گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 95-قىسىم _ سېغىنغان تۇيغۇ

文摘   小说   2024-10-28 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 36 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

95-قىسىم

 




  

95-قىسىم

سېغىنغان تۇيغۇ

زۇبەيدە شۆلگىيىنى يۇتۇۋېلىپ، بايا دېگىنى بويىچە قايتا تەكرارلاپ:

- زە... پەر... - دېدى.    

ئۇنىڭ گېپى تولۇق ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئاغزى  توسۇلۇپ قالدى.

بىرىنچى بولۇپ ھېس قىلغىنى  ئاغرىق سېزىمى بولدى.

جازالاش مەقسىتىدە غەزەپ بىلەن چىشلىۋالغاندەك قىلاتتى.

ئاغرىق دەستىدىن ئېسىنى يىغقاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

 بىر جۈپ كۆزى ھاڭۋېقىشتىن يوغان ئېچىلىپ، پۈتۈن بەدىنى جايىدا قېتىپ قالدى، كۆز ئالدىدىكى  كېلىشكەن چىراينى نەچچە يىلدىن ياقى سېغىنىپ كەلگەنىدى .

چىشلىنىپ قاتتىق ئاغرىغان لەۋلەر شۇ تاپتا   ئەسلى مەقسىتىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى، مەۋلاننىڭ سەل-پەل سوغۇق لەۋلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىندى

يېقىنچىلىق داۋاملاشقان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە زۇبەيدەنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغان كۆزلىرى بىردىنلا تىترەپ، ئاشخانىنىڭ تەكچىسىگە قويۇلغان قوللىرى سەل-پەل چىڭىپ، پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئاستا-ئاستا پەسكە سېرىلىپ مۇقىم تۇرالماي، يەنە ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پېشىنى يېنىك تۇتۇۋالدى.


زۇبەيدە مىدىرلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ئەمەلىيەتتە ئىچىدە جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى زادى بىلەلمىدى.

ئەگەر مۇمكىن بولسا،  قىلچە ئىككىلەنمەستىن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايتتى.

لېكىن ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ جاۋابىنىڭ تۇيۇقسىز مەۋلاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشىدىن ياكى ئۇنى چۈشىدىن ئويغىتىۋېتىشىدىن قوقتى، ئاندىن يەنە بۇنى ئۇقۇشماسلىق دەپ قالسا، قانداق قىلىدۇ؟

بۇنداق مېھىر - مۇھەببەتلىك ئەر خوتۇن بولۇپ ئۆتۈش ئۇنىڭ ئۇزاقتىن كۈتكەن ئۈمىدى.

ئىلگىرى نۇرغۇن كېچىدە،  كارىۋاتتا يېتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋلانغا بولغان ئىنتىلىشىنى قانداق قىلىپ تەلتۆكۈس تۈگىتىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان ئىدى.



بىراق، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلغان كۈنىدىكى ئىشتا  ئۇيقۇچىلىقتا ھېچنېمە ئېسىدە قالمىغانىدى.

ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنىلا رازى بولمىغانىدى.

ئادەم دېگەن مۇشۇنداق،  قانائەت قىلمايدۇ ، ئېرىشكەنسېرى بارغانسېرى ئاچكۆزلىشىپ، غېرىچقا ئېرىشسە، غۇلاچقا كۆز تاشلايدۇ.

مەۋلان قۇچىقىدىكى ئايالنىڭ قېتىپ قالغان تۇرقىغا قاراپ، قوشۇمىسىنى سەل-پەل مىدىرلاتتى،  تۇيۇقسىز  بېلىنى چىڭ قاماللاپ تۇتتى،  كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى.


زۇبەيدە قولىنىڭ قاچانلاردا ئۇنىڭ مەيدىسىگە چىقىپ قالغانلىقىنى بىلمىدى،  سەل-پەل كۈچەپ ئىتتىردى.

يانغا بۇرالغان مەڭزى قىزىرىپ كەتتى.

مەۋلاننىڭ قىزىق ئوتتەك تىنىقى قۇلاق تۈۋىگە ئۇرۇلدى.

بېشىنى سەل پەس قىلىپ:

-  ئۇنداق قىلماڭ... - دېدى. 

 مەۋلاننىڭ مەيدىسىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان قولى تېخىمۇ چىڭىپ، ھەم جىددىيلىشىپ ھەم خىجىل بولدى.

- سىز... بالىمىز... - زۇبەيدە گېپىنى تۈگىتىپلا، بېشىنى تېخىمۇ تۆۋەنگە ساڭگىلاتتى.

مەۋلاننىڭ چىرايى سەل قارىداپ كەتتى، ئۇ ھازىر ئىككىسىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇنى قاتتىق بېسىۋالسا بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ.

مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۈزۈلۈپ قالغىنىنى دېمىسىمۇ، يەنە تېخى باشقىلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا ئېچىپ تاشلانسا، كەيپىياتى قانداقمۇ ياخشى بولاتتى؟

لېكىن، زۇبەيدەنىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تارتىنغان ھالىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن قۇلىقىنى كۆرۈپ، مەۋلاننىڭ كەيپىياتى  ئىختىيارسىز ياخشىلىنىپ قالدى.

ئەزەلدىن جاھاندا ئۆزىنى بىر دەپ بىلىدىغان، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان زۇبەيدەنىڭمۇ مۇشۇنداق چاغلىرى بولىدىكەن.


مەۋلان ئورنىدىن سەل-پەل تۈپتۈز تۇرۇپ، دىمىقىنى قېقىپ، قاپقارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭ يۈزىگە تىكىپ:

 - ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرگە تاماق ئېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، يەنە ئۈستىڭىزدىن تېپىلغان ئۆسەك سۆزلەرنىڭ باش قەھرىماننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە  بېرىلگەن جازا  ... - دېدى.

 -  بايا ...  ئۆزىڭىز  مەندىن  قايتا - قايتا سورىدىڭىزغۇ؟ - دېدى زۇبەيدە.  

مەۋلان كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ:

 - جاۋابىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. - دېدى. 

  -  قانداق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ - دېدى زۇبەيدە.

تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا  بىر قېتىم دېگەن، بايا  يەنە بىر قېتىم ئېنىق قىلىپ دېدى.

مەۋلان ئىچىدە ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ،  يەنە بىر قېتىم سورامدىكىنە...

ئۇنىڭ جاۋابى مەڭگۈ بىرلا، يەنە قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟

- شۇڭا بۇندىن كېيىن ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، بولمىسا جازا مۇشۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، - دېدى مەۋلان. 

 ئاۋازى سەل قوپال ئاڭلاندى،  گېپىنى تۈگىتىپلا  ئۇنى قويۇۋەتتى.

شۇنداق.

مەۋلان بىلىدۇ.

زۇبەيدە كەچلىك قورۇمىلارنى تەييارلىق قىلىۋاتقاندىلا، ھەممىنى بىلىپ بولغان.

لېكىن ئۇ، بىرەر سەۋەب تېپىپ <جازالىماقچى> بولدى خالاس.

شۇڭا زەپەر دېگەن بۇ ئىسىم ياخشى سەۋەب بولدى.

 زۇبەيدەنىڭ ئاغزىدىن گەپ چىقسىلا، ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا تولۇق ئاساس تېپىلىدۇ.

 < زەپەر> دېگەن  جاۋابنى ئۇ ئەلۋەتتە بۇرۇنلا بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى، زۇبەيدەنى ئۆز ئاغزى بىلەن دېيىشكە قىزىقتۇرۇش،  .

دەرۋەقە  زۇبەيدە ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى.

مەقسىتىگە يەتكەن مەۋلان بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويدى.

مەقسەتكە يەتكەنىكەن، كەيپىياتى تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ.

- يەنە مېھمان چاقىرامسىز؟  - مەۋلان تۇيۇقسىز يەنە سورىدى، زۇبەيدە بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

 سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ:

  - مەن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ بولدۇم.  تويۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرسام تازا ياخشى بولمايدۇ، ئۇ راستىنلا مېنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىم ... - دېدى. 

مەۋلان قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

  - شۇڭىچۇ؟ - دېدى. 

زۇبەيدە لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:

 -  چاقىرىمەن.  - دېدى.

- ھىم. - مەۋلان يېنىك دىمىقىنى قېقىپ قويدى، ئۇنىڭ چىرايىدا  غەلىتە بىر خىل كۈلكە جىلۋىلىنىپ، - ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى.

زۇبەيدە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ، بۇ ... ئۇ زادى نېمە دېمەكچىدۇ؟

ئەمما مەۋلان گېپىنى تۈگىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.

زۇبەيدە كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ گاڭگىراپ قالدى، كۆڭلىدە جىددىيلىشىپ ئالاقىزادە بولۇشقا باشلىدى.

لېكىن ئويلاپ باقساق، مەۋلان ئۇنى ساقلاپ تۇرۇڭ دېدى، ئۇنى يەنە قانداق جازالىماقچىدۇ؟

كېيىنكى ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كەتمىدى.

مەۋلان ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرەلەمدۇ؟ جازالايمەن دەپلا جازالىيامتى؟ ئۇ ھازىر ھامىلدار.

زۇبەيدە قېشىنى ئېتىپ، داۋاملىق كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

زەپەردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم شەخسنى ئوبدان كۈتۈش، ئۇنىڭ ئوغلىغا سۈت پاراشوكى ئېلىپ بېرىدىغان پۇل تاپقىنىغا باراۋەر.

ئاشخانىدا يېرىم سائەت ئالدىراش بولۇپ،  ئاندىن پەرتۇقىنى ئېلىۋېلىپ قايتىپ چىقتى.

كۈچۈككە  ئازراق ئىت يېمى ۋە سۇ تولۇقلاپ بېرىپ، سافانىڭ ئالدىدىكى خالتىنى تارتىپ ئېلىپ، ئاددىيلا قاراپ قويۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئىشكاپقا بىر-بىرلەپ تىزىپ قويدى.

ھازىر بىر يۈرۈش بولغاندىكىن ، بۇلارنى ئېلىپ قويۇپ كېيىن ئىشلەتسە بولغۇدەك.

كۆزىنى ئايلاندۇرۇپ ئۆينى بىر ئايلىنىپ چىقتى.

مەۋلانغا تەئەللۇق نەرسىلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن  ھەممىلا يەردە ئىزناسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى.

ئاياغ جازىسىدا  ئايىغى، سافادا  چاپىنى، چاي ئۈستىلىدە  ئىستاكانى بار، پەقەت مۇشۇ كىچىك ئۆزگىرىشلەردىنلا پۈتۈن ئۆي باشقىچە بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.

ئېھتىمال، بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىزناسىنىڭ بولۇشى  بىلەن، زۇبەيدە   ئۆيىنىڭ ئەمدى قۇپقۇرۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە زۇبەيدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، سافاغا يۆلەندى، چىرايىدا سۇس كۈلكە جىلۋىلەندى.

گەرچە مەۋلاننىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆيگە قايتىپ تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن سەۋەبىنى كۆپ ئويلاشنى خالىمىدى.

چۈنكى كۆرسىتىلگەن ھەرقانداق سەۋەبنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايتتى.

بىر دەمدىن كېيىن زۇبەيدە يان تېلېفوننى ئېلىپ، ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىپ شىركەتنىڭ ئالاقىدار ئېلخەتلىرىنى تەكشۈردى، شىركەت ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولمىغان بەزى ھۆججەتلەرنى، مۇئاۋىن باش دېرىكتور بىلەن بىۋاستە يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىدىغان بولدى، ئەگەر ئىختىلاپ چوڭ بولسا، ئاندىن ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالىدۇ.

شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ پوچتا ساندۇقىدىكى ھۆججەتلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس.

تارقاق بىر نەچچە ھۆججەت بولغاچقا، ئۇ بىۋاستە ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورغا چۈشەندۈردى.

ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ، تورغا چىقىپ ھامىلدار ئاياللارغا ماس كېلىدىغان يوگا، سۇ ئۈزۈش ھەرىكەت تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق مەركەزلەرنى ئىزدەپ كۆردى.

بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، ئۇ قايتا-قايتا ئويلاندى.

خېلى ئۇزۇن ماتېرىيال كۆرۈپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلدى.

مەۋلان پەسكە چۈشكەندە، ئۇنىڭ سافادا يان تېلېفونىغا ناھايىتى ئەستايىدىل  بىلەن قاراتقانلىقىنى كۆردى.

 قاش-كۆزلىرى سەل-پەل سۈزۈلدى،  بۇ چاغدا ساپما كەشنى چىشلەپ ئويناۋاتقان كۈچۈك ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم ھاۋشىدى، زۇبەيدە ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغان مەۋلاننى كۆرۈپ، ئازراق چۆچۈپ:

- شىركەتكە بارمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

  - قورسىقىم ئېچىپ كەتتى. - دېدى مەۋلان سوئالغا جاۋاب بەرمەي.

زۇبەيدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سائەت 12 بولاي دەپ قالغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال يانفونىنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

- سەل ساقلاپ تۇرۇڭ،  بېرىپ تاماق ئېتەي. - دېدى.

مەۋلان لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، كۈچۈكمۇ  زۇبەيدەنىڭ كەينىدىن ئاشخانىغا باردى، مەۋلان ئۇنىڭ چاي ئۈستىلىدىكى يانفونىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى سەل-پەل يۇمۇلۇپ، ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىغا ئوغرىلىقچە قاراش ئەلۋەتتە ئەخلاقسىزلىق.

مەۋلان كۆڭلىدە ئەخلاقسىز ئادەملەرنى چەتكە قاقىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلغۇسى يوق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قىزىقىپ قالدى.

ئۇ كەينىدىكى ئاشخانا تەرەپكە بىر قاراپ قويدى، ئاندىن يەنە بۇرۇلۇپ، كۆزىنى قىسىپ تېلېفون ئېكرانىغا قارىدى.

ئېكران يەنىلا يورۇق، ئۈستىدە ھەقىقەتەن بىر مۇنچە مەزمۇن بار ئىدى، ئەمما ئېنىق كۆرگىلى بولمىدى.

مەۋلان ئىختىيارسىز بېلىنى يەنە ئازراق ئېگىپ، يانفوندىكى مەزمۇنلارنى بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا قارىدى، زۇبەيدەنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ،  لىۋىنى چىشلەپ، بۇرنىنى سىلاپ، سافادا ئېڭىشىپ ئولتۇردى.

ئەمدى زۇبەيدەنىڭ سۇ ئۈزۈش سارىيى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدى.

تاماق تەييار بولغۇچە يېرىم سائەت ۋاقىت ئۆتتى.

 - مەۋلان، كېلىپ تاماق يەڭ!   - دېدى زۇبەيدە ئاشخانىدا تۇرۇپلا بىۋاسىتە چاقىرىپ، كۈچۈكمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىككى قېتىم ھاۋشىدى.

مەۋلان ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى.

تاماق ئۈستىلىدىكى ئاددىي ئۈچ قورۇما، بىر شورپا، قارىماققا ناھايىتى چىرايلىق ، ئوخشىغاندەك كۆرۈنەتتى.

ئىختىيارسىز زۇبەيدەگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئولتۇردى.

ئەتىگەنلىك ، چۈشلۈك تاماقنى ئىككى ئادەم بىللە ئولتۇرۇپ يېدى، بۈگۈن بىر كۈن ۋاقىت، گەرچە ئۆيدە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ناھايىتى تېز ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

زۇبەيدە مەۋلاننىڭ چوكىنى ئېلىپ قۇرۇمىدىن ئېلىپ يېگەنلىكىگە قاراپ تۇرۇپ،  ھېچقانداق باشقىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بولدى، ئاندىن سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ قاچىنى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى.

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ يەنىلا سىرتقا چىقىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز:

  - بۈگۈن شىركەتكە بارمامسىز؟ - دەپ سورىدى.

 - بۈگۈن دەم ئالدىم! - دېدى مەۋلان.

- ھە.  - دېدى  زۇبەيدە ، گەپ قىلماي، تېلېفوننى ئېلىپ چۈشتىن بۇرۇن توردىن ئىزدەنگەن مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سورىدى.

مەۋلان ئۆز ئورنىدا بىردەم تۇرۇپ قالدى، سەل قارالغانلىقتىن كەيپىياتى  ناچارلىشىپ:

 - زۇبەيدە.  - دېدى.

- ھە؟  - دېدى زۇبەيدە.

 - تاماق يەپ بولۇپلا ھەرىكەت قىلمامسىز؟  - دېدى مەۋلان.

زۇبەيدە چۈشەنمىگەندەك قاراپ تۇرۇپ قالدى.

- ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىسا بالىغا ياخشى ئەمەس.- دېدى مەۋلان.  

 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章