مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 72-قىسىم_مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ

文摘   小说   2024-10-30 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  


=




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766




71




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

72 -قىسىم

   

 

72 - قىسىم  

مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ؟


 - زىلالە!  - ئايگۈل ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،  - مەن ... مەن راستتىنلا سىزگە قىيالمايۋاتىمەن.  - دېدى.

- مەنمۇ شۇنداق.  - دېدى زىلالە قولىنى سوزۇپ  قۇچاقلاپ، - غەيرەت قىلىڭ، كېيىن  قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن. تېز قايتىپ كېتىڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزنى  ساقلاۋاتىدۇ!  -  دېدى.

ئايگۈل قىزارغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ:

  - ئەمىسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.  -  دېدى.

 - سىزمۇ شۇ!  -  زىلالە كۈلۈمسىرىگىنىچە  قول پۇلاڭلىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ،  تاكسى توستى.

 ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،  پەلەمپەيدە تۇرغان ئايگۈلغا قول پۇلاڭلىتىپ:

- ئۇستام، ماشىنىنى ھەيدەڭ!  - دېدى.

تاكسى شەھەر رايونىدىن چىقىپ، شەھەر سىرتىدىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە توختىدى.

زىلالە ماشىنىدىن چۈشۈپ، گىرىم ئەينىكىنى ئېلىپ، ئەستايىدىل گىرىمىنى تولۇقلىدى.

دادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يىغلىغىنىنى بىلىپ قالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، دادىسىغا ئالاھىدە سېتىۋالغان مېۋە-چېۋە ۋە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئېلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىردى.

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە ئوسمان نۇرزاتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قولىدىكى كىچىك گانتېلنى كۆتۈرۈۋاتاتتى.

بۇ بىر مەزگىللىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى خېلىلا ئەسلىگە كەلدى،  تاماق يېيىش، يۈزىنى سۈرتۈش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ ئۆزى قىلالايدىغان بولدى.

 زىلالەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

نۇرزات ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، زىلالەنى كۆرۈپ، ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - زىلالە، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ!  -  دېدى.

 - كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى! - دېدى زىلالەمۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ،  قەغەزنى چىقىرىپ دادىسىنىڭ تەرىنى سۈرتۈپ، - دادا، ھاردىڭىزمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 -  ھېچقىسى يوق. - دېدى ئوسمان قولىدىكى كىچىك گانتېلنى قويۇپ، - نۇرزات دوختۇر  پەقەت مەشىقنى داۋاملاشتۇرساملا، كېيىن  چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرامىساممۇ بولىدىكەن، - دېدى. 

- شۇنداقمۇ، بەك قالتىس ئىكەنسىز. - دېدى زىلالە مىننەتدارلىق بىلەن نۇرزاتقا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، -  دادام ئارام ئالسا بولامدۇ؟  -  دەپ سورىدى.

نۇرزات ۋاقىتقا قارىۋېتىپ:

  - ئۇنداق بولسا، ئون مىنۇت ئارام ئېلىۋالسۇن، سەل تۇرۇپ يەنە مەشىقنىڭ ئاخىرىنى قىلسۇن، مەن باشقا بىمارلارنى كۆرۈپ كېلەي.  - دېدى.

نۇرزات باشقا بىمارلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

زىلالە يېنىدىكى ئۈستەلدىن ئوسماننىڭ ئىستاكانىنى ئالدى.

 -  ئۆزۈم قىلاي، - دېدى ئوسمان ئۇنى كۈتۈشىگە ئۇنىماي، ئىستاكاننى ئۆزى كۆتۈرۈپ، ئىككى يۇتۇم  ئىچتى، قىزىغا قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ، ـ قاراڭ، ئۆزۈم ئىچەلەيمەن، - دېدى. 

 - مېنىڭ دادام بەك قالتىس! - دېدى زىلالە قەغەزنى ئېلىپ، ئاغزىنى سۈرتۈپ قويۇپ، ـ مەن سىزگە ياردەم قىلىپ يىراق ئەلدىكى دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇم، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، سىزنى ئاپىرىپ قوياي،  بولامدۇ؟  - 

ئوسمان سەل ھەيران بولۇپ:

 -  يىراق يەرگە چىقامسىز؟  -  دەپ سورىدى.

 - شۇنداق، بىر مۇزىكا ئەترىتى مېنى باش ئىسكىرىپكىچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، پۇرسەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. - دېدى زىلالە دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  - سەل ياخشى بولۇپ قالغاندا، ئويۇنۇمنى كۆرگىلى بارسىڭىز بولىدۇ، -  دېدى.   

 -  شۇنداقمۇ؟- دېدى  ئوسمان كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ، - زىلالە ئەڭ قالتىس، بۇ ئىشنى ئۆمەر بىلەمدۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 -  ئاكامنىڭ دېلوسى ئىككىنچى قېتىم سوتلىنىدىغان بولدى، ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە بارىدۇ، - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئوغلىنىڭمۇ ساق - سالامەت چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ تەبەسسۇمى تېخىمۇ نۇرلىنىپ:

- ماقۇل، بىللە بارايلى.  -  دېدى.

 زىلالەنىڭ كۆزى يېقىنلا يەردىكى نۇرزاتقا  چۈشۈپ، دادىسىنىڭ مۈرىسىدىن يۆلەپ:

 -  ئۇنداقتا سىز يەنە ئازراق مەشىق قىلىڭ، مەن نۇرزات دوختۇرغا دوختۇرخانا ئالمىشىدىغان ئىشنى دەپ باقاي.  -  دېدى.

زىلالە ئورنىدىن تۇرۇپ نۇرزاتنىڭ يېنىغا كېلىپ:

- نۇرزات دوختۇر، بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالسام بولامدۇ؟  - دېدى. 

 - بولىدۇ، كۆپچىلىك داۋاملىق مەشىق قىلىڭلار، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يارىلاندۇرۇپ قويماڭلار. دوختۇر، كېلىپ قاراپ تۇرۇڭ.  -  دېدى.

نۇرزات يەنە بىر دوختۇرغا بىمارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىغاندىن كېيىن، زىلالەنى ئېلىپ چېنىقىش ئۆيىدىن بىللە چىقىپ:

 -  دەڭە، نېمە ئىشتى؟  -  دېدى.

 -   مەن دادامنى يىراق يەردىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىغا يۆتكىمەكچى بولۇۋاتىمەن،  رەسمىيەتلەرنى قانداق بېجىرىمەن؟ - دېدى زىلالە.

 - دوختۇرخانا ئالماشتۇرامسىز ؟  - دېدى نۇرزات سەل ھەيران قېلىپ، -  سىز يېقىندىلا ئۇنىڭغا بالنىستىدا يېتىش ھەققىنى تاپشۇرغانتىڭىزغۇ، قانداقسىگە تۇيۇقسىز دوختۇرخانا ئالماشتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

- چۈنكى مەن يىراق يەرگە چىقىپ تەرەققىي قىلماقچى. - دېدى  زىلالە مۈرىسىنى قىسىپ، ـ سىزمۇ بىلىسىز، ئۇ تەرەپتىكى مۇزىكا ئۆمىكىدە خىزمەت قىلسام تېخىمۇ كۆپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمەن، ئۆزۈممۇ كۆپرەك چېنىقسامكەن دەيمەن. - دېدى.

نۇرزات رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنى بىردەم كۆزەتكەندىن كېيىن، كۆزلىرى سەل-پەل قىسىلىپ:

 -  بىلەمسىز؟ سىز يالغان سۆزلەشكە بەك ئۇستا ئەمەس!  - دېدى.

زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ چېچىنى تۈزەشتۈرۈپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ:

  - شۇنداقمۇ؟  - دېدى. 

 - ئۆزىڭىزنى قاچۇرىشىڭىز، چاچلىرىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇشىڭىز ئالاقزەدە بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى يوشۇرغانلىق، - دېدى نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ،  - مەن بۇرۇن پىسخولوگىيەنىمۇ ئۆگەنگەن،  مېنى ئالدىيالمايسىز! ئەگەر بىرەر قىيىنچىلىقىڭىز بولسا، ماڭا دەڭ، ياردەم قىلاي، - دېدى. 

زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، رېشاتكىغا يۆلىنىپ، يىراقتىكى ئورمانلىققا بىر ھازا قاراپ تۇرۇۋېتىپ:

- بۇ ئىشتا  ياردەم قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.  -  دېدى.

نۇرزاتمۇ ئۇنى دوراپ، رېشاتكىغا يۆلىنىپ:

 - ئالدىنقى قېتىم ئاجرىشىمەن دېگەنىدىڭىز، رەسمىيەت بېجىرىپ بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 -  ئاز قالدى.  - دېدى زىلالە.

- مەن شۇنداقراق پەرەز قىلغانتىم!  - دېدى نۇرزات يىراقتىكى ئورمانلىقتىن كۆزىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يىغلىغان كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ،   - سىز مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى چايقىدى.

 - ناھايىتى ئاددىي، يەنە بىر قېتىم  مۇھەببەتلىشىش كېرەك.- دېدى نۇرزات كۈلۈپ قويۇپ، - سىناپ باقامسىز؟  -  دېدى.

زىلالە سەل ھودۇقۇپ:

 - نېمە دېدىڭىز؟  -  دېدى.

نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ قېشىنى ئېتىپ:

  - نېمە، مەن كېلىشكەن ئەمەسمۇ؟  -  دېدى.

 - ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن!  - دېدى زىلالە ئۇنىڭ مەقسىتىنى ھېس قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، -  ئەمەلىيەتتە سىز بەك كېلىشكەن، مىجەزىڭىزمۇ ياخشى  -  دېدى.

 نۇرزات قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:

- ماڭا شۇنچە تېزلا ياخشى ئادەم كارتىسىنى بەردىڭىز، قارىغاندا مەندە ئۈمىد يوقكەن، - دېدى.

 - كەچۈرۈڭ! - دېدى زىلالە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، -  مەن شۇ سىزنىڭ بۇنداق  دەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن.  - دېدى. 

 - سىز بەزىدە ھەقىقەتەن سەمىمىي بولۇپ كېتىدىكەنسىز، - دېدى نۇرزات قاقاقلاپ كۈلۈپ، -  جىددىيلەشمەڭ،  چاقچاق قىلىپ قويدۇم.  -  دېدى.

زىلالە ئاخىر خاتىرجەم بولۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

  - شۇڭا دەيمەن.  مېنىڭ نەدىمۇ ئۇنداق چوڭ سېھرىي كۈچۈم بولسۇن!  -  دېدى.

نۇرزات ئۇنىڭ چېھرىدىكى كۈلكىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بېشىنى باشقا ياققا بۇراپ:

 - ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئىشنى ئانچە چۈشەنمىدىم، ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەندىكىن، ئوبدان ئۆتسەڭلا توغرا بولاتتى، بۇ قانداق بولغىنى؟  -  دەپ سورىدى.

قارشى تەرەپنى  ياخشى كۆرەمدۇ؟

ئەگەر جەسۇر ئۇنى راستتىنلا شۇنداق ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭدىن ئاجرىشىمەن دەپلا ئاجرىشامدۇ؟

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

 - بەلكىم،  مۇھەببىتىمىز يېتەرلىك چوڭقۇر بولمىغاچقا، باشقا نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ئامالسىز قالغاندۇ،  -  دېدى.

- زىلالە، سىزنىڭچە بىز دوستمۇ؟  -  دەپ سورىدى نۇرزات.

 - ئەلۋەتتە.  -  دېدى زىلالە.

- دوست بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزگە بىر تەكلىپ بەرسەم بولامدۇ؟  - دېدى نۇرزات.

 -  قېنى دەڭە.  - دېدى زىلالە.

نۇرزات يانغا تولۇق بۇرۇلدى،  چىراي ئىپادىسىدىن كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئەستايىدىل چىقىپ:

  - ئادەم ھاياجانلانغاندا چىقارغان قارارىغا ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ. سىزگە تەكلىپ بېرەي، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن قارار چىقىرىڭ.  -  دېدى.

زىلالە ئەستايىدىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - تەكلىپىڭىزگە رەھمەت، مەن چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىمەن.  -  دېدى.

نۇرزات بىلىكىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتقا قاراپ:

  -  باشقا بىمارلارنى كۆرۈپ كېلەي، دوختۇرخانا ئالمىشىدىغان ئىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر  راستتىنلا ئوسمان ئەپەندىنى  دوختۇرخانا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز، مەن سىزگە ياردەملىشىپ رەسمىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمەن ، - دېدى.  

- ماقۇل، ئەمىسە مەن دادامنى كۆرۈپ كېلەي، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.  -  دېدى زىلالە مىننەتدارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ ئوسماننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.

نۇرزات ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ قارىسىنىڭ مەشىق ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بېشىنى يېنىك چايقاپ:

 - ئاران دېگەندە بىر قىزغا كۆڭلۈم چۈشكەندە، قارشى تەرەپ توي قىلىپ بولغان چىقىپ قالدى، ھايات  مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ قانداق؟ - دېدى.


 



 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章