كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
64 | 63 | 62 | 61 | |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
65 -قىسىم
-65قىسىم مەن بالىنىڭ دادىسى
كارىدورغا چىققاندا زىلالە جەسۇرنىڭ قولىدىن بىلىكىنى تارتىپ چىقىرۋېلىپ:
- بايىقى ياردىمىڭىزگە رەھمەت، مەن ماڭغاچ تۇراي. - دېدى.
- زىلالە! - جەسۇر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، يولىنى توساپ، - مەندىن خاپا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ئەلۋەتتە، خاپا بولۇشىڭىز ھەقلىق، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، چۈشەندۈرۈشۈمگە قۇلاق سېلىڭ، ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدا ئۆزۈمگە چۇشلۇق دەردىم بار. - دېدى.
- شۇڭىچۇ؟ - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ - ھازىر، يەنە قارارىڭىزنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ، خەققە دېگىلى بولمايدىغا دەردىڭىزنى قانداق قىلىسىز؟ - دېدى.
- ياق، زىلالە، مەن... - دېدى جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ پېشانىسىنى سىيلاپ، - بۇ ئىشنى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ يەردە پاراڭلىشىشمۇ قولايسىز، باشقا يەرگە بارايلى، مەن بارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرەي. - دېدى.
جەسۇر ئۇنى ئەركىن ئائىلىسىدىن ئىبارەت بۇ قاينامغا سۆرەپ كىرىشنى، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى خالىماي، ئايرىلىپ كېتىشنى تاللىغان.
ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن بولسا، چوقۇم بۇنداق قىلمايتتى.
- بولدىلا، ئاجرىشىشقا كېلىشىپ بولغاندىكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بىلىشىمنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. - دېدى زىلالە.
جەسۇر ئىككى قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، بىر جۈپ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن:
- زىلالە، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ، مۇشۇ بىر قېتىملا بولامدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، مەن بالىنىڭ دادىسى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
زىلالە ئىككى قولىنى يانغا ساڭگىلىتىپ، چىڭ سىقتى.
ھەر قېتىم چىن كۆڭلىنى بەرگەندە، قايتا-قايتا ئازابلاندى.
كىچىككىنە يۈرىكى پارە - پارە بولۇپ كەتكەندە ئەسلىگە كېلەمتى؟
چوڭقۇر نەپەس ئالغان زىلالە قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- بۇرۇنمۇ ئېنىق دېگەنىدىم، ئەمدى ماڭا چاپلىشىۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بالىنىمۇ ئېلىپ قالمايمەن، ھەم سىز بىلەنمۇ يارىشىپ قالمايمەن! - دېدى.
قىزنىڭ كۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
جەسۇر ئۇنىڭ ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كەچكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن جەسۇر زىلالەنىڭ مۈرىسىدىكى قولىنى چۈشۈرۈپ، ماغدۇرسىزلانغان ھالدا كەينىگە بىر قەدەم چېكىندى.
زىلالە يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلمىدى ۋە يانچە مېڭىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چوڭ قەدەم بىلەن لىفىتقا چىقتى.
جەسۇر ئۆز ئورنىدا قېتىپ قالدى، زىلالەنىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلىشىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوقىدى.
جەسۇر بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تامغا قاتتىق ئۇردى.
يانچۇقىدىكى تېلېفون تىترىدى.
قوشۇمىسىنى تۈرۈلگەن جەسۇر يانفونىنى چىقىرىپ قۇلىقىغا قويۇپ:
- گەپ قىلىڭ، - دېدى.
تېلېفوندا ئەنۋەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- جەسۇر دىرېكتور، سىزنى سوقۇۋەتكەن شوپۇر تېپىلدى، يەنە باشقا يىپ ئۇچىنىمۇ بايقىدۇق. - دېدى.
- سىز قەيەردە؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- مەن ھازىر ئەكبەر ئادۋوكاتنىڭ ئىشخانىسىدا. - دېدى ئەنۋەر.
- بولىدۇ، بىلدىم. - دېدى جەسۇر بۇرۇلۇپ لىفىت تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، - ھازىرلا يېتىپ بارىمەن، - دېدى.
كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئابلكىم سانىيەنى يۆلەپ كارىدورنىڭ دوقمۇشىدىن ئايلىنىپ چىقىپ:
- زىلالەنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. - دېدى.
- مەنمۇ سەل ھەيران قالدىم. - دېدى سانىيە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، - مەن تېخى زىلالەنى ھېلىقىدەك قىز ئوخشايدۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئورۇنغا چىقماقچى دەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇمۇ خېلى بولىدىغان قىزكەن جۇمۇ . - دېدى.
- شۇنداق!- دېدى ئابلكىم ئاپىسىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، - بۇنداق قىزلار ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا جەسۇرنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن. - دېدى.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغۇق نۇر چاقناپ:
- دەرۋەقە، مۇھەببەت ئادەمنى ئەخمەق قىلىدۇ. - دېدى.
- شۇڭا مەن ساڭا، ئاياللار بىلەن كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئوينىساڭ بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز چىن كۆڭلۈڭنى بەرمە دەيمەن. بىراق، بىز يەنىلا زىلالەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. جەسۇر بۈگۈن كەچتە مۇشۇنداق سەتچىلىك پەيدا قىلدى، ئەمدى داداڭغا قانداق جاۋاب بېرىدىكىن قاراپ باقايلى! - دېدى سانىيە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، قۇلاق تۈۋىدىكى چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ مېڭىپ.
ئابلكىم كۈلۈپ قويۇپ، ئاپىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، شۇنچە كۆپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بار.
ئابلكىم قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىسىمۇ، جەسۇرنىڭ ئادەم ئۇرغان ئىشى ناھايىتى تېزلا ئاشكارىلىنىدۇ.
دادىسى ئەركىن ئەزەلدىن يۈز-ئابرۇيىنى مۇھىم بىلىدىغان ئادەم، جەسۇرنىڭ بۇنداق يولسىزلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.
ئابلكىمنىڭمۇ جەسۇرنىڭ بۇ ئىشنى قانداق ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققۇسى كەلدى...
جەسۇرنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەكبەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى بايا تاپشۇرۇۋالغان فاكىسنى سۇنۇپ:
- بۇ بايا ئەۋەتىلگەن فاكس، سىزنى سوقۇۋەتكەن شوپۇر بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ چىققان ئادەم بولۇپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەن. تەخمىنەن ئون كۈن ئىلگىرى، ئۇ 200 مىڭ يۈەنلىك ھېسابات تالونى تاپشۇرۇۋاپتۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بىرەرسى ياللىغان گەپ، - دېدى.
جەسۇر قولىدىكى فاكس ھۆججىتىگە تەپسىلىي قاراپ:
- ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈپ تاپالىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بانكا تەرەپتىن تەكشۈرۈپ چىققان مېمورىيال خاتىرىسىدىن قارىغاندا، قەيسەرنىڭ قىلغان ئىشى. - دەپ جاۋاب بەردى ئەنۋەر.
جەسۇر ئىش ئۈستىلىگە يۆلىنىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىر ھازا ئويلىنىپ:
- ياق... توغرا ئەمەس. - دېدى.
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى ئەكبەر.
- ئەگەر راستتىنلا قەيسەر قىلغان بولسا، سىز ئۇنى بەكلا ئېھتىيات قىلمىغاندەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى جەسۇر قولىدىكى فاكىسنى بارمىقى بىلەن چېكىپ تۇرۇپ، - بۇ ھېسابات نومۇرى يېرىم ئاي بۇرۇن ئېچىلغان ھېسابات نومۇرىكەن، ئۇ چاغدا قەيسەر دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان، ئۆمەرنىڭ دېلوسىنىڭ ئىشى ئۈچۈن بېشى قېتىپ تۇرغان تۇرسا، قانداقسىگە قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغۇدەك كەيپىياتى بولسۇن؟ - دېدى.
- دېمەكچى بولغىنىڭىز ، - دېدى ئەنۋەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ ، - بىرسى قەستەن ئويۇن ئويناپ، بىزنى قەيسەردىن گۇمانلىنىشقا دەۋەت قىلىۋاتامدۇ؟ - دېدى.
- بىلدىم! - دېدى ئەكبەر گەپنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ، -قەيسەرنىڭ ئادۋوكاتى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ ئۇ چوقۇم قەيسەرنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ھېسابات ئاچقان گەپ، دېمەك بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئابلكىمگە تۇتىشىدۇ، قەيسەر دېگەن بۇ كالۋا راستتىنلا باشقىلار ئۇنى سېتىۋەتسىمۇ يەنە پۇل سانىشىپ بېرىدىغان نېمىكەن، - دېدى.
ئەنۋەر ئامالسىز قالغاندەك:
- ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، يەنە تەكشۈرسەكمۇ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئابلكىمنىڭ قەستەن زىيانكەشلىك قىلغانلىق ئىسپاتىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن ئەمەسكەن. - دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىشىگىلا يان تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلدى.
ئەنۋەر يانفونىنى ئېچىپ، سەل ئىلاجسىز قالغان ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- جەسۇر دىرېكتور، سىز خەۋەرگە چىقىپسىز! - دېدى.
جەسۇر يانفونىنى ئېلىپ، ئېكراندىكى خەۋەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى.
خەۋەر مەزمۇنى، دەل ئۇنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئادەم ئۇرغان كۆرۈنۈشى ئىدى.
خەۋەر ئاستىدىكى ئىنكاسلار نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىسى جەسۇرنى ئەيىبلىگەنىدى.
[مەن ئۇنى تونۇيمەن، بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمىز، ئەركىن ئائىلىسىنىڭ ئۈچىنچى بايۋەچچىسى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ساۋاقدىشىمىزنى يارىلاندۇرغان]
[ئەركىن ئائىلىسىدىكى قارام لۈكچەكنى كىم بىلمەيدۇ؟ 】
[بۇ بايۋەچچە ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ]
بەختكە يارىشا، جەسۇر زىلالەنى ئىزچىل توسۇپ تۇرغاچقا، كۆرۈنمە چاستوتىدا زىلالەنىڭ ئۇدۇل يۈزى سۈرەتكە چىقمىغانىدى.
- خەۋەرنى چۈشۈرۋېتەيمۇ؟ - دەپ سورىدى ئەكبەر.
تېلېفوننى ئەنۋەرغا سۇنغان جەسۇر ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ:
- بولدىلا، ئىشقىلىپ مېنىڭ ئەزەلدىن ياخشى نامىم يوق. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا، ئالدى بىلەن ئامال قىلىپ تيەننىڭ شىركىتىنىڭ ئىشىنى ياخشى ھەل قىلىش. تيەننىڭنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىش قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ھازىر ٪ 42 پاي ھوقۇقى بىزنىڭ قولىمىزدا، ئەگەر زىلالە خانقىز داۋاملىق پاي ھوقۇقىنى سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا تاپشۇرسا، ئۇنداقتا قولىڭىزدىكى تيەننىڭ پاي چېكى ٪ 50 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. - دەپ جاۋاب بەردى ئەنۋەر.
- ناھايىتى ياخشى. - دېدى جەسۇر سائەتكە قاراپ، - ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭ، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن، تيەننىڭغا بېرىپ مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچىمەن. - دېدى.
- ماقۇل، ھازىرلا تېلېفون قىلىپ ئورۇنلاشتۇراي. - دېدى ئەنۋەر ئىشخانىدىن چىقىپ تېلېفون قىلدى.
ئەكبەر بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى جەسۇرغا سۇنۇپ:
- زىلالەنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق سورىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى چىڭ سىقىپ، چىرايىنى بىردىنلا قارىداپ:
- ئۇنىڭ بۇ بالىنى تۇغقۇسى يوقكەن، مەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنىمۇ خالىمىدى، - دېدى.
ئەكبەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- بولمىسا، مەن بېرىپ ئۇنىڭغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويايمۇ؟ دېدى.
جەسۇر بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- ئۆزۈمگە ئاز، - دېدى ۋە مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، يېرىم بوتۇلكا سۇنى بىر تىنىقتا ئىچىۋېتىپ:
- ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، مەن قايتاي. - دېدى.
ئەكبەر پەس ئاۋازدا ئەسكەرتىپ:
- بۇنداق سەتچىلىك يۈز بەرسە، ئابلكىم چوقۇم دادىڭىزنىڭ ئالدىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ، ئىدىيە تەييارلىقىڭىز بولسۇن، - دېدى.
- كۆپ بولغاندا، مېنى ئەركىن ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، - دېدى جەسۇر ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ - ھازىر مەن يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيتتىم؟ - دېدى - دە ئەكبەرگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ئەكبەر ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ يىراققا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېغىر ئۇھسىندى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar