گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 84-قىسىم _ تەنقىدلەش

文摘   小说   2024-10-22 13:59   新疆  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ




داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 24 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675

83828180









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

84-قىسىم

 





84-قىسىم

تەنقىدلەش

ئىش ئۈستىلىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ئەر مەۋلاننى كۆرۈپ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قېشىنى ئېتىپ، زۇبەيدەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

 - ھەيران قالارلىق ئىشقۇ، - دېدى.

 زۇبەيدە سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

- كەچۈرۈڭ، ئاۋارە قىلدىم.  - دېدى.

مۇزەپپەر كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - ھېچقىسى يوق، ئالدىراش ئەمەس. - دېدى. 

زۇبەيدە كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمان كۈتۈش ئورۇندۇقىغا كېلىپ ئولتۇردى،  چىرايى بارا - بارا جىددىي تۈسكە كىردى.

 - مۇزەپپەر مۇدىر، ئىككى كۈندىن بېرى بېشىم  قېيىۋاتىدۇ، نەدىن كۆرۈلگەن مەسىلە بىلمىدىم، بالىغا تەسىرى بولامدۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم؟  - دېدى.

مۇزەپپەرنىڭ قولىدا زۇبەيدەنىڭ تۇغۇت تەكشۈرۈش خاتىرە جەدۋىلى بار ئىدى.

ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن، ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈپ چىققانىدى.

-  قالايمىقان  نەرسە يەپ قالدىڭىزمۇ؟   - دەپ سورىدى مۇزەپپەر.

زۇبەيدە بېشىنى چايقاپ:

 - يېمىدىم، بۈگۈن گەرچە سىرتتىكى ئاشخانىدا تاماق يېگەن بولساممۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم ئۆيدە بېشىم قايغان. - دېدى .

 پاق ...  ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشىكنى تاقالغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

مۇزەپپەر ئۇدۇلدىكى مەۋلانغا قاراپ قويۇپ زۈبەيدەگە:

 - قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ. - دېدى.

 زۇبەيدە قولىنى سۇندى.

مۇزەپپەر ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدى.

ئىشخانا بىر مەھەل جىمجىتلىققا چۆكتى، مۇزەپپەر زۇبەيدەنىڭ  سوقۇۋاتقان تۇمۇرى ئۈستىگە قولىنى قويدى، ئەمما ئۇنىڭ نەزىرى زۇبەيدەنىڭ قېشىغا كېلىپ، قاپىقىنى تۈرۈپ جىم تۇرغان مەۋلانغا تىكىلدى، لېۋىدە بىلىنەر - بىلىنمەس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

 ئېنىقلا ئاق خالات كىيىپ سىپايە كۆرۈنسىمۇ، ئەمما پۈتۈن بەدىنىدىن بىر خىل شاللاق مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇراتتى، مەۋلاننىڭ چىرايى بارغانسېرى سەتلىشىپ كەتتى.

ئەرلەرمۇ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولامدۇ؟

ئۇ راستىنلا مەخسۇس مۇشۇنداق كەسىپنى تېپىپ ئاياللاردىن پايدا ئالىدىغان ئادەم ئەمەستۇ؟

ئۇنىڭ زۇبەيدەنىڭ بېغىشىغا قويغان بارماقلىرىنىڭ شۇ تاپتا ئاستا - ئاستا مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ نەچچە قات بولۇپ كەتتى.

مۇزەپپەر ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، قولىنى كۆتۈردى.

-  كەيپىياتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلالمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇزەپپەر.

زۇبەيدەنىڭ چىرايى قېتىپ، ئېڭىكىنى سەل - پەل يىغىپ، گەپ قىلمىدى.

 - ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم، مەن دەسلەپتە سىزگە كەيپىياتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلمىسىڭىز، بۇ سىزگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بالىڭىزغا ئىنتايىن زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىسىڭىز، ياكى تۇغۇلغاندا  مەسىلە كۆرۈلمىسۇن دېسىڭىز، ھەتتا كېيىنكى خاراكتېرىدە نۇقسان بولماسلىقىنى ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كەيپىياتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلىڭ.  - دېدى مۇزەپپەر.

 زۇبەيدە ئىككى قولىنى جىددىيلەشكەن ھالدا چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:

- ئەمىسە  ھازىر... بالىغا بىرەر تەسىرى بولامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

مۇزەپپەر ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، زۇبەيدەنىڭ تۇغۇت تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ئېلىپ قاراپ قويدى، ئاندىن ئۇزۇن ئۇھسىندى.

بۇ بىر ئۇھسىنىش بىلەن مەۋلانمۇ كۆزىنى قىسىپ، ئۇنىڭغا خەتەرلىك قاراپ تۇراتتى.

يانچۇقىغا سېلىنغان قوللىرىمۇ چىڭ تۈگۈلۈپ قالدى.

 - ئۆگۈنلۈككە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇزەپپەر. 

زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتتى.

 - ئەتە ئەتىگەنگە سۈرەيلى، ئاچ قورساق كېلىشنى ئۇنۇتماڭ. كونكرېت ئەھۋالنى يەنىلا تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى نەتىجىگە قاراپ ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. - دېدى مۇزەپپەر.

زۇبەيدەنىڭ چىراي ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىسە ... بۈگۈن كەچتە قانداقمۇ ئۇخلىيالايدۇ؟

مۇزەپپەر ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ، چىرايىدىكى مۇغەمبەرلىك سەل - پەل پەسىيىپ:

- خاتىرجەم بولۇڭ، چوڭ مەسىلە يوق. پەقەت بالا قورسىقىڭىزدا بىخەتەر بولسىلا، ھەممە ئىشقا ئامال بار. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇشىڭىز كېرەك، بىر نەچچە ئايدىن ياقى كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىز يامان ئەمەس بولۇپ كەلدى،  ئورنىڭىزدا باشقىلار بولغان بولسا، بالا نەق مەيداندىلا يوق بولاتتى... - دېدى.

  زۇبەيدەنىڭ قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، جىددىيلەشكەن ھالدا قورسىقىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

مەۋلاننىڭ چىرايىمۇ بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئالدىغا بېرىپ زۇبەيدەنى مۈرىسىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى.

مۇزەپپەرگە قاراپ: 

- قالايمىقان گەپ قىلماڭ، - دېدى. 

مۇزەپپەر قېشىنى ئېتىپ سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

  - مەۋلان ئەپەندى، بۈگۈن سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ،  يېڭىلىق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەتە زۇبەيدە خانىمنىڭ 3 - قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈشى، سىز ماڭا بۇ خىل يېڭىچە تۇيغۇنى  ئەمدى ئاتا قىلدىڭىز، سىزگە  يېڭىلىق بىلىنمىدىمۇ؟ ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ سايىڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان، بىراق ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا مەزگىلگە كەلگەندە ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان چاغدا، ئۇ مېنى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كەپتۇ...  ئەمما بۇ قېتىم زۇبەيدە ۋە بالىنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس...بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ - دېدى.

چوپچوڭ بىر ئەرنى قارىتىپ تۇرۇپ تەنقىدلىسە يۈزى چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدىمۇ ياكى  كۆز ئالدىدىكى ئەرنىڭ دېگەن گېپىگە رەددىيە بېرەلمەي قالدىمۇ بىلمىدى، مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى، ئەمما  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.

مۇزەپپەر قىلچە تەسىرگە ئۇچرىماي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :

 - باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، پەقەت سىزنىڭ  ئەر بولۇش پوزىتسىيەنى دەيلى، ئەگەر زۇبەيدەنىڭ ئورنىدا باشقا ئاياللار بولغان بولسا... ھى، سىزدەك ئەر ئاللىقاچان ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلاتتىڭىز! 

 ئۆزى بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى باشقۇرالماي، خاتالىقىنى ئاياللارغا ئارتىپ قويىدىغان ئەر كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ ئەگەر مەۋلان بايۋەچچىگە ياتلىق بولۇشنى يۇقىرىغا ئېسىلىش دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئەينى چاغدا ئۇنى   ئالمىسىڭىز بولاتتى، بولمىسا مەن ھازىر سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ بېرەي، ئاجرىشىپ كەتسەڭلارمۇ بولىدۇ، سىز قەدىرلىمىگەن بىلەن،  بەزىلەر  زۇبەيدە خانقىزنى قوينىغا ئېلىشنى خالايدۇ، بالىغا كەلسەك بىكاردىن - بىكار دادا بولۇۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ!  - دېدى.

مەۋلاننىڭ جاۋغىيى قاتتىق تارتىشىپ قالدى، ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋالدى. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ چىرايىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى.

گەرچە زۇبەيدە دەسلەپتە ئامال بار پەرۋا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر، ئۇ يەنىلا سەل جىددىيلەشكەن ھالدا مەۋلاننىڭ مەيدىسىدىكى كىيىمنى تۇتۇۋېلىپ:

 - مەۋلان، بۇ يەردە جېدەل چىقارماڭ.  - دېدى.

بۇ گەپ مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا  دوختۇرغا بىرەر تەھدىت سېلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك ئاڭلاندى.

بىر دوختۇر، زۇبەيدەنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ، ھازىرقىدەك بۇنداق دەرغەزەپكە كەلتۈرۋەتكۈدەك گەپنى قىلالامدۇ؟

مەۋلاننىڭ بەدىنىدىكى غەزەپ تېخى تارقالماي تۇرۇپلا، زۇبەيدە لېۋىنى چىشلىدى، ئەمما تۇيۇقسىز ئۇنى قويۇۋېتىپ، مۇزەپپەرگە قاراپ :

 -  كەچۈرۈڭ، مۇزەپپەر مۇدىر، مەن سەل چارچاپ قالدىم، بۈگۈن ماڭغاچ تۇراي، ئەتە چوقۇم ۋاقتىدا كېلىمەن، ۋاقتى كەلگەندە ئىشلارنى سىزگە تاپشۇرىمەن، - دېدى. 

 گېپىنى دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدى، كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى.

مەۋلان بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ ، پېشانىسىدىكى كۆك تومۇرلار بۆرتۈپ چىقتى، تاكى زۇبەيدە ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتكۈچە، ئۇ چىشىنى چىشلەپ خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن  چوڭ قەدەم بىلەن كەينىدىن چىقتى!

زۇبەيدە مەۋلاننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، كۆڭلى سەل ئارام تېپىپ قالدى.

بىراق، مۇزەپپەر مۇدىرغا بۈگۈن زادى نېمە ئىش بولدى؟

نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنچە كۆپ گەپ قىلىدۇ؟

ئۇنى ھەممە ئادەمدىن بەكرەك چۈشىنىدىغاندەك گەپ قىلىپ كەتتىغۇ؟!

 ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يېقىن تونۇشمۇ؟

بۈگۈن ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويدىغۇ!

قەدىمى بارغانسېرى تېزلەشتى، لېكىن   كەينىدىكى مەۋلان ئاسانلا قوغلاپ يېتىشىۋالدى.

 - زۇبەيدە!  - دەپ چاقىردى مەۋلان.

 - نېمە قىلماقچى سىز؟ - دېدى زۇبەيدە سۇسلا گەپ قىلىپ، قەدىمىنى توختاتمىدى.

 - كارامىتىڭىز باركەن ھە، ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىڭىز باركەن، - دېدى مەۋلان. 

زۇبەيدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەۋلاننىڭ سۆزى ئوڭ قۇلىقىدىن كىرسە سول قۇلىقىدىن چىقىرۋېتىپ، كۆڭلىگە ئالماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:

-  مېنىڭ بازار ئەھۋالىم ئىزچىل ياخشى، سىزمۇ بىلىسىزغۇ، ھەممىسى مېنىڭ خالاش خالىماسلىقىمغا باغلىق. سىزنىڭ كۆزىڭىزلا مەندەك ياخشى ئادەمنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ... - دېدى.

  -  سىز... ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى مەۋلان.

مۇزەپپەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ،  تېلېفون قىلدى:

 - مېنىڭ ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىنى مۇكەممەل تاماملىشىم تەس، بىراق مەۋلان بايۋەچچىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئىكەن، سىلەر قاراپ بىر ئىش قىلىڭلار.  - دېدى.

  دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

  - قارىغاندا ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپسىز- دە، - دېدى. 

مۇزەپپەر دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

 - ئادەتتىكىدەك، يەنە جارى قىلدۇرىدىغان ئىمكانىيەت باردەك قىلىدۇ.  - دېدى .

  دىلارە يەنە ئۇنىڭدىن:

  - زۇبەيدەنىڭ تۇغۇت تەكشۈرۈش ۋاقتى بۈگۈن ئەمەسقۇ، سىز قانداق قىلىپ ئۇنىڭ جىلە قىلالىدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 

مۇزەپپەر ئولتۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى ئۈستەلگە ئېلىپ:

  - بۈگۈن توردىكى قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ زۇبەيدە خانقىز بۈگۈن مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئىككى قېتىم تاسادىپىي بېشى قېيىپ، ئايلىنىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى، ھېلىقى مەۋلان ئەپەندى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەپتۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىككىسى قىزىق نۇقتا خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت باغلىمىغاندەك قىلىدۇ.  - دېدى .

دىلارەنىڭ چىرايى سەل ئۆڭۈپ كەتكەن بولۇپ، قىزىق نۇقتىغا چىققان خەۋەرنى كۆرگەندىلا بىنورماللىقىنى ھېس قىلغانىدى.

شىلىمدەك چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھېسسىياتنى بىر كېچىدىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا زۇبەيدەنىڭ مەۋلاندىن ھېچقانداق ئۈمىدى يوق ئىدى، بۇ چاغدا ئىككىيلەن بىر - بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى كۆز - كۆز قىلىپ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى!

كىمنى ئالدايدۇ؟

 - ئۇنداقتا زۇبەيدە قانداقراق؟ بىرەر مەسىلە كۆرۈلمىگەندۇ؟ - دەپ سورىدى دىلارە. 

 - مەسىلىغۇ چوقۇم بار، لېكىن ئېغىر - يېنىكلىكىگە قارايمىز، كەيپىيات دېگەن بۇ نەرسە نورمال ئادەم ئۈچۈنمۇ ھەممە كېسەلنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ، ئۇ ھازىر ھامىلدار. ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ئەتىگە سۈرۈلدى، تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ.  - دېدى  مۇزەپپەر.

- ماڭا نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇنى قورقۇتىۋەتمەڭ. - دېدى دىلارە.

مۇزەپپەر ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

 - ھەي، ئاتىكەم ئەڭ يېڭى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئالىمەن دەپ غەلۋە قىلىۋاتىدۇ... - دېدى. 

  دىلارە لەۋلىرىنى ھىمىرىپ تۇرۇپ:

  - بالا ساق - سالامەت تۇغۇلغاندىن كېيىن،  ئاندىن بېرىمەن، - دېدى. 

 -  ئېرىڭىز بىلەن  ئىككىڭلار بىر قېلىپتىن چىققاندەك گەپ قىلدىڭلار، - دېدى مۇزەپپەر.

  - ئاتىكەمنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئەنسىرەپ قالدىڭىزمۇ تېخى؟ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىڭىزنى ساقلاپ قالالىسىڭىزمۇ ياخشى نەتىجە ، - دېدى دىلارە. 

مۇزەپپەر بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.

ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ <سودا> نى قوبۇل قىلىشىنىڭ زادى قانداق پايدىسى بار؟

  دىلارە تېلىفوننى قويۇۋېتىپ  يەنە بىر قېتىم   زۇبەيدە توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئامالسىزلىق ئىچىدە پېشانىسىنى سىيلاپ قويدى.   ئىچى ئاغرىدى.

زۇبەيدە ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى شۇنداق ئەركىن تۇتىدۇ، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ يۈرىدۇ،  ھەممە نەرسىسى كەم ئەمەس تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئۇنىڭ  ئىزچىل بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ،  ئەڭ ئاخىرىدا ئۈمىدۋار تاشقى قىياپىتى ئالدىدا ھەمىشە قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ئەمما دىلارە قانداق قىلالايدۇ؟

زۇبەيدە  ئۈچۈن ھېچقانداق ئىشنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان تۇرسا.

ھەر قانچە ئىچى ئاغرىسىمۇ، ئازاپ يەنىلا زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ.

مۇشۇنداق ۋاقىتتا،  زۇبەيدەگە تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭدىن بىۋاستە سورىيالمايدۇ.

مەۋلان ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا  بىر ئىش بولغانلىقى ئېنىق، لېكىن  سوراپ قالسا،  جەريانىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ، قەلب يارىسىنى تاتىرىلغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.


 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章