مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 54-قىسىم_ ياخشى تىلەككە ئېرىشەلمەيدۇ

文摘   小说   2024-10-17 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  88  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746


535251








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

54 -قىسىم

   

 




54-قىسىم 

 ياخشى تىلەككە ئېرىشەلمەيدۇ (2)


زىلالە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

ئۇ جەسۇرنىڭ بۇنچىۋالا تېز  قايتىپ كېلىشىنى، ھەتتا ئۇدۇل بۇ يەرگە كېلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالغان زىلالە ھاڭۋىقىپ بىر مەھەل نېمە قىلىشنى بىلەلمىدى.

جەسۇرمۇ سەل ھەيران قالدى، بىر نەچچە سېكۇنتلۇق ھاڭۋېقىشتىن كېيىن، ئىنكاس قايتۇرۇپ:

 -  كىرمەڭ،  تاماكا چەكتىم، قېقىلىپ كېتىسىز، - دېدى - دە  دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى تاماكىنى كۈلدانغا بېسىپ، تېزلىكتە بېرىپ دېرىزىنى ئاچتى.

جەسۇر ئۆزىنىڭ سۈرەت رامكىسىنى تېخىچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئوڭ قولىنى ئاستا كەينىگە قىلىپ، قولىدىكىسىنى كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا قويدى.

رامكىنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەننىڭ قارلىق تاغدىكى ئارىشاڭغا دەم ئالغىلى بارغاندا، زىلالە تارتقان  ئۆز تارتىم سۈرىتى بار ئىدى.

جەسۇر بۇ سۈرەت ناھايىتى چىرايلىق تارتىلىپتۇ دەپ، ئالاھىدە سۈرەت قىلىپ بېسىپ چىقىرىپ، ئىككىيلەننىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويغانىدى.

 دېرىزىدىن شامال كىرىپ، ئۆيدىكى تاماكا پۇرىقىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

شامالدا ئازراق توڭلىغان زىلالە مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.

ئۇنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغان جەسۇر يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ:

 - كۇتۇپخانىغا بېرىپ سۆزلىشەيلى، - دېدى. 

زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپ ياندىكى كۇتۇپخانىغا كىردى.

جەسۇر ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىپ ئالدىغا كېلىپ تۇردى.

زىلالە كىتاب ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، بىر ئاز تارتىنىش ئىچىدە جىددىيلىشىپ، قەيەرگە قاراشنى بىلەلمەي قالدى.

تۇيۇقسىز ئەڭ يېقىن ئادەملەردىن ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاچقا بۇ خىل مۇناسىۋەتكە پەقەتلا كۈنەلمىگەندەك قىلاتتى.

يېنىك نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، نەزىرى  ئۇنىڭ بېشىدىكى داكىغا چۈشۈپ:

 -  يارىڭىز قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا جەسۇرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا:

 -  يارىڭىز قانداقراق؟ - دەپ سورىغان ئاۋازىمۇ جاراڭلىدى.

زىلالە ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ:

- نېمىشقا بۇنچە تېز دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

 - شىركەتنىڭ ئەھۋالى جىددىي، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك، - دېدى جەسۇر چۈشەندۈرۈپ، كۆزلىرى ئۇنىڭ سەل تاتىرىپ قالغان چىرايىغا چۈشۈپ،  ئىچى ئاغرىغان ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، -  تۈنۈگۈن ئاخشام نېمىشقا ئۆيگە قايتمىدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

 - زۆھرەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردۇم، - دېدى زىلالە تىرىشىپ تەلەپپۇزىنى تەبىئىي تۈسكە كىرگۈزۈپ، - بۈگۈن نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرغىلى كەلدىم. - دېدى. 

 -  يىغىشتۇرۇشىڭىزنىڭ  ھاجىتى يوق، بۇندىن كېيىن مۇشۇ يەردە تۇرىسىز، مەن كۆچۈپ چىقىپ كېتىمەن، - دېدى جەسۇر.

 - ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟  - دېدى زىلالە.

 - نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ - دېدى جەسۇر كەسكىن تەلەپپۇزدا، -  بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز.  - دېدى.

 - لېكىن... بۇ ئۆينى سىز سېتىۋالغان.  - دېدى

-  سىز... - دېدى جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جىددىي تەلەپپۇزدا گەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، تەلەپپۇزىنى پەسەيتىپ، -  مەن بۇ ئۆينى، يەنە  ماشىنىنى سىزگە قالدۇرۇشنى ئويلاشتىم،- دېدى. 

 -   ھاجىتى يوق. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ،  - ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقالايمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى  سىزدە قالسۇن، - دېدى - دە سومكىسىدىن پۇل قاپچۇقىنى چىقىرىپ، جەسۇرنىڭ ماشىنا سېتىۋالغاندا ئۇنىڭغا بەرگەن، كېيىن ئىزچىل ئېلىۋالمىغان بانكا كارتىسىنى، داچىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن بىللە سۇندى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئىككى قولىنى يان تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ، مىدىر-سىدىر قىلماي تۇردى.

ئۇنىڭ ئالمىغانلىقىنى كۆرگەن زىلالە قولىدىكى كارتا بىلەن ئاچقۇچنى ئۈستەلگە يېنىك قويۇپ:

 -  نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ چىقاي، بىرەر كۈنى ۋاقتىڭىز بولسا تېلېفون قىلىڭ،  خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرۋېتەيلى،- دېدى ۋە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئېغىر  قەدەم بىلەن ئىشىك ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جەسۇر كۆزىنى يۇمۇپ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي،قولىنى سوزۇپ، بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

 -  ماڭا ئۆچلىكىڭىزنى بىلىمەن، بۇ  سىزگە بەرگەن ئازراق تۆلەم بولسىمۇ، بولمامدۇ؟  - دېدى.

- سىز ماڭا قەرز ئەمەس، تۆلەم بېرىشىڭىزنىڭمۇ  ھاجىتى يوق. - دېدى زىلالە بىلىكىنى تارتىپ، كىرپىكلىرىنى ساڭگىلىتىپ،  - شۇنداقلا مەن سىزگە ئۆچ ئەمەس. - دېدى. 

جەسۇر قولىنى چىڭ سىقىپ:

 -  ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنى ئېپقېلىڭ، - دېدى. 

 - ئالسام بولمايدۇ، - دېدى زىلالە. 

 - نېمىشقا بولمايدۇ؟ بىز ئىلگىرى ئەر-خوتۇن ئىدۇق، ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مال-مۈلۈكنى بۆلۈشىمىز كېرەك. - دېدى جەسۇر بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ مۈرىسىدىن تۇتۇپ،  - بۇلار سىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر، - دېدى. 

 - توي قىلىشىمىزمۇ بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئەمەس، - دېدى زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ مۈرىسىگە قويۇلغان قولىنى چۈشۈرۋېتىپ، چوڭ قەدەم بىلەن كۇتۇپخانىدىن چىقتى.

 - زىلالە! - جەسۇر كۇتۇپخانىدىن قوغلاپ چىقىپ،  - ھازىر ساددىلىق قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، دادىڭىزنىڭ داۋالىتىشقا پۇل كېتىدىغانلىقىنى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىمۇ بىر يەردە تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ يەنە ئاكىڭىزمۇ بار، ئۇنىڭ دېلوسىغىمۇ پۇل كېرەك، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن چىققاندىن كېيىن نەدە تۇرىدۇ؟  نېمىشقا بۇنداق ئېنىق ئايرىپ تۇرۇۋالىسىز،  ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا  ئىلگىرى ئەر-خوتۇن بولۇشقان، شۇنداق ئەمەسمۇ؟  - دېدى.

زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، كۆزىنى يۇمدى.

ئۇ بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك جەسۇرنىڭ ئۆزىگە رەھىمسىزلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئېنىقلا ئاجرىشىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؟

 بۇنداق قىلسا تېخىمۇ  ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟!

زىلالە چىشىنى چىشلەپ، سوغۇققىنە  دىمىقىنى قېقىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ:

 -  چۈنكى مەن سىزنىڭ سەدىقىڭىزگە موھتاج ئەمەس،  ئازراق بولسىمۇ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى ساقلاپ قالساممۇ بولمامدۇ؟ - دېدى.

جەسۇر جايىدا  گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.

 زىلالە چوڭ قەدەم بىلەن چوڭ ياتاق ئۆيگە قايتىپ ، كىيىم قويۇش ئۆيىگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى قالايمىقان تارتىپ ئېلىپ، چامادانغا سالدى.

نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرغان-يىغىشتۇرمىغانلىقىغا قارىماي، ئالدىراپ-تېنەپ چاماداننى سۆرەپ  ياتىقىدىن چىقتى.

كارىدوردىكى جەسۇرنى كۆرۈپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى.

جەسۇر ئۇنىڭ چامادانىنىڭ سېپىدىن تۇتۇۋېلىپ:

 -  مەن  ياردەم قىلاي، - دېدى. 

 -   ھاجىتى يوق.  - دېدى زىلالە.

 -  پىكرىمدە چىڭ تۇرىمەن!  - دېدى جەسۇر.

زىلالە لېۋىنى چىشلەپ، قولىنى قويۇۋېتىپ، پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۈشتى.

جەسۇر  چاماداننى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ پەلتوسىنى كىيىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپ ياندىكى ئۈستەلدىن ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ كېلىپ:

 - تۈنۈگۈن قايتقاندا  ئالدىراشلا كېتىپسىز، ھەتتا ئىسكىرۇپكىنىمۇ ئالماپسىز،  مەن  ئالغاچ كەلدىم، - دېدى. 

زىلالەنىڭ جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزىنى يۇمۇپ، يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا:

 - باشقا نەرسىنى ئېلىڭ دەپمۇ مەجبۇرلىمايمەن، پەقەت مۇشۇ ئىسكىرۇپكىنى بولسىمۇ ئېلىپ كېتىڭ، بۇنى خاتىرە دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ، - دېدى. 

زىلالە بىرنەچچە سېكۇنت ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىر  قولىدىكى  ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ:

- كېيىنچە پۇل تېپىپ قالسام، ئىسكىرۇپكىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.  - دېدى.

جەسۇر گەپ قىلماي، چاماداننى پەلەمپەيدىن چۈشۈرۈشكە ئۈن-تىنسىز ياردەملەشتى.

زىلالە بىر قولىدا ئىسكىرۇپكىنى، يەنە بىر قولىدا چاماداننى تۇتۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن چوڭ يولىغا قاراپ ماڭدى.

قىشنىڭ سۇس ئاپتىپىدا، قىزنىڭ ئۇرۇق، جانسىز گەۋدىسى ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيتتى.

ئۇچىسىغا كۆڭلەكلا كىيىۋالغان جەسۇر پەلەمپەينىڭ ئاستىدا سوغۇق شامالدا تۇرۇپ، ئىككى مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ:

 -  كەچۈرۈڭ، زىلالە، - دېدى. 

ماشىنا  كېلىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا توختىدى، ئەنۋەر ئىشىكنى ئېچىپ پەسكە چۈشۈپ:

 -  ھاۋا بەك سوغۇق، بۇ يەردە تۇرۇپ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دېدى. 

جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ، تاماكىدىن بىر تال چىقىرىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ، كۈچەپ بىرنى تارتىپ:

 - شىركەتنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟  - دەپ سورىدى.

 



、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章