كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
74 | 73 | 72 | 71 | 70 |
79 | 78 | 77 | 76 | 75 |
80 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
81-قىسىم
81-قىسىم
ئۆزۈمگە ئۈسسىۋالدىم
زۈبەيدەنىڭ لېۋىدىكى كۈلكىسى بىردىنلا سوۋۇپ:
- بەلكىم ئەينى چاغدا... خاتا قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن... - دېدى.
زەپەر بېشىنى چايقاپ، چوكىنى تارتىپ چىقىرىپ، زېرىكىش ئىچىدە پىرقىرىتىپ ئوينغاچ:
- مەن ئەزەلدىن ئادەم بولۇشتا ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق، مېھرىبان، ئالىيجاناب بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، ئىلگىرى بۇلار گۈزەل ئەخلاق دەپ قارىلاتتى، ھازىر پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ھېسابلىنىدۇ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ئۈچۈن ياسىغان قەپىزى خالاس.
مۇھەببەت ئۈچۈن، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە ئۈچۈن، ۋاستە تاللىماسلىق خاتا ئەمەس، ئادەمنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلمىسا، ئوت قويۇپ، تەبىئەتكە زىيان يەتكۈزمىسە، ئىشقىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق ئىشلارنى قىلمىسىلا بولىدۇ. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى بىر ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى تۇرسا، باشقىلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ ھەممە ئادەمدە بىر ئورتاق مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ تامغا ئۈسمىگۈچە كەينىگە يانماسلىق. شۇڭا سىز ھازىر قايسى تامغا ئۈسۈۋالغاندەك قىلىسىز؟ - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى تىترەپ، زەپەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.
زەپەرقولىدىكى چوكىنى بارماقلىرى ئارىسىدا تېز پىرقىرىتىپ، زۇبەيدەگە قاراپ كۈلۈپ قويدى.
- سىزنىڭچە ئۈسۈۋالغان تېمىڭىز كىم؟ ھېلىقى ئايالمۇ؟ ياكى يولدىشىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ قولىدىكى چوكىغا تىكىلدى، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن، ئاستاغىنە :
- ھەممىسى ئەمەس... مەن ئۈسسىگەن تام دەل ئۆزۈم. - دېدى.
پەقەت ئۇ ئۆزى تەسلىم بولسا، ئاندىن ھەقىقىي ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.
زەپەر قېشىنى ئېتىپ:
- شۇڭىچۇ؟ - دېدى.
- شۇڭا ھازىر ئۇ بىر جۈپ پەسكەش ئەر ، پەسكەش ئايال بىلەن كارىم بولمايدۇ، تاماقنى ئوبدان يەپ ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ قورسىقىمىزنى تويغۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم. ئۇلار يىراقلارغا يوقالسۇن، ئەڭ ياخشىسى كەيپىياتىمغا تەسىر يەتكۈزمىسۇن. - دېدى.
- بەك قالتىس ئىكەنسىز، - دېدى زەپەر.
قارا، بىردەمدىلا توغرا يولنى تاپتى.
دىلارە بىلەن ياخشى ئاچا - سىڭىل بولۇشقا مۇناسىپكەن.
ئۇزاق ئۆتمەي قورۇمىلار بىر - بىرلەپ ئېلىپ كېلىندى.
مۇلازىم يەنە ھەر بىر قورۇمىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
زۇبەيدە داڭلىق قورۇمىلارنى، يېڭىدىن چىقارغان قورۇمىلارنى تېتىپ باقتى.
تەمى سۇس تاماقلارنى ئاساس قىلىنغانىدى، مەۋلان ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلار ئىكەن.
تاماق بۇيرۇتقاندىمۇ ئامانگۈلنىڭ رايىغا باقماپتۇ.
ياكى ئىككىيلەننىڭ قىزىقىشى ھەقىقەتەن بىر - بىرىسىگە ماس كېلەمدۇ؟
ئەمما ھازىرقى زۇبەيدەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قورۇمىلار ئۇنىڭ دىتىغا ياقمىدى.
لېكىن ياخشى يېرى قورۇمىلارنىڭ تۈرى كۆپ ئىدى.
ئۇ بىر ئاز قۇرۇما يېگەندىن كېيىن، بىر قاچا گاڭپەننى قولىغا ئالدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن زەپەرنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، ئۆزى چوكا مىدىرلاتمىسا ھەقىقەتەن قاملاشمايدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ، ئوغلىنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇشى كېرەك.
زۇبەيدە مۇلازىمەتچىگە يەنە بىر قاچا گاڭپەن ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى، زەپەر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
- قايغۇ - ھەسرەتنى ئىشتىھاغا ئايلاندۇرامسىز؟ - دېدى.
- قايغۇ - ھەسرەت دېگەن... نىجاسەت، - دېدى زۇبەيدە.
زەپەرنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، ئاندىن ئالدىدىكى بىر ئۈستەل قورۇمىغا قاراپ، ھەش - پەش دېگۈچە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ:
- ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن ئادەم بولۇشتىن ۋاز كەچتىڭىزمۇ! ئىلگىرى نېمىشقا سىزنىڭ بۇنچە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدىغانلىقىڭىزنى بايقىمىغان بولغىيتتىم، - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىپ:
- كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ، ھەممە نەرسە تەڭ مەۋجۇت بولىدىغۇ مەنمۇ يوق نەرسىنىڭ گېپىنى قىلمىدىم، ئالدىڭىزدا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل نازۇ - نېمەتلەر بار، قولدىن بېرىپ قويسىڭىز بولمايدۇ ... - دېدى.
زەپەر ئالىيىپ قويۇپ گەپ قىلمىدى. زۈبەيدە يەنە :
- مەن بىر ئىشقا قىزىقىۋاتىمەن. ئەتراپىڭىزدا ئايال كىشى باردۇ، نېمىشقا پىتنە - پاساتىڭىزنى ئاڭلاپ باقمايمىز؟ - دەپ گەپنى بۇرىدى.
زەپەر كۆزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:
- مېنىڭ ئۈستۈمدىن چىققان مىش - مىش پاراڭدىكى ئايال باش قەھرىمانىم ئەزەلدىن سىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ غەيۋەت قىلماقچى بولغان چىرايى بىردىنلا قېتىپ قالدى، ھە راست ئەمدى ئېسىگە كەلدى، ئىلگىرى مەركىزى شەھەردىكى چاغدا زەپەر سودا سارايغا كەلگەندە، شۇنداق بىر سەتچىلىك بولغان.
لېكىن، كېيىن دىلارەنىڭ ئىشى بىلەن بېسىلىپ قالغاندەك قىلغان.
كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ كەينىدىن كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىگە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىپ باقمىدى.
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ، تۇيۇقسىز قولىنى سوزۇپ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ:
- ئېسىمگە كەلدى، راستتىنلا بىر قېتىم ئۆسەك سۆزىمىز تارقالغاندەك قىلغان، لېكىن ئاخىرى قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى زۇبەيدە.
- چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى يوشۇرۇش بىلەن باراۋەر، چۈشەندۈرمەسلىك سۈكۈت بىلەن باراۋەر. - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ:
- ئەمىسە بۇ قېتىم بۇ شەھەرگە كەلگىنىڭىزدە... بىرەر مۇخبىر بىزنى سۈرەتكە تارتمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
زەپەر سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ - دېدى.
تور ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى تاراتقۇلار ئەۋج ئېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ئومۇملاشتى، ھەتتا ئۆزى تاماق يېگەندىمۇ سۈرەتكە چۈشۈپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايدىغان كىشىلەر ئېقىم مىقدارى زور بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق بىر تېمىنى قانداقمۇ قولدىن بېرىپ قويسۇن؟
زۇبەيدەمۇ زەپەرنىڭ سۆزىنى چۈشىنىدۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ :
- ھېچقىسى يوق، سىز ھەممە يېرىڭىزنى چۈمكەپ ئورۇۋالغان تۇرسىڭىز، ھېچكىم سىزنى تونۇيالماسلىقى مۇمكىن. - دېدى.
- كىم بىلىدۇ دەيسىز؟ - دېدى زەپەر.
ئىككىيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلدى.ئۇلار مۇلازىمنى گاڭپەن ئەكىلىپ بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ دىققەت قىلىپ كەتمىدى.
زۇبەيدە مۇنداقلا بىر قاراپ، چۆچۈپ كېتىپ، ئىككىنچى قېتىم بېشىنى بۇرىغاندا ئىچىگە قاراپ چوڭ - چوڭ قەدەم بىلەن كېلىۋاتقان مەۋلاننى كۆرۈپ، كۆزلىرى يوغىناپلا كەتتى.
ئارقىدىنلا قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ:
- نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
بۇ ئادەم زادى نېمە ئويلاۋاتىدۇ؟
ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغاندا مەڭگۈ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، مۇھتاج بولمىغاندا، نەگىلا بارسا چاپلىشىپ يۈرگەن.
ئۇنىڭ گېپى مەۋلاننىڭ چىرايىنى تېخىمۇ تۇتۇقلاشتۇرىۋەتتى، ئەمما ئۇدۇل زۇبەيدەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يېنىدىكى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردى.
زۇبەيدە ۋە زەپەر نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى.
ئىشىك يەنە ئېچىلدى، بۇ قېتىمقىسى مۇلازىم بولۇپ، ئىككىنچى قاچا گاڭپەننى يەتكۈزۈپ بەرگىلى كىرگەنىدى.
مۇلازىم مەۋلاننىڭ كىرىشى بىلەن تۇيۇقسىز ئۈچ كىشىلىك ئايرىمخانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەل گاڭگىرىغان ھالدا گاڭپەننى زۇبەيدەنىڭ يېنىغا قويۇپ، يېنىدىكى زاپاس سۇپىدىن بىر جۈپ يېڭى چوكىنى ئېلىپ مەۋلاننىڭ ئالدىغا قويدى - دە، گاڭگىرىغان ھالدا چىقىپ كەتتى.
بۇ... زادى قانداق ئىش؟
توردا دىيىلگەنگە ئوخشىمايدىغۇ؟
بۇرۇلۇپ ئىشىكنى يېپىپ قويغۇچە يەنە بىر قېتىم ئىچىگە قاراپ قويدى، مەۋلان ئەپەندى چوكىنى چىقىرىپ، بايا ئەپكىرىپ گاڭپەننى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى.
توردىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن خاتا.
توردىكى ئادەملەرنىڭ گېپىگىمۇ ئىشىنىپ يۈرۈپتۇ...
زۇبەيدە ئۆزىنىڭ تامىقىنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، چىرايى تېخىمۇ سوۋۇدى.
ئۇ مەۋلاننىڭ ئالدىدىكى گاڭپەننى ئېلىۋېلىپ:
- بۇ مېنىڭ. - دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى، ئەمما ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن تىنچ تەلەپپۇزدا:
- قورسىقىم ئاچتى. - دېدى.
زۇبەيدە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، بىر چوكا قۇرۇمىدىن ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ:
- ئەجەبا بايا ئامانگۈل خانقىزنىڭ ئالدىدا سالاپەتلىك بولىمەن دەپ، تاماق يېيىشتىنمۇ خىجىل بولدىڭىزما؟ - دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭ گاڭپەننى قانداق يەيدىغانلىقىغا تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ:
- ئەلۋەتتە شۇنداق. باشقىلارغا مېنىڭ ئەڭ ھەقىقىي تەرىپىمنى ئاسانلا كۆرسەتكىلى بولاتتىمۇ؟ بەزى نەرسىلەرنى، تەبىئىيكى، بىر ئۆيدىكى ئادەملەرگىلا كۆرسەتكىلى بولىدۇ. - دېدى.
زۇبەيدە ئىككىنچى قۇشۇق گاڭپەننى يۇتۇتالماي تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالدى.
مەيدىسىنى تۇتقىنىچە دەرھال ئۇنىڭغا قارىدى، نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ، بوغۇلۇپ بىئارام بولۇپ گەپ قىلالمىدى.
مەۋلان يېنىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ، يانغا بۇرۇلۇپ، بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىنى يېنىك ئۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا ئىستاكاننى ئاغزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى، ئەمما ئىچكۈزۈپ قويمىدى.
زۇبەيدە ئىستاكاننىڭ ئاستىنى تۇتۇپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئىككى يۇتۇم ئىچتى.
مەۋلان يەنىلا ئۇنىڭ دۈمبىسىنى يېنىك ئۇرۇپ سىيلاشنى داۋاملاشتۇردى.
ھەقىقەتەن تىپىك سادىق ئوغۇل دوستنىڭ رولىنى ئالدى.
لېكىن، زۇبەيدە بۇنىڭغا دىققەت قىلماي، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، يانچە ئۆرۈلۈپ، مەۋلانغا قاراپ:
- مەۋلان، تۇيۇقسىز ... نېمىگە ئەخمەقتەك جىدەل قىلىسىز؟ - دېدى.
ئۇ گەپلەرنى، ئاغزىدىن قانداقمۇ چىقارسۇن ؟ !
يالغان ئەمەستۇ؟
مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپ، ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويدى، ئەمما قولىنى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن چۈشۈرمەي، مۈرىسىگە قويدى.
زۇبەيدە قوشۇمىسىنى چىڭ تۈردى.
مەۋلان زادى نېمە قىلماقچىدۇ؟
زۇبەيدە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى، ئەمما مەۋلان ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، كۆز ئالدىدىكى تاماق قاچىسىغا قاراپ:
- يەنە يەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
ئۇ ھازىر بۇنداق چۈشىنىكسىز ھالدا قۇچىقىدا كىرىپ قالسا قانداق يەيدۇ؟
- سىز زادى نېمە قىلىۋاتىسىز؟- دېدى زۇبەيدە ئۇنىڭغا چۈشەنمىگەن ھالدا قاراپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى، چىرايىدىن گۇمان ۋە قارشىلىق چىقىپ تۇراتتى.
مەۋلاننىڭ يۈرىكىگە غەزەپ ئوتى يوشۇرۇنغانىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەندە، غەزەپ ئوتىغا بىر تۇڭ ماي چاچقاندەك بولۇپ، بېسىلىپ قالغان ئوت بىردىنلا ئۇلغايدى.
چىرايى ئۆزگەرمىدى، ئەمما مۈرىسىگە قويۇلغان قوللىرى ئاستىرتتىن سەل - پەل چىڭىدى.
- يېمىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن داۋاملىق يەي.. . - دېدى مەۋلان.
شۇنداق دېگىنىچە، زۇبەيدە بايا بىر قۇشۇق يەپ قويغان تاماقنى بىر قولىغا ئېلىپ،يەنە بىر قولىغا چوكىنى ئېلىپ، شۇنچىلىك تەبىئىي قىياپەتتە بىر چوكا يېدى.
زۇبەيدەنىڭ جاۋغىيى تارتىشىپ قالدى.
بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان زەپەرگە قارىدى.
زەپەردىن زادى قانداق ئىش بولغانلىقىنى سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.
زەپەر مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما چىرايىدىكى تەبەسسۇمدا تەسۋىرلىگۈسىز مەسخىرە بار ئىدى.
مۈرىسىدىن تۇيۇقسىز كەلگەن ئاغرىق زۇبەيدەنىڭ چىرايىنىڭ قىسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مەۋلان بۇ چاغدا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زەپەرگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ، يېنىك ئاۋازدا :
- داڭلىق ئارتىس زەپەر ئەپەندى يىراقلاردىن بۇ يەرگە نېمە ئىش قىلغىلى كەلدىڭىزكىن؟ - دېدى.
زەپەر قېشىنى ئېتىپ، چوكىنى ئېلىپ قۇرۇمىدىن ئېلىپ ئاغزىغا سالغاچ:
- قەدىناس دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. - دېدى.
- قەدىناس دوست؟ - دېدى مەۋلان كۈلگەندەك كۆزلىرىنى قىسىپ.
- ئەلۋەتتە، مەۋلان ئەپەندى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن زۇبەيدە بىلەن كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، بىر پۇرسەت چىقىپ قېلىپ كەسىپتە يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق، بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان ئوخشايمىز. - دېدى زەپەر.
زۇبەيدەنىڭ قاشلىرى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، زەپەرگە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قارىدى.
بۈگۈنكى بۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ؟
بالىلىق چاغلىرىدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان؟
ئۇ كىچىك ۋاقتىدا زەپەرنى قانچە قېتىم كۆرگەن بولغىيتتى؟ !
زۇبەيدە مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرغان قولىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، چىرايى سەل - پەل ئۆزگىرىپ، مۈرىسىنى تۈگۈۋالدى. دەرۋەقە كۈچ خېلىلا بوشىدى.
بۇنداق سىرلىق گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچىمۇ!
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar