مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 64-قىسىم_ مەندىن قۇتۇلالمايسەن

文摘   小说   2024-10-27 14:01   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756


636261








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

64 -قىسىم

   

 





64-قىسىم

كونتروللۇقىنى يوقىتىش (2)


 - مۇيەسسەر خانقىز.  - دېدى ئەر مۇھەررىر دەرھال سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دېگەندەك   -  بۈگۈن  سورىنىڭىزنى مالىمان قىلماقچى ئەمەسمەن، بۇ ئەبلەخنىڭ كۆزى يوقكەن، مەن بىلەن ئېيتىشىپ قالدى، -  دېدى.

 - مۇيەسسەر خانقىز، ئۇنداق ئەمەس. - دېدى زىلالە جەسۇرنىڭ ئورنىدا ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپ،  - ئۇ ماڭا ئەدەپسىزلىك قىلماقچى بولغاچقا، جەسۇر قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى، -  دېدى.   

 -  قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز،  تېخى مەن سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلماقچى بولدۇممۇ؟ - دېدى ئەر مۇھەررىر تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىنى ئېتىراپ قىلماي، ئەمەلىيەتنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، - ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە گۈزەللىكىڭىزگە تايىنىپ مېنى ئازدۇرماقچى بولدىڭىز، مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەي، كەينىڭىزگە كۆرۈلۈپ ياخشى ئادەمگە تۆھمەت قىلماقچىمۇ؟ كۆپچىلىك ھەرگىز ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار، - دېدى.

جەسۇرنىڭ ئىككى يېنىدا ساڭگىلاپ تۇرغان قولى بىردىنلا چىڭ تۈگۈلدى.

ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ،  ئەرنىڭ گېلىنى بوغۇپ:

 - يەنە بىر ئېغىز قالايمىقان گەپ قىلىپ باقە؟ !  -  دېدى.

ئەرنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، غەزەپ يالقۇنجاپ ياناي دەپ قالغان بولسىمۇ، نەپەس ئالالماي كۈچەپ تىركىشىپ:

- قويۇۋەت، مەن ساڭا دەپ قوياي، ئەمدى مەندىن قۇتۇلالمايسەن...  مەن مەلۇم قىلىمەن... - دېدى.

 - بولىدۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلايلى! - دېدى  جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ،- مەن قاراپ باقاي،  ئايالىمغا پەسكەشلىك قىلغان ئادەمگە ئۇلار نېمە دەيدىكىن؟  -  دېدى.

  - جەسۇر!  - 

 - جەسۇر!  - 

مۇيەسسەر بىلەن زىلالە قاتتىق چۆچۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنى توستى.

 - تېز قويۇۋېتىڭ!  - 

- جەسۇر، ھاياجانلانماڭ!  - 

جەسۇر ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ئەر مۇھەررىرنىڭ گېلىنى قاتتىق سىقىپ:

 - ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئايالىمدىن كەچۈرۈم سورا!  -  دېدى.

-  بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىسام، نېمە ... دەپ كەچۈرۈم سورايمەن؟  - دېدى ئەر مۇھەررىر  ئاغزى قاتتىقلىق قىلىپ.

گېلى بارغانسېرى بوغۇلۇپ ، نەپەس ئالالماي ،  يۈزىمۇ قىزىرىپ كەتتى.

  - جەسۇر! -  ئابلكىم چوڭ قەدەم بىلەن كىشىلەر توپىغا كىرىپ، كەسكىنلىك بىلەن، - دەرھال قولۇڭنى تارت!  -  دېدى.

جەسۇر بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلمىدى، بىر جۈپ كۆزى ئەر مۇھەررىرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ:

 - كەچۈرۈم سورا!  -  دېدى.

ئەر مۇھەررىر ئۇنىڭدەك بۇنداق رەھىمسىز ئادەمگە ئۇچراپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغاندەك، چىرايىدىن قورقۇنچۇچ چىقىپ:

- كەچۈرۈم ...سوراي،  كەچۈرۈڭ، مەن... ئەمدى ھەرگىز ... بۇنداق ئىش قىلمايمەن... -  دېدى.

جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ ئەر مۇھەررىرنى يەرگە قارىتىپ ئىتتىرىدى.

ئابلكىم قارشى تەرەپنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

  - سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟  -  دەپ سورىدى.

ئابلكىمنى تونۇغان ئەر مۇھەررىر ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ بېشىنى چايقاپ:

- ئابلىكىم ئەپەندى، سىز ...  چوقۇم  مەن ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىمىسىڭىز بولمايدۇ، -  دېدى.

 - كەچۈرۈڭ! - دېدى ئابلكىم قولياغلىقىنى چىقىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ،  - بىز ئادەتتە قاتتىق باشقۇرمىغاچقا، ئۇكام  مۇشۇنداق يامان ئۆگىنىپ قالدى، مەن ئائىلىمىزگە ۋاكالىتەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.  -  دېدى.

ئۇكام؟

ئەر مۇھەررىر ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئابلكىمگە، ئاندىن مۇيەسسەرگە قارىدى،  ئاخىرىدا جەسۇرغا قاراپ:

- ئۇ ئەركىن ئائىلىسىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىمۇ؟  -  دېدى.

 - ھەقىقەتەن سەت بولدى.  - دېدى ئابلكىم ئۇنى  يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، - يۈرۈڭ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي.  -  دېدى.

ئەر مۇھەررىر جەسۇرنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، تەلەپپۇزى دەرھال يۇمشاپ:

-   ھاجىتى يوق،  ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى!  -  دېدى.

بۇ  شەھەردە <ئەركىن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ سېپى ئۆزىدىن قارام لۈكچەك> ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ.

بۇنداق ئادەمگە كىممۇ تەڭ كېلەلەيدۇ؟

 - كەچۈرۈڭ، ئۈچىنچى  بايۋەچچە! - دېدى ئەر مۇھەررىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەسۇرغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ،  - ھەممىسى مېنىڭ  ئادەم تونىمىغانلىقىمدىن بولدى،   ھەرگىز  كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، يەنە بۇ خانقىزدىنمۇ كەچۈرۈم سورايمەن... - دېدى.

جەسۇر بىلەن زىلالەدىن ئەپۇ سوراپ بولغاندىن كېيىن، ئەر مۇھەررىر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە كىشىلەر توپىدىن قېچىپ چىقتى.

مۇيەسسەر ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ چاۋاك چېلىپ:

 - بولدى، باشقا ئىش يوق، كۆپچىلىك تارقىلىپ كەتتىڭلار!  - دېدى.

ئولىشىپ قالغان ئامما ئەتراپقا تارالدى، مۇيەسسەر قاپىقىنى تۈرۈپ جەسۇر بىلەن زىلالەگە قاراپ:

- يۈرۈڭلار، ئىشخانامغا كىرىپ پاراڭلىشايلى.  -  دېدى.

- كەچۈرۈڭ، مۇيەسسەر خانقىز، سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردىم. ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا، ماڭغاچ تۇراي، - دېدى ۋە  يەرگە چۈشۈپ كەتكەن سومكىسىنى ئېلىپ، مۇيەسسەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

- توختاڭ!  - 

يېقىنلا يەردە تۇرغان سانىيە  يۇقىرى ئاۋازدا چاقىردى.

بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلگەن سانىيەنىڭ كۆزى زىلالەدىن ئۆتۈپ، جەسۇرغا چۈشۈپ:

 - ئائىلىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدىڭىز، - دېدى.  

 -  ئاپا! - دېدى مۇيەسسەر سانىيەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ،  - ئىككى ئېغىز گەپنى ئاز قىلىڭ.  -  دېدى.

 -   خاتا گەپ قىلدىممۇ؟ - دېدى سانىيە سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ،  - بىر ئايالنى دەپ ئاممىۋى سورۇندا قاتتىق ئۇرۇشىدىغان بۇنداق ئىشنى قايسى  تەربىيە كۆرگەن بالا  قىلىدۇ؟ - دېدى.

زىلالە سانىيەنى تونۇمايتتى، مۇيەسسەرنىڭ ئاپا دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدى.

 جەسۇرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە قاراپ،  سەل خىجىل بولدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن، بايا جەسۇر ئۇنى قوغداش ئۈچۈن باش كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

 - سانىيە خانىم، كەچۈرۈڭ، بايىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولغان، ئەگەر  ئاغرىنماقچى بولسىڭىز مەندىن ئاغرىنىڭ،  جەسۇرنى ئەيىبلىمەڭ.  -  دېدى زىلالە.

 - جەسۇرنى ئەيىبلىمەڭ؟ - دېدى سانىيە مەسخىرىلىك كۈلۈپ ، -  ئەگەر ئۇ سىزدەك ئايالغا يۇلۇقمىغان بولسا، مۇشۇنداق ئىش بولامتى؟  -  دېدى.

 - بولدى بەس! - دېدى جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تارتىپ،  -  مېنى ھاقارەتلىمەكچى بولسىڭىز ئۇدۇللا دېسىڭىز بولىدۇ، زىلالەنى قوشۇۋالماڭ، ئۇ ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدى، سىلەردىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ  قىلچە ھاجىتى يوق!! ماڭايلى!  -  دېدى - دە زىلالەنى  تارتىپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

سانىيە سومكىسىنى سىقىمداپ، ئاچچىقىدا چىرايى كۆكىرىپ:

- ھىم، قالماشمىغان، مېنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى خالايدۇ دەپ ئويلىغان ئوخشىمامدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ فامىلىسى ئەركىن بولمىغان بولسا، سىرتتا جېنى چىقىپ، يېتىپ قالغان بولسىمۇ قاراپمۇ قويمايتتىم.  -  دېدى.

 -  ئاپا!  - مۇيەسسەر ئامالسىز قېلىپ، - سىزمۇ... سەل ئاشۇرۇۋەتتىڭىز.  -  دېدى.

 -   ئاشۇرۇۋەتتىممۇ تېخى؟ - دېدى سانىيە بارمىقىنى كۆتۈرۈپ جەسۇرنىڭ ئارقىسىدىن كۆرسىتىپ،  -  سىزنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىڭىزدا قاتتىق ئۇرۇشقان ئادەم  جەسۇر، مانا مەن  ئوتتۇرىغا چىقىپ سىزگە ياردەم قىلىۋاتىمەن!  -  دېدى.

 - بۇنداق قىلسىڭىز ھەممە ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىسىز، زىلالە بىلەن جەسۇر   توي قىلىپ بولدى، باشقىلارنى بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟  -  دېدى مۇيەسسەر.

 -  مەن خاتا گەپ قىلدىممۇ؟ - دېدى سانىيە قىزىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلماي، -  بىر جىنايەتچىنىڭ سىڭلىسى ئائىلىمىزگە ياتلىق بولۇشقا ئەسلا لايىق ئەمەس، - دېدى.  

 مۇيەسسەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ:

  - سىز... پەقەت گەپ ئۇقمايدىكەنسىز!!  - دەپلا بۇرۇلۇپلا يىراقلاپ كەتتى.

 -  قارا، قارا ! - دېدى سانىيە ئاچچىقىدا سومكىسىنى تۇتۇۋالغان ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، مۇيەسسەر كەتكەن تەرەپنى كۆرسىتىپ، - كىمنىڭ قىزى، ئۆز ئاپىسىغا مۇشۇنداق گەپ قىلىدۇ؟  مەن ياخشى نىيىتىم بىلەن ئۇنى قوللاپ بۇ يەرگە كەلسەم،  مانا ئەمدى مېنىڭ خاتالىقىم بولۇپ قالدى. ئۆزۈمگىمۇ ئاز،  قانداقسىگە بۇنداق قىز بالىنى تۇغۇپ قالدىمەن؟  - دېدى.

 -  ئاپا! - دېدى ئابلكىم ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ،  - بولدى، ماڭايلى،  ئاۋۋال سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي.  -  دېدى.


 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章