كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
41 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
44 -قىسىم
44-قىسىم
چوقۇم ياشىشىڭىز كېرەك، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ (2)
ئەنۋەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئەركىن ۋە ئوغلى ئابلىكىم تەڭلا كەينىگە بۇرۇلدى.
بىمارلار كىيىمى كىيگەن، چاچلىرى قالايمىقان، قولىدا ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسى كۆتۈرۈۋالغان زىلالەنى كۆرۈپ، ئىككى ئەر سەل چۆچۈپ كەتتى.
- خانىم؟ - دېدى ئەنۋەرمۇ ھەيرانلىقتا، - سىز ... نېمىشقا ئاياغمۇ كىيمەي چىقىۋالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئۆزىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى كۆرگەن زىلالە ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى.
يېقىنلا يەردىكى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنى كۆرۈپ، تېز قەدەملەر بىلەن كېلىپ، ئىشىك دېرىزىسىگە يۈزىنى يېقىپ، ئىچىگە قارىدى.
دېرىزىنىڭ يوچۇقىدىن ئاخىرى جەسۇرنى كۆرەلىدى.
جەسۇر كېسەل كارىۋىتىدا بېشى داكا بىلەن ئورالغان ھالەتتە ياتقان بولۇپ، چىرايى ئاق قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى.
بىراق، ياندىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدا ئۇنىڭ تۈرلۈك بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇ تېخى ھاياتكەن!
راستتىنلا ھاياتكەن!
زىلالە پېشانىسىنى ئەينەككە قويۇپ، يولدىشىنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئىچى سىيرىلىپ كۆزىنى يۇمدى.
بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەنۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- جەسۇرنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.
ئەنۋەرنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا، ئابلىكىم ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:
- خىجىل بولماي سوراۋاتامسىز؟ ئۇكامنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بولدى! - دېدى.
- ئابلىكىم ئەپەندى! - ئەنۋەر ئېتىلىپ كېلىپ، ئابلىكىمنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، - ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، بۇ ئىشتا خانىمنىڭ خاتالىقى يوق! - دېدى.
- نېمىشقا ئۇنىڭ خاتالىقى بولمايدىكەن؟ - دېدى ئابلىكىم ئەنۋەرنىڭ بىلىكىنى سىلكىپ، زىلالەگە بۇرۇلۇپ، - ئەگەر جەسۇر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا، قانداقسىگە بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالاتتى؟ - دېدى.
زىلالە سەل ھودۇقۇپ:
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى.
- نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى ئابلىكىم دىمىقىنى قېقىپ، - ھىم، - سىزچە بۇ ئادەتتىكى قاتناش ۋەقەسىمۇ؟ ساقچىلار ئاللىقاچان تەكشۈرۈپ بولدى، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار باركەن، قەستەن زىيانكەشلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن. - دېدى.
قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن زىلالە:
- دېمەكچى بولغىنىڭىز... جەسۇرغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- سىزنىڭچىچۇ؟ - دېدى ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، - بۇ يەردە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، جەسۇر تىنچ-ئامان ياشاپ كەلگەن، ئەمدىلىكتە بۇنداق ئىشقا يولۇقتى، يەنە سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئەمەسمىكەن! زىلالە، دادىڭىز بىلەن ئاكىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭىز يەتمىگەندەك، جەسۇرغىمۇ زىيانكەشلىك قىلدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
- ئابلىكىم ئەپەندى! - دېدى ئەنۋەر سېسترانىڭ قولىدىكى ئەدىيالنى ئېلىپ، زىلالەنىڭ ئۈستىگە يېپىنچاقلاپ، - بۇ ئىش تېخى ئېنىقلانمىدى، بۇنىڭدا قەيسەرنىڭ قولى بارلىقىنى ھېچكىم جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ قىلغان تەقدىردىمۇ، خانىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز.- دېدى.
- ھېلىمۇ ياخشى ئۇكامنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قاپسىز، مۇشۇنداق گەپمۇ ئاغزىڭىزدىن چىقىرالىدىڭىز! - دېدى ئابلىكىم.
پاق!
ئابلىكىم ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئەنۋەرنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سېلىپ:
- ئۇ بولمىغان بولسا، جەسۇر قانداقسىگە تيەننىڭ شىركىتىگە كىرىپ قالىدۇ؟ ئۇ بولمىغان بولسا، بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلەمتى؟ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە سىز قەيەردە ئىدىڭىز؟ ياردەمچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، خوجايىنىڭىزنىڭ ھالىدىن مۇشۇنداق خەۋەر ئالامسىز؟ - دېدى.
ئەنۋەر گەپ قىلالماي، مۇشتۇمىنى تۈگۈپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.
جەسۇرنىڭ بۇنداق ئىشقا يۇلۇققانلىقىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بىئارام بولدى، ھەتتا ئۆزىنى ئەيىبلىدى.
ئەگەر ئۇ جەسۇرنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان بولسا، بەلكىم جەسۇرمۇ بۇنداق ئېغىر يارىلانمىغان بولاتتى ...
شۇڭا، ئابلىكىم تەرىپىدىن بىر شاپىلاق ئۇرۇلسىمۇ، قارشىلىق كۆرسەتمىدى.
- ئەنۋەر ياردەمچى! - دېدى زىلالە ئەنۋەرنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، - چاتاق يوقتۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەنۋەر بېشىنى يېنىك چايقىدى.
زىلالە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئابلىكىم تەرەپكە بۇرۇلۇپ:
- گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ، ئەنۋەر ياردەمچىنى تەڭلىكتە قويماڭ، بۇ ئىش ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. - دېدى.
ئابلىكىم سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ، ئوڭ قولى بىلەن زىلالەنىڭ بىمارلار كىيىمىنىڭ ياقىسىدىن قاماللاپ:
- زىلالە، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەگەر ئۇكامغا بىرەر ئىشى بولۇپ قالسا، بىرىنچى بولۇپ سىزنى بوش قويۇۋەتمەيمەن. - دېدى.
- ئابلىكىم!
ئەركىن ئالدىغا كېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئابلىكىمنىڭ بىلىكىنى تارتتى.
ئابلىكىم چىشىنى چىشلەپ، زىلالەنىڭ ياقىسىنى بوشىتىپ بىر چەتكە چېكىندى.
ئەركىن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، زىلالەگە ئاستىن - ئۈستۈن سەپسالدى.
ئۇ ئۇنىڭ ئاياغ كىيمىگەن پۇتىغا دىققەت قىلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ۋەقە يۈز بەرگەندە سىزمۇ نەق مەيداندا باركەنسىز، شۇ چاغدا زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ - دەپ سورىدى.
- بىلمەيمەن. - دېدى زىلالە بېشىنى چايقاپ، - مەن پەقەت بىر ماشىنىنىڭ جەسۇر ئىككىمىزگە قاراپ ئېتىلىپ كەلگەنلىكىنىلا كۆردۈم. - دېدى.
- قۇرۇق گەپ! - دېدى ئابلىكىم غەزەپ بىلەن، - ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، نېمىشقا سىز ساق قالدىڭىز؟ - دېدى.
زىلالە كىرپىكلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، جەسۇر يېتىۋاتقان كۆزىتىش ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە تىكىلىپ:
- چۈنكى... جەسۇر مېنى كۈچەپ يىراققا ئىتتىرۋەتتى، - دېدى.
ھايات-ماماتلىق تاللاش ئارىسىدا، جەسۇر تېخىمۇ كۆپ ياشاش ئىمكانىيىتىنى ئۇنىڭغا بەردى.
بۇ نۇقتىنى ئويلىسىلا، زىلالەنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ، نەپەس ئالالماي قالىدۇ.
ئەگەر قايتا تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇ يەردە ياتقان ئادەمنىڭ ئۆزى بولۇشىغا رازىكى، ھەرگىزمۇ جەسۇرنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ.
ئەركىن كۆزىنى يۇمۇپ، زىلالەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، جەسۇرنىڭ كېسەلخانىسىنىڭ دېرىزىسىگە كېلىپ:
- ئەنۋەر، ئۇنى كېسەلخانىغا ئاپىرىپ قويۇڭ. - دېدى.
ئەنۋەر ماقۇل بولۇپ زىلالەنىڭ بىلىكىنى يۆلەپ:
- يۈرۈڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي. - دېدى.
زىلالە يۈزىنى يانغا بۇراپ، دېرىزە ئىچىدىكى جەسۇرغا قاراپ:
- قېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇم بار. - دېدى.
- ھازىر بۇ يەردە تۇرۇشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى يوق. - دېدى ئەنۋەر پەس ئاۋازدا نەسىھەت قىلىپ، - ھېچ بولمىغاندا ئاۋۋال قايتىپ ئاسما ئوكۇل تۈگىگەندىن كېيىن، كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئايىغىڭىزنى كىيىپ ساقلاڭ، - دېدى.
زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۆزىگە سەپسېلىپ، ھازىرقى ھالىتىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.
ئەنۋەر ئۇنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ، كېسەلخانىغا ئاپىرىپ قويدى.
ئەمما يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئاتايىن سېسترانى تەكلىپ قىلىپ، زىلالەنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى تەكشۈرۈپ كۆردى.
سېسترا زىلالەگە ياردەملىشىپ تومۇردىن چىقىپ كەتكەن ئوكۇلنى قايتىدىن سېلىپ، دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈرئىتىنى تەڭشەپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
زىلالە كارىۋات بېشىغا يۆلىنىپ، ئىككى پۇتىنى ئوكۇل سالمىغان قولى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ:
- راستتىنلا... قەيسەر قىپتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- خانىم، ئابلىكىمنىڭ جۆيلۈشلىرىگە قۇلاق سالماڭ. - دېدى ئەنۋەر ئالدىراپ - تېنەپ تەسەللى بېرىپ، - بۇ ئىش تېخىچە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھازىر قەيسەرنىڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق. يەنە كېلىپ... ئەگەر راستتىنلا قەيسەر قىلغان بولسا، نىشاننى سىزگە قاراتماسلىقى كېرەك ئىدى، مېنىڭچە... باشقا ئادەم بولۇشى مۇمكىن. - دېدى.
- خاتالاشتىڭىز. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، - مەن قەيسەرگە نىسبەتەن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. - دېدى.
قىزنىڭ چىرايى چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەشكە تولغان ئىدى.
ئەنۋەر ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز تەسەللىي بەرمەكچى بولدى - يۇ، لېكىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
ھېلىراقتا دوختۇر جەسۇرنىڭ تېخى خەتەردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھېچكىم بىر مىنۇتتىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
زىلالەگە يەنە نېمە دەپ تەسەللىي بېرەلەيدۇ؟
- بىر نەرسە يىمىگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، قورسىقىڭىز چوقۇم ئېچىپ كەتكەندۇ؟ - دېدى ئەنۋەر ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ، - سىز ئاۋۋال ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ، مەن بېرىپ ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي، - دېدى.
زىلالە ياستۇققا يۆلىنىپ بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- بىر نەرسە يېگۈدەك ئىشتىھايىم يوق. - دېدى .
- شۇنداق بولسىمۇ يېمىسىڭىز بولمايدۇ، قان شېكىرىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، - دېدى ئەنۋەر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كارىۋاتنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەپ بېرىپ، - بىر دەم بولسىمۇ ئارام ئېلىۋېلىڭ، يېقىن ئەتراپتا يېگۈدەك نەرسە بارمۇ قاراپ باقاي، - دېدى - دە زىلالەگە رەت قىلىش پۇرسىتى بەرمەي، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
ياستۇققا يۆلىنىپ قالغان زىلالە تولىمۇ روھىسز كۆرۈنەتتى.
ئەنۋەر بايا تىلغا ئالغان ئادەت خاراكتېرلىك قان شىكىرى تۆۋەنلەپ كىتىش ئىشىغىمۇ ئىرەنشىگۈدەك ھالى يوق بولۇپ كاللىسىغا ئابلىكىمنىڭ بايا دىگەن
<دادىڭىز بىلەن ئاكىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭىز يەتمىگەندەك، جەسۇرغىمۇ زىيانكەشلىك قىلدىڭىزمۇ؟>دېگەن سۆزى كىرىۋېلىۋاتاتتى.
ئابلىكىمنىڭ سۆزلىرى قۇلاققا ياقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن،زىلالە بۇ گەپنى خاتا قىلدى دەپ ئويلىمىدى.
كۆڭلىدە
< ئەگەر مەن جەسۇر بىلەن توي قىلمىغان بولسام... ئاشۇ كۈنى ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان بولسام... جەسۇر ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى.
جەسۇرغا ...مەن... زىيانكەشلىك قىلدىم!،>
دەپ ئويلىدى . ۋە ئويلىغانسىرى ئازاپلىنىپ، بارغانسىرى تۈگىشىپ كەتتى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar