كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
59 | 58 | 57 | 56 | |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
60 -قىسىم
60- قىسىم
بالىنى ئالدۇرۋېتىش؟ ! (2)
بايا زىلالەنىڭ ئالاقزەدە بولۇپ كەتكەن ھالىتىنى ئېسىگە ئالغان زىبارە ئېغىر ئۇھسىنىدى.
كىمدىن ئاغرىنىدۇ، بۇرۇن زىلالە بىلەن جەسۇرغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟
تەكشۈرۈش قەغىزىنى سومكىسىغا سالغان زىبارە غەمكىن ھالدا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقتى.
تاكسى توسۇپ، ئەكبەرنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كەلدى.
زۆھرە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقماقچى بولۇپ تۇرغاندا، لىفىتتىن چىقىۋاتقان زىبارەنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قەدىمىنى توختىتىپ:
- ئەمدى خوش بولغانسىز، - دېدى.
زىبارە چۆچۈپ كېتىپ:
- نېمە دېمەكچى سىز؟ - دېدى.
- نېمە دېمەكچى سىز؟ - دېدى زۆھرە سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ، - زىلالە ئىككىمىزنى بەكلا ساددا، ئەخمەق چاغلاپ قالمىغانسىز، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز، جەسۇر نېمىشقا زىلالە بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدۇ؟ سىز نېمە قىلسىڭىز ، كىمنى تاپسىڭىز بولىدىغان تۇرۇقلۇق، چوقۇم باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى ئايرىۋەتسىڭىز خۇش بولامسىز؟ - دېدى.
زىبارە خىجىل بولغان ھالدا يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ:
- مەن... بىلىمەن، ئىلگىرى خاتا قىلدىم، بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ بەك خىجىل. - دېدى.
- بۇ يەردە يەنە نىلۇپەردىمۇ ئاق بولۇۋالماڭ، - دېدى زۆھرە بارغانچە ئاچچىقى كېلىپ، ـ يۈزىڭىز نېمانچە قېلىن، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز، سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن بىر ھاياتلىق بۇ دۇنيادىن يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، سىز دەل ئاشۇ بالىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم! - دېدى.
زىبارە بۇنى ئاڭلاپ سەل گاڭگىراپ قېلىپ:
- نېمە؟ بالىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم، مەن... مەن... نەدە يۈرۈپ ، قايسى بالىغا زىيانكەشلىك قىپتىمەن، - دېدى.
- ئۆز قولىڭىز بىلەن زىيانكەشلىك قىلمىدىڭىز، لېكىن ئۇ بالا سىز سەۋەبلىك تۇغۇلماي تۇرۇپ يوقاپ كېتىدىغان بولدى! - دېدى زۆھرە ئاچچىقىدا ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، - ئەگەر جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋېلىپ، چاتاق تېرىمىغان بولسىڭىز، زىلالە بالىنى ئالدۇرۋېتەمتى؟ سىزگە دەپ قوياي، زىبارە، ئۆزىڭىزنى ئەكبەر ئادۋوكاتنىڭ سىڭلىسى، ھېچنېمە قىلىشقا پېتىنالمايدۇ دەپ قالماڭ. ئەگەر زىلالەگە بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا، جەسۇر ئىككىڭلارنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن! - دېدى ۋە زىبارەنى ئىتتىرىپ، لېفىتقا چىقتى.
بالىنى ئالدۇرۋېتىش؟
زىبارەنىڭ كۆز ئالدىغا ھېلىقى تەكشۈرۈش قەغىزى ، زىلالەنىڭ ئالاقزەدە بولۇپ كەتكەن چىرايى ، ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى نومۇر چاقىرىۋاتقان دوختۇر كەلدى.
ئەجەبا زىلالە بۈگۈن راستتىنلا بالىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولدىمۇ...
يۈرىكى جىغغىدە قىلغان زىبارە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەكبەرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ:
- ئاكا، چاتاق بولدى! - دېدى.
ئەكبەر ئالدىدىكى ئۆمەرنىڭ دەۋا ماتېرىيالىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىشخانىغا كىرىپ بولغان زىبارەنى كۆرۈپ، ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ:
- نېمە ئىش بولدى، سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- مەن ئەمەس، زىلالە! - دېدى زىبارە ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، ـ بايا زۆھرەدىن ئاڭلىشىمچە، زىلالە بالا چۈشۈرگىلى بېرىپتۇ، تېزراق ئامال تېپىڭ! - دېدى.
ئەكبەر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ:
ـ نېمە دېدىڭىز، زىلالە ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇمۇ، سىز ... خاتالىشىپ قالمىغانسىز؟ - دېدى.
- تەكشۈرۈش قەغىزىگە ئېنىق يېزىقلىق ئىكەن! - دېدى زىبارە سومكىسىدىن تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ، ئاكىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ـ ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ، قانداقسىگە خاتالىشىمەن. ئاكا، زىلالە تېخىچە مەندىن نەپرەتلىنىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ شۇڭلاشقا جەسۇر ئاكامنى كەچۈرگىلى ئۇنىمىدىمۇ؟ - دېدى.
- ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس. - دېدى ئەكبەر تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ، سىنچىلاپ قاراپ، بىر جۈپ قاپىقى بىردىنلا تۈرۈلۈپ، - دوختۇرخانىدا زىلالەنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۇ... ئوپېراتسىيە قىلىپ بوپتىكەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ياق، ئەينى چاغدا دوختۇر ئۇنى چاقىرىغاندەك قىلغان، ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. - دېدى زىبارە ئويلىنىپ، - ئۇ تېخى ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىغاندەك قىلىدۇ. - دېدى.
- ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى ئەكبەر ئۇھ تارتىپ، - مەن ھازىرلا جەسۇرغا تېلېفون قىلاي. - دېدى ۋە بۇرۇلۇپ ئۈستەلدىكى يان تېلېفوننى ئېلىپ، جەسۇرغا تېلېفون قىلدى.
تېلېفون ئۇلاندى، تېلېفوننى ئالغىنى جەسۇر ئەمەس، ئەنۋەر ئىدى.
- ئەكبەر ئادۋوكات، مەن ئەنۋەر، جەسۇر دىرېكتور يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ - دەپ سورىدى.
- ناھايىتى مۇھىم ئىشىم بار، ئۇنى ھازىرلا چاقىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى ئەكبەر.
- ئۇ ئەركىن ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، كىرىشىم ئەپسىز. - دېدى ئەنۋەر.
- يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن يىغىن ئاخىرلىشىدۇ؟ - دەپ سورىدى ئەكبەر.
- جەزىملەشتۈرەلمەيمەن، ئاز دېگەندىمۇ بىر سائەت كېتىشى مۇمكىن. - دېدى ئەنۋەر.
ئەكبەر بىلىكىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتقا قاراپ، چوڭقۇر ئويغا پېتىپ:
- مەن ھازىرلا ئۇنى ئىزدەپ بارىمەن، ئەگەر يىغىننى ئېچىپ بولسا، كەتمەي مېنى ساقلاپ تۇرسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان مۇھىم ئىشىم بار، - دېدى.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئەكبەر قولىدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىنى قاتلاپ يانچۇقىغا سېلىپ:
- زىبارە، مەن جەسۇرنى ئىزدەپ بارىمەن، سىز ئاۋۋال ئۆيگە قايتىڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن زىلالەنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، كونكرېت سەۋەبىنى سىزگە كېيىنرەك چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. - دېدى.
ئۈستەلدىكى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، ئىشخانىدىن چىقتى.
يول بويى ئۇچقاندەك مېڭىپ خىزمەت بىناسىنىڭ ئاستىغا كېلىپلا لىفىتقا ئېتىلىپ كىرىپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى.
ئەنۋەر يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا جەسۇرنى ساقلاۋاتاتتى، ئەكبەرنى كۆرۈپ، ئالدىغا كېلىپ:
- ئەكبەر ئادۋوكات، بۇنچە جىددىي نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
ئەكبەر ئوڭ-سولغا قاراپ، ئاۋازىنى پەسەيتىپ:
- زىلالە بىلەن جەسۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئىش، جەسۇرنىڭ يىغىنى تۈگىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئىككىيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئېچىلدى.
يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئەركىن،جەسۇر، ئابلكىم قاتارلىقلار بىللە چىقتى.
- جەسۇر! - دېدى ئەكبەر چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، ـ تېز، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان مۇھىم ئىشىم بار. - دېدى.
- سىلەر بارغاچ تۇرۇڭلار، مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن. - دېدى جەسۇر ئەركىن قاتارلىقلارغا قاراپ.
- يۈرۈڭلار، ئىشخانىغا بېرىپ پاراڭلىشايلى. - دېدى ئابلكىم بېشىنى بۇراپ، ئىككىسىنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، گۇمانلىنىپ، - دادا، جەسۇرغا بىرەر ئىش بولدىمۇ قانداق؟ - دېدى.
ئەركىن بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغان تەقدىردىمۇ، ماڭا دېمەيدۇ، يۈر ، بىز ئاۋۋال ئىشخانىغا بارايلى. - دېدى.
كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، جەسۇر ئىشىكنى ئېچىپ، ئەكبەرنى بۇ بىنادىكى ئىشخانىسىغا باشلاپ:
- نېمە ئىش بولدى، نېمانچە ئالدىراش! - دەپ سورىدى.
ئەكبەر يانچۇقىدىن تەكشۈرۈش قەغىزىنى چىقىرىپ، قولىغا تۇتقۇزۇپ:
- زىلالە ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، - دېدى.
- نېمە؟ - دېدى جەسۇر تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ نەتىجىسىگە قاراپ، - سىز ... قانداق بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- زىبارە دوختۇرخانىغا بارغاندا، زىلالەنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ گېپىدىن قارىغاندا... زىلالە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بوپتۇ، - دېدى ئەكبەر.
< بالا ئالدۇرۇش > دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا جەسۇرنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ ، تەكشۈرۈش قەغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەپ:
- ئۇ بالىنى ئالدۇرۋېتىپتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئالدىرىماڭ! - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، ـ زىلالە بەلكىم زىبارەنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوپېراتسىيە قىلمايلا كېتىپ قالغان بولسا كېرەك، سىز ھازىرلا ئۇنى ئىزدەپ بارسىڭىز ئۈلگۈرەلەيسىز! - دېدى.
جەسۇر تەسلىكتە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
- بولىدۇ... مەن ھازىرلا .... ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي. - دېدى.
تېلېفوننى ئېلىپ، ئالدىراپ ـ تېنەپ زىلالەگە تېلېفون قىلدى.
تېلېفون ئۇلاندى، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
جەسۇر تەن بەرمەي يەنە بىر قېتىم ئۇردى، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى.
كۆڭلىدە شۇملۇقنى سەزگەن جەسۇر ئەكبەرنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ:
- زىبارە قايسى دوختۇرخانىغا بېرىپتىكەن؟ - دەپ سورىدى.
- خەلق دوختۇرخانىسىغا. - دېدى ئەكبەر.
ئەكبەرنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، جەسۇر ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئىشخانىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar