كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
58 | 57 | 56 | ||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
59 -قىسىم
59- قىسىم
بالىنى ئالدۇرۋېتىش؟ ! (1)
زىلالە ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، دەل ۋاقتىدا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە كەلدى.
ئۇياق-بۇياققا قاراپ، جەسۇرنى كۆرمەي، بىلىكىدىكى سائەتكە قارىدى.
تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ < خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە كۆرۈشەيلى> دېگەنلىكىنى، قايسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.
زىلالە جەسۇرغا تېلېفون قىلىش-قىلماسلىقتا ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، يانفونى يېنىك سىلكىنىپ، ئۈندىدار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى.
[جەسۇر: مەن ئۇدۇلدىكى قەھۋەخانىدا سىزنى ساقلايمەن. 】
زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ كوچىنىڭ ئۇدۇلىغا قارىدى، دەرۋەقە ئۇدۇلدا بىر قەھۋەخانا بار ئىدى.
ئەتىگەن بولغاچقا، قەھۋەخانىدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى.
زىلالە قەدەم ئېلىپ كىرىپ، دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان جەسۇرنى كۆردى.
ئۇدۇلىغا كېلىپ، ئۈستەلگە يانچە ئولتۇردى.
مۇلازىم پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، بىر ئىستاكان ھور چىقىپ تۇرغان شاكىلاتلىق سۈتنى زىلالەنىڭ ئالدىغا، بىر ئىستاكان قارا قەھۋەنى جەسۇرنىڭ ئالدىغا قويدى.
ئارقىدىن يەنە ئىككى كىشىلىك ساندۋىچ، ئىككى كىشىلىك تۇخۇم قورۇمىسى ئەكىلىپ بەردى.
كۆز ئالدىدىكى تونۇش ناشتىلىققا قاراپ، زىلالە ئوڭايسىزلانغان ھالدا بارمىقىنى چىڭ سىقتى.
جەسۇر سومكىسىدىن تەييارلاپ قويغان ئاجرىشىش كېلىشىمنامىنى ئېلىپ، ئاستا ئىتتىرىپ:
- مەن ... ئىمزا قويۇپ بولدۇم، بىرەر مەسىلە بارمۇ-يوق قاراپ بېقىڭ. - دېدى.
زىلالە ئالدىدىكى كېلىشىمگە قاراپ، ئەڭ ئاخىرقى بەتنى ئېچىپ ئىمزا قويدى.
گەرچە ئىككىسى ھازىرلا ئاجرىشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى تاللىدى.
ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئىمزا قويغىنىنى كۆرگەن جەسۇر بېشىنى ساڭگىلىتىپ، قويۇق كىرپىكلىرى بىلەن كۆز تېگىدىكى مەيۈسلۈكنى توسۇۋېلىپ:
- تاماق يەيلى! - دېدى.
زىلالە رەت قىلماي، شاكىلاتلىق سۈتنى كۆتۈرۈپ ئاستا بىر يۇتۇم ئىچتى.
- تەملىكمىكەن؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
زىلالە لېۋىنى بىلىنەر - بىلىنمەس يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
- بوپقالىدىكەن. - دېدى.
ئۇ ئەلۋەتتە راست گەپ قىلمىدى.
بەلكىم تەننەرخنى تېجەشنى ئويلىغاندۇ، ياكى قەھۋەخانىدا ئىشلىتىدىغان شاكىلاتنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يېتەرلىك ئەمەستۇ، تەمى ئازراق تاتلىق بولسىمۇ، ئەكسىچە بولۇشقا تېگىشلىك خۇش پۇراق ۋە سەمىمىيلىك يوق بولۇپ، جەسۇر پىشۇرغاندەك تەمنى چىقىرالمىغان ئىدى.
ئۈچتىن بىر قىسىمىنىمۇ ئىچمەي تۇرۇپ، ئىچكۈسى كەلمىگەن زىلالە ئۇدۇلدىكى قەھۋەنى ئارىلاشتۇرۇپ، ساندۋىچقا قول ئۇزارتمىغان جەسۇرغا قاراپ:
- يۈرۈڭ ماڭايلى! - دېدى.
بۇ گەپنى جەسۇرغا دېدى دېگەندىن كۆرە، ئۆزىگە دېدى دېگەن تۈزۈك.
ئىش مۇقىملىشىپ بولغانىكەن، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ، يەنە كېچىكتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
جەسۇر ئىستاكاننى قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئورنىدىن تۇردى.
ئىككىيلەن ئارقىمۇ - ئارقا مېڭىپ قەھۋەخانىدىن چىقىپ، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە كىردى.
ئالاھىدە كۈن بولمىغاچقا، ئادەممۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.
تويلىشىشش كىنىشكىسى ۋە ئاجرىشىشى رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان كۆزنەكتە بىر قەدەر ئادەم كۆپرەك دېيىشكە بولاتتى.
ئىككى ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەسئۇل خادىم بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- مۇبارەك بولسۇن، تويلىشىش رەسمىيىتى ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشەمسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ:
- بىز ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرگىلى كەلدۇق. - دېدى.
رەسمىيەت بېجىرىشكە مەسئۇل خادىم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.
زىلالە تويلىشىش رەسمىيىتى بېجىرىدىغان كۆزنەكتىن ئۆتۈپ، يېنىدىكى ئاجرىشىش رەسمىيەت بېجىرىدىغان كۆزنىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، جەسۇرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇردى.
خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىككىيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامە، ئاجرىشىش كېلىشىمنامىنى تاپشۇردى.
خىزمەتچى خادىم ئىككىسىنىڭ تويلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۈستىدىكى چېسلانى كۆرۈپ، سەل-پەل قاپىقىنى تۈرۈپ:
- توي قىلغىلى بىر نەچچە ئاي بولمايلا، ئاجرىشىپ كېتەمسىلەر، ئىككىڭلار ھاياجانلانماي ياخشىراق ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ! - دېدى.
- ئويلىنىپ بولدۇق. ـ دېدى زىلالە پەس ئاۋازدا، ـ قاراپ باقسىڭىز... يەنە باشقا ماتېرىياللار لازىممۇ؟ - دېدى.
- ھازىرچە ھاجىتى يوق، بىراق بەلگىلىمە بويىچە، سىلەرنىڭ يەنە بىر ئاي سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش ۋاقتىڭلار بار، ئەگەر بىر ئايدىن كېيىن يەنىلا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلساڭلار، كېلىپ رەسمىيەت بېجىرسەڭلا بولىدۇ. - دېدى خىزمەتچى خادىم .
- يەنە بىر قېتىم كېلىسىلەر دېمەكچىمۇ؟ - دەپ سورىدى زىلالە ئاجرىشىشنىڭ توي قىلىشتىن ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
- بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە، بىزمۇ قائىدە بويىچە ئىش قىلىمىز. - دېدى خىزمەتچى خادىم ئىككىيلەنگە سەپسېلىپ، زىلالەنىڭ ئۈزۈك تاقىۋالغان بارمىقىغا قاراپ، ـ قارىسام سىلەرمۇ ئويلىشىپ بولغاندەك قىلمايسىلەر، قايتىپ بېرىپ مۇشۇ بىر ئايدا ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ ئويلىشىپ بېقىڭلار، - دېدى.
قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە دىققەت قىلغان زىلالە ئۇنىڭ سول قولىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلىپ قالدى.
ئۈزۈكنىڭ تېخىچە قولىدا ئىكەنلىكى يادىغا كەلدى.
بۇنىڭدىن سەل ھودۇقۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ قولىدىكى ئۈزۈكنى ئاستا ئېلىۋېتىپ:
- ماقۇل، ئەمىسە بىر ئايدىن كېيىن كېلەيلى. - دېدى ۋە قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرىش زالىدىن چىقتى.
جەسۇرنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ھېلىقى ئۈزۈكنى سۇنۇپ:
- قايتۇرۇپ بېرەي. - دېدى.
جەسۇر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، ئالىقىنىدىكى كۆك رەڭلىك ئالماس ئۈزۈككە تىكىلىپ قارىدى.
بىر ھازا ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئۈزۈكنى ئېلىپ، ئاستا سىقىمداپ:
- نەگە بارىسىز، ئاپىرىپ قويايمۇ؟ - دېدى.
- بولدى، مېنىڭ باشقا ئىشىم بارتى، ئەمىسە بىز ... بىر ئايدىن كېيىن قايتا ئالاقىلىشايلى. - دېدى زىلالە ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ كەتمەكچى بولدى.
يولدا تاماق توشۇيدىغان يىگىت ئالدىراش موتۇسىلىكىتنى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى، زىلالە خىيال بىلەن مېڭىپ، بۇنى سەزمىدى.
- ئېھتىيات قىلىڭ! -
جەسۇر يۈگۈرۈپ كېلىپ، توكلۇق موتۇسىلىكىت سوقۇۋېتىشتىن بۇرۇن، بىلىكىدىن تارتىپ يول بويىغا چىقىرىۋالدى.
زىلالەنىڭ يۈزى مەيدىسىگە چۈشۈپ، تونۇش ھىدنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز چاپىنىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇۋالدى.
بېشىنى كۆتۈرگەندە، كۆزلىرى جەسۇرنىڭ كۆزىگە بىلەن ئۇچراشقان شۇ پەيتتە يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى.
شۇ چاغدىلا ئىككىسىنىڭ نەچچە ئاي بىللە ياشىغانلىقىغا راستتىنلا چېكىت قويۇلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
شۇ دەقىقىدە، بارلىق قەيسەرلىك ۋە نىقابلىنىش ھەش-پەش دېگۈچە پارە-پارە بولدى.
تەسۋىرلىگۈسىز ھەسرەتتىن پۈتۈن بەدىنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ، بۇرۇنى ئېچىشىپ، ياش تۆككىلى تاس قالدى.
جەسۇرنىڭ ئۆزىدىكى بىنورماللىقنى سېزىپ قېلىشىنى خالىماي، ئالاقزادىلىك ئىچىدە قۇچىقىدىن قېچىپ چىقىپ، يول بويىغا ئېتىلىپ تاكسى توسۇپ ئارقا ئورۇندۇققا كىرىپ ئولتۇرۇۋالدى.
قولىنى كۆتۈرۈپ كۆز ياشلىرىنى توسۇۋالماقچى بولغان شۇ دەقىقىدە كۆز يېشى ئۈن-تىنسىز يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلدى.
ئۇ ئۆزىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ قاپتۇ، ئويلىغىنىدەك ئۇنداق قەيسەر ۋە ئەركىن بولالمايدىكەن.
- خانقىز، نەگە بارىسىز؟ -
شوپۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، زىلالە بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى سۈرتۈپ:
- دوختۇرخانىغا، ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا. - دېدى.
قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس، جەسۇرغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشنى ھەم بۇ ئىشتىن ئارتۇقچە پۇتاق چىقىپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ .
ئەتىگەندە ئۆيدىن چىققاندا، ئاجرىشىش رەسمىيەتنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى ئالدۇرۋېتىشنى ئويلاپ قويغانىدى.
ئالدىنقى قېتىملىق دوختۇرخانىدىكى ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، زىلالە بۇ قېتىم بىۋاسىتە ئادەتتىكى ئوپېراتسىيەنى تاللىدى.
ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تالونىنى ئېلىپ ئامبۇلاتورىيە ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كەلدى.
20 نەچچە يىل ياشاپ، تۇنجى قېتىم، ئۆزى يالغۇز دوختۇرخانىغا كەلدى.
سەل جىددىيلىشىپ قالدىمۇ، بىلمىدى كارىدوردا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى.
بىر قول تۇيۇقسىز سوزۇلۇپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە چۈشۈپ:
ـ زىلالە، راستتىنلا سىزكەنسىزغۇ! - دېدى.
زىلالە ھەيرانلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ، زىبارەنىڭ كەينىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىيلەشكەن ھالدا قولىدىكى قەغەزنى ئىككى قاتلاپ، ئارقىسىغا يوشۇرۇپ:
- زىبارە، سىزگە... بۇ يەردە نېمە بار؟ - دەپ سورىدى.
- بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى قايتا ئىشلەيدىكەن كۈن. - دېدى زىبارە. كۆزى ئۇنىڭ سەل تاتىرىپ كەتكەن يۈزىگە چۈشۈپ، - ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ھە، ياق... ياق... ھە ئازراق زۇكام بولۇپ قاپتىمەن، - دېدى زىلالە دۇدۇقلاپ.
ئۇنىڭ دۇدۇقلىغىنىنى كۆرگەن زىبارە تېخىمۇ ئەنسىرەپ:
- زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچقىسى يوق، كېلىپ ئازراق دورا سېتىۋالدىم، - دېدى زىلالە.
گېپى تۈگىشىگىلا ئامبۇلاتورىيە ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ:
- كېيىنكىسى! - دېدى.
زىبارە ئوپىراتسىيەخانا تەرەپكە قاراپ:
- ئوپېراتسىيە قىلغۇزامسىز؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە قولىنى چىڭ سىقىپ، كەينىگە داجىپ:
ـ مەن... قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، دورا ئالغىلى كەلدىم، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم. سىزنىمۇ گەپكە تۇتماي، ئاۋۋال بېرىپ دورىنى ئېلىۋالاي، - دېدى.
زىبارەنىڭ بىرەر ئىشنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆپرەك تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي، كەينىگە بۇرۇلۇپ تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقتى.
زىبارە گۇمانلانغان ھالدا قاپىقىنى تۈردى.
زىلالە بۈگۈن نېمىگە بۇنداق غەلىتە بولۇپ قالغاندۇ؟
- خانقىز، تەكشۈرۈش قەغىزىڭىز چۈشۈپ قاپتۇ!
يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سېسترا زىبارەنىڭ يېنىدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىگە دىققەت قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسكەرتىپ قويدى.
- ھە، رەھمەت! - زىبارە ئېڭىشىپ يەردىكى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولىغا ئالدى، بىر قاراپلا ئۈستىگە زىلالەنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى كۆردى.
بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاددىي < ھامىلىدار> دەپ يېزىلغانىدى .
زىبارە بۇنى كۆرۈپ چۈشەنمىگەن ھالدا قوشۇمىسىنى تۈردى.
بىراق زىلالە ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقا ئۇنىڭ ئالدىدا دۇدۇقلاپ يۈرىدۇ؟
ئۇنى جەسۇرغا باشقىچە نىيەتتە بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغاندۇ؟ !
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar