مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 56-قىسىم_ ئوتتۇرا مەكتەپتە

文摘   小说   2024-10-19 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

56 -قىسىم

   

 




56-قىسىم  

ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا... (2)


- دورىڭىزنى  ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. - دېدى ئەنۋەر قايتا تاپىلاپ،  كۆڭلىدە ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، لېكىن كەينىگە بۇرۇلۇپ  چوڭ داچىدىن چىقىپ كەتتى.

جەسۇر بىر قاچا شورپا ئىچىپلا چوكىنى  قويدى، باشتىن-ئاخىر قاچىدىكى بىر تال راك قورۇمىسىنى مىدىرلاتمىدى.

تەخسىگە دىققەت قىلغان ئەركىن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئارتۇق گەپمۇ قىلماي،  چوكىنى قويۇپ:

 -  يۈر، مەن بىلەن كۇتۇپخانىغا كىر، - دېدى. 

ئاتا-بالا ئىككىسى ئۈستىگە چىقىپ كۇتۇپخانىغا كىردى، ئەركىن جەسۇرنى كىرىسلۇدا ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ، ئىشىكنى ئۆز قولى بىلەن يېپىپ، جەسۇرنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:

- شىركىتىڭنىڭ ئىشلىرى ئاڭلىدىم، سەن ... بىرەرسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانمىتىڭ؟ - دەپ سورىدى. 

- بۇ مېنىڭ ئىشىم، سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. - دېدى جەسۇر ئېرىنچەكلىك بىلەن كەينىگە يۆلىنىپ،  -   قايتىپ كەلگەنمەن، سىزمۇ ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك ، - دېدى. 

ئەركىننىڭ كۆزى ئۇنىڭ سول قولىغا چۈشتى.

جەسۇرنىڭ كىرىسلۇنىڭ تۇتقۇچىغا قويغان سول قولى قۇرۇق ئىدى.

نامسىز بارمىقىدا  سۇس ئۈزۈك ئىزىلا قالغانىدى.

  - زىلالە ئىككىڭلار قانداق بولۇپ كەتتىڭلار؟  - دەپ سورىدى ئەركىن.

- سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە، مەن ئۇنىڭغا گەپنى ئۇچۇق قىلدىم، ئىككى كۈندىن كېيىن بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيەت بېجىرىمىز. - دېدى جەسۇر مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ،  - ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، مەن بىلەن بىللە بارسىڭىز بولىدۇ، - دېدى. 

ئەركىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاستا قەدەم بىلەن دېرىزە يېنىغا كېلىپ:

 - بىلىمەن، مەن بۇنداق دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن. بۇ ئۆمرۈمدە، ئەڭ يۈز كېلەلمەيدىغان ئادەم دەل ئاپاڭ، ھازىرمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قىلغان ئىشىمدىن پۇشايمان قىلىمەن.  - دېدى ۋە ئاستا كەينىگە بۇرۇلۇپ،  جەسۇرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ:

 - راستتىنلا زىلالە بىلەن ئاجرىشىپ كېتەمسەن؟  - دەپ سورىدى.

 - بولمىسا قانداق قىلىمەن؟ - دېدى جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، قاپقارا كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ،-  بۇ سىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىش ئەمەسمۇ؟  - دېدى.

ئەركىن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، قاڭشىرىنى چىمداپ:

 - ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئاۋۋال چىقىپ ئارام ئال، ئەتە ئەتىگەندە مەن سېنى شىركەتكە باشلاپ باراي. ياتىقىڭ  يەنىلا بۇرۇنقىدەك، ئەگەر بىرەر نەرسە لازىم بولسا، ئۆي خىزمەتچىسىگە دېسەڭ بولىدۇ، - دېدى. 

جەسۇر ھېچنېمە دېمەي، ئورنىدىن تۇرۇپ كۇتۇپخانىدىن چىقتى.

ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئەركىن تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ:

 - قاتناش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟  - دەپ سورىدى.

تېلېفوندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر:

- بۇ ئىشنى كىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئادەتتىكى قاتناش ۋەقەسى ئەمەس، بەزىلەر جەسۇر ئەپەندىنى قەستلىمەكچى بوپتۇ، - دېدى.

 - داۋاملىق تەكشۈرۈڭلار! - دېدى ئەركىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،  -  كىمنىڭ ئوغلۇمنىڭ جېنىنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىم كېرەك!  - دېدى. 

 تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قولىنى كەينىگە قىلىپ دېرىزە سىرتىدىكى تۈن قاراڭغۇسىغا تىكىلىپ، چوڭقۇر ئۇھسىندى.

ئابلىكىم ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكنى ئېچىپ، پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى-دە، پەتنۇستىكى قارلىغاچ ئۇۋىسى شورپىسىنى ئاپىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

 -  خاپا بولماڭ، ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە يەڭ، - دېدى.

 - تاماق يېيەلەمدىم؟ - دېدى سانىيە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئوغلىغا قاراپ، -  گېلىڭدىن تاماق ئۆتتىمۇ سېنىڭ، جەسۇرنىڭ نېمىشقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى راستتىنلا بىلمەمسەن؟ - دېدى. 

 -  بولدى. - دېدى ئابلىكىم كۈلۈپ تۇرۇپ قاچىنى ئاپىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - ئۇ مېنىڭ ئۇكام، ئەسلىدىمۇ بۇرۇنلا قايتىپ كېلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ - دېدى. 

- نېمە؟ ئۇكام! - دېدى سانىيە قاچىنى قايتىدىن پەتنۇسقا قويۇپ، -  ئۇ ھېلىقى تۈلكە جىندىن تۇغۇلغان تۇرسا، ئۇ نېمىگە ئاساسەن سەن بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئائىلىمىزدە  ئۇنىڭ بىر تىيىنلىق ھەققى يوق!  - دېدى.

-ئاپا!  - دېدى ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەسكەرتىپ،  - بوشراق گەپ قىلىڭ، - دېدى. 

 -   نېمىشقا بوشراق گەپ قىلىمەن، قايسى گېپىم خاتاكەن؟ - دېدى سانىيە سوغۇققىنە خۇرسىنىپ،  - ئەينى چاغدا، ئۇ ئۆزى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، مەن ئۇنى قوغلىۋەتمىگەندىمەن، ھازىر  قايتىپ كېلىمەن دەپلا كەلسە بولامدىكەن! ئۇ بۇ ئائىلىنى نېمە دەپ قالدى؟  - دېدى. 

- دادام ئۇنى قايتىپ كەلسۇن دېگەن تۇرسا، مەن قانداق قىلالايمەن؟ - دېدى ئابلىكىم ئاپىسىنىڭ يېنىدا يانچە ئولتۇرۇپ، قولىنى مۈرىسىگە قويۇپ،  - سىزچۇ، يەپ - ئىچىپ، ئويناشقا مەسئۇل بولۇڭ، قالغان ئىشقا ئامالىم بار. - دېدى. 

 - ئامىلىڭ بارمۇ تېخى؟ - دېدى سانىيە ئۇنىڭغا قاراپ،  - سەن بەك مۇلايىم، ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنىڭدا بولغان بولسام، ئۇنى  ئىشىكتىنمۇ كىرگۈزمەيتتىم ، - دېدى. 

 - سىز قانچە بۇنداق قىلغانسېرى، دادام ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ. - دېدى ئابلىكىم شورپا قاچىسىنى قولىغا ئېلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - ئەگەر راستتىنلا ئۇنىڭ ئائىلىمىزنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىشىنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ، شۇندىلا دادامنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالالايسىز.  - دېدى.

 -  كۆڭلىنى تۇتۇپ قالالايسىز؟ - دېدى سانىيە سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ، ـ داداڭنىڭ يۈرىكىنى ھېلىقى تۈلكە جىن بۇرۇنلا بۇلاپ كەتكەن، ئەر كىشى دېگەن تۇغما پەسكەش كېلىدىكەن، ئېرىشەلمىگەن نەرسىسى ئەڭ ياخشى بىلىندىكەن. مەن بۇرۇنلا بۇ ئىشلاردىن ئۈمىد كۈتمەيدىغان بولدۇم، مېنىڭ بۇ ئائىلىدە قېلىشىمدىكى سەۋەب، شۇنداقلا شۇنچە يىللاردىن بېرى بەرداشلىق بېرىشىم، دەل ئاكا-سىڭىل ئىككىڭلار ئۈچۈن.  - دېدى.

ئابلىكىم كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - بىلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن، - دېدى.

 سانىيە ئېغىر ئۇھ تارتىپ:

- شۇنچە يىللاردىن بېرى جەسۇرمۇ قايتىپ كەلمىگەن، مەن تېخى ئۇنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بۇ قېتىم نېمە بولدىكىن بىلمىدىم؟ - دېدى. 

 - ئۇنىڭ شىركىتىدە چاتاق چىقتى، مەبلەغ سالغان تيەننىڭ شىركىتىمۇ خەتەرگە يولۇقتى،   ماڭىدىغان يول تاپالماي قايتىپ كەلگەندۇ؟ - دېدى ئابلىكىم يېنىك دىمىقىنى قېقىپ، -  قارىغاندا، مەنمۇ ئۇنى خاتا كۆرۈپ قاپتىمەن.  - دېدى.

سانىيە  قاچىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن، يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

 -  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى قاتناش ۋەقەسى  زادى قانداق ئىش ؟ - دەپ سورىدى.

 - يەنە نېمە ئىش بولاتتى؟ - دېدى ئابلىكىم مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ،  - باشقىلارنى رەنجىتىپ قويغاندۇ،  ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلمەمسىز، - دېدى.

سانىيە ئوغلىغا بىر ھازاغىچە ئەستايىدىل قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن ئالاقىسى يوقتۇ؟  - دەپ سورىدى.

 - نېمە دەۋاتىسىز! - دېدى ئابلىكىم پىخىلداپ كۈلۈپ، - سىز  مېنى قىلدى دەپ قالمىغانسىز؟  - دېدى.

 - ئۇنداق بولمىسا ياخشى. - دېدى سانىيە كەسكىن ھالدا ئەسكەرتىپ،  - ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇق ئاشكارا تالاشساڭ، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن، لېكىن  خاتا ئۇسۇللارنى قوللانساڭ بولمايدۇ، مېنىڭ سەندەك بىر ئوغلۇم بار،   ئەخمىقانە ئىش قىلساڭ بولمايدۇ ، - دېدى. 

 - خاتىرجەم بولۇڭ، لايىقىدا ئىش قىلىشنى  بىلىمەن، - دېدى ئابلىكىم تەسەللىي بېرىپ ئاپىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ،  - ئەمىسە  ئالدىرىماي ئىچىڭ، مەن بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ چىقاي، - دېدى. 

سانىيەنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن، ئابلىكىم پەلەمپەيدىن  ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىغا كەلدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى جەسۇرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئەركىن جەسۇرغا ئالايىتەن بىر ئېغىز كۈنگەي چوڭ ياتاق ئۆينى تەييارلاپ بەرگەن، لېكىن جەسۇر بالىخانىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالدى.

ئەركىنمۇ ئىلاجىسىز بالىخانىنى قايتىدىن يىغىشتۇرۇپ ياتاق قىلىپ بەردى.

جەسۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئۈچ يىلدا ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇردى.

كېيىن،  يىراق ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى، ئەركىنمۇ بالىخانىدىكى نەرسىلەرگە ئىزچىل چېقىلمىدى.

خىزمەتكار چىقىپ قەرەللىك تازىلاپ قويغاندىن باشقا، باشقىلار ئاساسەن چىقالمايتتى.

ئابلىكىم  جەسۇرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى چەكتى.

بىردەمدىن كېيىن، جەسۇر ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى.

 -  سېنى كۆرگىلى كەلدىم. - دېدى ئابلىكىم كۈلۈپ ئىچىگە كىرىپ، ھەممە يەرگە تەپسىلىي قاراپ، -  ئەمەلىيەتتە مەن سېنىڭ نېمىشقا بالىخانىدا تۇرۇشنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا بەك قىزىقىمەن، - دېدى. 

 - ئېھتىمال، كىچىكىمدىن تارتىپلا بالىخانىدا تۇرغانلىقىمدىن بولسا كېرەك، - دېدى جەسۇر ئېرىنچەكلىك بىلەن مۈرىسىنى قىسىپ، تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ.

كۆز ئالدىدىكى بالىخانا نەچچە يىل ئاۋۋالقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزگىرىش بولمىغانىدى.

كىتاب جازىسىدا يەنىلا ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى كىتابلىرى ۋە يازغان نوتىلىرى بار ئىدى، كىتاب جازىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدە يەنە  بۇرۇنقى كونا ۋاسكېتبوللىرى تۇراتتى، ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولغاچقا،  ۋاسكېتبول ئازراق كونىراپ قاپتۇ.

 -  ھازىر ئوخشىمايدۇ. - دېدى ئابلىكىم يۈزىنى بۇراپ  كۈلۈپ قويۇپ، -  سەن دېگەن سودا ساھەسىدىكى مۆجىزە، ھەممە ئادەم ئەيمىنىدىغان ئادەم. راست گەپ قىلسام، سىزنىڭ بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ، بالىخانىدا تۇرۇشىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.  - دېدى.

 - مەنمۇ قايتىپ كېلىمەن دەپ ئويلىمىغان. بەزى ئىشلارنى ئەسلىدە قىلغۇم يوق ئىدى، لېكىن بەزىلەر مېنى قىستىسا، مەنمۇ  چىڭ تۇرۇۋالسام بولماس!  - دېدى جەسۇر.

ئابلىكىمنىڭ قاش-كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، بىراق ناھايىتى تېزلا يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ:

- قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  قايتىپ كەلگەنلىكىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. بولدى،  ئارام ئېلىشىڭغا دەخلى قىلماي، ئەتە كۆرۈشەيلى.  - دېدى ۋە  مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ بالىخانىدىن چىقتى.

ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنى كۆرگەن جەسۇر ئىشىكنى يېپىپ، دېرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

بالىخانىدىكى بىر پارچە بوشاپ كەتكەن ياغاچ تاختىنى ئېچىپ، ئىچىدىن بىر پارچە سىدام سىزما دەپتىرىنى ئېلىپ چىقتى.

سىدام سىزما دەپتىرىگە نەچچە يىل بولغاچقا، قەغەزى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۈستىدىكى رەسىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئېنىق ئىدى.

رەسىم قەغىزىدە، قىز يۈزىنى سەل يانغا قىلىپ، ئىسكىرىپكا چېلىۋاتاتتى، ئۇزۇن چاچلىرى ۋە   يوپكىسى شامالدا يەلپۈنەتتى.

ئەپسۇس بۇ يەردە زىلالە يوق، بولمىسا   دەرھال رەسىمدىكى قىزنىڭ  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالاتتى.

 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章