كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
73 | 72 | 71 | ||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
74 -قىسىم
74- قىسىم
تاشلاندۇق ئىتتىن بەتتەر كۈنگە قالىسىز!
- ئابلىكىم دىرېكتور ، ئەينى چاغدا ... مەن سىزگە ياردەم قىلسام ۋاقتى كەلگەندە سىزمۇ ماڭا ياردەم قىلىمەن دېگەنتىڭىز ، ھازىرچۇ...- دېدى قەيسەر قاپىقىنى تۈرۈپ يانچە بولۇپ كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ، گالىستۇكىنى تارتىپ بوشىتىپ كىرېسلوغا يۆلىنىپ:
- ھازىر مەن جەسۇردىن تەرىپىدىن تيەننىڭدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم، مال-مۈلۈكۈم پۈتۈنلەي توڭلىتىلدى، يىراق ئەلگە كېتەي دېسەممۇ كېتەلمەيمەن، لېكىن سىزنىڭ مەن بىلەن كارىڭىزمۇ بولمىدى، سىز ماڭا مۇشۇنداق ياردەم قىلالامسىز؟ - دېدى.
ئابلىكىم ئوڭ قولىنى كۆتۈردى، ياردەمچى دەرھال تەييارلاپ قويغان چەكنى قولىغا بەردى.
ئابلىكىم پۇل چېكىنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئېڭىكىنى كۆتۈرگىنىچە:
- بۇ پۇللار يېتەمدۇ؟ - دېدى.
قەيسەر مەستلىكتە كۆزلىرىنى قىسىپ، ئۈستەلدىكى پۇل چېكىگە قاراپ قويدى.
ئۈستىدىكى سانلارنى ئېنىق كۆرگەندە مەستلىكى يېرىم يېشىلىپ، قولىنى سوزۇپ چەكنى ئالماقچى بولدى.
ئابلىكىم چەبدەسلىك بىلەن قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن چەكنى ئېلىۋېلىپ:
- سىزنى يىراق ئەلگە ئۇزىتىپ قويسام، كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن مېڭىشتىن بۇرۇن، ماڭا ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك، - دېدى.
- قانداق ياردەم قىلىمەن، - دېدى قەيسەر.
- ناھايىتى ئاددىي. - دېدى ئابلىكىم چەكنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ، - مەن جەسۇرنى... ئۈزۈل-كېسىل يوقاتماقچى، - دېدى.
قەيسەر خۇددى قولى ئوتتا كۆيگەندەك ئىتتىك تارتىۋېلىپ:
- بىر ئادەمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشىڭىزغا ياردەم قىلامدىم... ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
ئابلىكىم پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ:
- قەيسەر دىرېكتور ئىلگىرى بۇنداق ئىشنى قىلىپ باققانتىڭىزغۇ... زىلالەنىڭ دادىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدە يېتىپ قېلىشى سىزنىڭ نادىر ئەسىرىڭىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
قەيسەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئالاقزادىلىك چىقىپ:
- قالايمىقان سۆزلىمەڭ، ئوسماننىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشى بىر تاسادىپىيلىق، مەن بىلەن ئالاقىسى يوق. - دېدى.
- بۇ قېتىممۇ جەسۇرنى تاسادىپىيلىققا ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. - دېدى ئابلىكىم.
- بۇنچىلىك پۇل بىلەن بىر ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلدۇرماقچى بوپسىز، ئابلىكىم دىرېكتور مېنى بەك كىچىك كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق، - دېدى قەيسەر سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ ، - ھاياتىم تېخى ئۇنچىلىك پۇلغا يارىمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق، - دېدى.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى ئابلىكىم ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ.
ياندا تۇرغان ياردەمچى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، قولىدىكى ھۆججەتنى قەيسەرنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ:
- بۇ سىزنىڭ قەستەن جەسۇرگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى، ئەگەر بىز بۇلارنى جەسۇرغا ياكى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسەك، قەيسەر دىرېكتور كېيىنكى يېرىم ئۆمرىڭىزنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىسىز! - دېدى.
قەيسەر ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ قاراپ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ:
- سىلەر .... يوشۇرۇنچە زىيانكەشلىك قىلدىڭلارمۇ؟ - دېدى.
- كىم بىزنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؟ - دېدى ئابلىكىم مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، - بۇنىڭ ئۈستىدىكى ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى سىزنىڭ ھېسابات نومۇرىڭىزدىن كەلگەن. - دېدى.
قەيسەر ھۆججەتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئابلىكىمگە ئېتىلىپ:
- ھۇ ئەبلەخ، سەن بىلەن تەڭ ھالاك بولىمەن! - دېدى.
ياندا جىممىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى ياردەمچى دەرھال ئېتىلىپ كېلىپ، قەيسەرنىڭ ئىككى بىلىكىنى بىر سولدىن بىرى ئوڭدىن تۇتۇپ، ئابلىكىمنىڭ ئالدىدىكى گىلەمگە باستى.
- سىز مېنىڭ باققان ئىتىم، ئەگەر ياخشى ياشىماقچى بولسىڭىز، ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاڭ، - دېدى ئابلىكىم ياردەمچىسى سۇنغان رومكىنى ئېلىپ، ئاستا ئايلاندۇرۇپ، بىر يۇتۇم ئىچىپ:
- ھازىر، مەن سىزگە ئىككى خىل تاللاش بېرەي. بىرىنچى، ماڭا ياردەم قىلىپ جەسۇرنى كۆزدىن يوقىتىسىز، سىزنى يىراق ئەلگە ئۇزىتىپ قويىمەن، كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماي، راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۆتىسىز؛ ئىككىنچى، مەن بۇلارنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، كېيىنكى ئۆمرىڭىزنى ياۋاشلىق بىلەن تۈرمىدە ئۆتكۈزىسىز، - دېدى.
قەيسەر ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇشقا تىركەشتى، ئەمما ئىككى ئېگىز ياردەمچى بېسىپ تۇتۇۋالغاچ مىدىرلىيالماي قالدى.
يۈزى گىلەمگە يېقىلغان ھالەتتە كىرىسلۇدا ئولتۇرغان ئابلىكىمگە تەستە تىكىلىپ قارىيالىدى.
- مەن پەقەت ئۈچكىچە سانايمەن. - دېدى ئابلىكىم يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرىنى بېسىپ، قولىنى تېلېفون ئۇرۇش كۇنۇپكىسىغا قويۇپ:
- تەتۈر ساناق باشلاندى. 3、2...
ئۇ كۇنۇپكىنى باسماقچى بولغاندا، قەيسەر ئاخىرى چىداپ تۇرالماي جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ:
- ياق، مەن... مەن سىزگە ماقۇل بولاي، - دېدى.
- ناھايىتى ياخشى. - دېدى ئابلىكىم ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى ياردەمچىگە قەيسەرنى قويۇۋېتىشنى ئىشارەت قىلىپ، - ئۈچ كۈن ئىچىدە، جەسۇرنى كۆزدىن يوقىتىڭ، ئوڭۇشلۇق بولسا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ سىزنى يېڭى سالاھىيەت بىلەن يىراق ئەلگە چىقىرىۋېتىمەن، - دېدى ۋە قەيسەرنى يەردىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ، ياقىسىنى تۈزەشتۈرۈپ:
- مېنىڭ ئالدىمدا نەيرەڭۋازلىق قىلىمەن دەپ ئويلىماڭ، بولمىسا تاشلاندۇق ئىتتىن بەتتەر كۈنگە قالىسىز! - دېدى.
قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ، بۇرۇلۇپ ئايرىمخانىدىن چىقتى.
ئابلىكىم ئىككى ياردەمچىسىگە قول ئىشارىتى قىلىپ:
- ئىككىڭلار، ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن ئەگىشىڭلار، نەيرەڭۋازلىق قىلىپ سالمىسۇن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلساڭلار بولىدۇ. ئېسىڭلاردە بولسۇن، ئىشنى پاكىز، كەسكىن قىلىڭلار. - دېدى.
ئىككى ياردەمچى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قەيسەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى.
- ئابلىكىم دىرېكتور! - دېدى يېنىدا قالغان ياردەمچى ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، - سىز ئۇنىڭ ياۋاشلىق گەپ ئاڭلايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ئەلۋەتتە ئىشەنمەيمەن. - دېدى ئابلىكىم قولىدىكى رومكىنى يېنىك ئايلاندۇرۇپ، - ئەمما بىز خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان تىرىكتاپقا موھتاج! - دېدى.
جەسۇرنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ساناقسىز ئامال - چارىسى بار.
لېكىن، ھەم جەسۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەم دادىسىنى ئۆزىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك .
ھازىر قەيسەر جەسۇر تەرىپىدىن ئىلاجسىزلىق ئازگىلىغا چۈشۈپ، سېپى ئۆزىدىن غالجىر ئىتقا ئايلاندى.
غالجىر ئىت ئاچچىقىدا ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي ئادەم چىشلەيدۇ، ئابلىكىمغا كېرەك بولغىنىمۇ قەيسەرنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كۆز بويامچىلىق قىلىش.
ئىش ئوڭۇشلۇق بولسىلا، ئۇ ھەممىنى قەيسەرگە ئىتتىرىپ قويالايدۇ.
قەيسەر كېچىلىك كۇلۇبتىن چىققاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى سۈرتتى.
ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ، يول بويى ئۇدۇل مېڭىپ داچىسىغا قايتىپ كەلدى.
مېھمانخانىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن سىڭلىسى نىگارە جىددىيلىشىپ ئولتۇراتتى.
قەيسەرنى كۆرگەن ئۈچەيلەن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:
- قەيسەر، ئاڭلىسام ئۇلار سېنى تيەننىڭدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ، راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ - دېدى دادىسى.
- ئىككى كۈندىن بېرى تېلېفون ئۇرسام نېمىشقا ئالمايسەن؟ مەست بولۇپ قالدىڭمۇ، نەگە باردىڭ؟ - دەپ سورىدى ئاپىسى.
- شۇنداق، ئاكا، بۈگۈن بىز سودا سارايغا بارساق، ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمىدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ - دېدى نىگارە.
پۇل، پۇل، پۇل!
ئۇلار ئۇنىڭدىن پۇل سوراشتىن باشقا يەنە نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئاناڭنى، ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار! - قەيسەر تاقەتسىزلىك بىلەن ئۈچەيلەننىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، - توغرا، مەن تيەننىڭدىن قوغلاندىم، ھازىر مېنىڭ بىر تىيىنمۇ پۇلۇم يوق، پات ئارىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا يېتىشىم مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن بىر تىيىن ئالىمىز دەپ خام خىيال قىلماڭلار، ئەمدى رازى بولدۇڭلارمۇ؟ - دېدى.
ئالدىدىكى گاڭگىراپ قالغان ئاپىسىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئىشىكنى قاتتىق ياپتى.
يۈرىكىدىكى مۇدھىش ئوتىدا كۆيۈپ، يېقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.
كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ ئۈستەلدىكى ئىستاكان، كومپيۇتېر ھەممىنى غەزەپ بىلەن تاشلىدى، ئەمما يەنىلا ئاچچىقى چىقىمغاندەك ھېس قىلىپ، ئىككى پۇتىدا قاتتىق دەسسىدى.
يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتكەن سۈرەت رامكىسىغا كۆزى چۈشكەندە سەل تۇرۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ زىلالە بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى، قەدىمىنى توختىتىپ، ئېڭىشىپ ئەينەك پارچىسى ئارىسىدىن سۈرەتنى ئېھتىيات بىلەن ئالدى.
ئۇ زىلالەنى قوغلىشىپ، قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككىسى بىللە ساياھەتكە چىققاندا، دېڭىز بويىدا چۈشكەن سۈرەت ئىدى.
زىلالە بىر قولىدا شىلەپىسىنى، يەنە بىر قولىدا يوپكىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ، چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
سۈرەتتىكى زىلالەگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالغان قەيسەر ئالىقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستىدىكى تاماكا كۈلىنى ئاستا سېرىپ تازىلىدى.
ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئۇمۇ ئىزچىل چوقۇم پىرامىدانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئادەم بولىمەن دەپ ئويلايتتى.
ھازىر ئويلاپ باقسا، ئۇنىڭ 30 يىلغا يېقىن ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشال ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى زىلالە بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئاشۇ بىر نەچچە يىل ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئاچكۆزلۈك قىلىپ پۈتۈن تىيەننىڭنى يۈتىۋالماقچى بولمىغان بولسا، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ ئىشلارنى قىلمىغان بولسا ... بەلكىم... ئۇلار ھازىرمۇ كۈنلىرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزەلەيتتى.
ئەپسۇس، ھەممىنى ئۇ ئۆزى بۇزدى.
قەيسەر زىلالەنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ، ماغدۇرسىزلىنىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ:
- زىلالە، كەچۈرۈڭ، مەن... راستتىنلا قەستەن قىلمىدىم، مەنمۇ ئۇلار تەرىپىدىن مەجبۇرلاندىم ... ئۇلار كۈن بويى پۇللا دەيدۇ، ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ، مەنمۇ باشقا ئامال تاپالمىدىم... بىلەمسىز؟ - دېدى.
سۈرەتتە، زىلالە يەنىلا ئۈن-تىنسىز كۈلۈپ تۇراتتى.
- نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ سىزمۇ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسىز؟ - دېدى قەيسەر بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ،- ئەمەلىيەتتە سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش، مېنى ياراتمايسىز، شۇنداقمۇ؟ مېنى جەسۇرغا يەتمەيسىز دېدىڭىز، نەرىم يەتمەيدىكەن؟ ئۇ شۇ ... كاتتا ئائىلىدە تۇغۇلغانغۇ؟
- سىلەر مېنى تۈرمىگە تاشلاپ، نابۇت قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر...
- مۇمكىن ئەمەس! - دېدى.
بىر ئۆمۈرنى تۈرمىدە ئۆتكۈزمەيدۇ، بۇنداق ئاسانلا تەن بەرسە بولمايدۇ.
سۈرەتتىكى زىلالەگە تىكىلىپ قارىغانسېرى زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ بىللە تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىغا ئالدى.
قەيسەر سۈرەتنى چىڭ سىقىداپ، ئاستا-ئاستا مىجىدى.
بىر جۈپ قىزىلغا بويالغان كۆزلىرى قىسىلىپ، يىرگىنىشلىك چىراي ئىپادىسى ئاستا پەيدا بولۇپ:
- مەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە باشقىلارمۇ ئېرىشىشنى خام خىيال قىلمىسۇن، سىز مېنىڭ، ھالاك بولىدىغان ئىش بولسىمۇ، سىزنى ئېلىۋالىمەن، جەسۇر بىلەن خۇشال-خۇرام بىللە بولماقچىمۇ تېخى، خام خىيال... چۆچۈرىنى خام ساناپسىز! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar