گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 91-قىسىم _ تەكشۈرۈش

文摘   小说   2024-10-24 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 28 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685




90





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

91-قىسىم

 





91-قىسىم

 تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش



زۇبەيدەنىڭ قەدىمى   ئاستىلاپ، ئۆز ئورنىدا توختاپ قالدى.

قولىدىكى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى چىڭ سىقىمدىدى.

ئۇ ھەقىقەتەن... ھەر قانداق ئارزۇدا بولۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

بولمىسا ئاخىرىدا كۈلكىگە قالىدىغىنى مەڭگۈ ئۆزى بولىدۇ.

مەۋلان ئۇنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە مىدىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ:

- نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز! تېز ماشىنىغا چىقىڭ. - دېدى.

زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، تېخى ئېسىنى تاپماي تۇرۇپلا،  قەدەملىرى ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.

 - سىز... نېمىشقا... - دېدى. 

مەۋلان  بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ،يەنە بىر قولىنى ماشىنىنىڭ دېرىزىسىگە قويۇپ، بېشىنى يانغا بۇرالدى،   قاپقارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ :

- ئىزىلەڭگۈ، - دېدى.

 تاقەتسىزلىك بىلەن بۇ بىر ئېغىز گەپ قىلدى، ئەمما كېيىنكى سېكۇنتتا  ماشىنىدىن چۈشۈپ زۇبەيدەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئورنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئولتۇرغۇزدى.

زۇبەيدە پۈتۈن جەرياندا ئامال بار ماسلىشىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن قورسىقىغا تېگىپ كېتىشىدىن ساقلاندى.

لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنداقمۇ بولمىدى.

مەۋلاننىڭ ھەرىكىتىنى مۇلايىم دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر قانداق خەتەرلىك ئېھتىماللىقتىن دەل جايىدا ئۆزىنى قاچۇردى.

ماشىنىنىڭ ئىچى يەنىلا ئىللىق ئىدى، مەۋلان  ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇپ، يەنە بۇرۇلۇپ شوپۇر ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

 قولىنى سوزۇپ زۇبەيدەنىڭ بوينىدىكى تېخى باغلىمىغان شارپىنى تارتىپ ئالدى، ھەرىكىتى سەل مۇلايىم ئىدى.

 زۇبەيدە نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك كۆڭلى سەل بىسەرەمجان ئىدى. راست گەپنى قىلغاندا، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى.

تۇيۇقسىز مەۋلان ئېڭىشىپ كەلدى.

تونۇش كۈچلۈك نەپەس يۈزىگە ئۇرۇلدى، زۇبەيدە شۇ ھامان نەپەس ئېلىشتىن توختاپ بەدىنىنى ئورۇندۇققا چاپلاپ ئولتۇرۋالدى، بىر جۈپ كۆزى ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

مەۋلان ناھايىتى تېزلا يۇيۇنۇپ چىققاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى   يۇيۇش بۇيۇمىنىڭ پۇرىقىغا بەدىنىدىكى  ئەسلىدىكى ئازراق سالقىن پۇراق قۇشۇلۇپ،  بىر مەھەل كاللىسى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

ئەمما مەۋلان قولىنى سوزۇپ، يېنىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتىپ، بەدىنىنى ئايلاندۇرۇپ، قاراس-قۇرۇس قىلىپ قۇلۇپلاپ تاقاپ قويدى.

ئاندىن يەنە قولىنى كۆتۈرۈپ، بىخەتەرلىك  تاسمىسىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ چىققان قورسىقىدىن سەل يىراقلاشتۇردى.

بۇ خىل ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان ھەرىكەت زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىنى بىردىنلا ئىللىتتى،  خۇش بولۇپ ھاياجانلىنىشقا قانداقتۇر نامەلۇم كەيپىياتلار ئارىلىشىپ كەتتى.

مەۋلان ئۇنىڭغا  كۆڭۈل بۆلدى.

ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا دىققەت قىلدى.

 بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ قورسىقىنى بوغۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدى...

ئۇ ئىزچىل مەۋلاننىڭ بۇ بالىغا زادى قانچىلىك مۇھەببىتى بارلىقىنى بىلمەيتتى.

ئەينى چاغدا، مەۋلان ھەقىقەتەن بالىنى ئالدۇرۋېتىشىنى ئېيتقان، ھەتتا بىزار بولغان...

ئەمما بۈگۈنكى ئىشىدىن قارىغاندا،  ئۇنچىۋالا  بىزار بولغاندەك قىلمايتتى ...

زۇبەيدە  لېۋىنى يېنىك چىشلەپ، ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي بىلەلمىدى.

ئەمەلىيەتتە مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

 ئۇ... پەقەت مۇشۇنداق قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنداقلا  بۇنچە كۆپ ئويلاپ كېتىشنىڭ نېمە  ھاجىتى؟ دەپ قارايدۇ.

 مەۋلان زۇبەيدەنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تۈزەشتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، كۆزىنى ئېچىپ :

  - ئىش قىلغاندا بۇنداق ئىزلەڭگۈلۈك قىلسىڭىز، شىركەتتىكى شۇنچە كۆپ خىزمەتچىنى باشقۇرۇشتىن خىجىل بولامسىز؟ - دېدى. 

زۇبەيدە لىۋىنى چىڭ يومۇپ،  ئەر كىشىنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈشى ئۈچ سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن دەپ ئويلىدى.

 - مەن شىركەتتە بۇنداق ئەمەس. - دېدى زۇبەيدە.

مەۋلان گەپ قىلماي، ئۇنىڭغا بىر نەچچە سېكۇنت تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ، ماشىنىنى قوزغاتتى.

  - مەن بۈگۈن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش قىلغىلى بارىمەن!  - دېدى زۇبەيدە.

مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپ:

- ھە، مەن سىزنى ئىشقا ئاپىرىپ قويىمەن. - دېدى. 

زۇبەيدە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ:

 - مەۋلان... بۈگۈن مېنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان كۈنۈم.  - دېدى.

 ماشىنا ئاستا-ئاستا قوزغالدى:

- قارىسام سىزگىمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرىدۇ. - دېدى مەۋلان.

- سىز... ماشىنىنى توختىتىڭ! - دېدى زۇبەيدە.

زۇبەيدە سەل خاپا بولۇپ قالدى،  تۈنۈگۈن قورقۇپ بالىغا بىرەر تەسىرى بولغان  - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىسا قانداق بولىدۇ؟!

مۇزەپپەر مۇدىرمۇ شۇنداق ئېغىر گەپ قىلدى، ھەتتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىمۇ  ئالدىغا سۈرگەن تۇرسا، ئۇ  بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمىدى دەيدۇ...

ئەمما مەۋلان قانداقمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىسۇن، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

زۇبەيدە ماشىنانىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى تەرەپكە ياكى مەۋلاننىڭ گۇرۇھى تەرەپكە قاراپ ماڭمىغانلىقىنى بايقىغان چاغدا،  چىرايى سەل-پەل ئۆزگەردى.

ماشىنا ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلگەندە، چىرايى ... بايىقىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى.

 بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ، شارپىسىنى تاقاپ بولغۇچە، مەۋلان ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى.

ئۇ سوغۇق چىرايى بىلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلاننىڭ كېلىشكەن چىرايىغا قارىدى.

مەۋلان ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ،  بويى ئېڭىكىگە كېلىدىغان زۇبەيدەگە قارىدى، شۇ تاپتا زۇبەيدە ئۇنىڭغا بىزارلىق بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.

مەۋلاننىڭ لېۋىنىڭ بۇرجىكى ئىختىيارسىز تارتىشىپ سۇس كۈلۈمسىرىدى، ئەمما يەنىلا قوپاللىق بىلەن:

  - نېمىگە قارايسىز؟ - دېدى.

زۇبەيدە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، تۇيۇقسىز پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ پۇتىغا  قاتتىق دەسىدى.

ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق مەۋلان قاپىقىنى تۈرۈپ، بېلىنى سەل ئېگىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىدى، پۇتىنى بىر نەچچە قېتىم سىلكىۋېتىپ، ئاندىن زۇبەيدەگە قارىدى.

ئەمما زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ بىر ئاز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، بۇ... دەسسەيدىغان دەسسەپ، يەنە خاپا بولۇۋاتامدۇ؟

ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، پۇتىدىكى پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم ئاياغقا قارىدى، ئۈستىدە  ئاياغ ئىزى بار ئىدى،  ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

 - ساراڭ خوتۇن، - دېدى. 

- خوپ بوپتۇ! 

 زۇبەيدە ئاغزىنى ئاچقىنىچە بىر ئېغىز گەپنى تاشلاپ قويۇپ،   يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

كىم ئۇنى بىكاردىن-بىكار  يول بويى خاپا قىلسۇن دەپتۇ.

مەۋلان يەنىلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

زۇبەيدە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، سۇس كۈلۈمسىرىدى.

ئىشىكتىن چىققاندىلا باشلانغان گۇمانى ھازىر تولۇق ئىسپاتلاندى.

گەرچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى  سەل ناچار بولسىمۇ،  چىن كۆڭلىدىن ئۇنىڭ تۇغۇتتىن تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولۇشنى ئويلاپتۇ.

دوختۇرخانا ئەزەلدىن ئادەم ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي.

بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئادەم سانى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرتىدىغانلار، بىمارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، بىمارلارنى يوقلايدىغانلار، ئىشتىن چۈشىدىغان دوختۇر-سېستىرالار، ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشقا چىقىدىغانلار دېگەندەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەم بەك كۆپ ئىدى.

مەۋلان ھەيدىگەن ھەشەمەتلىك ماشىنا تەبىئىيلا بىر قىسىم كىشىلەرنى جەلپ قىلىۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋلاننىڭ تاشقى قىياپىتى ئالاھىدە، سالاپەتلىك، ئۆزىمۇ بۇ شەھەردىكى داڭلىق شەخس ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ ماشىنادىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان كۆزلەر تېخىمۇ كۆپەيدى.

زۇبەيدە ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇيۇقسىز پۇتىغا بىرنى دەسسىدى، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

كۆپچىلىك زۇبەيدەنىڭ مەۋلاننىڭ پۇتىغا دەسسىگەندە پەيلىنىڭ يامانلىقى كۆرۈپ ھەيران قالغان بولسا،   ئەمما ھامىلدار ئايال قانچىلىك كۈچى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ ئامراق خوتۇنلارغا ھەۋەس قىلىشتى.

بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بۇنداق جۈپ-جۈپ بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈشمۇ تەس، زۇبەيدەنىڭ بۇ تۇرقى قارىماققا ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەركىلەپ، ئوينىشىپ قويغانغا ئوخشايتتى.

 - ھەممىسى مەۋلان ئەپەندى بىلەن ئايالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس دېيىشىدىكەنغۇ؟ مەن قارىسام ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ؟ 

 - ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سىرتتىكىلەر قانچىلىك بىلىدۇ دەيسىز؟ 

 - بايلار ئائىلىسىدىكى  ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارلاشنى خالىمايدۇ.   بەزىدە پەقەت كۆرۈپ ھە دەپ قويساقلا بولىدۇ.  - دېيىشتى ئەتراپتىكىلەر.

زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم مۇزەپپەر مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى.

مۇزەپپەر ئورۇندۇققا يۆلىنىپ مۈگدەپ قالغان بولۇپ، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەسنىدى، نەزەر دائىرىسى مەۋلاننىڭ ئۈستىدە بىردەم توختاپ قېلىپ، تۇيۇقسىز كۈلۈپ كېتىپ:

 - بۈگۈنمۇ كەينىدىن چىڭ ئەگىشىپ كەلدىڭىزمۇ؟ نېمە، بىرەرسىنىڭ ئاسانلا بالىنىڭ دادىسىغا  ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟   - دېدى.

مەۋلاننىڭ چىرايى كۆكىرىپ قارىداپ كەتتى.

زۇبەيدە ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، راستىنلا ئالدىغا بېرىپ مۇزەپپەر مۇدىرنى ئۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ:

  - مۇزەپپەر مۇدىر، مەن ھازىر بىۋاستە بېرىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

مۇزەپپەر ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ،  ئوچۇق تۇرغان ئاق خالاتنىڭ تۈگمىگىسىنى ئەتكەچ:

- ئەلۋەتتە بولىدۇ، يۈرۈڭ.  - دېدى.

زۇبەيدە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سەل ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:

- سىز بۈگۈن... - دېدى. 

مۇزەپپەر قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

  - مەسىلە بارمۇ؟ - دېدى. 

زۇبەيدە بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

بۇ چاغدا مەۋلاننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن زۇبەيدەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

مۇزەپپەرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدا، ئىككى سېستىرا ساقلاپ تۇراتتى، مۇزەپپەر مۇدىرنىڭ ئۆزى بىللە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران قېلىشتى.

 - مۇزەپپەر مۇدىر. 

 - مۇزەپپەر مۇدىر. 

 - زۇبەيدە خانقىز 

دەپ سالام قىلىشتى، لېكىن كەينىدىن  ئۈچىنچى ئادەمنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ،  بىر ئاز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، سالاملاشماقچى بولدى، لېكىن ئەرنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

مەۋلان زۇبەيدەنى قۇلتۇقلاپ مېڭىپ:

  - بۇ نېمە قىلغىنى؟ سىزنىڭ   تۇغۇت تەكشۈرۈشىڭىزنى  ئىزچىل ئۇ تەكشۈرۈپ كەلدىمۇ؟  - دەپ سورىدى.

زۇبەيدە سوئالدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:

- مۇزەپپەر مۇدىر ئىزچىل ماڭا مەسئۇل بولۇپ كەلدى.   - دېدى.

مەۋلاننىڭ قاش-كۆزلىرى بىر قەۋەت قېلىن مۇز بىلەن قاپلىغاندەك سوۋۇدى.

مۇزەپپەر ئالدىدا ئىككى قەدەم ئىلگىرى مېڭىپ، ئىككى قولىنى ئاق خالىتىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، قارشى تەرەپتىكى كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ئەرگە قاراپ قويۇپ:

- زۇبەيدە خانىم، تېز مېڭىڭ، كەينىڭىزدە  يەنە ئالدىن كېلىشىپ قويغانلار بار. - دېدى مۇزەپپەر دەل ۋاقتىدا ئېغىز ئېچىپ، مەۋلاننىڭ چىرايىنىڭ تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

 - كەچۈرۈڭ. -  زۇبەيدە دەرھال كەچۈرۈم سوراپ، قولىنى سوزۇپ مەۋلاننى ئىتتىرىۋېتىپ، مۇزەپپەرگە قاراپ ماڭدى.

بىر چەتتە تۇرغان سېسترالار بىر-بىرىگە قارىشىپ،  يوشۇرۇنچە كۈلۈپ، زۇبەيدەنىڭ يېنىغا كەلدى.

مەۋلان بۇ يەرنىڭ دوختۇرخانا ئىكەنلىكىنى، دوختۇرلارنى ئەر-ئايال دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

ئەمما، زۇبەيدەنىڭ يالىڭاچلىنىپ مۇزەپپەرنىڭ ئالدىدا ياتىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا...

ئىچىدىكى غەزەپ بىردىنلا  بېشىغا چىقىپ، قاتتىق ئاغرىپ كېتەتتى.

بولمايدۇ، ئويلاشقىمۇ بولمايدۇ.

 - زۇبەيدە.  - يەنە بىر قېتىم ئەگىشىپ ماڭغان مەۋلان ئۇنى قوپال ئاۋازدا چاقىردى.

زۇبەيدە گۇمانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى، بۇ ئادەم بۈگۈن سەل بىنورمالمۇ قانداق؟

 - نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى زۇبەيدە.

مەۋلان مۇزەپپەرگە سوغۇق قاراپ قويۇپ:

 - بۇ يەرنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، مەن سىزنى باشقا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىمەن. - دېدى.

زۇبەيدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  - مەن ئىزچىل مۇشۇ يەردە  تەكشۈرتۈپ كېلىۋاتىمەن، مېنىڭچە ھېچقانداق چاتاق يوق، ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولسا،  ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، - دېدى. 

مۇزەپپەر يۇشۇرۇنچە كۈلۈپ قويدى. 

زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلانغا قارىدى، كۆزلىرىدە بىر خىل غەلىتە كەيپىيات مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.

مەۋلان لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدى.

 مۇزەپپەر تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختىتىپ، مەۋلانغا قارىدى.

ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا:

 - تولىمۇ ئەپسۇس، مەن يەنە ياتاق تەكشۈرگىلى بارىمەن، زۇبەيدە خانىمغا ھەمراھ بولۇپ تۇغۇت تەكشۈرتۈشى قىلالمايدىغان بولدۇم، سىستىرا بىردەمدىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىشخانامغا ئاپىرىپ بېرىڭ.- دېدى. 

سېستىرا دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - بولىدۇ، مۇزەپپەر مۇدىر. - دېدى.

كېيىن مۇزەپپەر يەنە بۇرۇلۇپ زۇبەيدەگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - كېلەر قېتىم، مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇغۇت تەكشۈرتۈشنى ئىشلەيمەن، - دېدى.

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章