مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 53-قىسىم_ ئىرىشەلمەيدۇ

文摘   小说   2024-10-16 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  86  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746



5251




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

53 -قىسىم

   

 




53-قىسىم 

 ياخشى تىلەككە ئىرىشەلمەيدۇ (1)



زىلالەنى يۆلەپ تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزغان زۆھرە قايتىدىن ئاشخانىغا كىردى.

بىردەمدىن كېيىن،بىر قاچا چۆپ ئەكېلىپ بەردى، ئۈستىدە يەنە بىر تال تۇخۇممۇ بار ئىدى.

 -  قېنى ئىسسىقىدا يەڭ، - دېدى زۆھرە چوكىنى زىلالەنىڭ قولىغا سۇنۇپ،  - يەتمىسە، يەنە بىرنى پىشۇرۇپ بېرەي -  دېدى. 

زىلالە چوكىنى ئېلىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئانچە ئىشتىھاسى بولمىسىمۇ، يەنىلا بىر قاچا چۆپنى پاك-پاكىز يەۋەتتى.

ئايروپىلاندا، يىغلايدىغان يىغىنى، ئويلايدىغان خىيالنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدى.

ئەمدى دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، يەنە تېخى ئاكىسىنىڭ دېلوسىنى  ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ چۈشكۈنلىشىشكە سالاھىيىتى يوق.

ئەڭ ئاخىرقى بىر يۇتۇم شورپىنى ئىچكەندىن كېيىن، زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ زۆھرەگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ:

 - خاتىرجەم بولۇڭ، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى. - دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان زۆھرە نەق مەيداندا يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى.

 بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ، ئىككى قېتىم يۆتىلىپ ، كەيپىياتىنى كونترول قىلىپ:

 - قانداق پىلانىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى.

 - ئىشقا بېرىش، پۇل تېپىش، كۈن ئۆتكۈزۈش. - دېدى زىلالە ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ، - بۇرۇنقىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. - دېدى - دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستەلدىكى قۇرۇق قاچىلارنى يىغىشتۇردى.

زۆھرە قاچىنى قولىغا ئېلىپ، قەستەن ئاۋازىنى يەڭگىل چىقىرىشقا تىرىشىپ:

 -  يېقىندىن بۇيان ئورۇقلاۋاتىمەن، مەندىن قاچا يۇيىدىغان پۇرسەتنى تالاشماڭ. - دېدى.

زىلالە  ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ:

  - ئورۇقلىماقچى بولغان ئادەم يەنە تەييار چۆپ يەمسىز؟ - دېدى.

زۆھرە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - ئەلۋەتتە،  تويغۇچە تاماق يېمىسە ئورۇقلاشقا قانداقمۇ كۈچ بولسۇن. - دېدى.

ئىككى ياخشى دوست تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

كۈلۈپ تۇرغان زىلالە تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئېتىۋالدى-دە، ھاجەتخانىغا ئېتىلىپ كىردى.

زۆھرە چۆچۈپ كېتىپ، كەينىدىن ئەگىشىپ كىردى.

زىلالە بايىلا يېگەن چۆپنى پاك-پاكىز قۇسۇپ، كۆڭلى ئېلىشىشنى ئاران توختاتتى.

زۆھرە ئىستاكانغا سۇ ئېلىپ، ئاغزىنى چايقاشنى ئېيتتى، بىر پارچە قەغەزنى سۇنۇپ:

 - بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - ھېچقىسى يوق! - دېدى.

 - ھېچقىسى يوق، بۇنداق ئېغىر ياندۇرۇپمۇ ھېچقىسى يوق دەمسىز؟ -  دېدى زۆھرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۇنى يۆلەپ تازىلىق ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، -  تېز چاپىنىڭىزنى كىيىڭ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كېلەي. - دېدى.

 - زۆھرە! - دېدى زىلالە ئۇنى توسۇپ،  - مەن راستتىنلا ئاغرىپ قالمىدىم. - دېدى.

 - ئاغرىپ قېلىپ ياندۇرمىدىڭىزمۇ تېخى؟ - دېدى زۆھرە.

 -   ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن. - دېدى زىلالە.

زۆھرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى، ئارقىدىنلا قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ:

 -  سىز مۇشۇنداق تۇرسىڭىز، ئۇ ئەبلەخ سىزنى  يالغۇز يولغا سېلىپ قويۇپ، كارى  بولمىدىمۇ؟  ۋۇ داشقال،  ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي. - دېدى.

 - زۆھرە! - دېدى  زىلالە  بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، -  مەن ئۇنىڭغا تېخى دېمىدىم. - دېدى.

زۆھرە تېلېفوننى تۇتۇپ تۇرۇپ:

  - نېمىشقا؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە ئۇنى كىرېسلوغا تارتىپ كېلىپ،   كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى   ھەممە ئىشنى  قىسقىچە سۆزلەپ بەردى.

 - بۇ قېتىم ئۇ يەرگە بارغاندا،  ئۇ ئەسلىدە مېنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان، كېيىن يەنە تويلۇق كۆڭلەك زاكاز قىلماقچى بولغان، - دېدى زىلالە.

 - ئۇنداقتا ئۇ نېمىشقا يەنە سىزدىن ئاجراشماقچى بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى زۆھرە.

 - تيەننىڭ بىلەن جەسۇرنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ ئىشىنى سىزمۇ بىلىسىز. - دېدى زىلالە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ،  - ئۇ ھازىر ياردەمگە موھتاج، دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىش ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. ئەمما دادىسى، مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشۇمنى خالىمايدۇ، - دېدى.

 - ئۇنداقتا، ئۇ پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ؟  ئەبلەخ! -  دېدى زۆھرە غەزەپ بىلەن تىللاپ،  -   ھازىر ھامىلىدار بولۇپ قاپسىز، ئۇ سىزنى بۇنداقلا تاشلىۋەتسە،  يەنىلا ئادەم ھېسابلىنامدۇ؟ - دېدى.

 - شىركەت ئۇنىڭ كۆپ يىللىق قان-تەرى، مۇشۇنداقلا ۋەيران بولسا، ئەلۋەتتە قاراپ تۇرالمايدۇ، - دېدى زىلالە ئىككى پۇتىنى تۈگۈپ، بىلىكىنى سوزۇپ چىڭ قۇچاقلاپ، -   ئۇنى چۈشىنىمەن،  ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن. - دېدى.

ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا،  بەلكىم ساددىلىق بىلەن مۇھەببەت بولسىلا بولدى دەپ ئويلىغان بولاتتى.

بىرمۇنچە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن،  بۇنداق ساددىلارچە خىيالدا بولمايدىغان بولدى.

 - مەن تېخى ئۇنى قەيسەردىن ياخشى دەپ ئويلاپتىمەن، ئەسلىدە ھەممىسى ئوخشاش ئەبلەخ ئىكەن. - دېدى زۆھرە ئارقا چىشىنى چىشلەپ، -  مەن ئۇنى بۇنداق بوش قويۇۋەتمەيمەن  - دېدى.

 - ئۇ ماڭا قەرزدار ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا قەرز، - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ،  - ئۇنى ئىزدەپ بارماڭ، ياخشى ئۆتكەندىن ، چىرايلىق ئايرىلساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ -   دېدى.

دېمىسىمۇ ئالدىنقى بىر مەزگىلدە جەسۇر ئۇنىڭغا بەك كۆپ ياردەم قىلدى.

ئەگەر جەسۇر بولمىغان بولسا، دادىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغۇدەك پۇلىمۇ بولمىسا، بۇرۇنلا دادىسى كۆز يۇمۇپ كەتكەن بولاتتى   .

ئەگەر جەسۇر ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرمىغان بولسا، بەلكىم  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگىمۇ قاتناشمايتتى،  چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئىككىسىنىڭ توي ئىشى ئەسلىدىلا بىر مەيدان سودا، جەسۇر ئۇنىڭغا ھېچقاچان قەرز ئەمەس.

زۆھرە خېلى ئۇزاققىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ:

 - بالىنى، قانداق قىلماقچى؟ - دەپ سورىدى.

زىلالەنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قورسىقىنى يېنىك سىلاپ قويۇپ:

- ئەتە دوختۇرخانىغا بارىمەن. - دېدى.

ئۇنىڭ ھازىرقى ئىقتىدارى بىلەن،  بىر بالىنى باقالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادىسى يوق بالا ھېچكىمنىڭ ياخشى تىلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

 - بولىدۇ. -   دېدى زۆھرە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ،  -  ئەتە مەن سىز بىلەن بىللە باراي. - دېدى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ئىككىيلەن بالدۇرلا ئورنىدىن تۇردى.

زۆھرە ماشىنا ھەيدەپ، زىلالەنى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە ئېلىپ باردى.

تۇغۇت بۆلۈمىدە ئادەم بەك كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە ئەر-خوتۇنلار بىللە تەكشۈرتكىلى كەلگەنلەر ئىدى.

زىلالە كۆڭلىدە  ئادەم كۆپ  دەپمۇ ئويلىمىغانىدى.

بالا چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.

قان ئېلىش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، ب تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش دېگەندەك.

نورمال ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ تۈردە تەكشۈرۈلدى.

زىلالە چۈشكىچە ئاۋارە بولغاندىن كېيىن، بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

دوختۇر ئۇنىڭ  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆزئەينىكىنى ئىتتىرىپ، يۈزىدىكى ماسكىنى چۈشۈرۈپ:

 -  ئۆيىڭىزدىكىلەر كەلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

- مەن ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى.  - دېدى زۆھرە.

 - سىلەر ياخشى دوستلاردىنغۇ دەيمەن، - دېدى دوختۇر ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ،  - مېنىڭ دېگىنىم بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلار بۇ تۈرگە كىرمەيدۇ. - دېدى.

 - ئۆزۈم ئىمزا قويساممۇ بولمامدۇ؟  - دەپ سورىدى زىلالە.

- ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشمۇ ئوپېراتسىيە قىلىشقا كىرىدۇ. - دېدى دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، -  بۇ دوختۇرخانىنىڭ بەلگىلىمىسى، شۇنداقلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز ۋە بىخەتەرلىكىڭىزگە مەسئۇل بولغانلىق. - دېدى.

زىلالە تەن بەرمەي:

  - ئۇنداقتا...  باشقىچە ئامال يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 - ئەگەر  ئادەتتىكى بالا ئالدۇرۇشنى تاللىىسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا، جەريان سەل ئازابلىق بولىدۇ. - دېدى دوختۇر.

 - بۇنداق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ!  - دېدى زۆھرە دەرھال زىلالەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ،  كېسەل كۆرۈش ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، -  جەسۇرغا تېلېفون قىلىڭ، كېلىپ ئىمزا قويۇپ بەرسۇن، - دېدى.

 دادىسى تېخىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە، ئۆمەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ھازىر زىلالەنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنىدىن پەقەت جەسۇرلا بار.

زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ :

 - مېنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلغۇم يوق. - دېدى.

 - ئاۋارە قىلغۇم يوق؟   بىز ئۇنى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولسۇن دېمىدۇق، ئۇنىڭغا ئەرزان چۈشتى تېخى،  ئۇ كېلىپ ئىمزا قويۇپ بەرسىمۇ بولمامدۇ؟ - دېدى زۆھرە سومكىسىدىن يانفوننى ئېلىپ،  -  تېلېفون قىلىشتىن خىجىل بولسىڭىز، مەن قىلاي، - دېدى.

 - زۆھرە! - زىلالە ئۇنى توسۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، -  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇمۇ قايتىپ كېلىدۇ، ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان چاغدا،   ئوپېراتسىيە قىلىدىغان ئىشنى دەي، - دېدى.

جەسۇرنىڭ تېخىچە دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، زۆھرەمۇ ئامالسىز يان تېلېفونىنى سومكىسىغا سېلىپ قويدى.

ئىككىيلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، زۆھرە زىلالەگە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماي:

- سىزگە دەپ قوياي، زىلالە، ئۆزىڭىز بېرىپ ئادەتتىكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرماڭ،  بولمىسا  بۇ ئۆمرۈمدە سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. - دېدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ:

 - بىلىمەن. - دېدى.

 - نېمىنى بىلىسىز، ئەگەر راستتىنلا بىلگەن بولسىڭىز، جەسۇرنىڭ رايىغا باقمايتتىڭىز، بۇنداق ھامىلدارمۇ بولۇپ قالمايتتىڭىز، - دېدى زۆھرە ئاچچىقلاپ.

 -  شۇنداق، مەن خاتالىشىپتىمەن. - دېدى زىلالە پەلەمپەينىڭ ئاستىدا توختاپ،  -  ئادۋوكاتلىق ئورنىغا بېرىڭ، مەنمۇ كونا ئۆيگە قايتىپ نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ كېلەي، - دېدى.

 - مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.  - دېدى زۆھرە.

 -  ياق بولدى، يولىمىز بىر بولمىسا، ئۆزۈم تاكسى توسۇپ قايسام بولىدۇ. - دېدى زىلالە.

زۆھرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يەنىلا سەل خاتىرجەم بولالمىدى.

 - ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئىشقۇ شۇ، قانچىلىك ئىشتى، سىز مېنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، ئۆزىنى يارىلاندۇرۋالامدىكىن  دەپ قورقۇۋاتامسىز؟ - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، - سىز ماڭمىسىڭىز، مەن ماڭغاچ تۇراي، - دېدى.

 قولىنى پۇلاڭلىتىپ،  بۇرۇلۇپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى.

يول بويىغا چىقىپ تاكسى توسۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بۇرۇلۇپ زۆھرەگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىپ، تاكسىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ:

 -  داچا رايونىغا. - دېدى.

تاكسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىردى، زىلالەنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇممۇ يوقىدى.

قولىنى كۆتۈرۈپ بېشىنى تۇتۇپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتتى.

بايىقى ھېچنېمىگە ئېرەن قىلمىغان ھالىتى بىلەن  زۆھرەنى ئالدىماقچى بولدى، ئۇ قانداقمۇ ئازراقمۇ پەرۋا قىلماي تۇرالىسۇن؟

جەسۇرنىڭ تېخىچە دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، زىلالە زادى خاتىرجەم بولالمىدى.

تاكسى ئالدىغا قاراپ ماڭدى،  يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، جەسۇرنىڭ نومۇرىنى تاپتى.

بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەنۋەرنىڭ تېلېفونىنى تېپىپ، بارمىقىنى ئۇرۇش كۇنۇپكىسى ئۈستىدە ئۇزۇنغىچە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا باسمىدى.

ھازىر ئۇنىڭ جەسۇرنىڭ ئەھۋالىنى سوراشقا نېمە سالاھىيىتى بار؟

 لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، قولىدىكى تېلېفوننى سومكىسىغا سالدى.

تاكسى داچا رايونىغا كىرىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى.

زىلالە سومكىسىدىن ھېلىقى توشقان ئېسىقلىق ئاچقۇچىنى چىقىرى ئىختىيارسىز جەسۇرنىڭ ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا قايتىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەندىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ قالدى.

 شۇنچە تېزلا يەنە ئاچقۇچنى قايتۇرۇپ بېرىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

بېشىنى چايقاپ، كاللىسىدىكى قالايمىقان خىياللارنى كەينىگە تاشلاپ  زالنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، داچىغا كىردى.

ۋە ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ    كارىۋاتنىڭ يېنىدا بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا كۆزى ئېچىلىپلا قالدى ...


 



、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章