كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
71 | 70 | |||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
74-قىسىم
74-قىسىم
ھاكاۋۇر ئايال
زۈبەيدە ئۆزى يالغۇز مەركىزى شەھەردىن Rشەھەرگە كەلدى.
ئائىلىسىدىكىلەر يوق، دوستلىرى يوق، ئۆزى يالغۇز Rشەھەرگە كېلىپ، مۇھەببىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.
ئۇ ئەسلىدىمۇ ھاكاۋۇر ئايال ئىدى، شۇڭا بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا قاراپ قەلبى تېخىمۇ زىددىيەتكە تولدى.
ئۇ ئىنتايىن مەغرۇر، شۇڭا تىرىشماي ۋاز كېچىشىنى خالىمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ زادى نەرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلمىدى، پەقەت چىن كۆڭلىدىن، ھەقىقىي تىرىشساملا، چوقۇم جاۋابقا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئىنتايىن قەيسەر، ئۇ ئۆزىنىڭ غورۇرىنى باشقىلارنىڭ دەسسەپ چەيلىشىگە يول قويالمايدۇ. ئۇ مەۋلان بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى، بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلغان ئىش بولغاچقا، كەينىگە يېنىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
بىراق، ئۇ يەنىلا مەۋلانغا ياتلىق بولۇشنى تاللىدى، ئۇ مەۋلانغا ياتلىق بولۇشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، غورۇرى يەر بىلەن يەكسەن بولدى.
سىرتتىكى پىتنە-پاساتلار ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى.
خۇددى بىر ئىستاكان قايناق سۇنى قولىدا تۇتۇپ، ئاغرىق ۋە ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئەمدىلىكتە قويۇپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىشى مۇمكىندەكلا .
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ خىل زىددىيەتلىك ئۈمىدسىزلىكىگە پېتىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.
ئۆزىنى قايىل قىلىش سەۋەبى قورسىقىدىكى بالا. بالا ئۇنىڭ بارلىقى.
مەۋلان...- دېدى ئىچىدە.
كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ نەزىرىنى قايتۇرۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بۇرۇلۇپ كارىۋاتقا قايتىپ كەلدى.
كۈچۈك كارىۋاتقا سەكرەپ چىقىپ، راھەت ئورۇن تېپىپ ياتتى.
زۇبەيدە يوتقاننى ئېچىپ كىرىپ ياتتى، كۈچۈك ئۇنىڭ يېنىدا، ئەسلىدىكى مەۋلانغا تەۋە ئورۇندا ياتتى.
زۇبەيدە قولىنى سوزۇپ ئۇنى سىلاپ، ئادەتى بويىچە يان تېلېفوننى ئېلىپ تورغا چىقتى.
ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىغىنى يەنىلا ئىليار ئائىلىسىنىڭ ئىشى ئىدى.
بوۋاي، موماي، ئىليار، دىلارەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىقمىغانىدى.
بەزىدە ئارىدىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىمۇ كۆردى.
ئۇنىڭ ئايرودرومدىكى سۈرىتى يوللانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن R شەھەرگە قايتىپ كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
ئۇ ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم مەركىزى شەھەرگە قايتىپ كەلگەچكە، بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەۋلاننىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى دەپ پەرەز قىلىشقانىدى.
ئۇنىڭ Rشەھەرگە ياتلىق بولۇپ، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم بىلدى.
ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ زادى قاچان ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىۋاتاتتى.
ئاخىرى يانفوننى ئېتىۋېتىپ ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ، كۈچۈكنى قۇچاقلاپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلىدى.
ئەتىسى پىلان بويىچە ئىشقا بارغاندا، شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ھېچنېمىنى بىلمىگەندەك كۈلۈپ تۇرۇپ سالام بەردى.
ھەممىسى توردىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىگەندەك قىياپەتتە تۇرۇشتى.
زۇبەيدەمۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاشكارىلاشقا ئېرىنىدۇ.
شىركەت يىغىنى ئېچىلدى، يېقىندا شىركەتنىڭ قىزغىنلىقى تازا ئەۋجىگە چىقتى، دىلارە ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى مودا مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان لايىھەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى.
ئەلۋەتتە، خەلقئارالىق ئەتىر تەڭشەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان لايىھەنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنىمۇ زۇبەيدەگە بەرگەن، ھەممە ئىشلار تەدرىجىي بىر - بىرلەپ يۈرۈشۈۋاتاتتى.
زۇبەيدە ئۇ بىر سودىگەر، شۇڭا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىش تەبىئىي.
دۆلەت ئىچىدىكى مودا مۇسابىقىسىدىكى لاھىيەنىڭ قىممىتى ئەلۋەتتە يۇقىرى، خەلقئارا ئەتىر تەڭشەش مۇسابىقىسىدىكى ئوت قۇشى ناملىق ئەتىر تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت يارىتىشى مۇمكىن.
چۈنكى تەييار رېتسىپ ۋە ئۆزىنىڭ زاۋۇتى ئىشقا كىرىشىپ يېڭى مەھسۇلات بازارغا چىقىرىشقا ئازلا قالدى.
بىر قاتار تەشۋىقاتلارنى يەنىلا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ ھەرقايسى تاراتقۇلاردا بېرىشى كېرەك.
- ھازىر دىلارە باش دېرىكتورنىڭ نامى چىقتى، ئەگەر يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىلارە باش دېرىكتور ئۆزى قاتنىشىپ بېرەلىگەن بولسا، ئىشىنىمەنكى تەشۋىقات ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. - دېدى بىرەيلەن.
- بولمايدۇ! - دېدى زۇبەيدە بىۋاستە رەت قىلىپ، - ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سەل قولايسىز، بۇنداق سورۇنغا چىقىشقا ماس كەلمەيدۇ. - دېدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ رەددىيە بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، دىلارەنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى غەلىتە مەخلۇق ئېرىنىڭ ماقۇل بولۇشى ناتايىن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، نەق مەيداندىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ چىرايى قېتىپلا قالدى.
يېڭى مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندا، لايىھەلىگۈچىنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشقا چىقىشى تەبىئىي ئىشقۇ، يەنە كېلىپ، بۇ ھالقا ناھايىتى مۇھىم، ئەمما ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرىدىكى بەزى ساۋاتلارنى چۈشەنمەيدۇ ھەم ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەقەت مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى، بىخەتەرلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقى.
لېكىن يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئويلايدىغىنى ئوخشىمايدۇ، دىلارەنىڭ ھازىرقى داڭقى بىلەن مەيدانغا چىقسا، ئالدىن سېتىلىشى چوقۇم بۇ ساھەدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن.
نەتىجىدە زۇبەيدە بىۋاسىتە رەت قىلدى...
كۆپچىلىك كۆڭلىدە ئازراق ئەپسۇسلاندى، بىراق زۇبەيدە دېرىكتور دىلارە باش دېرىكتورنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ئۇ مۇشۇنداق قارار قىلغانىكەن، ئىشمۇ مۇقىملىشىپ قالدى دېگەن گەپ.
- شۇنداق بولغاندىكىن، بىز پەقەت ئوبراز ۋەكىلىگە بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرلايمىز، - دېدى بىرەيلەن.
گەرچە دىلارەنىڭ بەك چارچاپ كېتىشىنى خالىمىسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا نىسبەتەن ئامال بار قاتتىق قوللۇق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
- زەپەرگە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئۇقتۇرۇڭلار. - دېدى.
پىلان بۆلۈمىدىكىلەر چوڭقۇر ئۇھ تارتتى، ھېلىمۇ ياخشى زەپەر بوپقاپتىكەن .
- ئۇنداقتا بىز دەرھال ئالاقىلىشايلى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى كونكىرىت قاچان ئېچىلىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىزمۇ ھازىردىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرمىساق بولمايدۇ، - دېدى بىرەيلەن.
زۇبەيدە بىر ھازا سۈكۈتكە چۆكۈپ:
- بايرامدىن بۇرۇن، يەنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى بولسۇن. - دېدى.
بايرام كېلىش ئالدىدا، بايراملىق سوۋغات سېتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.
كونكىرىت ۋاقىتى ئېنىق بېكىتىلگەندىن، زۇبەيدە ئالدى بىلەن ئورنىدىن تۇردى، ئىككى قەدەم مېڭىپلا، يەنە قەدىمىنى توختىتىپ:
- زەپەر بىلەن مەن ئالاقىلىشاي. سىلەر باشقا ئىشلارنى ياخشى قىلساڭلار بولدى. - دېدى.
- بولىدۇ، - دېدى بىرەيلەن.
چۈشلۈك تاماقنى زۇبەيدە ئۆزى ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەنىدى.
گەرچە شىركەت ئاشخانىسىنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ئۆزى ئەتكەن تاماقنى خاتىرجەم يەيدىغاندەك ھېس قىلدى.
بۇرۇنغۇ ئاشخانىدىن يەيتتى، ھازىر ئۇ ھامىلدار، ھېچكىم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايانمىسا بولمايدۇ.
بالىنىڭ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن بوشاڭلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
شىركەتنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىدە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق بار بولۇپ، تاماقنى ئىسسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشخانىغا قايتىپ كېلىپ، ئىككى قۇشۇق يەپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز تېلېفونى سايراپ كەتتى.
كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ، بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر قۇشۇق تاماقنى يۇتۇۋېلىپ:
- ۋەي؟ - دېدى.
- زۇبەيدە، قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - مەۋلاننىڭ مومىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
- ھە، تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدىم، - دېدى زۇبەيدە.
- ئۇنداقتا ھازىر شىركەتتىمۇ؟ - دەپ سورىدى موماي.
- ھە، يېقىندىن بېرى بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتاتىمەن، موما، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ - دېدى زۇبەيدە.
موماي چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ:
- بالام، قايتىپ كەلگەندىكىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيگە كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇرمامسىز، كۆچۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپمۇ كەلمىدىڭىز، ھامىلدار تۇرۇپ يەنە ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرىسىز، سىزمۇ - زە... بۈگۈن كەچ قايتىپ كېلىڭ، مەن ئاشپەزگە دەپ ياخشى تاماقلارنى ئەتكۈزۈپ بېرىمەن، - دېدى .
زۇبەيدەنىڭ تاماق يېيىش ھەرىكىتى توختاپ قالدى.
- زۇبەيدە چوقۇم كېلىڭ ھە. سىز ھازىر ھامىلدار، ئۆزىڭىزنى بەك چارچىتىپ قويماڭ، ھەممە ئىشتا قورسىقىڭىزدىكى بالىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ. مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم يالغۇز بالىنىڭ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ پۇشتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر ئانا بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن. سىز ھازىر بىر ئانا، بالىنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك، قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانسىز؟ - دېدى موماي.
زۇبەيدە قولىدىكى چوكىنى قويۇپ ئاستا ئېغىز ئېچىپ:
- بىلىمەن. - دېدى.
- ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلماڭ، قانداقلا ئىش بولسا ماڭا دەڭ، مەن سىزگە ئىگە بولىمەن، - دېدى موماي.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ:
- رەھمەت موما، كەچتە بېرىپ سىزنى يوقلاپ كېلەي، - دېدى.
موماي خۇشال ھالدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە بىردىنلا پەسىيىپ، چىرايى تۇتۇلۇپ يەنە بىر تېلېفون ئۇردى.
تېلېفون ئەمدىلا ئۇلىنىشىغا، موماينىڭ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
- كەچتە تاماققا ئۆيگە كەل! - دېدى.
مىكروفوندىن <ۋاقىتىمغا قاراپ باقاي > دېگەن پەس، سوغۇققان ئاۋاز ئاڭلاندى.
- ئەتە مەن تۇيۇقسىز كېتىپ قالساممۇ ۋاقتىڭغا قاراپ بېقىپ، مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشنى ئورۇنلاشتۇرالامسەن! - دېدى موماي.
گېپىنى تۈگىتىپلا پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
مەۋلاننىڭ ئاپىسى خاسىيەت يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورقۇپ كېتىپ:
- ئاپا، سىزگە نېمە بولدى، بىر ئوبدان تۇرۇپلا... نېمە ئۇنداق قالايمىقان گەپلەرنى قىلىسىز، - دېدى.
- مېنى خاپا قىلغىنى سىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلىڭىز! ئۇنى قايتىپ كېلىپ تاماق يېسۇن دېيىش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن كېلىشىپ قويۇشۇم كېرەككەن؟ - دېدى موماي.
خاسىيەت لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، گەپ قىلالماي قالدى، مەۋلان، ھەقىقەتەن ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايدۇ، بۇ ئۆيدە ئۇنى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىنلا، چوقۇم ياخشى ئىش يوق!
ئۆزىنىڭ جېنىغا ئىكەك سالىدىغان بالىدىن بىرنى تۇغۇپتۇ!
- مەن ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتە قايتىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ باقىمەن، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە، ئەتە ئۇنىڭغا قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇنىڭغا ۋاپاسىز نەۋرىسىنىڭ تېرىكتۈرۈپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى دەپ قويۇڭ! - دېدى موماي غەزەپ بىلەن ھاسىسىغا تايىنىپ بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى، يىراقتىن موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئاشۇ ۋاپاسىز نەۋرەمنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان قورۇمىلىرىدىن تەييارلاڭلار! ھۇ سولتەك باشقىنى بىلمىگىنى بىلەن مېنى خاپا قىلىشىنىلا بىلىدۇ، ئۇنىڭ قورۇمىسىغا ئازراق باشقا نەرسىلەرنى سېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ! - دېدى.
خاسىيەت مومايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
خىزمەتكارلارنىڭ تاماققا باشقا نەرسىلەرنى سېلىپ قويۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، شۇنچە يىللاردىن بېرى موماينىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماسلىقىغا ئۇلارمۇ كۆنۈپ قالدى.
بىر تەرەپتىن خاپا بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن بايۋەچچە ياقتۇرۇپ يەيدىغان قورۇمىلارنى قورۇپ بېرىشنى تاپىلاپ، يەنە باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ قويۇڭلار دېگەنلىكىدىن، بۇنىڭدا قەستەنلىك بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مومايمۇ ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھەقىقەتەن گەپ ئاڭلاپ شۇ بويىچە قىلسا، ئۇلارمۇ خىزمىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
زۇبەيدە چۈشتىن كېيىن زەپەر بىلەن ئالاقىلاشتى، بۇ قېتىم مەركىزى شەھەرگە قايتقاندا، مەمەت تاغىنى يوقلاپ باردى.
ياشىنىپ قالغاچقا، پۇتىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى، ئەمما بوۋاينىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولۇپ، قارىماققا چوڭ چاتاق يوقتەك كۆرۈنەتتى.
ئارىلىقتا زەپەرگە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئوبراز ۋەكىللىك ئىشىنى تىلغا ئالغان ئىدى، ھازىر گەپ قىلىپ قويۇشى، ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويغانغا باراۋەر ئىدى.
زەپەر دادىسىنىڭ ئىشى بىلەن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كەينىگە سۈردى، ھازىرچە ھېچقانداق ئىشى يوق ئىدى.
ھەر كۈنى ئۆيدە تۇرۇۋېلىپ، دادىسىمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولغاچقا، زۇبەيدەنىڭ تەكلىپىگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
- ھېچقىسى يوق، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇراي دەيمەن، مېھمانخانىدا تۇرسىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدىكەن، ماڭا ئۆيدىن بىرنى تېپىپ بېرىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا يولغا چىقىمەن، - دېدى زەپەر.
زۇبەيدەمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
- بولىدۇ، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئىگىسى يىراق ئەلدىكى ئوغلىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە ئاي تۇرماقچى ئىكەن، شۇ ئۆي بوش، سوراپ باقاي. - دېدى .
- ھىم، - دېدى زەپەر.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زۇبەيدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن چۈشتى.
موماينىڭ يېنىغا سائەت يەتتىدە تاماق ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بارماقچى بولدى، ھازىر ئۆزىنىڭ ئۆيگە قايتىپ، كۈچۈككە سۇ ۋە يېمەكلىك بېرىشى كېرەك.
ئىشىنى تۈگىتىپ، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ئۇدۇل موماينىڭ يېنىغا باردى.
ياشانغانلار ئادەتتە تىنچ جايلارنى ياخشى كۆرىدۇ، شەھەر سىرتىغا سېلىنغان داچىلار شەھەر مەركىزىدىن سەل يىراق ئىدى.
شۇڭا دەسلەپتە زۇبەيدە بىلەن مەۋلان توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى بۇ ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇرلىمىغان، بەلكى ئۇلارغا سىرتتىن ئۆي ئېلىپ بەرگەن، شەھەر سىرتىدا تۇرسىمۇ ئىشقا بېرىشىغا قولايسىز بولىدۇ، ياشلار بۇنداق چەت جايغا كۆنەلمەيدۇ.
موماينىڭ ئۆيىگە كەلگەندە سائەت ئالتە يېرىم بولغانىدى، ئۆيگە كىرىپلا موماي ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سافادا ئولتۇرغۇزۇپ:
- قايتىپ كەلدىڭىزمۇ، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ناھايىتى ياخشى. - دېدى .
موماي بېشىنى چايقاپ:
- تۆت ئايلىق بولدى، ئازراقمۇ سەمىرمەپسىز، سەل تۇرۇپ تاماقنى كۆپرەك يەڭ. يەنە ھېلىقى خىزمىتىڭىزنى ۋاقتىنچە قويۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- شىركەتتە يېقىندا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىدۇ، ئالدىراش ئىشلىمىسەممۇ، شىركەتتە باش بولۇپ تۇرمىسام بولمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، خىزمەتداشلىرىم ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، مېنى بەك چارچىتىپ قويمايدۇ. - دېدى زۇبەيدە.
موماي ئامالسىز ئۇھسىنىپ:
- ئەگەر بەك ئالدىراش بولسىڭىز، مەۋلان سىزگە ياردەم قىلسۇن ... - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىسى بىلىنەر-بىلىنمەس قېتىپ قالدى:
- ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ بەك ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ساھەيىمىز ئوخشىمايدۇ، ئۇ ماڭا ياردەم قىلالماسلىقى مۇمكىن. - دېدى.
ئۇنىڭ گېپى توختاپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىشىك ئالدىدا ماشىنا موتورىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
زۇبەيدە دەسلەپتە كۆپ ئويلاپ كەتمىدى، لېكىن ئۇ ئەرنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتىنىڭ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنىلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
توغرا، مەۋلان كەلگەن ئىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar