مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 63-قىسىم_ كونتروللۇقىنى يوقىتىش

文摘   小说   2024-10-26 14:10   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756



6261




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

63 -قىسىم

   

 




63- قىسىم

  كونتروللۇقىنى يوقىتىش (1)


- بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى ئابلكىم لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ،  - ئايال كىشى ئوغلىڭىزنىڭ ياقىسىدىكى ئىلغۇچ، بولسىمۇ بولىدۇ، بولمىسىمۇ بولىدۇ، -  دېدى.   

- شۇنداقمۇ... مېنىڭ ئوغلۇم ئەڭ ئىش ئۇقىدۇ! - دېدى سانىيە كۈلۈپ تۇرۇپ ئابلكىمنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ، - خاتىرجەم بول. ساڭا لايىق كېلىدىغان قىزلاردىن بىرمۇنچىنى تېپىپ بېرىمەن،  ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك، ئەڭ چىرايلىقىنى ئۆزۈڭ تاللايسەن، - دېدى.

ئابلكىم پىخىلداپ كۈلۈپ:

  - بولىدۇ.  - دېدى.

بۇ چاغدا T سەھنىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

زىلالەنىڭ چالغان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە،     مودېل  ئالماس زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، ئاستا-ئاستا T سەھنىگە چىقتى.

نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بۇ بىر يۈرۈش كۆركەم ۋە ئۆزگىچە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتتى.

ئەڭ ئاخىرقى مودېل سەھنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، بۇرۇلۇپ ئوڭ قولىنى كۆتۈردى.

كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش لايىھەلىگۈچى مۇيەسسەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سەھنىگە چىقتى.

نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بەس-بەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى.

سانىيەمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېنىك چاۋاك چالدى.

سەھنىدىكى قىزىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە ئانچە كۆپ خۇشاللىق ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى.

 - ھەي، مۇيەسسەر سېنىڭ يېرىمىڭدەك گەپ ئاڭلىغان بولسا ياخشى بولاتتى!  -  دېدى سانىيە.

- ئۇ تېخى كىچىك، كېيىنچە ئىش ئۇقىدىغان بولىدۇ.  -  دېدى ئابلىكىم.

 -  25 ياشقا كىردى، يەنە كىچىكمۇ، بۇ ياشتا باشقا قىزلار توي قىلىپ بولىدۇ، قىز بالا  ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، 25 ياشتىن ئاشسا پەسكە قاراپ ماڭىدۇ، 30 ياشتىن ئاشسا قېرى قىز بولۇپ قالىدۇ، كىممۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدۇ؟  - دېدى سانىيە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇھ تارتىپ، ـ دەپ باقە، مەن ئۇنىڭغا قانچە ئائىلىنى ئوغلىنى تونۇشتۇرۇپ قويغاندىمەن، بۇ شەھەردىكى ئائىلىمىزغا ماس كېلىدىغان كاتتا ئائىلىلەرنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قۇردىن تونۇشتۇرۇپ بولدۇم، ئۇچۇ... توي قىلغۇم يوق دەپلا ئىشنى تۈگەتتى، ئاچچىقىمدا كېسىلدۈرۈپ قويىدىغان ئوخشايدۇ، - دېدى.

- بۈگۈن مۇيەسسەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، ئىككى ئېغىز گەپنى ئاز قىلىڭ!  -  دېدى ئابلكىم كۈلۈپ تۇرۇپ سەھنىدىكى مۇيەسسەرگە قول پۇلاڭلىتىپ.

ئۇنى كۆرگەن مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

ئابلكىمنىڭ يېنىدا تۇرغان ئاپىسىغا دىققەت قىلىپ، مۇيەسسەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل تەبىئىي بولمىغان چىراي ئىپادىسى پەيدا بولدى،  بىراق  ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە قايتىپ:

 - كۆپچىلىككە رەھمەت!  -  دەپ، سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلارغا سالام بېرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، - كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت،  شۇنداقلا ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  -   دېدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، تاراتقۇلار بەس-بەستە كېلىپ، مۇيەسسەرنى سۈرەتكە تارتىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

زىلالە ئىسكىرۇپكىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كەينىدىكى  ئايگۈل قاتارلىقلارغا قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىپ:

- بولدى، كۆپچىلىك ئارقا سەھنىگە قايتساڭلار بولىدۇ.  - دېدى.

ئۇلارنىڭ خىزمىتى نەق مەيداندا مۇزىكا ئورۇنلاشقا مەسئۇل بولۇش، ھازىر خىزمەت تاماملىنىپ بولدى، شۇڭا تەبىئىيلا سەھنىدىن ئايرىلسا  بولىدۇ.

كۆپچىلىك بىرلىكتە ئارقا سەھنىگە چىقىپ، گىرىمىنى يۇيىۋېتىپ، سەھنە كىيىمىنى ئالماشتۇردى.

 ئايگۈل ئالماشتۇرغان كىيىملىرىنى سومكىسىغا سېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا زىلالەنىڭ يېنىغا كېلىپ:

 -  زىلالە، كۆپچىلىك بىرلىكتە كېچىلىك تاماق يېمەكچى، سىزمۇ بىللە بارامسىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  شۇنداق، زىلالە ئاچا، بىللە بارايلى؟  - 

بىر نەچچە ياش مۇزىكانتمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى تەكلىپ قىلدى.

زىلالە كۆپچىلىككە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

  - سىلەر بېرىڭلار، مەن بارالمايمەن،  مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ  بىلەن ئويۇننىڭ قالدۇق پۇلى توغرىسىدا سۆزلىشىپ باقاي، -  دېدى.   

ئۇنىڭ رەسمىي ئىشى بارلىقىنى بىلگەن كۆپچىلىكمۇ چىڭ تۇرۇۋالماي:

- ماقۇل، ئەمىسە ئۆيگە قايتقاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، بىز ماڭايلى!  -  دېدى.

كۆپچىلىك كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ چىقىپ كەتتى، زىلالە سەھنە كىيىمىنى قاتلاپ سومكىسىغا سېلىپ، ئىسكىرىپكىنى كۆڭۈل قويۇپ يىغىشتۇردى.

ئەمەلىيەتتە، زىلالە ئېيتقان قالدۇق پۇل توغرىسىدىكى ئىش پەقەت باھانە خالاس.

ئالايىتەن كەينىدە قېلىپ، كەچرەك قايتىپ، جەسۇرغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلانماقچى بولدى.

ئۇ سومكىسىنى يۈدۈپ ئارقا سەھنىدىن چىقىپ  جىمجىتلا كەتمەكچى بولدى.

 -  خانقىز! - ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بىر مېھمان ئۇنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،  - ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، مەن مودا ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، سىز بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشسام بولامدۇ؟  - دېدى. 

- كەچۈرۈڭ، مېنىڭ يەنە ئىشىم بار.  -  دېدى زىلالە.

 - ئالدىرىماڭ!  -  دېدى ئەر كىشى قولىنى سوزۇپ ئالدىنى توسۇپ،  -  بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشقانغا بەك كۆپ ۋاقتىڭىز  كەتمەيدۇ.  -  دېدى.

ئەر يانچۇقىدىن كارتا قىسقۇچنى ئېلىپ،  بىر پارچىنى سۇنۇپ:

 - مەن نۇرغۇن تەكشىلىك مودېلىنى كەڭ ئاممىغا تونۇتقان، سىزنىڭ تەقى-تۇرقىڭىز ۋە بەدەن شەكلىڭىزدىن قارىغاندا، ئازراقلا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ قويسام، سىز ناھايىتى تېزلا داڭق چىقىرالايسىز! بۇنداق پۇرسەت ھەممىلا ئادەمنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ!  -  دېدى.

ئەر مۇھەررىر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلمەي، پەقەت ئۇنى ئادەتتىكى مۇزىكانت دەپ قاراپ قالغانىدى.

ئادەتتە بۇ ئەر دائىم ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، چىرايلىق قىزلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.

زىلالە بايا مۇزىكا ئورۇنلاۋاتقاندا،  دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنى بۈگۈن كەچتىكى ئولجىسى دەپ قارىدى.

قارشى تەرەپنىڭ قىياپىتىگە قاراپ، زىلالە بۇ ئادەمنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ:

- كەچۈرۈڭ،  قىزىقمايمەن.  -  دېدى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم كارتىسىنىمۇ ئالماي،  ئەگىپ ئۆتۈپ، جىددىي ھالدا چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

- قىزچاق، ئالدىرىماڭ بولامدۇ؟ - دېدى ئەر مۇھەررىر ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ،  بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، - ئەگەر  بۇ يەرنى ياقتۇرمىسىڭىز،  باشقا يەرگە بېرىپ پاراڭلىشايلى! -  دېدى.

ئەرنىڭ تەرلەپ كەتكەن ئالىقىنىنىڭ تېرىسىگە تەگكەنلىكىنى ھېس قىلغان زىلالە بىردىنلا كۈچلۈك بىزارلىق ھېس قىلىپ، قاتتىق سىلكىپ:

- مېنى تۇتماڭ!  -  دېدى.

 - بۇنداق ھېچ ئىش قىلىپ باقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ، - دېدى ئەر مۇھەررىر قاتتىق  تەلەپپۇزدا، ھەتتا چىرايىمۇ سوۋۇپ كەتتى.

ئارقىدىنلا سوغۇق كۈلۈپ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، قولىنى سوزۇپ زىلالەنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇرۇپ ئالدىغا تارتىپ:

 -   سىلەردەك قىزلارنىڭ  نېمىش قىلىدىغانلىقىنى  بىلمەيدۇ دەپ قالماڭ، قارىماققا ئاق نېلۇپەرگە ئوخشايسىلەر، پۇلنى كۆرسەڭلا ھەممە نېمەڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر، ئالىدىغىنىڭلار پۇلغۇ... قېنى قانچە ئالىسىز... -

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، بىر قول ئېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىرايى قارىداپ:

 - مەينەت قولۇڭنى بوشات!  -  دېدى.

ئەر مۇھەررىر زىلالەنىڭ بىلىكىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭغا يانچە قاراپ قويۇپ، مەنسىتمەسلىك بىلەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- ساڭا دەپ قوياي، تولا ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ، ياخشى ئىشىم بۇزما.. -

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، جەسۇرنىڭ مۇشتى ئېتىلىپ، يۈزىگە قاتتىق تەگدى.

ئەر مۇھەررىر بۇرۇنىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، كۆز ئالدىدا يۇلتۇز چاقنىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كېيىنكى سېكۇنتتا،  يىقىلىپ چۈشۈپ،  ئورۇندۇققا قاتتىق ئۇرۇلدى.

دۈمبىسى ئاغرىپ، شورقىراپ ئېقىۋاتقان بۇرۇنىنى تۇتۇپ:

-  ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ مېنى ئۇرۇشقا پېتىنىۋاتامسەن، مېنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسەن؟  -  دېدى.

جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ بىرنى تەپتى.

خۇرۇم ئاياغ قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە قاتتىق تەگدى، ئەر مۇھەررىر ئېچىنىشلىق چىرقىراپ يەردە ئىككى قېتىم دومىلاپ، ئاغزىدىن شالۋاقلىرى ئېقىپ، قىزىلغا بويالغان چىشى قولىغا چىقىپ قالدى.

بۇ تەرەپتىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئەتراپتىكى مېھمانلار بەس-بەستە كېلىشتى.

جەسۇرنىڭ يەنە ئېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن زىلالە ئىتتىك كېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:

 - بولدى قىلىڭ!  -  دېدى.

-  مۇئاۋىن باش مۇھەررىر!  - 

ئەر مۇھەررىرنىڭ ئىككى دوستى ئۇنى تونۇۋېلىپ، يەردىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.

مېھمانلارمۇ ئەتراپقا توپلىشىۋېلىپ، قىزىقىش بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى باشلىدى.

 - نېمە ئىش بولغاندۇ؟  - 

 - قارىغاندا بىرسى ئادەم ئۇرغاندەك قىلىدۇ!  - 

- ۋېيەي، چىشى چۈشۈپ كېتىپتۇ، ھەقىقەتەن قاتتىق قول ئىكەن...

ئەر مۇھەررىر شۇنچە كۆپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئارىسىدا يەنە ئۆزىنىڭ تونۇشلىرى بولغاچقا، دەرھاللا كۆرەڭلەپ :

- ھۇ سولتەك، ماڭا قارا، دەرھال مەندىن كەچۈرۈم سورا، بولمىسا بۈگۈن كەچ، ئۆزۈڭنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا كۆرىسەن!  -  دېدى.

جەسۇر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا زىلالەگە سەپسېلىپ:

 -  سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟  - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، بېشىنى بۇراپ ھېلىقى ئەر مۇھەررىرگە قاراپ:

- كەچۈرۈڭ، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، داۋالىنىش ھەققىنى مەن تۆلەي.  -  دېدى.

ئىش ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بولدى، جەسۇرنىڭ چېتىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى.

 - داۋالىنىش ھەققى؟ ئاناڭنى، مەندە پۇل  كەممىكەن؟ - دېدى ئەر مۇھەررىر سوغۇققىنە ھۆركىرەپ، جەسۇرنى  كۆرسىتىپ تۇرۇپ،  -  ئۇ كېلىپ كەچۈرۈم سورىسۇن، -  دېدى.   

مۇيەسسەر ياردەمچىسى بىلەن كىشىلەر توپىغا قىستىلىپ كىرىپ، جەسۇر بىلەن زىلالەنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:

- بۇ... زادى قانداق  ئىش؟ - دەپ سورىدى.






  


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章