كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
74 | 73 | 72 | 71 | 70 |
79 | 78 | 77 | 76 | 75 |
81 | 80 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
82-قىسىم
82-قىسىم
ئويۇن قويدى
مەۋلان بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، ھەقىقەتەن بۇنداق ئۇچرىشىپ قېلىشمۇ تەستە ئۇچرايدۇ، ئايالىمنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى بولغاندىكىن، مەن ئەلۋەتتە سەل قارىسام بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياردەمگە موھتاج بولسىڭىز، تارتىنماڭ. - دېدى.
زۇبەيدە تىركىشىشتىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىككى رەزىل ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدىكى ساختا تەكەللۇپ قىلىشىغا كۆنۈپ قالدى.
- بەك ياخشى بولدى. ئۇنداقتا كېيىن ئىككىڭلارنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. - دېدى زەپەر.
مەۋلان تۇرۇپ قېلىپ:
- بۇ يەردە قانچە كۈن تۇرماقچى بولۇۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئاز بولسىمۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. - دېدى زەپەر.
مەۋلاننىڭ چىرايى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە تۇتۇلۇپ كەتتى.
زەپەر كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئىستاكاننى ئېلىپ بىر يۇتۇم سۇ ئىچتى.
مەۋلان ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا زۇبەيدەنىڭ ھېلىقى بىر قاچا تامىقىنى يەپ بولدى.
ئۈچەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، بۇ قېتىملىق تاماقنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا، مەۋلان ئالدى بىلەن زۇبەيدەنىڭ ئورۇندۇقىنى تارتتى.
زۇبەيدە ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، ئېچىلغان يوچۇقتىن چىقتى، كېيىنكى سېكۇنتتا بېلى قىسىلىپ قالدى.
سەل چۆچىگەن زۇبەيدە، بېلىگە قويۇلغان قولغا قاراپ قويۇپ، ئىچىدە يېنىك كۈلدى.
بايىقى گۇمان، ھەتتا چەتكە قېقىش ھازىرقى مۇلايىملىققا ئايلاندى.
بۇ ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى ئەمەسمۇ.
گەرچە مەۋلاننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا ياخشى بولاتتى.
ئەمما ئۇ بۇ گۈزەل ھالەتتىن قانائەت تېپىپ، ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان دەقىقىدە، قەلبىدىكى خۇشاللىق ۋە قىزغىنلىقنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بىر داس مۇزدەك سۇ قۇيۇلدى.
- زەپەركەن، ھەقىقەتەن زەپەر ئىكەن!
- زەپەر ھەقىقەتەن زۇبەيدە خانىم بىلەن بىللە ئىكەن!
- راستىنلا شۇنداقكەن...
ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توپ ئادەملەر ئۇلارنى ئورىۋېلىپ توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.
ئاغزىدا بولسا < دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن> دېگەن گەپلەر توختىمىدى.
روشەنكى، بىرى ئۇنىڭ زەپەر بىلەن بۇ يەردە بىللە تاماق يېگەن ئىشىنى بىلىپ قاپتۇ.
زۇبەيدە ئۆز ئورنىدا ، مەۋلاننىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ، يۇشۇرۇنچە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى، ئەمما ئۇغا قاراپ، تەمكىن پوزىتسىيە بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى.
بىرىيلەن سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلىدىغان ئەھۋالغا ئانچە ماس كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشنى بايقاپ قالدى.
زەپەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇلار چوقۇم بوش قويۇۋەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەۋلان ئەپەندىنىڭ خانىم بىلەن داڭلىق ئارتىس زەپەرنىڭ سەتچىلىكىگە ھەممە ئادەم قىزىقىدۇ.
بۇ شەھەردىكى بىرىنچى باي خانىم داڭلىق ئارتىس زەپەر بىلەن تېپىشىپ قالغانلىقى ئاشكارلانسا، راستىنلا ئۇلار تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنىپ قالسا... پەقەت ئويلىسىلا ھاياجانلىنىپ كېتىشىدۇ.
بۇ خىل خەۋەر ئېقىمىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسىنى مەركىزى شەھەردىكى دىلارەدىن ئىبارەت بۇ قىزىق نۇقتىلىق شەخس بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.
لېكىن، ئۇلار ئۆزىگە تەمەننا قويۇۋاتقان ۋاقىتتا يەنە بىر نۇقتىنى سېزىپ قالدى.
بۇ قارا ماتېرىيال سۇغا چىلىشىدىغاندەك قىلاتتى.
ئەگەر زەپەر بىلەن زۇبەيدە ئىككىسىلا بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئۈچىنچى شەخس مۇناسىۋىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار زەپەر بىلەن زۇبەيدەنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرالايتتى.
ئەسلىدە بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىر زۇبەيدەنىڭ يېنىدا تۇرغان ئەر مەۋلان لېدىر، ئۆسەك سۆزلەردىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ ئېرى، مەۋلان بۇ يەردە بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ.
ئۇلار ئېرىشكەن ئۇچۇردا، زەپەر بىلەن زۇبەيدە خانىمنىڭ يېقىن شەخسىي مۇناسىۋىتى بار، ھازىر ئۇلار ئايرىم ھالدا بىللە تاماق يېيىشكە چىققان دېيىلگەنىدى، ئەمما ھازىر ئەر - خوتۇن ئىككىسى زەپەر بىلەن بىللە تاماق يېسە، بارلىق پىتنە - پاساتلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن، ئەر كىشى تۇرۇپ خوتۇنى ئاشنا تېپىۋالسا قالقان بولۇپ بەرمەيدىغاندۇ؟
يەنە كېلىپ، داڭلىق باي مەۋلان لىدىرنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
شۇڭا ... ھازىر قانداق ئىش بوپكەتتى؟
زۇبەيدە بىلەن زەپەرنىڭ بۇرۇنقى ئۆسەك سۆزدە دېيىلگەندەك مۇناسىۋىتى يوق بولدىمۇ؟
زۇبەيدە بىلەن مەۋلانمۇ بىر - بىرى بىلەن كارى يوق، پات ئارىدا ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەر - خوتۇنلارغا قەتئىي ئوخشىماي تۇراتتى.
ئىلگىرى ھەممە ئادەم ھەۋەس بىلەن غەيۋەت قىلىشقان بولسا، مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى ئۇرغاندەك ئىش بولدى.
ئەر - خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تۇرمامدۇ.
ئەگەر مەۋلان تۇيۇقسىز ئايرىمخانىغا بۆسۈپ كىرىپ، زۇبەيدە بىلەن قەستەن يېقىنچىلىق قىلىپ تۇرۇۋالمىغان بولسا، زۇبەيدەمۇ ھازىر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولاتتى، ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىپ شۇنچە كۆپ تاراتقۇنى كۆرگەندىن كېيىن، زۇبەيدە ھەممىنى بىردىنلا چۈشەندى.
ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەندە.
ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان ئادەملەرگە قاراپ، زەپەر ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى، بىردەمدىن كېيىن يېنىك كۈلۈپ قويۇپ، شەپكىسىنى سەل - پەل ئېگىز قىلىپ، تاراتقۇلارغا يۈزلەندى.
- زەپەر ئەپەندىن ، بۇ قېتىم بۇ شەھەرگە كېلىشىڭىزدە بىرەر خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بارمۇ؟ - - دەپ سورىدى بىرى.
- بار. - دېدى زەپەر.
- كونكىرىت نېمە خىزمەت ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلەمسىز؟ - .
- بولمايدۇ. - دېدى زەپەر.
- ئۇنداقتا سىزنىڭ زۇبەيدە خانىم بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ - .
- دوستۇم. - دېدى زەپەر.
گەرچە سوئالىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق جاۋابنى بەرگىنىدىن بەرمىگىنى ياخشى.
< دوست > دېگەن سۆز ھازىر نوقۇل ئاتالغۇ بولماي قالدى.
كۆپچىلىك دىققىتىنى يەنە زۇبەيدە بىلەن مەۋلانغا قاراتتى.
لېكىن، مەۋلاننىڭ زۇبەيدەنىڭ بېلىدىن چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى، ئايالىنىڭ قورسىقىنىڭ سەل كۆتۈرۈلۈپ قالغانلىقى، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.
ئۈچەيلەن كېتىۋاتقاندا، زەپەر تۇيۇقسىز يەنە توختاپ، بېشىنى بۇراپ يېنىدىكى ئادەمدىن سورىدى.
- سوراپ باقسام، سىلەر بىزنىڭ بۇ يەردە تاماق يەيدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى.
تاراتقۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ:
- دەسلەپتە سىزنىڭ ئايرودرومدىكى سىن كۆرۈنۈشىڭىز توردا ئېلان قىلىندى.
- يەنە بىر پارچە سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، زۇبەيدە خانىمنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىڭىز .
- كېيىن بىز زۇبەيدە خانىم ئىككىڭلارنى بىللە تاماق يەيدىكەن دېگەن نامسىز تېلېفوننى قوبۇل قىلدۇق.. – دېيىشتى.
زەپەر قېشىنى ئېتىپ ئاندىن چوڭقۇر مەنىلىك كۈلۈمسىرىدى،كۆز ئالدىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ بېشىنى چايقاپ كۈلۈپ قويدى.
بۇمۇ ياخشى بولدى.
ئۈچەيلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلگەندە، تاراتقۇلار ئەگىشىپ كەلمىدى.
زۇبەيدە ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىدا توختاپ:
- بولدى، تاراتقۇلارمۇ ئەگىشىپ كەلمىدى، - دېدى.
مەۋلان كۆزىنى سەل قىسىپ قويۇپ، ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي:
- غەلىتە گەپقۇ بۇ، نېمە دېمەكچى سىز؟ … نېمە دېگۈڭىز بولسا دەڭ، لېكىن زۇبەيدە، سىز ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى سالاھىيىتىڭىزنى ئېنىق تونۇۋېلىڭ، مەيلى ئائىلىمىزنىڭ كېلىنئاغچىسى بولۇڭ ياكى ئايالىم بولۇڭ، كىنو ئارتىسى بىلەن سەھنىگە چىققىلى بولمايدىغان سەتچىلىك كۆرۈلسە بولمايدۇ، مەيلى ئائىلىمىزدىكىلەر بولسۇن ياكى مەن بولاي، يۈزىمىزنىڭ چۈشۈشىگە قاراپ تۇرالمايمىز! - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە ئورنىدا خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ قالدى، كۆزىنى يۇمۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئاندىن كۆزىنى قايتا ئاچتى، مەۋلاننىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ سەل بۇرۇلۇپ، يېنىدىكى ھېلىقى سوغۇق چىرايىغا قاراپ:
-ئائىلەڭلەرنىڭ يۈزى يۈز، سىزنىڭ يۈزىڭىزمۇ يۈز، مەن زۇبەيدەنىڭ يۈزى، ھېچنېمە ئەمەسمۇ، سىزنىڭ دەسسەپ چەيلىشىڭىزگە قاراپ تۇرامدىم. - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- بىراق، دەرۋەقە، مەن باشتىلا يۈزۈمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئايىغىڭىزنىڭ ئاستىغا ئاتتىم... - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ بۇ گېپى مەۋلانغا نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ئەسلەتتى، قەلبىدىكى غەزىپى يەرگە ئۇرۇلدى، زۇبەيدە ھەر قېتىم ئورۇنلۇق گەپ قىلىدۇ، ئۇلا يولسىزلىق قىلىپ، غەلۋە قىلىۋاتامدۇ؟
- قارىغاندا بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزنى بىلىدىكەنسىز، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس، زۇبەيدە، ماڭا ياتلىق بولغاندىكىن، بىلىشىڭىز كېرەك، سىزنىڭ چۈشىنىدىغىنىڭىز، قىلىدىغىنىڭىز پەقەت مۇشۇلا ئەمەس. - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە سۇس كۈلۈپ قويدى، قولىنى تۇيۇقسىز مەۋلاننىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلاننىڭ لېۋىگە يېنىك سۆيۈپ قويدى.
مەۋلان بىردىنلا توختاپ قالدى، ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرى بىردەمدىلا تارىيىپ يەنە كېڭەيدى، نەزەر دائىرىسى خۇددى بىر تال چىڭ باغلانغان تارىغا ئوخشاش، مەھكەم باغلىنىپ قالدى.
زۇبەيدە كۆزىنى يېنىك يۇمدى، ئىككى ئادەم يېقىن ئىدى، مەۋلاننىڭ نەپەس ئالغانلىقىنى، بەدىنىڭ چىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
زۇبەيدە ئۇنى سۆيگەن شۇ دەقىقىدە، شەرتلىك رېفلېكس بىلەن ئىتتىرىۋېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلىغانىدى.
ئۇنداقتا ئائىلىسىنىڭ يۈزى، مەۋلاننىڭ يۈزى، ھەتتا ئۇنىڭ يۈزىمۇ قالمايتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ... نىيىتىدىن ئۈزۈل - كېسىل ياناتتى.
لېكىن ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ چىرايىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھەممە نەرسىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
بىر نەچچە سېكۇنت جىمجىتلىق كۆزىنىڭ ئاستا - ئاستا ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى، كۆزلىرى تۇيۇقسىز مەۋلاننىڭ قاپقاراڭغۇ، چوڭقۇر كۆزلىرىگە ئۇرۇلدى، سەل ھوقۇدۇقۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئارىلىقىنى ئاستا - ئاستا يىراقلاشتۇردى.
ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ مەڭزىگە چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ:
- بۇنداق قىلسام بولامدۇ؟ - دېدى.
ئىككى قولىنى چىڭ سىقىمداپ:
- يۈزىڭىز ئۈچۈن تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ، مەن بىلەن بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر - خوتۇنلارنىڭ رولىنى ئالدىڭىز، بۇنداق قىلسىڭىز راستتىنلا ياخشى بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
مەۋلاننىڭ جىمجىت كۆزلىرى سەل - پەل مىدىرلىدى، بەدىنىدىن تاراۋاتقان سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتىن پۈتۈن بەدىنى بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەپ كەتتى.
- شۇڭا، - دېدى مەۋلان قولىنى سوزۇپ، بارماقلىرى بىلەن لەۋلىرىنى يېنىك سىيلاپ، زۇبەيدەنىڭ سۆيگەن ئىزنالىرىنى سۈرتىۋەتكەندەك قىلدى. ئاندىن سۇس ئېغىز ئېچىپ :
- سىزمۇ خالىمىغىنىڭىزغا قارىماي، ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلىپ، مۇشۇنداق قىلىشنى خالامسىز؟ - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ بۇ گېپى سەۋەبلىك مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ:
- خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، بۇنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن قىلدىم، ئۇۋالچىلىق تارتىدىغان ئىش بولمىدى. - دېدى.
ئاندىن سوغۇققانلىق بىلەن مەۋلاننىڭ كەينىدىكى تەرەپكە قاراپ:
- مېنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىم ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ توي قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستە تاللىمايدىغان ۋىجدانسىز پەسكەش ئايال ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلىمەن. زەپەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مەندەك بىر ئايال بىلەن سەۋەبسىز چېتىلىپ قالسا، ھەقىقەتەن ئۇۋال بولىدۇ. - دېدى.
مەۋلاننىڭ قاپقارا كۆزلىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان سۈرئەت بىلەن بىردىنلا خىرەلىشىپ كەتتى.
شۇڭا، تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنى سۆيۈپ قويدىمۇ؟
ئائىلىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەمەس، ھەتتا ئۆزى ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئاتالمىش پارلاق ئىستىقبالى بار ئارتىس زەپەر ئۈچۈن ئىكەن.
- ھى.
مەۋلان تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ :
- مېنىڭ پەقەت مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى چېتىۋالغۇم يوق.
- ئۇ مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولسا، ماڭا خوپ بولدىمۇ؟ - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىگە تۇيۇقسىز نەشتەر سانجىلغاندەك بولدى، كۆزلىرىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىترەپ كەتتى.
ئەمما مەۋلانغا تىكىلىپ قاراپ، تۇيۇقسىز كۈلۈپ كېتىپ:
- مەۋلان، ئۇنتۇپ قالماڭ، قورسىقىمدىكى بالا سىزنىڭ. - دېدى.
مەۋلان سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان سوغۇق تېخىمۇ كۈچىيىپ:
- بۇ گەپچە ئەگەر بالا كىمنىڭ بولسا، سىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز ، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar