مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 71-قىسىم_ ساددا

文摘   小说   2024-10-29 14:00   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  


=




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

71 -قىسىم

   


71- قىسىم  ياخشى-ياماننى بىلمەيدىغان گۆدەك، ساددا


ئابلىكىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ  ئىشخانىسىغا كىرگەن مۇيەسسەر كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكنى چىڭ يېپىپ:

- ئاكا، دادامنىڭ سالامەتلىكىدىن قانداق چاتاق چىققاندۇ؟  - دەپ سورىدى.

بىر ئوبدان تۇرۇپ، تۇيۇقسىز پاينى تەقسىم قىلدى، يەنە تېخى پېنسىيەگە چىقىپ ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ ھەقىقەتەن ئەركىننىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبى ئەمەس، مۇيەسسەر سەل ئەنسىرەپ قالدى.

 -  قانداق مەسىلە بولاتتى؟ - دېدى ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، -  ئۇچۇ بىر باھانە تېپىپ، جەسۇرنى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرمەكچى .   راستتىنلا چۈشىنەلمىدىم، بۇنداق چوڭ شىركەتنى جەسۇرغا قانداق تاپشۇرغىلى بولىدۇ؟  -  دېدى.

ئابلىكىمنىڭ ھاياجىنىغا سېلىشتۇرغاندا، مۇيەسسەر ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى.

 -  جەسۇر ئۆزى يالغۇز قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، بۈگۈنكىدەك دەرىجىگە يەتتى، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەسلىدىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دادامنىڭ شىركەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىشى نورمال ئەھۋالغۇ دەيمەن؟  -  دېدى.

 -  نورمالمۇ تېخى؟  -  دېدى ئابلىكىم دىمىقىنى قېقىپ،  -   %40 پاينىڭ ئەسلى يېرىمى سىزنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى.  ئازراقمۇ پەرۋا قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن، - دېدى.

مۇيەسسەر ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ:

  - مەن يا سىز بولمىسام، ماڭا نىسبەتەن، پۇلنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بارمىتى؟ - دېدى.

كىچىكىدىنلا ئاپىسى ئاكىسىنى  بۇ ئائىلىنىڭ ئىز باسارى دەپ تەربىيەلىگەن.

ئۇ ئاپىسىنىڭ نەزىرىدە، كەلگۈسىدە شىركەتكە پايدا - مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئائىلىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىدىغان دەسمى خالاس.

كىچىكىدىن تارتىپ، ئازراقمۇ ئەركىنلىكى يوق.

قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، قايسى كەسىپتە ئوقۇيدۇ ... ھەممە ئىشنى، ئاپىسى قارار قىلىدۇ.

ئۇ يىراق ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جاھان كېزىپ ئىگىلىك تىكلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاپىسى قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ مەجبۇرى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى.

دادىسى پاي چېكىنى ئۇنىڭغا بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئاپىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنى مۇيەسسەر  بىلىپ بولغان.

 - بىلىمەن، ئاپامدىن ئاغرىنىۋاتىسىز، ئۇنىڭ سىزنى كونترول قىلماسلىقى كېرەكلىكىنىمۇ بىلىمەن. - دېدى ئابلىكىم قەددىنى رۇسلاپ، سىڭلىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ،  - مۇيەسسەر، سىزگە ۋەدە بېرەي، بۇ قېتىم مەن تەرەپتە تۇرسىڭىزلا، چوقۇم  قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن، - دېدى.  

مۇيەسسەر بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - بۇ ئىشلارغا مېنىڭمۇ پەقەت قاتناشقۇم يوق.  - دېدى.

ئابلىكىم قاپىقىنى تۈرۈپ:

  - مەن دېگەن سىزنىڭ ئاكىڭىز، مۇيەسسەر، بۇ قېتىم ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك.  -  دېدى.

مۇيەسسەر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئابلىكىمنىڭ قولىنى چۈشۈرۈپ:

 - ئەگەر  راستتىنلا مېنى سىڭلىم دەپ قارىسىڭىز، ئاپامغا  ئەمدى ئېغىر كېسەل ياكى تومۇرىنى كېسىۋالىدىغان بىمەنە باھانىلەر بىلەن قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلايدىغان ئامال كۆرسەتمەڭ، - دېدى.

 ئابلىكىمنىڭ چىرايى قارىداپ:

- سىز... نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز، مەن قاچان ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسىتىپتىمەن؟  -  دېدى.

 - مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، سىزنىڭچە مەن يەنە سىزگە ئىشىنەرمەنمۇ؟ - دېدى مۇيەسسەر سۇس كۈلۈپ قويۇپ، -  ئىككىڭلارنىڭ بىرىڭلار ئەسكىنىڭ، يەنە بىرىڭلار ياخشىنىڭ رولىنى ئېلىپ، مېنى  قايتۇرۇپ كېلىشىڭلارمۇ كاتتا ئائىلىگە ياتلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەسمۇ؟  - دېدى. 

 - بۇنداق قىلىشىمىزمۇ سىزگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن.  ئىككى ئائىلە بىر-بىرىگە بەك ماس كېلىدۇ، تويدىن كېيىن، بىر ئۆمۈر يەپ-ئىچىشتىن غەم قىلمايسىز، بۇ ھەممە قىزلار ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش ئەمەسمۇ؟  -  دېدى.

 - ھەممە قىزلار ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش؟ -  مۇيەسسەر قاقاقلاپ كۈلۈپ  كۆزلىرى قىزىرىپ، -  سىلەر ئويلاپ باقمىدىڭلارمۇ، نېمىشقا دادام - ئاپام بەختلىك بولالمىدى؟  بۈگۈنگە كەلگەندە،  مېنى ئاپامنىڭ كونا يولىدا مېڭىشقا قىستىماقچى بولىۋاتىسىلەر، سىلەر نېمىدېگەن ...  كۈلكىلىك ئادەملەر!  -  دېدى.

 - بىز كۈلكىلىكمۇ تېخى؟ -  ئابلىكىم دىمىقىنى قېقىپ،  - بۇ سىزنىڭ بەك ساددىلىقىڭىزدىن بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر  ئائىلىمىزنىڭ چوڭ خانقىزى بولمىسىڭىز، ئۇ ئەرلەر سىزنى قوغلىشامتى؟  مۇيەسسەر، ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئاپام ئىككىمىز سىزگە ياردەم قىلىپ تاللاپ بەرگەن يول، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز!  -  دېدى.

 - بۇنداق تاللاشنى  ياقتۇرمايمەن!  - دېدى مۇيەسسەر قولىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى سۈرتۈپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ، -  مەن دادامنىڭ شىركەتنى سىزدىن بەكرەك  جەسۇرغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھېچ بولمىغاندا ئۇ سىلەرگە ئوخشاش، مېنى ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ئادەمگە ياتلىق قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ!  -  دېدى - دە كەينىگە بۇرۇلۇپلا  ئىشىكنى ئېچىپ كېتىپ قالدى.

ئابلىكىمنىڭ ياردەمچىسى ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ:

 - قارىسام مۇيەسسەر خانقىز يىغىلىغاندەك قىلىدۇ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟  -  دەپ سورىدى.

ئابلىكىم ئاچچىقىدا ئىش ئۈستىلىگە يۆلىنىپ:

  - ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۇ گۆدەك، ساددا، ياخشى-ياماننى بىلمەيدۇ.  -  دېدى.

 - ئابلىكىم دىرېكتور. - دېدى ياردەمچى ئاۋازىنى پەسەيتىپ،  - بايا خەۋەر تاپشۇرۇۋالدىم، ئۆمەرنىڭ دېلوسى ئىككىنچى سوتقا چىقىدىغاندەك قىلىدۇ، مېنىڭچە ئەكبەر چوقۇم يەنە يېڭى ئىسپات تاپتى،  - دېدى. 

 - ھازىر بۇلار مۇھىم ئەمەس. - دېدى ئابلىكىم چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،  - دادام شىركەتنى جەسۇرغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، مەن بۇ ئۈچىنچى شەخستىن تۇغۇلغان نېمىنىڭ ماڭا تېگىشلىك نەرسىنى بۇلاپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن!  - دېدى. 

 - ئۇنداق ئەمەستۇ؟ - دېدى ياردەمچى ھەيران بولۇپ، - سىز بۇ ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى، ئەركىن ئەپەندى نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ - دېدى.

ئابلىكىم دىمىقىنى قېقىپ:

  - يەنە نېمىشقا بولاتتى، ئۇ ھېلىقى پەسكەش خوتۇننى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بولمامدۇ!  -  دېدى.

ياردەمچى قاپىقىنى تۈرۈپ:

  - ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتا ئەركىن ئەپەندى سەل گۇمانلىنىپ قالدى،  قەيسەرمۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايدىكەن، مەن ھازىر  بۇ سولتەكنىڭ سىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، - دېدى.

 ئابلىكىمنىڭ چىرايى قارىداپ:

- شۇڭا ... بۇ قېتىم  بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىمىز،  - دېدى.

 -   نېمە دېمەكچىسىز؟  -  دەپ سورىدى ياردەمچى.

ئابلىكىم كۆزىنى قىسىپ، سوغۇق تەلەپپۇزدا :

 - مەن  ئىككى ئىتنى  تالىشىشقا سېلىپ، تەڭلا ھالاك قىلماقچى!  - دېدى. 

كۈي سۆيەر مۇزىكا ئۆمىكى، ئۆمەك باشلىقى ئىشخانىسى.

ئۆمەك باشلىقى قولىدىكى زىلالەنىڭ ئىستىپانامىسىغا قاراپ،  كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىپ:

 - زىلالە، سىز ئىلگىرى، بۇ يەردە قېلىپ تەرەققىي قىلىمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟  -  دەپ سورىدى.

- كەچۈرۈڭ، ئۆمەك باشلىقى. - دېدى زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ، - مەن... قارارىمنى ئۆزگەرتتىم.  -  دېدى.

 - بۇنى چۈشىنىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇمۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت. - دېدى ئۆمەك باشلىقى كۈلۈپ  ئورنىدىن تۇرۇپ، زىلالەنىڭ ئالدىغا كېلىپ،  ئوڭ قولىنى سۇنۇپ، - سىزگە ... تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى تىلەيمەن، - دېدى.

 - رەھمەت. - دېدى زىلالە قولىنى يېنىك تۇتۇپ، -  مەن سىزدىن بەكلا مىننەتدار، سىز ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىمدا  پۇرسەت بەردىڭىز،  كەچۈرۈڭ، سىزنى نائۈمىدتە قويدۇم!  - دېدى. 

 - بۇنداق دېيىشنىڭ  ھاجىتى يوق، ئادەم ھامان ئېگىزگە قاراپ ماڭىدۇ، بۇ يەرگە قارىغاندا، چوڭ سەھنىلەر سىزگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. - دېدى ئۆمەك باشلىقى قولىنى كۆتۈرۈپ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ،  - بېرىڭ، غەيرەت قىلىڭ. مەن كادىرلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ،  بۇ ئايلىق مائاشىڭىزنى ھېسابلاپ بېرىشنى ئېيتاي.  - دېدى.

زىلالە كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنگەندىن كېيىن، تەنتەنىلىك ھالدا سالام قىلىپ:

- مەيلى قەيەرگە باراي،  ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز  ئېسىمدە تۇتىمەن، خەير-خوش!  -  دېدى.

ئۇنىڭ ھاياتى ئەڭ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، ئۆمەك باشلىقى پۇرسەت بەرگەن.

ئۇنى مۇزىكا ئەترىتىگە قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل قوللاپ،  ئىلھام بېرىپ،  نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

مۇشۇنداقلا كەتسە، زىلالە ئۆزىمۇ خىجىل بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ.

زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆمەك باشلىقى ئىشخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى تەڭشىدى.

ئىشخانىغا قايتىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  غەيرەتكە كېلىپ مەشىق ئۆيىگە كەلدى.

رېپېتىتسىيە ئۆيىدە، مۇزىكانتلار كېيىنكى مەيدان ئويۇن ئۈچۈن مەشىق قىلىۋاتاتتى، ئايگۈلمۇ ئوتتۇرىدا ئەستايىدىل مەشىق قىلدى.

كۆپچىلىك بىر مۇزىكىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، زىلالە ئالدىغا قاراپ ماڭغاچ:

- كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئالىدىغان بولدۇم، مەن سىلەر بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم.  -  دېدى.

 - زىلالە! -  ئايگۈل ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

بىر نەچچە  گۇرۇپپا ئەزالىرى دەرھال كېلىپ:

 -  زىلالە ئاچا، نەگە بارىسىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  ئىستېپا بەردىم، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزاقتىن ماڭا غەمخورلۇق قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە بېشىنى لىڭشىتىپ،  -  مەنمۇ سىلەرنىڭ رېپېتىتسىيەڭلارغا دەخلى قىلماي، خوش ، كېيىنچە كۆرۈشەرمىز، - دېدى.

ئايگۈل ئىسكىرىپكىنى قويۇپ، زىلالەنىڭ قولىدىكى قەغەز خالتىنى ئېلىپ:

- زىلالە سىزنى ئۇزىتىپ قوياي!  -  دېدى.

ئىككىيلەن بىرلىكتە رېپېتىتسىيە ئۆيىدىن چىقىپ، ئايگۈل ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويدى، ئەمما يەنىلا كۆڭلى ئۇنىماي:

 - قانداقسىگە تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ ئالدىنقى قېتىم يىراق ئەلگە چىقىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلاشمىدىم دېگەنتىڭىزغۇ؟  - دەپ سورىدى.

 - پىلان ئۆزگىرىشكە يېتىشەلمەي قالدى، - دېدى زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ، - خالتىنىڭ ئىچىدە مەن رەتلىگەن بىر قىسىم مەشىق مۇزىكىلىرى بار، سىزگە سوۋغا قىلاي، ۋاقتىڭىز بولسا ياخشى مەشىق قىلىڭ، ئىشىنىمەنكى  چوقۇم باش ئىسكىرىپكىچى بولالايسىز.  -  دېدى.

 ئايگۈل بۇرۇنىنى تارتىپ:

- بۇنىڭدىن كېيىن  يەنە كۆرۈشەلەمدۇق؟  -  دېدى.

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەتتا زىلالە ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.

زىلالە كۆز ياشلىرىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ:

 - تېلېفون بارغۇ، بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.  - دېدى.







 




 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章