كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
56 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
57 -قىسىم
57-قىسىم ئەتە كۆرۈشەيلى!
ئىككىنچى كۈنى.
زىلالە ئەتىگەندىلا مۇزىكا ئۆمىكىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولۇپ مېترو بېكىتىدىن چىققاندا ئايگۈل بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
- زىلالە! - ئايگۈل يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلاپ، - ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز، يېقىندىن بۇيان مۇزىكا ئەترىتىدە سىز يوق، بەك زېرىكىپ كەتتىم. - دېدى.
ئايگۈل يەنە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ، سەل ئىككىلىنىپ :
- توغرا، زىلالە، ئاڭلىسام جەسۇر دىرېكتورنىڭ شىركىتىدىن چاتاق چىقىپتۇ، ئېغىر ئەمەستۇ؟ - دەپ سورىدى.
- چوڭ ئىش يوق، - دېدى زىلالە تەلەپپۇزىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، - ناھايىتى تېزلا ھەل بولىدۇ، - دېدى.
مېتروغا ئولتۇرۇپ كەلگۈچە، زىلالەمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرگەن.
بۇ قېتىم جەسۇرنىڭ شىركىتىنىڭ مەسىلىسى خېلى ئېغىردەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئەركىن ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشىمۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
جەسۇرئەركىن ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى ۋە تەسىر كۈچى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، كىرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا تېزلا ياردىمى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقانلىقىنى كۆرگەن ئايگۈل ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ:
- چوڭ ئىش بولمىسىلا بولدى، - دېدى.
ئىككىيلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ مۇزىكا ئەترىتىگە كەلدى، زىلالە ئايگۈلگە ئۆزىنىڭ جەسۇر بىلەن ئاجرىشىدىغان ئىشىنى تىلغا ئالمىدى.
زىلالە سومكىسىنى ئىشخانىسىغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە چىقىپ ئۆمەك باشلىقىنى ئىزدەپ تىزىمغا ئالدۇردى.
ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۆمەك باشلىقى ھەيران قېلىپ:
- مەن تېخى سىزنى ۋېنادا چوڭ مۇزىكا ئۆمىكى بىلەن توختاملىشىپ قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن! - دېدى.
- قاراڭ، مۇزىكا ئەترىتىمىزنىڭ مۇھىتى ياخشى تۇرسا، قانداقمۇ كۆزۈم قىيسۇن؟ - دېدى زىلالە.
- زىلالە، سىز بەك راستچىل ئىكەنسىز. - دېدى ئۆمەك باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، - ئەگەر باشقا مۇزىكانتلار سىزدەك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا، چوڭ مۇزىكا ئەترىتىدە قېلىشنى تاللايتتى، - دېدى.
- سىز مەندىن بىزار ئەمەسسىز؟ - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.
- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دېدى ئۆمەك باشلىقى قاقاقلاپ كۈلۈپ، - سىزدەك مۇزىكانتنىڭ مۇزىكا ئەترىتىمىزدە قېلىشى، ئۆمەكنىڭ شەرىپى. - دېدى.
- بەك تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭىز. - دېدى زىلالە.
- سىز مۇشۇنداق دېگەندىكىن، مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم. - دېدى ئۆمەك باشلىقى ئۈستەلدىن بىر پارچە ئويۇن قويۇش توختامىنى ئېلىپ، زىلالەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - بۇ ئويۇننى سىزگە تاپشۇردۇم، - دېدى.
زىلالە توختامنى ئېلىپ تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، ئەركىن ئائىلىسى سارىيى دېگەن خەتنى كۆرۈپ، يېنىك چۆچۈپ:
- ئەركىن ئائىلىسىنىڭ پائالىيىتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، توختامنى ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئىمزالىغان، - دېدى ئۆمەك باشلىقى زىلالەنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ سەل غەلىتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا، - بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق؟ - دەپ سورىدى.
- ياقەي! - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، - ئەمىسە مەن ھازىرلا بېرىپ تەييارلىق قىلاي. - دېدى.
ئۇ مۇزىكا ئەترىتىدە خىزمەت قىلغاندىكىن، ئۆمەكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىسا بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، قارشى تەرەپ توختامنىمۇ ئىمزالاپ بوپتۇ، ئەگەر ئۇ بارمىسا، مۇزىكا ئەترىتى توختامغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
توختامدا كونكرېت توختام تۈزگەن تەرەپ ئېنىق يېزىلمىغان، قارشى تەرەپ بەلكىم ئەركىن ئائىلىسى سارىيىدىن ئورۇن ئىجارىگە ئالغان بولۇشى، ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، راستتىنلا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بايۋەچچىسى بولغان جەسۇر بۇنداق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدەك كىچىك ئىشلارغا قاتناشماسلىقى مۇمكىن.
مۇزىكا ئەترىتىنىڭ سودا ئويۇنىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوق.
بۇنداق خىزمەت مۇزىكا كېچىلىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاددىي، ئىش ھەققىمۇ كۆپ.
كۈي سۆيەر ئوركېستىرىدەك چوڭ ئوركېستىر ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئۈچۈن بولسىمۇ، كىچىك توختاملارنى قوبۇل قىلىشتىن خالى بولالمايدۇ.
خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىسا مەسىلە چىقمايدۇ.
مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئىسكىرۇپكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغاچقا، بۇ خىل خىزمەتكە ئەسلىدىمۇ ئۇ مەسئۇل بولۇشى كېرەك . ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ خىزمەت تاللايدىغان سالاھىيىتى يوق.
ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زىلالە دەرھال ئۆمەكتىن يەتتە-سەككىز مۇزىكانتنى تاللاپ، كىچىك تىپتىكى مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللىدى.
ئاندىن، ئۆزى ئەترەتنى باشلاپ ئەركىن ئائىلىسى سارىيىغا كەلدى.
قارشى تەرەپنىڭ خىزمەتچىلىرى ناھايىتى تەكەللۇپ قىلىشىپ، بىر نەچچەيلەننى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق زالنىڭ ئارقا سۇپىسىغا ئېلىپ كېلىپ:
- ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئەتە كەچ سائەت يەتتىدە ئېچىلىدۇ، بۈگۈن سىلەرنى مودېللار بىلەن بىرلىكتە رېپېتىتسىيە قىلىپ، ئويۇن قويغاندا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدۇق، - دېدى.
- چاتاق يوق. - دېدى زىلالە بىلىكىدىكى سائەتكە قاراپ قويۇپ، - نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ - دېدى.
ئويۇننىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەق مەيداننى كۆرۈپ، ئاندىن مۇزىكانتلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىشى كېرەك.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ. - دېدى خىزمەتچى خادىم ئەدەپ بىلەن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، - مەن بىلەن مېڭىڭ. - دېدى.
ئىككىيلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانىغا كەلدى، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
زىلالە ئەتراپقا تەپسىلىي قاراپ، كۆڭلىدە ئېنىق سان پەيدا بولۇپ:
- بولىدۇ، بىز بىردەمدىن كېيىن ئىشلارنى كېلىشىۋالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ئورنىمىزغا كېلىپ بولىمىز، - دېدى.
ئىككىيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر توپ ئادەم ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانىغا كەلدى.
ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى ياش قىز بولۇپ، قارىماققا زىلالەدىن نەچچە ياش چوڭ كۆرۈنەتتى.
قىسقا چاچلىق، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى.
بۇ چاغدا، ياش قىزمۇ زىلالەگە دىققەت قىلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يېتىپ كەلدى.
- بۇياق كۈي سۆيەر ئوركېستىردىكى زىلالە خانقىز ، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئوركېستىرى مۇزىكا ئورۇنلاشقا مەسئۇل، - دېدى خىزمەتچى خادىم كۈلۈپ تۇرۇپ ئىككىيلەننى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇپ، - زىلالە خانقىز، بۇ بىزنىڭ JS ئۈنچە-مەرۋايىتىمىزنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى مۇيەسسەر خانقىز. - دېدى.
- زىلالە؟ - دېدى مۇيەسسەر ئۇنىڭغا يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ، - پاگانىنى خەلقئارا ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى زىلالە بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- مۇيەسسەر خانقىزنىڭمۇ بۇ خىل مۇسابىقىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، - دېدى زىلالە.
- راستتىنلا سىزمۇ؟ - دېدى مۇيەسسەر ھەيرانلىق ئىچىدە، - ھەقىقەتەن چوڭ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. - دېدى.
- بەك تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭىز. - دېدى زىلالە كەمتەرلىك بىلەن، - بۇ پەقەت بىر قېتىملىق كىچىك مۇسابىقە، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. - دېدى.
- پاگانىنى مۇسابىقىسىنى ئىسكىرىپكا ساھەسىدىكى ئوسكار دېيىشكە بولىدۇ، زىلالە خانقىز بەك كەمتەركەنسىز، - دېدى مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى ئۇزارتىپ، - كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز. - دېدى.
زىلالە ئوڭ قولىنى سوزۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قولىنى يېنىك تۇتۇپ:
- بىزگە كۆپرەك غەمخورلۇق قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ ، - دېدى.
ياندىكى خىزمەتچى خادىم :
- مۇيەسسەر خانقىز، بۇ يەردىكى بارلىق خىزمەتلەر تەييار بولدى، سىزنىڭچە قاچان باشلىساق بولار؟ - دەپ سورىدى.
مۇيەسسەر بىلىكىدىكى سائەتكە بىر قاراپ:
- ئون مىنۇتتىن كېيىن، زىلالە خانقىز تەرەپتە چاتاق يوقتۇ؟ - دەپ سورىدى.
- چاتاق يوق. - دېدى زىلالە.
- بولىدۇ، 10 مىنۇتتىن كېيىن رەسمىي رەپىتىس قىلىمىز. ئەمىسە مەن بېرىپ ئورۇنلاشتۇراي، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى! - دېدى مۇيەسسەر زىلالە بىلەن خوشلىشىپ، بۇرۇلۇپ يان تەرەپكە ئۆتۈپ رەپىتىس قىلىشقا تەييارلىق قىلدى.
زىلالەمۇ ئارقا سەھنىگە قايتىپ كېلىپ، ئايگۈل قاتارلىق بىر نەچچە مۇزىكانتنى نەق مەيداندىكى مۇزىكا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، رېپېتىتسىيە قىلىشقا تەييارلىق قىلدى.
مودېللارنىڭ ھەممىسى كەسپى مودىل، زىلالە باشلاپ كەلگەن مۇزىكانتلارمۇ كەسپى مۇزىكانتلار.
ئاددىيلا رېپېتىتسىيە قىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسىسى ناھايىتى تېزلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى.
گۇگۇم ۋاقتىدا، رېپېتىتسىيە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.
مۇيەسسەرمۇ بۇ سۈرئەتتىن ناھايىتى رازى بولغاندەك قىلاتتى، كۈلۈپ تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ:
- كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، بۈگۈنكى رەپىتىسىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى، كۆپچىلىك بۈگۈن كەچ ياخشى ئارام ئېلىۋالساڭلار، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن گىرىم قىلىپ رەپىتىس قىلىمىز. - دېدى.
مودېللار ئارقا سەھنىگە چىقىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى، زىلالە قاتارلىقلارمۇ چالغۇلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، كېتىشكە تەييارلاندى.
- زىلالە خانقىز! - مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ كېلىپ، - بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالسام بولامدۇ؟ - دېدى.
- ئەلۋەتتە. - دېدى زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، - ئايگۈل، سىلەر قايتىپ تۇرۇڭلار، مەن مۇيەسسەر خانقىز بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپ ئاندىن ماڭاي، - دېدى.
ئايگۈل قاتارلىقلار كېتىپ قالدى، مۇيەسسەر زىلالەنى ئۆزىنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ ، بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى زىلالەگە سۇنۇپ:
- ئەمدى سورىماقچى بولغان سوئالىم، سەل تەنتەكلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر زىلالە خانقىز جاۋاب بېرىشنى خالىمىسىڭىز، جاۋاب بەرمىسىمۇ بولىدۇ. - دېدى.
زىلالە گۇمانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ:
- سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ - دېدى.
مۇيەسسەر بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- كەچۈرۈڭ، زىلالە خانقىز سىز تيەننىڭ شىركىتىدىكى ئوسمان ئەپەندىنىڭ قىزى بولسىز توغرىمۇ؟ - دېدى.
زىلالە قارشى تەرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنى سورىغانلىقىنى بىلمەي، سەمىمىيلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بۇ ... بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغاندۇ؟ - دېدى.
- ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، خاتا چۈشەنمەڭ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ... - دېدى مۇيەسسەر لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ، - مەن سىزدىن بىر ئادەمنى سۈرۈشتۈرمەكچى، ئۆمەر سىزنىڭ ئاكىڭىز شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar