مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 46-قىسىم_ ئەمدى ئالدىمايمەن دېگەنتىڭىز

文摘   小说   2024-10-14 14:00   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  84  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736




41




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

46 -قىسىم

   

 



 



46-قىسىم 

ئەمدى ئالدىمايمەن دېگەنتىڭىز (2)


دەل مۇشۇ پەيتتە قاتتىق ئۇيقۇدا يېتىپ، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان جەسۇرنىڭ كىرپىكلىرى سەل-پەل تىترىدى.

قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىمۇ مىدىرلاپ  تولىمۇ بوش ئاۋازدا:

 -   زىلالە... - دېدى.

ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئازراق مىدىرلىغاندەك ھېس قىلغان زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ:

 - جەسۇر؟ !   - دەپ توۋلىدى.

جەسۇرنىڭ كىرپىكلىرى يەنە مىدىرلىدى، لەۋلىرىمۇ مىدىرلىدى.

زىلالە ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇلىقىنى ئاغزىغا يېقىن ئېلىپ كەلدى..

بۇ قېتىم ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدى،  ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدى.

 - زىلالە!

- توغرا، مەن زىلالە، مەن بۇ يەردە، مېنى تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم!   - دېدى زىلالە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بوغۇق ئاۋازدا:

 - دوختۇر، دوختۇر!   - دەپ ۋارقىرىدى.

كارىدورغا چىقىپ بولغان سېسترا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ كېسەلخانىغا ئېتىلىپ كىردى.

دېرىزە سىرتىدىكى ئەنۋەرمۇ بېشىنى كۆتۈردى، كارىدورنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا تۇرغان ئەركىن ھاڭ-تاڭ بولۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن يۈگۈرۈپ كەلدى.

تامغا يۆلىنىپ تۇرغان ئابلىكىممۇكىلىپ، كېسەل كارىۋىتىدىكى كۆزىنى ئاستا ئاچقان جەسۇرغا قاراپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 - جەسۇر!  - دېدى.

ئەركىن ئېتىلىپ كېلىپ، ئابلىكىمنى يانداپ ئۆتۈپ، ھوشىغا كەلگەن ئوغلىنى كۆرۈپ،  كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.

ئۇ ئۆزىنى  تۇتۇۋالالماي قالغانلىقىنى بىلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ كۆزىنى سۈرتتى.

كەيپىياتنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئادەتتىكى سوغۇققان ھالىتىگە قايتىپ:

- بېرىپ دوختۇر چاقىرمامسىز!  - دېدى.

 ئەنۋەر ئېسىگە كېلىپ، بۇرۇلۇپ دوختۇر ئىشخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى.

دوختۇر ۋە بىر نەچچە سېسترامۇ يۈگۈرۈپ كېسەلخانىغا كېلىشتى.

زىلالەنىڭ گەرچە كۆزى قىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما جەسۇرنىڭ ئالىقىنىنى بوشىتىپ بىر تەرەپكە چېكىندى.

دوختۇر  جەسۇرنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ، زىلالەگە قاراپ:

- بىمارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ھازىر  سىرتقا چىقىپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.   - دېدى.

 -زىلا...زىلالە...  

جەسۇر ئۇنىڭ ئىسمىنى تەستە چاقىرىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈردى.

- مەن بار.  - زىلالە ئىتتىك كېلىپ، ئۇنىڭ  قولىنى تۇتۇۋالدى.

جەسۇر بېشىنى بۇراپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى-تۆۋەن قاراپ چىقىپ، پېشانىسىنى تېڭىپ قويغان داكىغا دىققەت قىلىپ، قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ :

 -ئاغرىۋاتامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى كۈچەپ چايقاپ:

  - ھېچقىسى يوق، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ياخشى، سىزمۇ... ياخشى بوپكېتىسىز،- دېدى.  

جەسۇر بارماقلىرىنى ئاستا يۇمۇپ،  قولىنى سىقىپ:

 -كەچۈرۈڭ، سىزنى … ئەنسىرىتىپ قويدۇم... - دېدى.

ئەمدىلا ھوشىغا كەلگەن بولغاچقا، گەپلىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى، لېكىن زىلالە ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى پەرەز قىلىپ:

 - نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز، مەن دېگەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، - دېدى.   

بۇ گەپنى ئاڭلىغان جەسۇر سۇس كۈلۈمسىرىدى.

- دوختۇرنىڭ گېپىنى ياخشى ئاڭلاڭ، مەن سىرتتا ساقلايمەن، - دېدى زىلالە تەسەللىي بېرىپ قولىنىڭ دۈمبىسىگە سۆيۈپ قويۇپ،  -  يىراققا كەتمەيمەن، بېشىڭىزنى يانغا بۇرىسىڭىزلا مېنى كۆرەلەيسىز. - دېدى زىلالە.  

جەسۇر يېنىك ھىم دەپ جاۋاب بېرىپ،  قولىنى قويۇۋەتتى.

زىلالە كېسەلخانىدىن چىقىپ، دەرھال دېرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ بۇرۇلۇپلا كۆرەلەيدىغان جايدا تۇرۇپ، كۈلۈمسىرەپ قولىنى پۇلاڭلاتتى.

سېسترالار ھەر خىل ئەسۋابلارنى ئېلىپ كېلىپ، جەسۇرنى تەكشۈردى.

بىر سائەتتىن كېيىن، دوختۇر ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن چىقىپ:

 - بىز بىمارنى قايتا تەكشۈردۇق،خەتەردىن قۇتۇلدى، يەنە 24 سائەت كۆزىتىپ، باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىسە، ئادەتتىكى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەلسە بولىدۇ. - دېدى.  

كۆپچىلىك تەڭلا چوڭقۇر نەپەس ئېلىشىپ ئۇھ دېيىشتى.

ئەركىن دېرىزە تۈۋىدە جەسۇرغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ:

 -  ئابلىكىم، سەن بۇ يەردە ئۇكاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئەنۋەر، مەن بىلەن مېڭىڭ.  - دېدى.

ئەنۋەر كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەركىننىڭ كەينىدىن مېڭىپ، بىرلىكتە كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كېلىشتى.


بۇ بچاغدا ياتاق سىرتىدا زىلالە بىلەن ئابلىكىملا قالغان بولۇپ ئابلىكىم  زىلالەنىڭ يېنىغا كەلدى.

زىلالە دېرىزە تۈۋىدە قىيسىيىپ، جەسۇرغا قول پۇلاڭلاتتى.

ئابلىكىممۇ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزە ئىچىدىكى جەسۇرغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قولىنى پۇلاڭلاتتى.

ئارقىدىن بۇرۇلۇپ زىلالەگە قارىدى.

تۇيۇقسىز قولىنى سوزۇپ، زىلالەنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ،  ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.

ئۇنىڭ زىلالەنى تارتىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن كېسەلخانىدىكى جەسۇر جىددىيلىشىپ قولىنى كۆتۈرۈپ:

 -زىلا... زىلالە!   - دېدى.

زىلالە ئابلىكىمنىڭ بىلىكىنى سىلكىپ:

  - نېمە قىلىۋاتىسىز؟  - دېدى.

- مەن پەقەت سىزدىن كەچۈرۈم سورىماقچى. - دېدى ئابلىكىم كېسەلخانىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ قويۇپ، ـ تۈنۈگۈن جەسۇردىن بەك ئەنسىرەپ كېتىپ،  سەل ئاشۇرۇۋېتىپتىمەن، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. - دېدى.  

زىلالە ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ، ھېچنېمىنى ھاڭقىرالمىغاندەك بېشىنى يېنىك چايقاپ:

- ھېچقىسى يوق، بىلىمەن، سىزمۇ جەسۇردىن ئەنسىرىدىڭىز.  - دېدى.

- مەندىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى ئابلىكىم سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ،  - ئۇنىڭ ھالىدىن شۇنچە ئۇزۇن خەۋەر ئېلىپ،  ھېرىپ قالدىڭىز، كېسەلخانىغا قايتىپ ئارام ئېلىڭ، بۇ يەردە مەن بار، -  دېدى.   

- ھېچقىسى يوق، مەن ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەن.  ئۇنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن، - دېدى زىلالە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ دېرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ئۇنىڭ قايتىدىن كەلگىنىنى كۆرگەن كېسەل كارىۋىتىدىكى جەسۇر  ئاخىر خاتىرجەم بولدى.

ئابلىكىم بۇرۇلۇپ زىلالەنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بۇرۇلۇپ كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئەركىن بىلەن ئەنۋەرگە قاراپ ماڭدى.

ئەركىن ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 - سېنى جەسۇرغا قاراشقا بۇيرىغانتىمغۇ؟ - دېدى.  

 - جەسۇرنىڭ كۆزىتىش ئۆيىدە دوختۇر-سېسترالار بار، يەنە زىلالەمۇ بار، ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەكسىچە سىز... - دېدى  ئابلىكىم دادىسىنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ،  - بۇ يەردە بىز بار،  مېھمانخانىغا قايتىپ ئارام ئېلىڭ، 60 ياشقا كىرەي دەپ قالغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىڭىزنى تېخىچە  ياش چاغلاپ يۈرەمسىز؟   - دېدى.

 - شۇنداق، ئەركىن ئەپەندى،- دېدى ئەنۋەرمۇ ئەگىشىپ نەسىھەت قىلىپ،-  قايتىپ كېتىڭ، بۇ يەردە مەن بار. جەسۇر دېرىكتوردا بىرەر ئىلگىرىلەش بولسا،  بىرىنچى بولۇپ سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن.   - دېدى.

ئەركىن  ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، تۈنەپ، ئىزچىل چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقان چېكىسىنى بېسىپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

قېرىپتۇ، ياشلار بىلەن تەڭ تۇرغۇدەك كۈچىمۇ قالماپتۇ.

ئىككى كۈنلۈك تۈنەشتىن ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىپ:

ـ بولىدۇ، ئەمىسە بۇ يەرنى ئىككىڭلارغا تاپشۇردۇم، مەن قايتىپ بىردەم ئۇخلىۋالاي. - دېدى .  

- ياردەمچىم سىزنى ئاپىرىپ قويسۇن. - دېدى ئابلىكىم ئۇنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ياردەمچىسىگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ،  - بېرىپ ماشىنا تەييارلاڭ، - دېدى.   

ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ قايتماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن ئەنۋەر دەرھال كېسەلخانا ئالدىغا قايتىپ كەلدى.

ئۇ كېسەل كارىۋىتىدىكى جەسۇرغا بىر قارىۋېتىپ، ئەتراپنى تەكشۈرۈپ، باشقا ئادەم يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن پەس ئاۋازدا:

  - خانىم، ئەمدى تەپسىلىي ئويلاپ بېقىڭ، ۋەقە يۈز بەرگەندە، باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.   

زىلالە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:

 - سىز دېگەن باشقىچە ئەھۋال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟  - دەپ سورىدى.  

ئەنۋەر جەسۇرغا بىر قاراپ قويۇپ، ئاۋازىنى تېخىمۇ پەس قىلىپ:

 -  ھازىرغىچە، ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇرنى تاپالمىدۇق، مەن  بەزىلەرنىڭ جەسۇر دىرېكتورغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالدىم، - دېدى.   

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، زىلالەمۇ جىددىيلىشىپ ئەتراپقا قاراپ:

 -بىز كۆپرەك ئادەم تېپىپ كېلەمدۇ قانداق؟ - دېدى.   

 - خاتىرجەم بولۇڭ، تېلېفون بېرىپ قويدۇم، ھازىرلا يېتىپ كېلىدۇ، -  ئەنۋەر گېپىنى تۈگىتىشىگىلا، شىركەتتىكى شۆھرەت ئادۋوكات كارىدوردا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ كەينىدە يەنە قارا كىيىملىك ئىككى  ياردەمچى بار ئىدى.

شۆھرەت ئادۋوكات ئەنۋەرنى كۆرۈپ ئالدىراپ-تېنەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ:

- جەسۇر دىرېكتورنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟  - دەپ سورىدى.

 - ھوشىغا كەلدى، ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ، ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، ناھايىتى تېزلا ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىلىدۇ. - دېدى ئەنۋەر ئەھۋالنى جىددىيلا چۈشەندۈرۈپ.

شۆھرەت ئادۋوكات دېرىزە ئىچىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىگە قاراۋاتقان جەسۇرغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، يوشۇرۇنچە ئۇھ دەپ:

 - بۇ مەن ئەكەلگەن ئىككى ياردەمچى ھازىردىن باشلاپ 24 سائەت دىرېكتورنىڭ ياتىقىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ.  - دېدى ۋە قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىۋىدى،  ئىككى  ياردەمچى دەرھال كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.

شۆھرەت ئادۋوكاتنىڭ كۆزى زىلالەگە چۈشۈپ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 -  خانىم، ئېغىر يارىلانمىغانسىز؟ - دەپ سورىدى.  

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقىدى.

 - ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى شۆھرەت ئادۋوكات كۈلۈپ قويۇپ،-  بۇ يەرنى بىزگە تاپشۇرۇڭ، سىزمۇ بېرىپ  ئارام ئېلىۋېلىڭ، - دېدى.   

 -  شۇنداق، خانىم. - دېدى ئەنۋەرمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن  نەسىھەت قىلىپ، -  ھازىر جەسۇر دىرېكتورمۇ ھوشىغا كەلدى، سىزمۇ قايتىپ بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ، بىرەر ئىش بولسا سىزگە ۋاقتىدا خەۋەر قىلىمەن.   - دېدى.

زىلالە بۇ يەردىن كېتىشنى خالىماي:

- ھېچقىسى يوق، مەن جەسۇرغا ۋەدە بەرگەن، بۇ يەردە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىمەن.   - دېدى.

-  قاراڭ! - دېدى ئەنۋەر  ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ كېسەلخانىنى كۆرسەتتى.

زىلالە بۇرۇلۇپ دېرىزە ئىچىدىكى جەسۇرنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۇخلىۋېلىڭ دەپ ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۇنىڭ ئىشارىتى ناھايىتى ئېنىق، ئەنۋەرنى ئۇنى ئارام ئېلىشقا ئاپىرىپ قويسۇن دەۋاتاتتى.

 - قاراڭ، سىز بۇ يەردە تۇرسىڭىز، جەسۇر دىرېكتور خاتىرجەم بولالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇمۇ ياخشى ئارام ئالالمايدۇ. - دېدى شۆھرەت ئادۋوكات كۈلۈپ تۇرۇپ.

 - يۈرۈڭ! - دېدى شۆھرەت ئادۋوكاتنىڭ ئايال ياردەمچىسى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىلالەنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ، -  مەن سىزنى ياتىقىڭىزغا  ئاپىرىپ قوياي.  - دېدى.

زىلالە ئۆزىگە قول پۇلاڭلاتقان جەسۇرغا قاراپ، شۆھرەت ئادۋوكاتنىڭ دېگىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدى،  قېلىپ قالسا، ئەكسىچە ئۇنى ھارغۇزۇپ قويىدىكەن.

 ئوڭ-سولغا قاراپ، سېسترادىن قەغەز-قەلەم ئارىيەت ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە بىر قۇر خەت يېزىپ دېرىزىگە چاپلاپ تۇتتى.

جەسۇر بۇرۇلۇپ، ئۇ يازغان <  مەن بېرىپ ئارام ئالىمەن، سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ.   >  دېگەن خەتنى كۆردى .

جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىلالە شۇندىلا خاتىرجەم بولۇپ،  ئادۋوكات ياردەمچىسى بىلەن بىللە كېتىپ قالدى.

ئۇنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن شۆھرەت ئادۋوكات بېشىنى بۇراپ، ئەنۋەرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ:

  - زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.  

ئەنۋەر ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ:

- بىرەر ئادەم كۈشكۈرتكەن بولۇشى مۇمكىن.  - دېدى.

شۆھرەت ئادۋوكات قاپىقىنى تۈرۈپ:

  - كىم؟ - دەپ سورىدى.  

ئەنۋەر بېشىنى چايقاپ:

  - ھازىرچە  ئېنىق ئەمەس.   - دېدى.

شۆھرەت ئادۋوكات زىلالەنىڭ ئارقىسىدىن قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ:

 -  سىزنىڭچە، ئۇ... زىلالەمۇ؟ - دېدى.


 



、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章