىنىڭ چىرايى قارىداپ سەتلىشىپ بىنادىن چۈشتى.
- زۇبەيدەچۇ؟ - دەپ سورىدى موماي مېھمانخانا ئۆينىڭ ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ.
- ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇراي دەپ كېتىپ قالدى، - دېدى خاسىيەت.
مەۋلاننىڭ قاپقارا كۆزلىرى سەل-پەل مىدىرلىدى، قاش-كۆزلىرى تۈرۈلۈپ تۇتۇلۇپ كەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ موماي سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئورنىمۇ يوقكەن، يەنە تېخى ئۆزىنى تېپىلماسنىڭ خورمىسىدەك ھېس قىلىپ يۈرىدۇ! - دېدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ:
- بۇنىڭدىن كېيىن ئىشىڭىز بولمىسا تېلېفون قىلىپ چاقىرماڭ. - دېدى .
مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇدۇل ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
مەۋلاننىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خاسىيەت ئامالسىز ئۇھ تارتىپ:
- ئاپا، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئىشىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن، مەۋلاننى كۆرسىڭىزلا تەنبىھ بېرىسىز، بۇنداق بولۇۋەرسە، ئەكسىچە ئىش بولۇپ قالىدۇ ، - دېدى.
موماي ئۇھسىنىپ قويدى، چىرايىدىن ئىلاجىسىزلىق چىقىپ تۇراتتى.
- مەن بۇنى نېمىشقا بىلمىگۈدەكمەن؟ لېكىن، بىر ئايال كىشى زادى قانچىلىك سەۋىرچان بولغاندا ئاندىن ئۇنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟ مەن مەۋلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن... زۇبەيدەنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ قېلىشىدىن ، ئۇنىڭغا مۇھەببىتى قالماسلىقىدىن تېخىمۇ قورقىمەن، قانداق قىلسام ياخشى بولار؟ - دېدى.
خاسىيەتمۇ بىردەم جىمىپ قالدى، چىرايى تېخىمۇ پەرىشان بولۇپ:
- لېكىن بىز بەك كۆپ باشقۇرۇپ كەتتۇق، مەۋلان بەلكىم زۇبەيدەگە قىزىقماسلىقى مۇمكىن... - دېدى.
- بولدى، ئەمدى كارىم يوق، ئۇ ئەبلەخنىڭ بۇ تۇرقىدىن قارىغاندىمۇ، مەن ھەرقانچە كۆپ سۆزلىسەممۇ بىكاركەن! - دېدى موماي
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar