مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 58-قىسىم_ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشەيلى

文摘   小说   2024-10-21 14:00   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251



5756








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

58 -قىسىم

   

 



 

58-قىسىم

ئەتە ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشەيلى! (2)


زىلالە سەل ھەيران بولۇپ:

 -  ئاكامنى تونۇمسىز؟  - دەپ سورىدى.

 - بۇرۇنلا تونۇيتۇم... - دېدى مۇيەسسەر كىرپىكلىرىنى تۆۋەن سېلىپ،  - يىراق ئەلدىكى چاغدا، بىز بىر لايىھەلەش شۆيۈەنىدا ئىدۇق، ئۇ بىناكارلىق فاكۇلتېتىدا ، مەن ئۈنچە-مەرۋايىت لايىھەلەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، - دېدى. 

زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە.  - دېدى.

مۇيەسسەر قولىدىكى مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى ئاچقاچ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

  - ئەمەلىيەتتە مەنمۇ يېقىندا  قايتىپ كېلىپ، ئاندىن ئاكىڭىزنىڭ ئىشىنى بىلدىم، ئاڭلىسام يېقىندا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دېلونى ئاغدۇرماقچى بولۇۋېتىپسىلەر، دېلونىڭ تەرەققىياتى قانداقراق بولۇۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىدى. 

 زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

- بۇ...  ئىلگىرى بىر قېتىم سوت ئاچقان، نەتىجىسى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، كونكرېت ئىشنى ئادۋوكات بېجىرىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن.  - دېدى.

قارشى تەرەپ نېمىلا دېگەن بىلەن ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇيدۇ ياكى مۇناسىۋىتى بار، زىلالە ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلىپ، راست گەپ قىلمايدۇ.

مۇيەسسەر ئۇنىڭ ئىككىلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ:

  - جىددىيلەشمەڭ، باشقا مەقسىتىم يوق، پەقەت كونا ساۋاقدىشىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدىم، - دېدى ۋە  ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىدىن بىرنى ئېلىپ، زىلالەگە سۇنۇپ:

 - بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتام، ئۈستىدە تېلېفون نومۇرۇم بار، ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا، خالىغان ۋاقىتتا  تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.

- مۇيەسسەر  خانقىز رەھمەت سىزگە. - دېدى زىلالە ئىسىم كارتوچكىسىنى ئېلىپ، -  ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا،  قايتاي، - دېدى.

- ماقۇل، ئۇزىتىپ قوياي.  - دېدى مۇيەسسەر.

- بولدى، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، ئۆزۈم چىقىپ كەتسەملا بولىدۇ.  - دېدى زىلالە ئىسكىرىپكىسىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپلا زالدىن چىقىپ، لېفىتقا قاراپ ماڭدى.

  لىفىت ئىشىكىنىڭ تاقىلىشقا ئاز قالغانلىقىنى كۆرگەن زىلالە ئىسكىرۇپكىنى كۆتۈرۈپ بىر نەچچە قەدەم يۈگۈرۈپ:

 - توختاپ تۇرۇڭ! - دېدى. 

بىرەيلەن قولىنى سوزۇلۇپ، لىفىتنىڭ ئىشىكىنى توسۇۋالدى.

يېپىلاي دەپ قالغان ئىشىكنى قايتىدىن ئېچىلدى.

زىلالە ئىتتىكلا لىفىتقا چىقىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتماقچى بولدى.

لىفىتتا تۇرغان ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغان رەھمەت سۆزى ئاۋازى بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالدى.

ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ لىفىتنىڭ ئىشىكىنى توسۇپ قويغان ئادەم باشقا ئادەم ئەمەس، دەل جەسۇر ئىدى.

جەسۇر بۈگۈن تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، ئەركىننىڭ شىركىتىدىكى خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۋالدى، خىزمەتكە تېزراق ماسلىشىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىشلىگەنىدى.

ئۇمۇ ئىسكىرۇپكا كۆتۈرۈپ لېفىتقا چىققان زىلالەنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ:

 - زىلالە، سىز... سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.

 زىلالە تەلەپپۇزىنى تەڭشەپ:

  -  ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىزنىڭ مۇزىكا ئەترىتىمىز مۇزىكا ئورۇنلىماقچى، شۇڭا رېپېتىتسىيە قىلغىلى كەلگەن، - دېدى. 

جەسۇر بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سەل تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا تىكىلىپ، ئېغىز ئاچماقچى بولدى - يۇ گېپىنى يەنە يۇتۇۋەتتى.

زىلالە كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ، لىفىتنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كېلىپ، ئىككى قولىدا ئىسكىرۇپكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن شىركەتنىڭ ئىشىنى سوراپ باقماقچى بولۇپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن يەنە ۋاز كەچتى.

ھازىر ئۇ يەنە قانداق سالاھىيەت بىلەن بۇلارنى سورايدۇ؟

ئەر - ئايال ھەر قايسىسى ئۆز خىيالى بىلەن، بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ سۈكۈت قىلدى.

دىڭ...

لىفىت توختىدى.

 -  مەن ئاۋۋال ماڭغاچ تۇراي، - دېدى زىلالە سەل ھودۇقۇپ، ھېچنېمىگە قاراپمۇ قويماي، ئالدىراپ ماڭدى، لىفىتتىن چىققاندىن كېيىن،  يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

جەسۇرغا ئۇچراپ قالغاچقا دەماللىققا جىددىيلىشىپ، بىرىنچى قەۋەتنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، نەتىجىدە جەسۇر بىلەن بىللە ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا چۈشۈپتۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قەۋەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ چىقماقچى بولدى، نەتىجىدە لىفىتتىن چىقىۋاتقان جەسۇرغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى، زىلالە چاققانلىق بىلەن  قەدىمىنى توختىۋالدى.

جەسۇر ئۇنىڭ خاتا مېڭىپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، يېنىك يۆتىلىپ:

- بۇ يەردە تاكسى توسۇش ئاسان ئەمەس، مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟ - دېدى. 

 -   ھاجىتى يوق، مېتروغا ئولتۇرسام  قولايلىق. - دېدى زىلالە.

مېترو؟

بۇ دەل كەچلىك ئىشتىن چۈشۈشنىڭ يۇقىرى پەللە ۋاقتى.

بۇ يەردە خىزمەت بىنالىرىمۇ كۆپ، بۇ ۋاقىتتا مېترونىڭ قانچىلىك قىستاڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاشنىڭ  ھاجىتى يوق.

ئۇ شۇنچە ئاجىز تۇرسا، قىستىلىپ چىقالامدۇ-يوق، بىر نېمە دېمەك تەس.

جەسۇر تەبىئىي ھالدا بىلىكىنى سوزۇپ، ئۇنى توسۇپ، باھانە تېپىپ:

 - ئاجرىشىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەپسىلاتلارنى سىز بىلەن سۆزلەشمەكچىمەن. - دېدى.

قارشى تەرەپ ئاجرىشىدىغان ئىشنى تىلغا ئالغاندا، زىلالە رەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ:

- ئۇنداقتا...  سىزنى ئاۋارە قىلدىم.  - دېدى.

- يۈرۈڭ، ماشىنام ئاۋۇ تەرەپتە. - دېدى جەسۇر ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ قولىدىكى ئىسكىرۇپكىنى  ئېلىپ، ئالدىدا يول باشلىدى.

زىلالە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئېگىز بويلۇق سىيماسىغا تىكىلىپ گېلى بوغۇلۇپ، بىئارام بولدى.

 كۆڭلىدە بولدى قىلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قايتا كۆرۈپ يەنىلا كۆڭلى يېرىم بولدى.

جەسۇر ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلگەندە،  ياردەمچى شوپۇر ئورنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:

 - ماشىنىغا چىقىڭ!  - دېدى.

زىلالە رەھمەت ئېيتىپ، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىدى.

جەسۇر شوپۇر  ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ماشىنىنى قوزغىتىپ يولغا چىقتى.

يولدا  ماشىنىلار كۆپ بولغاچقا يول ئازراق توسۇلۇپ قالدى.

زىلالەنىڭ ئادەتتە ماشىنىدا بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشمايدۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆڭلى ئاينىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى توسۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۆتىلىپ قويدى.

ئۇنىڭ يۆتەلگىنىنى ئاڭلىغان جەسۇر يانغا بۇرۇلۇپ:

 -  ئاغرىپ قالمىغانسىز؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، مىنېرال سۇدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ، كۆڭلى ئېلىشىش تۇيغۇسىنى بېسىپ:

 - مېنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندە كۈندۈزى ۋاقتىم بار،  قاچان رەسمىيەت بېجىرمەكچى بولسىڭىز، تېلېفون قىلىڭ. ئۆي بىلەن ماشىنىنىڭ نامىنى يۆتكىگەندىمۇ، ۋاقىت چىقىرالايمەن.  بىز بۇرۇن دېيىشكەن بويىچە، تيەننىڭنىڭ پېيىنىڭ  %3 تىنى سىزگە بېرىمەن، قالغان%7 پاينى يەنىلا سىز باشقۇرۇڭ. بۇلاردىن باشقا، سىزنىڭ يەنە قانداق تەلىپىڭىز بار؟  - دەپ سورىدى.

 - پېيىڭىزنى ئالمايمەن، ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز،  سىزگە ياردەملىشىپ باشقۇرۇپ بېرەي.  - دېدى جەسۇر  چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ، - شىركەتنىڭ سەۋەبىدىن،  مەبلىغىم توڭلىتىۋېتىلدى، ئۆي ۋە ماشىنا ۋاقتىنچە سىزنىڭ نامىڭىزدا تۇرسۇن. ناۋادا  ۋەيران بولۇپ كەتسەم، ھەتتا تۇرىدىغان جايىممۇ قالمايدۇ.  - دېدى .

ئەگەر جەسۇرنىڭ شىركىتى بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسە،  ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.

بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ نامىدا قالسا، كەلگۈسىدە  ئازراق بولسىمۇ چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇ.

زىلالە ئۇنىڭ ئويىنى پەرەز قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - شىركىتىڭلارنىڭ پاش قىلىنغان ئىشىنى قەيسەر  قىلغانمۇ؟  - دەپ سورىدى.

خەۋەردە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، جەسۇرنىڭ شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈلىشىدىكى سەۋەبنى،  بەزىلەر ئۇنىڭ پاي باھاسىنى قانۇنسىز تىزگىنلىگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى.

زىلالە   ئالدىنقى قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى بىلەن قوشۇپ ئويلاپ، باشقىلار تەرىپىدىن يامان غەرەزدە پاش قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلدى.

جەسۇر ماشىنىنى زۆھرەنىڭ  ئىجارە ئالغان ئولتۇراق رايونىغا  قاراپ ھەيدەپ :

- كۆپ ئويلىماڭ، بۇ ئىشنىڭ قەيسەر بىلەن ئالاقىسى يوق، سىز بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق. - دېدى.

ماشىنا ئىچىدە يەنە بىر قېتىم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.

ئالدى تەرەپتىكى توسۇلۇپ قالغان يول ئاخىرى ھەرىكەتكە كەلدى.

ماشىنا ئايلانما لىنىيەدىن چۈشۈپ،  ئىجارىگە ئالغان ئولتۇراق رايونغا كىردى.

بۇ بىر بۆلەك يول ئۇنچە ئۇزۇنمۇ ئەمەس،  ھازىرلا ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارىدۇ.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، يان تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەۋاتقان جەسۇرغا بىر قاراپ قويۇپ، ئارقا چىشىنى چىشلەپ، تەلەپپۇزىنى سالماق، تەمكىن چىقىرىشقا تىرىشىپ:

 - ئەگەر ئەتە ۋاقتىڭىز بولسا،   خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرۋېتەمدۇق؟ - دېدى. 

ئۇزاققىچە ئازابلانغاندىن، ئىشنى ئىتتىك ئاخىرلاشتۇرغىنى ياخشى.

بۇنداق سۆرەلمىلىك قىلغاندىن كۆرە، بالدۇرراق بېرىپ، قالايمىقانچىلىقنى تېز بىر تەرەپ قىلغان تۈزۈك.

جەسۇر رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ئېقىمىغا تىكىلىپ، بىر نەچچە سېكۇنت جىمىپ قېلىپ:

 - بولىدۇ.  ئەتە ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشەيلى!  - دېدى.

بۇ گەپ ئېغىزدىن چىقىشى بىلەنلا، زىلالە بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئاڭلىغاندەك ھېس قىلدى ۋە   تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلدى.

ئوخشاش گەپنى، ئۇمۇ جەسۇرغا دېگەن.

ئوخشىمايدىغان يېرى ئالدىنقى قېتىم توي قىلىش ئۈچۈن دېگەن بولسا، بۇ قېتىم ئاجرىشىش ئۈچۈن دېدى!

مۇشۇلارنى ئويلاپ، زىلالەنىڭ يۈرىكى يىڭنە سانجىلغاندەك  ئاغرىدى.

 قولىنى سوزۇپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تەستە ئېچىپ ئىسكىرۇپكىنى كۆتۈرۈپ، لېۋىنى چىشلەپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي بىنانىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى.


 

 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章