كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
41 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
43 -قىسىم
43-قىسىم
سىز چوقۇم ياشىشىڭىز كېرەك، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ (1)
- جەسۇر! -
زىلالە يول بويى يىغلاپ دەلدەڭشىپ مېڭىپ، چۆپلۈككە دومىلاپ چۈشكەن جەسۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىلىكىدىن يۆلەپ، - بىرەر يېرىڭىز يارىلاندىمۇ؟ مېنى قورقۇتماڭ.، - دېدى.
جەسۇر چۆپلۈكتە بېشى قىزىلغا بويۇلۇپ كۆزلىرى يۇمۇلغان ھالدا ياتاتتى.
- سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدۇ ... - دېدى زىلالە غالىلداپ تىترىگەن ھالدا سومكىسىدىن يانفونىنى چىقىرىپ، - ھازىرلا تېلېفون قىلاي... قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىراي، - دېدى.
يولدىن ئۆتكەنلەر كېلىپ ئورىۋېلىشتى.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە قاتناش ساقچىلىرى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىپ، جەسۇرنى نوسۇلكىغا سالدى.
بىرەيلەن ئېتىلىپ كېلىپ، زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تارتىپ ئىككىيلەننى ئايرىدى.
كەينىگە داجىغان زىلالە دوختۇر-سېسترالارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقماقچى بولدى.
- خانقىز! - دېدى دوختۇر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، - سىزمۇ داۋالاشقا موھتاج. - دېدى.
- ياق... مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىمەن، چوقۇم بىللە بېرىشىم كېرەك.. . - دېدى زىلالە ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىپ، - سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنى قۇتقۇزۋېلىڭلار، ئۇنى تېز قۇتقۇزۇڭلار، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ... سىلەر... سىلەر نېمىشقا قۇتقۇزمايسىلەر؟ - دېدى.
دوختۇر-سېسترالار بىر-بىرىگە قارىشىپ، ھېسداشلىق قىلىشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىپ:
- ئەنسىرىمەڭ، بىز ئۇنى تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىمىز. - دېدى.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قوزغىلىپ، ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى.
زىلالە ياندا ئولتۇرۇپ جەسۇرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:
- جەسۇر، ماڭا ۋەدە بېرىڭ ... چوقۇم ياشىشىڭىز كېرەك... ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
بارماقلىرى ئارىسىدىكى ئالىقان بارغانسېرى مۇزلاپ كېتىۋاتاتتى.
بۇرۇن ئۇنىڭ ئالىقىنى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ئىسسىق تۇراتتى.
مۇزدەك ھارارەت زىلالەنىڭ يۈرىكىنى كۆلنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۋەتكەندەك، نەپەس ئالالمىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى.
- سىز ماڭا ۋەدە بەرگەن... توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان، ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، بولمىسا ...مەن... سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن - دېدى زىلالە ئاخىرى يىغلاپ ئاۋازىمۇ چىقماي قالدى.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دوختۇرخانىغا كىرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئالدىدا توختىدى.
دوختۇر-سېسترالار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە جەسۇرنى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ كىردى.
زىلالەنىڭ پۇتى يارىلانغان بولسىمۇ، ئاغرىققا پىسەنت قىلماي، ئاقساپ يۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلدى، دوختۇر-سېسترالار ئۇنى توسۇۋېلىپ:
- خانقىز، كىرسىڭىز بولمايدۇ. - دېدى.
ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ سوغۇق تۆمۈر ئىشىكى چىڭ يېپىلىپ، ئۇنى جەسۇردىن ئايرىۋەتتى.
زىلالە ماغدۇرسىزلىنىپ كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ، تامنى بويلاپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قىزىلغا مىلەنگەن قولىنى كۆتۈرۈپ بېشىنى تۇتتى.
- خانىم! - يىراقتىن كېلىۋاتقان ئەنۋەر تېز قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ، - ئەپەندىم، قانداقراق؟- دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، يېنىك چايقاپ:
- بىلمەيمەن، ئۇ... دادامغا ئوخشاش، ھەممە يېرى قىزىلغا بويالغان پېتى كىرىپ كەتتى، لېكىن مەن... مەن... ھېچنېمە قىلالمىدىم. - دېدى.
ئەنۋەرنىڭ كۆزى ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن يۆتكىلىپ، زىلالەگە چۈشتى.
زىلالەنىڭ قوللىرى قىزىلغا بويالغان، تىزىمۇ ئېغىر يارلانغان بولۇپ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇراتتى.
چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان ئەنۋەر قەدەملىرىنى تېزلىتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:
- يۈرۈڭ، بېرىپ يارىڭىزنى بىر تەرەپ قىلايلى، - دېدى.
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى. - دېدى زىلالە بىلىكىنى تارتىپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا چېكىندى، ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، پىكىردە چىڭ تۇرۇپ، - مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلايمەن ... ئۇنىڭدىن ئايرىلمايمەن! - دېدى.
ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئەنۋەر يېنىك ئۇھسىندى.
كەينىگە بۇرۇلۇپ سېسترانى تېپىپ، زىلالەنىڭ يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئېيتتى.
چاپىنىنى سېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچاقلاپ قويدى.
ئەنۋەرنىڭ كۆزى ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى يورۇق چىراغقا تىكىلىپ:
- سىزنىڭچە ... ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەۋەر قىلامدۇق؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىدى، پەقەت يۈزىنى يانغا قىلىپ، بىر جۈپ كۆزى ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ يۆنىلىشىگە تىكىلدى.
دېزىنفېكسىيەلەش دورىسىنى يارا ئېغىزىغا سۈركەلگەندە ئاغرىسىمۇ ھېس قىلمىغاندەك قىلاتتى.
مۇشۇ پەيتتە زىلالە خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەنۋەر بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالمىدى.
بۇرۇلۇپ كارىدور تەرەپكە بېرىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئەركىنگە تېلېفون قىلدى.
ئەنۋەر جەسۇرنىڭ دادىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ.
لېكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن، جەسۇر بۇ ئائىلىنىڭ بالىسى.
بۇنداق چوڭ ئىش چىققاندا، ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشى كېرەك.
ئەركىن ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەچكە، ئاۋازى سەل ئۆتكۈرلىشىپ:
ـ نېمە دېدىڭىز؟ جەسۇرغا نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ئەپەندىم ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ھازىر ئوپىراتسىيەخانىدا. - دېدى ئەنۋەر ئىشنى ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ، قارشى تەرەپكە ئېغىر كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھايات-ماماتلىق ھەققىدە گەپ قىلمىدى.
ئۇ دېمىسىمۇ، ئەركىن پەرەز قىلىپ بولدى.
ئەگەر ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان بولسا، جەسۇرنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئەنۋەر ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز ئالاقىلاشمايتتى.
- ئەنۋەر، مەن ھازىرلا ئۇچۇپ بارىمەن. گېپىمنى ئېنىق ئاڭلاڭ... - دېدى ئەركىن سەل-پەل تىترەپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، - ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى دوختۇر تەكلىپ قىلىپ بېرىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. ماڭا ئۇنىڭ تىرىكى كېرەك، چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دېدى.
- خاتىرجەم بولۇڭ، چۈشەندىم، - دېدى ئەنۋەر تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، قايتىدىن ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئالدىغا قايتىپ ، زىلالەنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بىللە ساقلىدى.
ئىككىيلەن تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلىدى.
توپتوغرا تۆت سائەت ئىچىدە، زىلالە ھەتتا ئولتۇرۇش قىياپىتىنىمۇ ئۆزگەرتمىدى.
ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ بولغۇچە، خۇددى ۋىكليۇچاتېلى بېسىۋېتىلگەن ياغاچ قونچاقتەك لىككىدە ئورنىدىن تۇردى.
بەك ئىتتىك تۇرغاچقا، مېڭىسىگە قان يېتىشمەي، بەدىنى تىترەپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.
بەختكە يارىشا، ئەنۋەرنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، قولى چاققان بولغاچقا، ۋاقتىدا يۆلىۋالدى.
ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بىر دوختۇر چىقتى.
زىلالە بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:
- ماڭا ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ، ئۇ تېخى ھايات، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
دوختۇر ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ:
- ئۇ تېخى ھايات. - دېدى.
زىلالەنىڭ يۈرىكىدىكى چىڭ تارتىلغان تارا ئاخىرى بوشىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
كەچلىك تاماقنىمۇ يېمەي، بۇ يەردە توپتوغرا نەچچە سائەت ساقلىغانلىقتىن، بۇنىڭدىن باشقا روھىي جەھەتتىن مەجبۇرى بەرداشلىق بەرگەنلىكتىن بەدىنى ئاخىرى غۇلاپ چۈشتى.
زىلالە يەنە بىر قېتىم ئويغانغاندا، ئەتىسى سەھەر بولغانىدى.
ئۇ كۆزىنى ئېچىپ، بىر ئاز گاڭگىراپ قالغان ھالدا تۇرۇسقا تىكىلىپ قارىدى.
ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان زىلالە تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
- خانقىز! - سېسترا ئۇنىڭ بىلىكىنى بېسىپ تۇرۇپ، - ئېھتىيات قىلىڭ، سىز تېخى داۋالىنىۋاتىسىز. - دېدى.
زىلالە بىلىكىدىكى ئاغرىقنى ھېس قىلىپ، يۈزىنى بۇراپ ئاندىن قولىدا ئوكۇل يىڭنىسى بارلىقىنى بىلىپ:
- جەسۇر قەيەردە! - دەپ سورىدى.
سېسترانىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
- مەن بىلەن بىللە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئوپېراتسىيە قىلىنغان ھېلىقى ئەر، ھازىر قەيەردە؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە، دوختۇر ۋە سېسترالار ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئەنسىرىمەڭ، سىزمۇ ئارام ئېلىشقا موھتاج... - دېدى.
سېسترانىڭ گېپى تۈگمەستىنلا زىلالە يوتقاننى ئېچىپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشتى.
جازىغا ئېسىقلىق تۇرغان دورا سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ، ساپما كەشىنىمۇ كىيمەي، يالاڭ ئاياغ ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى.
لىفىتنى تاپالمىغان زىلالە پەلەمپەيدىن چىقماقچى بولۇپ ئەتراپقا قارىدى.
كارىدوردا ئىككى ئەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئەنۋەرنى كۆرۈپ قېلىپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ:
- جەسۇر... جەسۇر قەيەردە؟ - دەپ سورىدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar