كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
74 | 73 | 72 | 71 | 70 |
79 | 78 | 77 | 76 | 75 |
82 | 81 | 80 | ||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
83-قىسىم
83-قىسىم
نومۇسسىز
مەۋلاننىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان سوغۇق تېخىمۇ كۈچىيىپ:
- بۇ گەپچە ئەگەر بالا كىمنىڭ بولسا، سىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز ، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدەنىڭ نەپىسى قىسىلىپ، بىردەم بېشى قېيىپ، بېلىنى ياندىكى ماشىنىنىڭ ئىشىككە تىرىدى، كۆزلىرى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى.
يۈرەك ئاغرىقىدىن بولدىمۇ ياكى غەزەپلىنىشتىنمۇ بىلمىدى.
- مەۋلان، نومۇسسىز ئىكەنسىز! - دېدى زۇبەيدە.
بالا كىمنىڭ بولسا شۇنىڭغا تىگەمدۇ؟
ئىككىنچى كۈنى كارىۋىتىدىكى ئادەمنىڭ مەۋلان ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
ئەگەر باشقا ئادەم بولغان بولسا، بۇ ئىشلارغا قانداق يۈزلىنىشىنى ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى!
ئۇ راستتىنلا ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھازىر ئويلىسىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، مەۋلان شۇنداق ئاسانلا ئېغىزىدىن چىقىرالىدى.
باشقا ئەرلەرنىڭ ؟ يەنە كىمنىڭ بولۇشى مۇمكىن؟
ياق، مەۋلان بىلمەيدۇ، ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ.
مەۋلان ئۇنىڭ ماشىنا ئىشىكىگە قىيسىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى بىردىنلا تارىيىپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتماقچى بولۇپ:
- سىزگە نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ تۇتۇشىنى توستى ۋە پەس ئاۋازدا:
- مېنى تۇتماڭ! - دېدى.
مەۋلان قولىنى توختاتتى، زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، كۆزلىرىدىن سوغۇق ۋە ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى.
- ماڭا تەگمەڭ، تۇتماڭ... - دېدى.
ئۇنىڭ رەت قىلىش تەلەپپۇزىدا يار - يۆلەكسىز قېلىش ۋە يالۋۇرۇش چىقىپ تۇراتتى.
زۇبەيدە ئەتراپتىكى تاراتقۇلارنىڭ بۇ يەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى، كاللىسى قالايمىقانلىشىپ ھېچنېمىنى ئويلىيالمىدى، كۆزلىرىدىن تەمتىرەش، ئاجىزلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىدىن تۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئالدىراپ - تېنەپ سومكىسىنى ئاختۇردى.
مەۋلان ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، قولىنى سوزۇپ يەنىلا زۇبەيدەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:
- زۇبەيدە! - دېدى.
زۇبەيدە ئاخىرى يەنىلا سومكىسىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تېپىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ مەۋلاننىڭ بېغىشىنى تۇتقان قولىنى كۈچەپ تۇتتى.
مەۋلان قولىنىڭ دۈمبىسىگە تەگكەن سوغۇق سېزىمنى ئېنىق ھېس قىلدى، تېخىمۇ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، چىڭ تۇتۇۋالدى.
ئۇنىڭ كۈچى زور بولسىمۇ، لېكىن زۇبەيدە يەنىلا جاھىللىق بىلەن كۈچەۋاتاتتى، چىڭ تۇتۇلغان بىلىكى تېزلا قىزىرىپ ، ئىزلار ئېنىق كۆرۈنۈپ قالدى، مەۋلان شۇندىلا قولىنى سەل بوشاتتى.
زۇبەيدە تۇيۇقسىز قولىنى كەينىگە تارتىپ، بۇرۇلۇپلا ماشىنا گەۋدىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ماشىنانى ھەيدەپ ماڭماقچى بولدى.
روھى چۈشكىن، ھودۇقۇپ كەتكەن ھالىتى مەۋلاننىڭ چىرايى بىردىنلا قارىدىتىۋەتتى، يەنە ئارقىسىدىن كېلىپ زۇبەيدەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، قولىدىكى ئاچقۇچنى تارتىۋالدى.
ماشىنىنى ئىشىكىنى ئېچىپ، زۇبەيدەنى يۆلەپ ئېلىپ مېڭىپ، ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئىشىكنى قاتتىق ياپتى.
بۇ شەپىنى ئاڭلىغان زەپەر جايىدا توختاپ، قاپىقىنى تۈرۈپ، ئالدىدا يۈز بەرگەن بىنورمال كۆرۈنۈشكە قارىدى.
مەۋلان ناھايىتى تېزلا شوپۇر ئورنىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئولتۇردى، يانچە ئۆرۈلۈپ، تىركىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان زۇبەيدەگە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىدى.
ئاندىن، ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
زۇبەيدە يەنە تىركىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويۇپ، يەنە ئازراق تىترەشكە باشلىدى.
ئىچىدە بولسا < زۇبەيدە، كۆڭلىڭگە ئالما، خاپا بولما، خاپا بولما سېنىڭ بارلىقىڭ قورساقتىكى بالا، ھەرقانداق ئادەم بالىدەك مۇھىم ئەمەس.
ئۇ كېيىن ساڭا ھەمراھ بولىدۇ، تۇرمۇشى ئادەتتىن تاشقىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، يەنە تېخى دىلارەنىڭ قىزىنى ئالىدۇ.
ئۇنىڭ ھاياتىدا يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار، سەن چوقۇم ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىڭ كېرەك> دېدى.
ئۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قايىل قىلدى.
ھازىر ئۇنىڭغا پەقەت بالىسى بولسىلا بولدى.
باشقا، ھىچنىمە مۇھىم ئەمەس ...
كەيپىياتى ئاستا - ئاستا تىنچلاندى.
ماشىنا دېرىزىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پىيادىلەر ۋە ماشىنالارغا قاراپ، يۈرىكى ئاستا - ئاستا پەسكويغا چۈشتى.
مەۋلان ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئېنىق سېزىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى بارا - بارا بوشاشتى.
ئۇ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆزىنىڭمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بىراق ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ يەنىلا ماشىنىنى دوختۇرخانىغا ھەيدەپ باردى.
زۇبەيدە دوختۇرخانىنىڭ سىرتىدىكى بىر نەچچە چوڭ خەتكە قاراپ قويۇپ، ئاخىرى يېنىكلىك بىلەن ئېغىز ئېچىپ:
- بۇنداق قىلسىڭىز بولامدۇ؟ ئالدىنقى سېكۇنتتا تېخى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا مۇھەببەتىڭىزنى كۆز - كۆز قىلىپ، ھازىر دوختۇرخانىغا كەلسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپ ئويلاپ قېلىشىدىن قورقمامسىز؟ - دېدى.
مەۋلان قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ماشىنىدىن چۈشۈڭ. - دېدى.
زۇبەيدە مىدىرلىمىدى.
مەۋلان ماشىنىدىن چۈشۈپ، ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئورنىغا بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىپ، زۇبەيدەنى بىۋاسىتە كۆتۈرۋالدى.
ئۇزۇن پۇتى بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ يېپىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى دوختۇرخانىغا كىردى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، مەۋلاننىڭ بەدىنىدىكى پۇراق ۋە يېقىن ئارلىقتىن ئۇچرىشىشى ئۇنىڭ ئۇزاقتىن ئىنتىلىدىغان ئىشى ئىدى.
لېكىن ھازىر...
ئاۋۋال بىر شاپىلاق سېلىپ كەينىدىن يەنە بىر تال تاتلىق چىلان بەردىمۇ؟
لېكىن بۇ چىلان ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە تاتلىق بىلىنمىدى.
- مېنى قويىۋېتىڭ، ئۆزۈم ماڭالايمەن. - دېدى زۇبەيدە.
ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا قارىشىپ قالدى، كۆزلىرىدىن ھەۋەس چىقىپ تۇراتتى.
مەۋلان خۇددى ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك كېتىۋەردى.
- مەۋلان. - زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم سۇسقىنە ئېغىز ئاچتى، - ماڭا نىسبەتەن، قورسىقىمدىكى بالىدىنمۇ مۇھىم ئادەم يوق، مەن ھەقىقەتەن بىئارام بولۇۋاتىمەن، شۇڭا دوختۇرغا كۆرۈنىمەن. مېنى قويۇۋېتىڭ، ئۆزۈم ماڭالايمەن، - دېدى.
ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى سالماق چىقتى، بايىقى تاماقخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندىكى روشەن كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھالىتىدىن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى.
- مەۋلان. - زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم چاقىردى، ئەمما مەۋلان بۇ قېتىم رەت قىلمىدى، بەلكى ئېڭىشىپ يەرگە قويدى.
زۇبەيدە يەردە مۇقىم تۇرۇۋېلىپ، سومكىسىدىن يانفونىنى چىقىرىپ، بىر چەتكە ئۆتۈپ، تېلېفون ئۇردى.
- ۋەي، زەپەر .. - دېدى.
مەۋلان بىر چەتتە تۇردى، كۆزلىرى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئەگىشىپ ماڭدى.
ئۇنىڭ تېلېفۇندا قىلغان گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاپقارا كۆزلىرى بىردىنلا تۇتۇلۇپ كەتتى.
چاپاننىڭ يانچۇقىغا سېلىنغان ئىككى مۇشتىمى ھەش - پەش دېگۈچە تۈگۈلدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي:
- كەچۈرۈڭ، بايا خوشلاشمايلا كېتىپ قالدىم. ئورۇننى مەن سىزگە يوللاپ بېرەي، ئۆزىڭىز قايتىپ تۇرسىڭىز، - دېدى.
زەپەر ھازىر ياردەمچىسى ئورۇنلاشتۇرغان ماشىنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، قېشىنى ئېتىپ:
- ھىم، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. مۇھىمى سىز، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ قارىسام بايىقى كەيپىيات ئانچە توغرا ئەمەستەك قىلىدۇ. - دېدى.
- ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ... - دېدى زۇبەيدە.
يېنىدا كۆلەڭگە پەيدا بولغاندا، زۇبەيدەنىڭ سۆزىمۇ توختاپ قالدى،
- ياخشى ئارام ئېلىڭ، قويۇۋەتتىم. - دېدى زۇبەيدە مۇلايىم ئاۋازى بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئاندىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بېشىنى كۆتۈرۈپ، بېشىدىكى ھېلىقى چىرايى ياخشى بولمىغان مەۋلانغا قاراپ:
- ئىشىڭىز بارمۇ؟ - دېدى.
مەۋلاننىڭ قاش - كۆزلىرى تۈرۈلۈپ، بىر نېمە دېمەكچى بولدىيۇ، ئەمما زۇبەيدەنىڭ قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ گەپ قىلالماي قالدى.
ئۇنىڭ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن زۇبەيدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ، يەنە يانفوننى ئاچتى، ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى ۋاراقلىغاچ، بۇرۇلۇپ بىر تەرەپكە ئۆتۈپ، مەۋلاندىن يىراقلاشتى.
مەۋلان ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
شۇ دەقىقىدە، قولىدىكى تېلېفوننى تارتىپ ئېلىپ چېقىۋەتكۈسى كەلدى.
ئۇنى ھاۋاغا چىقىرۋەتتىمۇ؟
لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.
زۇبەيدەنىڭ بايا تاماقخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇرقى ھەقىقەتەن ئۇنى چۆچىتىۋەتتى.
ئۇ ھازىر قانداقلا بولمىسۇن ھامىلدار.
مەۋلانمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى زۇبەيدە بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىققا قايىل قىلىپ، پەقەت كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.
- ۋەي؟ - دېدى زۇبەيدە.
مەۋلاننىڭ قاراپ تۇرىشى ئاستىدا، زۇبەيدەنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.
- مۇزەپپەر مۇدىرمۇ؟ مەن زۇبەيدە - دېدى زۇبەيدە.
كەينىدىكى مەۋلاننىڭ قاپاقلىرى سۈزۈلدى، بۇ يەنە كىم بولىدۇ؟
- مۇنداق گەپ، يېقىندىن بېرى سەل بىئارام بولۇۋاتىمەن، شۇ... تۇيۇقسىز بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتىدۇ... شۇڭا ئەنسىرەپ قالدىم، ھازىر دوختۇرخانىدا، سىزگە قولايلىقمۇ …… رەھمەت سىزگە. - دېدى زۇبەيدە.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۇدۇل دوختۇرخانىنىڭ ئىچكىگە قاراپ ماڭدى.
مەۋلاننى ئۈزۈل - كېسىل نەزەردىن ساقىت قىلدى.
مەۋلان قاتتىق نارازى بولدى، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
زۇبەيدە تۇغۇت بۆلۈمىگە كېلىپ، تۇغۇت بۆلۈم مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنى تېپىپ ئىشىكنى چەكتى.
كىرىڭ دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ياپماقچى بولدى، ئەمما مەۋلاننىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سەل تۇرۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىشىكنى ياپماقچى بولدى.
مەۋلان ئۇزۇن پۇتىنى سوزۇپ، ئىشىكنى ياپقىلى قويمىدى.
زۇبەيدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دېدى.
- سىز يەنە نېمە قىلماقچى؟ - دېدى مەۋلان.
- نېمە بولدى؟ - ئىشخانىدا تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، مەۋلاننىڭ چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى.
ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قولىنى كىرگۈزۈپ، زۇبەيدەنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ، ئاندىن ئىشىكنى ئاچتى.
ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىچىدىكى ئادەمگە قارىدى.
30 ياش ئەتراپىدا، بىر كۆزەينەك تاقىۋالغان ئەر كىشى بولۇپ،
قارىماققا ياخشى نەرسىدەك قىلمايتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar