كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
74 | 73 | 72 | 71 | 70 |
79 | 78 | 77 | 76 | 75 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
80-قىسىم
80-قىسىم
ئۇچرىشىپ قېلىش
ئەرنىڭ پەس بوغۇق ئاۋازى زۇبەيدەگە ناھايىتى تونۇش ئىدى.
بۇ تەمنى سېغىنغىلى ئۇزۇن بولدى؟
يېڭى قورۇمىلارنىڭ تەمى ياخشىمىكەن؟
ئېنىقكى، بۇ ئىككى ئادەم ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى.
ئايال ئالدى بىلەن ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىدىن چىقتى، چىرايىدا سۇس رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى، كۆك رەڭلىك v ياقىلىق پوپايكا، بېلىكىگە ئاچ سېرىق رەڭلىك مامۇق چاپان ئېسىۋالغان بولۇپ، شۇ تاپتا چاپاننى كىيمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
ئۇنىڭ كەينىدىن چىققان ئەر زۇبەيدەگە تونۇش بولۇپلا قالماي، چىرايىنى ئەمەس ئارقىسىدىن بەدەن شەكىلىنى كۆرسىمۇ تونۇپ قالاتتى.
ئەر شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىدا تۇراتتى، ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىۋالغان، بىلىكىگە چاپىنى ئېسىلىپ، يەنە بىر قولىدا ئايالچە سومكا كۆتۈرۈۋالغانىدى.
ئايال كىيىملىرىنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن، ئەر قولىدىكى سومكىنى ئايالغا سۇندى.
- رەھمەت، - دېدى ئايال قول سومكىسىنى ئېلىپ، ئەرگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئەرمۇ سۇس كۈلۈمسىرىدى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن سوغۇققان، تەمكىن كۆرۈنىدىغان ھالىتىنى يوقاتقان سۇس كۈلكىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى.
زەپەر ئالدىدىكى ئۇ ئايالنى تونۇمايتتى، لېكىن ياندىكى ئەرنى كۆرۈپ، ئۈنسىز كۈلۈپ كەتتى.
زەپەرنىڭ بۇ ھالىتىدىن، زادى قانچىلىك توغرا پەرەز قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
زۇبەيدە شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان قارىغۇلارچە چىڭ تۇرۇشىنىڭ بىر ئەسىرلىك كۈلكىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
شۇنچە كۈندىن بېرى، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئويلىماي، پەرۋا قىلماي كەلگەنىدى، مانا ئەمدى...
مەۋلان ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى يارلاندۇرىۋاتىدۇ.
زۇبەيدە سۇس كۈلۈمسىرىدى، چىرايىنى مەسخىرە كۈلكە قاپلىدى.
مەۋلاننىڭ چىرايىدىكى سۇس رازىمەنلىك كۈلكىسى ئاخىرى زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىنى قاتتىق تىترىتىۋەتتى، پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بىر خىل غەلىتە ئېقىم، تۇيۇقسىز بېشىغا ئۆتۈرۈلۈپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ماغدۇرسىزلاندى.
ئىختىيارسىز قولىنى كۆتۈرۈپ زەپەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالدى، قول بوغۇم سۆڭەكلىرى ئاقىرىپ كەتتى.
بەلكىم ئالدىدىكى غەلىتە ئەھۋالنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەۋلان بېشىنى كۆتۈردى، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆزلىرى زۇبەيدەنى كۆرگەن دەقىقىدە بىردىنلا يوق بولدى.
شۇنداق دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەردى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ ئىللىق يازدىن تۇيۇقسىز قەھرىتان سوغۇققا ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدى.
ھەقىقەتەن سوغۇق ئىدى، ئەمدىلىكتە راستتىنلا ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى قالمىدى.
دىمىقىدا كۈلۈپ قويدى، ھەقىقەتەن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى.
زەپەر زۇبەيدەنىڭ غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قوشۇمىسىنى سەل تۈردى، قولىنى ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مۇزدەك سوغۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئاندىن زۇبەيدەگە يېقىن كېلىپ پەس ئاۋازدا:
- سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى تىترەپ، قولىنى زەپەرنىڭ بىلىكىدىن تارتىۋالدى.
ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھېچقىسى يوق. - دېدى.
مەۋلاننىڭ يېنىدىكى ئايالمۇ زۇبەيدەنى كۆرۈپ سەل تېڭىرقاپ قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى زەپەرنىڭ ئۈستىدە بىر پەس توختاپ قالدى، ئاندىن يەنە زۇبەيدەنىڭ ئۈستىگە قايتىپ كەلدى، ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، چىرايىدا نۇقسانسىز كۈلكە جىلۋىلەندى، مۇلايىم ئاۋازدا:
- زۇبەيدە، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭغا بىر ئاز تىكىلىپ قاراپ قويۇپ، ئاندىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- كۆرۈشمىگىلى ھەقىقەتەن ئۇزۇن بوپتۇ. - دېدى.
ئۇنىڭ چىرايىدىمۇ ئوخشاشلا پەرۋاسىز كۈلكە، ئوخشاشلا كەم - كۈتىسىز سالماقلىق بار ئىدى.
- قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟ - زۇبەيدەنىڭ تەبىئىي سوئال سورىشى بىلەن، ئالدىدىكى ئايال چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قاشلىرىنى يىمىرىپ :
- قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى - ئۈچ كۈن بولدى. -دېدى.
- مۇنداق ئىكەندە، - دېدى زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ، لەۋلىرىدىكى سۇس كۈلكە بىر ئاز چوڭىيىپ، - تاماق يەپ بولدىڭلارمۇ؟؟ - دېدى.
- ھەئە. ئەمدى ماڭايلى دەپ تۇرغان. - دېدى ھېلىقى ئايال.
- بولىدۇ ئەمىسە، بىز ئەمدى كەلدۇق، پۇرسەت بولسا كۆرۈشەيلى. - دېدى زۇبەيدە.
- بولىدۇ، - دېدى ھېلىقى ئايال.
ئايال پۈتۈن پاراڭلىشىش جەريانىدا ناھايىتى پاسسىپ ئورۇندا تۇردى، زۇبەيدە گېپىنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ، يانغا بۇراپ يېنىدىكى زەپەرگە:
- ماڭايلى، - دېدى - دە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان ئايالدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
يول باشلاشقا مەسئۇل مۇلازىمەتچى يەنىلا ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.
زۇبەيدە ئەمدى مۇلازىملارنىڭ بايا ئۆزىگە قارىغان كۆزىنىڭ نېمىشقا غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى.
زەپەر ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھېچنېمە بولمىغان تۇرقىغا قاراپ، قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
مەۋلان سوغۇق چىراي بىلەن ئۇ يەردە تۇراتتى، زۇبەيدەنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ كۆزلىرىمۇ تەڭ يۆتكەلدى.
بىراق زۇبەيدە ئۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇدۇللا مۇلازىمەتچىنىڭ يېنىدا توختاپ:
- نېمىشقا تېخىچە ماڭمايسىز؟ - دېدى.
- ھە... بۇياققا مەرھەمەت. - مۇلازىم دەرھال ئېسىگە كېلىپ، زۇبەيدەنى ئالدىغا مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى.
ئالىي دەرىجىلىك تاماقخانىدا، كارىدور يېتەرلىك كەڭرى ئىدى.
قارمۇ - قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەۋلاننىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراقلىدى.
پۈتۈن جەرياندا زۇبەيدەنىڭ ئېتىبارسىز قارىشى مەۋلاننىڭ قەلبىدە يەنە بىر قېتىملىق غەزەپ قوزغىدى.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ كەينىدىكى ئەرنىڭ يېنىغا كەلگەندە قەستەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، چىرايىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىشلىرىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى تېخىمۇ قىسىلىپ، سوغۇق نۇر چاقنىدى.
ھېچكىم ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ زۇبەيدەنىڭ بىلىكىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
- بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى مەۋلان.
زۇبەيدە ئۇنىڭ غەزەپ بىلەن سورىغان سۇئالىغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
- بۇ دېگەن ئالىي دەرىجىلىك تاماقخانا، مەۋلان ئەپەندى. - دېدى.
ئەجەبا تاماقخانىغا كەلگەن ئادەم ئۇخلامدۇ؟
مەۋلان زۇبەيدەنىڭ سۆزىدىكى كىنايىنى تەبىئىيلا ئاڭلاپ ھېس قىلىپ، قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ:
- كەينىمدىن ئەگىشىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدە ئۇھ تارتىپ قويۇپ:
- مەن تاماق يېگىلى كەلدىم، بولامدۇ؟ - دېدى.
مەۋلان كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- ھازىرقى سالاھىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. - دېدى.
زۇبەيدە تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.
- بۇ تاماقخانا شۇنچە ئالاھىدىمۇ، ئەجەبا مەن بۇ يەرگە كەلسەم بولمامدۇ؟ ياكى مېنىڭ قايسى سالاھىيىتىم بۇ تاماقخانىغا كېلىپ تاماق يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟ - دېدى زۇبەيدە.
مەۋلاننىڭ كۆزلىرى تېخىمۇ قىسىلدى، ئەمما زۇبەيدە قولىنى كۈچەپ تارتىپ:
- ئامانگۈل خانقىز تېخىچە سىزنى ساقلاۋاتىدۇ، مېنىڭچە سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ئۇيۇنىڭىزنى كۆرۈشىگە يول قويمايسىز، - دېدى.
ئۇيۇنىنى كۆرۈش؟
شۇنداق.
باشقىلار مەۋلاننىڭ ئىككى ئايالنىڭ ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالسا ئۇيۇن بولۇپ بېرىدۇ.
بىرى توي قىلىپ، ھامىلدار بولغان ئايالى.
يەنە بىرى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويلايدىغان مەشۇقى.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ غەمكىن ، قارىداپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق تارتىشىپ تۇرۇشنى خالىمىدى، مەۋلاننىڭ كۆڭلىدە ئېنىق تاللاش قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ بولدى.
زۇبەيدە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- ئامانگۈل خانقىزنى بەك ئۇزۇن ساقلاتماڭ، ئۇ ئاران تەستە قايتىپ كەلگەن تۇرسا، - دېدى.
- ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدىكەنسىز. - دېدى مەۋلان .
زۇبەيدە پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ:
- شۇنداق قىلىشىم كېرەك. ھەممىمىز يۈز - ئابروينى مۇھىم بىلىدىغان ئادەملەر، ھېچقايسىمىز ئاخىرىغىچە ئاۋارە بولۇپ، بىكاردىن - بىكار باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشنى خالىمايمىز. سىزگە، ماڭا، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ياخشى ئەمەس. …… يەنە بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ - دېدى.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى سەۋەبسىزلا مەۋلاننى كەسكىن قارار چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى .
مەۋلاننىڭ يۈرەكلىرى بىر قىسما بولۇپ ، چىرايى يەنە بىر قېتىم تۇتۇلۇپ كەتتى.
زۇبەيدەنىڭ چىرايىدا يەنىلا سۇس كۈلكە جىلۋىلىنىپ :
- شۇنىڭ ئۈچۈن، مەۋلان ئەپەندى ئاۋايلاپ مېڭىڭ، مېنىڭ يەنە ئۇچرىشىشىم بار، ئۇزاتمىدىم، - دېدى.
زەپەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىدىن ئازراق كۈلكە يېغىپ :
- مۇبارەك بولسۇن. - دېدى.
بۇ بىر ئېغىز گەپ مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.
مۇبارەك بولسۇن؟
ئۇنىڭ سۈرلۈك ئەمما سالاپەتلىك چىرايى ئاخىرى روشەن تۈرۈلدى.
ئۇنى تەبرىكلەۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىمۇ؟
ئامانگۈل جايىدا تۇرۇپ، مەۋلاننىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق كۆردى. لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، پەس ئاۋازدا :
- كەچۈرۈڭ، مەۋلان، مەن بۇ ئاشخانىغا كېلىشتە چىڭ تۇرۇۋاپتىمەن، زۇبەيدە بىلەن بۇنداق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزنى بىلمەپتىمەن... - دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا سۇسقىنا قاراپ قويۇپ:
- سىز نېمىنى خاتا قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن، مەندىن كەچۈرۈم سورايسىز؟ - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ چىرايى قېتىپلا قالدى.
بۇ گەپ ئاڭلىماققا مەۋلاننىڭ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامانگۈل ئاڭلاپ بىلەلەيدۇ، ئۇ ... ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋاتىدۇ.
پەقەت بىر ۋاخ تاماق يېدى خالاس، ئۇ مەۋلاندىن كەچۈرۈم سورىسا، ئۆزىنى بەك مۇھىم ئادەم دەپ بىلىۋالغان بولمامدۇ؟
ئامانگۈل سەل خىجىل بولۇپ :
- زۇبەيدەنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن ... - دېدى.
ـ ماڭايلى، ـ دېدى مەۋلان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
- ماقۇل. - دېدى ئامانگۈل.
زۇبەيدە بىلەن زەپەرمۇ ئايرىمخانىغا كىرىپ ئولتۇردى، زەپەرمۇ تۈزۈت قىلمىدى، تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تاماق بۇيرۇتتى.
- بۇ يەرنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرىدىن بىر كىشىلىك، يېقىندا يېڭىدىن چىقارغان قورۇمىلىرىڭلاردىن بىر كىشىلىك كەلتۈرۈڭ. - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى تىترەپ كەتتى، مەۋلان بايا بۇ يەرنىڭ يېڭىدىن چىقارغان قۇرۇمىلىرىنى ياخشىكەن دەپ ماختىغان.
زەپەر تاماق تىزىملىكىنى يېپىپ ئۈستەلگە قويۇپ:
- بىر چەينەك ئىسسىق چاي ئەكىلىڭ. - دېدى.
- بولىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار، - دېدى مۇلازىم.
مۇلازىم تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى، نەتىجىدە زەپەر يەنە:
- تاماق ئەتكەندە دىققەت قىلىڭلار، ئۇ ھازىر ھامىلدار، - دېدى.
مۇلازىم بېشىنى كۆتۈرۈپ زۇبەيدەگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئەپەندىم. - دېدى.
مۇلازىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، زەپەر زۇبەيدەگە قاراپ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ، تەبىئىي ئەركىن - ئازادە پۇلاڭلىتىپ:
- ئازراق ھاراق ئىچەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە كۆزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- سىزدە ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى بارمۇ؟ - دېدى.
بايا مۇلازىمغا ئىسسىق چاي ئېلىپ كېلىشنى ئېيتىپ، ئەمدىلىكتە ھاراق ئىچەمسىز دەپ سورىغىنى قارا.
ئىش تاپالماي قالدىمۇ؟
زەپەر قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- مەست بولسا ھەممە دەرتنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولىدۇ! - دېدى.
زۇبەيدە توختاپ قالدى، ئاندىن يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:
- قايسى كۆزىڭىز بىلەن مېنىڭ غەمگە پېتىپ قالغانلىقىمنى كۆردىڭىز؟ - دېدى.
زەپەر قولىنى كۆتۈرۈپ ئىككى كۆزىنى كۆرسەتتى.
مۇشۇ كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دېمەكچى بولدى.
زۇبەيدەنىڭ تەبەسسۇمى ئۈزۈلمەي:
- مەن ھامىلدار بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۈگۈن ئىچىپ مەست بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. - دېدى.
- ھى. - دېدى زەپەر يېنىك كۈلۈپ، - زۇبەيدە، ئۆزىڭىزنى زىددىيەتلىك گەپ قىلغانلىقىڭىزنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ ئەينى چاغدا بالىڭىزنى بىلەن ئېرىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇشنى تاللىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا مەۋلاننىڭ ئالدىدا، سىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىڭىز ئاللىقاچان يوقالدى دېگەن گەپ. ھازىر بۇ يەردە قاتتىقلىق قىلىۋاتىسىز، ئۇنداقتا ئەينى چاغدا نېمىشقا ئاچچىقىڭىزدا ئۇنىڭغا ياتلىق بولغانتىڭىز؟ - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى.
ھەممە ئادەم مۇشۇنداق دەيدۇ.
لېكىن ئۇمۇ رەددىيە بېرىشكە ئامالسىز.
ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق.
ئۇنداقتا ئۇ ھازىر زادى نېمىسى بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ؟
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar