گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 73-قىسىم _ ئىسىم قويۇش

文摘   小说   2024-10-11 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ





داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم  5  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665



7170









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

73-قىسىم

 



73-قىسىم

ئىسىم قويۇش


زۇبەيدە بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ ھېلىقى چوڭ ئەخلەت خالتىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ،بايا تاشلىۋەتكەن  بىر جۈپ ئەرەنچە پاختا ساپما كەشنى ئېلىپ كەلدى.

ئېڭىشىپ كۈچۈكنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلىدى، ئوڭ-سول تەرەپتە بىردىن ساپما كەش بار بولدى.

ئاخىرىدا كۈچۈكنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:

- سېنىڭ ئوينىشىڭغا يېتىدىغاندۇ؟  - دېدى.

- ھاۋ-- ھاۋ...  

كۈچۈك ئىككى قېتىم ھاۋشىپ، ئاخىرى دىققىتىنى مەۋلاننىڭ ساپما كەشىگە قاراتتى.

زۇبەيدە خۇشال ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، كۈچۈكنىڭ تۈكلۈك قولىنى تۇتۇپ قويۇپ، يەنە بايىقى ئەخلەت خالتىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، تاشلىۋەتكەن چىش چوتكىسى،  قاچا-قۇچىلارنى ئالدى.

قايتىدىن بالكونغا چىقىپ، ئورۇندۇقنى تېپىپ، ئىت ئۇۋىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، چىش چوتكىسىنى ئېلىپ ئىتنىڭ يۇمشاق تۈكلىرىنى تاراپ، قاچا-قۇچىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىت ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا قويۇپ،  بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ قاچىغا تۆكتى، تەخسىگە يەنە ئازراق سۈت قۇيۇپ بېرىپ:

- بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ئىچىدىغان، تاماق يەيدىغان قاچاڭ بولسۇن، قانداق، ماڭا ئەگىشىپ كېلىپ كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتكەندۇ؟؟ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋاش بول ھە؟  - دېدى.

- ھاۋ-- ھاۋ...

- ئوماقلىقىنى، - دېدى زۇبەيدە. 

زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ يۇمشاق تۈكلىرىنى ئۇۋۇلاپ،  بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز:

-  ساڭا نېمە دەپ ئىسىم قويسام بولار؟ نوچى ئىسىمدىن بىرنى قوياي،  كېيىن ئوغلۇم تۇغۇلۇپ قالسىمۇ، پەخىرلەنگۈدەك ئىسىمدىن بىرنى قوياي! - دېدى. 

ئۇنىڭ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ، جەينىكىنى تىزىغا قويۇپ، ئالىقىنى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.

ئاخىرىدا، ئۇ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، دىلارەگە بىۋاستە تېلېفون قىلدى.

تېلېفون بىر ئازدىن كېيىن ئۇلاندى، دىلارەمۇ ئۆيىدىكى  سافادا ئولتۇرغانىدى.

كۆرۈنۈش ئۇلانغان ھامان، زۇبەيدە دىلارەنىڭ پۈتۈنلەي گىرىمسىز چىراينى كۆرۈپ :

- دىلارە، ئىليار سىزنى زادى قانداق باقتى، تېرىڭىز نېمانچە ياخشى بولۇپ كەتتى؟  - دېدى.

دىلارە خىجىل بولۇپ:

- ئىزچىل مۇشۇنداققۇ، - دېدى. 

- ياق، ياق، ياق، زادى ئەرلەر ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، مەن ئىلگىرى سىزنىڭ بۇنچىلىك نازۇكلىقىڭىزنى بايقىمىغان؟  - دېدى زۇبەيدە.

دىلارە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قىزىرىپ كەتتى،  خاپا بولغان ھالدا:

- تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ نېمە ئىشىڭىز بارتى؟  - دەپ سورىدى.

زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  بالاڭلارنىڭ ئىسمىنى بېكىتىپ بولدۇڭلارمۇ؟ كىچىك ئىسمى  بارمۇ؟  - دەپ سورىدى.

زۇبەيدە دىلارەنىڭ بېشىنى يانغا بۇرىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى يوغىناپ:

- دىلارە، يېنىڭىزدا ئېرىڭىز بارغۇ دەيمەن؟ - دېدى. 

دىلارە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى، يانفونى سەل قىيساتقاندا ئېكراندا ئىليارنىڭ سىماسى پەيدا بولدى.

ئۇ كىتاب ئۈستىلىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى.

-  زېرىكىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، - دېدى دىلارە.

زۇبەيدەنىڭ ئىچى ئاغرىپ:

- دىلارە، سىلەرنى... راستىنلا قۇتقۇزغىلى بولمايدىكەن، - دېدى. 

دىلارە ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ قويدى، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئەكبەر پات-پات كېلىپ تۇرغاچقا، ئىليارنى تېرىكتۈرۈپ كېسىلدۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى، دىلارە ئەكبەرگە ھەرقانچە ياخشى ئىپادە بىلدۈرمىگەن تەقدىردىمۇ،  تۇيۇقسىز بىرەر ئىش چىقىپ، ئىليارنى قاتتىق ئازابلىسا، ھەقىقەتەن چاتاق چىقاتتى.

- تېزرەك دەپ بېرىڭە، نېمە ئىسىم قويماقچى بولدۇڭلار. - دېدى زۇبەيدە.  

دىلارە بۇرۇلۇپ ئىليارغا قاراپ:

- مەن تېخى ئويلاشمىدىم  ... - دېدى.

- ھازىرلا ئويلاڭ، - دېدى زۇبەيدە. 

دىلارە ئىليارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:

- بالىلارغا نېمە دەپ ئىسىم قويساق بولار؟ - دەپ سورىدى. 

زۇبەيدە سەل تاقەتسىزلىنىپ:

- ئاۋۋال قىز بالىنىڭ ئىسىمىنى قويۇڭلار. - دېدى. 

-  ئومىقىم، بىر دانەم، تاتلىقىم، گۈزەلىم.  - دېدى ئىليار.

دىلارە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.

-  نېرى بېرىڭە! تازىمۇبىر، - دېدى زۇبەيدە.

بۇ ئىسىملار چىرايلىق ئاڭلانغىنى بىلەن، بەك چاكىنا چىقىپ قالمامدۇ؟

ئەگەر قىزى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىنى ئاڭلىسا، قۇسۇۋېتەر!؟

ئىسىم قويۇشتىمۇ غەلىتە تەرىپىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان... 

دىلارە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، بۇ ئىسىملاردىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ:

- بۇنداق چاقىرساق، بەكلا مەتۇ ئاڭلىنامدۇ قانداق؟ - دېدى.

ئىليار قوشۇمىسىنى سۈزۈپ:

- نەرى مەتو ئىكەن؟ بىزنىڭ قىزىمىز، چوقۇم سىزگە ئوخشاش، ئوماق، نازاكەتلىك، بۇلاردىن باشقا سىزنىڭچە ئۇنى سۈپەتلەشكە يەنە قايسى سۆز ئەڭ ماس كېلىدۇ؟  - دېدى.

زۇبەيدە قولىنى كۆتۈرۈپ ئېكراندىكى ئىليارنىڭ بوينىنى سىقتى!

دىلارە قىزارغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:

- يەنە باشقا ئىسىملارنىمۇ ئويلاپ بېقىڭە، بولمىسا قىزىم كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا، چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ، - دېدى. 

ئىليار قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، قولىدىكى قەلەم بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈستەلگە چەمبەر سىزىپ ئويلىنىپ، ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئۇنداقتا گۆھەر دەپ ئاتايلى، گۈزەل ھەم  بىباھا،دۇنيادا بىر دانەم قىزىمىز بولىدۇ  ؟ - دېدى.

دىلارەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:

- گۆھەر ؟  - دېدى.

ئىليار بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ھىم، گۆھەر ،    بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى گۆھىرىمىز  - دېدى.

دىلارەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:

- بولىدۇ، قىزىمنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىمى  گۆھەر بولسۇن، ئۇنداقتا ئوغلىمىزغىچۇ؟ - دەپ سورىدى دىلارە ،  كۆزلىرىدىن تەقەززالىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئىليارنىڭ ئىسىم قويۇشتىكى سەۋىيەسىنى ناھايىتى ئېنىق ئېتىراپ قىلغاندەك قىلاتتى.

ئىليارنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ،  قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئېغىز ئېچىپ:

-  ئۆڭكۈر.  - دېدى.

دىلارەنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە بىردىنلا قېتىپ قالدى.

زۇبەيدەمۇ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، بىر ئازدىن كېيىن نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، بىر ھازا كۈلۈپ كەتتى.

- ھا، ھا، ھا،  ئۆڭكۈر!   ئۆڭكۈر ئىليار؟ ھا ھا ھا تالانت ئىگىسى ئىكەنسىز! - دېدى. 

دىلارەنىڭ تەدىرىجىي ئۆزگىرىۋاتقان چىرايىغا قاراپ، ئىليار يەنە گېپىنى ئۆزگەرتىپ:

- بولمىسا ساتۇرن  دەپ چاقىرساق قانداق؟ - دېدى. 

- ئاھ، ھا، ھا، ھا ئانامەي،  ساتۇرن ئىليار! ھا، ھا، ھا  - زۇبەيدەگە بۇ ئىككى ئىسىم بەكلا قىزىققارلىق ئاڭلىنىپ، كۈلكىسىنى زادىلا توختىتالمىدى.

ئىليار قاپاقلىرى ئۇچۇرۇپ، چىداپ تۇرالماي دىلارەنىڭ يانفونىنى ئېلىپ،  تېلېفونىنى ئۈزۈۋېتىپ:

- شاۋقۇن-سۈرەن قىلىپ كەتتى، - دېدى. 

دىلارە ئۇنى رەت قىلمىدى، لېكىن باشقا گەپمۇ قىلمىدى، لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، چىراي ئىپادىسى قارىماققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىليارنىڭ كۆزىگە قانداقلا قارىسا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

ئۇھ تارتىپ قويۇپ، دىلارە يېنىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ:

-  مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم، قىزىمىزنىڭ ئىسمىنى مەن قويغاندىكىن، ئوغلىمىزنىڭ ئىسمىنى سىز قويسىڭىز ئادىل بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟  - دېدى.

دىلارە ئۇنىڭغا سۇس قاراپ قويۇپ:

- مەن قويامدىم؟ - دېدى. 

- ھەئە، سىز قويۇڭ، - دېدى ئىليار.

دىلارە قاپىقىنى تۈرۈپ، ئېڭىكىنى تۇتۇپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن قىياپەتتە:

- ئويلاپ باقاي، زادى قانداق ئىسىم قويساق بولار... - دېدى. 

زۇبەيدە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، يەنىلا شۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈلۈشتىن توختىيالمىدى.

مەۋلاننىڭ ساپما كەشىنى قۇچاقلاپ غاجىلاۋاتقان كۈچۈكمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۇۋىسىغا  كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، دىر-دىر تىترەپ كەتتى.

خېلى بىر ھازادىن كېيىن، زۇبەيدە ئاستا-ئاستا توختاپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى كۈلكىدىن چىققان ياشنى سۈرتتى.

كۈلۈپ قورساقلىرىمۇ ئاغرىپ كەتتى.

ئىليار دېگەن بۇ ئەرنىڭ كاللىسىدا زادى نېمىلەر باردۇ؟

ئويلاپ تاپقان ئىسىملىرىغا قاراڭ.

مىڭ تەسلىكتە كۈلكىسىنى توختاتقان زۇبەيدە ئېڭىشىپ كۈچۈكنى ئۇۋىسىدىن ئېلىپ چىقىپ:

- بولدى! قارار قىلدىم، بۇندىن كېيىن سېنى گۆھەر دەپ چاقىرىمەن. دىلارەنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش، قانداق،  قالتىسمىكەن؟  - دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا پەس ئاۋازدا كۈلۈپ قويۇپ:

- ئەگەر دىلارە قىزىنىڭ ئىسمىنى ساڭا قويغانلىقىمنى بىلىپ قالسا مىنى قانداق قىلىۋىتەر ھە. 

بىراق بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، ئوغلۇم بىلەن كىچىك گۆھەرنىڭ تېپىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭغا تۇغۇلۇشىدىنلا  گۆھەر دېگەن بۇ ئىسىمنى ئېسىدە چىڭ تۇتقۇزىمەن. ھەر دائىم گۆھەر، گۆھىرىم دەپ چاقىرسا،  بىر ئۆمۈر گۆھەردىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ دىلارە شۇنچە ئەقىللىق، چىرايلىق، مۇنەۋۋەر تۇرسا، كىچىك گۆھەرمۇ چوقۇم ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ! - دېدى. 

- ھاۋ... ھاۋ...

-  قېنى، سىناپ باقايچۇ؟ گۆھەر ؟ - دېدى زۇبەيدە.

- ھاۋ... ھاۋ...

-  گۆھەر ؟ - دېدى زۇبەيدە. 

- ھاۋ... ھاۋ...

- ناھايىتى ياخشى، داۋاملىق ساپما كەشنى چىشلەپ ئوينا، - دېدى زۇبەيدە. 

- ھاۋ... ھاۋ...

زۇبەيدە ئۇھ تارتىپ قويۇپ كۈچۈكنى ئۇۋىسىغا قويۇپ، ئورنىدىن تۇردى.

تۈكلىرى يۇمشاق ، ئوماق كۈچۈككە قاراپ كۈلدى.

كىچىك كۈچۈككە قاراپ كەيپىيات ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ قالدى.

بۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى  قايتىپ كەلمەيدىغان مەۋلانغا قالدۇرۇپ قويغاندىن كۆرە، كۈچۈككە بەرگىنى ياخشى بولغاندەك ھېس قىلدى.

خېلى ئۇزۇنغىچە بۇرۇقتۇرما بولغان كەيپىياتى، ئاخىرى ئازراق ياخشى بولۇپ قالدى.

بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئۇ پەسكە چۈشۈپ كەچلىك تاماق ئەتتى، كۈچۈك ئۇۋىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، مېھمانخانىدا خۇشال-خۇرام يۈگۈرۈپ، چۈشتىن كېيىن زۇبەيدە تۈكىنى تاراپ قويغان چىش چوتكىسى بىلەن ئوينىدى.

زۇبەيدە قاقاھلاپ كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزى ۋە قورسىقىدىكى بالىسىغا تاماق ئېتىپ يېمەكچى بولۇپ، ئاشخانىغا كىردى.

چۈشتە قايناتقان شورپىنى يەنە ئوچاققا قويۇپ قاينىتىپ، ئىككى خىل قورۇما قورۇدى.

تاماقلارنى داستىخانغا تىزىپ ئەمدى يېمەكچى بولغاندا، كۈچۈك ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.

بىر جۈپ كۆزى قارىماققا بەك ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى.

 كۈچۈك ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاچقا، زۇبەيدە كەچلىك تاماقنى  بەكلا ئوخشىغاندەك ھېس قىلدى.

تاماق يەپ بولۇپ، قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈچۈك ئۇنىڭ پۇتىلىرى ئارىسىدا توختىماي يۈگۈرۈپ، پىرقىراپ، پات-پات سەكرەپ يۈردى،  ھاۋشىغان ئاۋازى بىلەن زۇبەيدە ئادەتتىكىدەك يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىش ھېس قىلمىدى.

كۈچۈككە سۇ ۋە ئىت يېمى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ خۇشال-خۇرام تاماق يېگىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ئىختىيارسىز يۇمشاپ ئېرىپلا كەتتى.

ئۇنىڭ كىچىك بېشىنى سىلاپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى.

كۈچۈك ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ، ماڭماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ،   داۋاملىق بۇرۇلۇپ يېيىشكە باشلىدى.

زۇبەيدە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىدىن چىقتى، ھاۋ - ھاۋ قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دەرۋەققە كۈچۈك مۇنچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى.

زۇبەيدە بىر دەم تۇرۇپ قالدى، كۆڭلىدە تۇيۇقسىز بىر خىل ئاچچىق ھەسرەت پەيدا بولدى.

خۇددى ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك، قاتتىق تەسىرلەندى.

 ئېڭىشىپ كۈچۈكنى كۆتۈرۈپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ، لېۋىنى چىشلەپ، دېرىزە سىرتىدىكى تۈن قاراڭغۇسىغا قاراپ:

- نېمە ئۈچۈن ئەينى چاغدا سېنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلاپ باقمىغاندىمەن؟ ئەگەر بالدۇرراق ئەكەلگەن بولسام،  بۇرۇنلا يالغۇزلۇق ھېس قىلمايتتىم.  - دېدى.

ھاۋ - ھاۋ...

كۈچۈك قۇچىقىدا تۇرۇپ پەس ئاۋازدا ھاۋلىشىدى.

زادى قانچىلىك يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ كەتكەندۇ؟


  


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章