كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
72 | 71 | |||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
73 -قىسىم
73- قىسىم
بىردىنبىر ئۈمىد
زىلالە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن ئايرىلغان چاغدا گۇگۇم چۈشۈپ بولغانىدى.
شەھەر ئىچىگە قايتىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىپ، دېرىزىگە يۆلىنىپ، يول چىراغلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆتىشىگە قاراپ، سول قولىنى ئىختىيارسىز قورسىقىغا قويۇپ، يېنىك سىيلىدى.
دادىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ئاكىسىنىڭ دېلوسىمۇ 2-سوتقا چىقاي دەپ قالدى...
ھەممە ئىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ، ھازىر ئۇنى ئەڭ تەڭقىسلىقتا قويغىنى قورسىقىدىكى ئىككى كىچىك ھاياتلىق.
جەسۇر بىلەن بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىغا قايتالمايدۇ، قائىدە بويىچە، ئۇ ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشى كېرەك ئىدى.
بىراق ئۇلارنىڭ ئىككى كىچىك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىسىلا، ئالدۇرۋېتىشقا كۆزى قىيمايتتى.
ئەمما ... ئۇلار قېلىپ قالسا، بېقىپ چوڭ قىلغۇدەك ئەمەلىي كۈچى بارمۇ؟
دادىسى يوق ئىككى بالا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەمدۇ؟
زۆھرە بىلەن ئىجارىگە ئالغان مەھەللىگە قايتىپ كەلگىچىمۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمىدى.
نۇرزاتنىڭ دېگەنلىرىنى ئويلاپ، بېشىنى چايقاپ، قايتا ئويلىماسلىققا تىرىشتى.
نۇرزاتنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسى يوقمۇ ئەمەس، ھازىرقىدەك ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەندىن كۆرە، دادىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقارغىنى تۈزۈك.
ئىشقىلىپ، ۋاقىت بولغاندىكىن يەنە ئاستا-ئاستا ئويلانسا بولىدۇ.
- زىلالە! - زىلالەنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەكبەر دەرھال ئالدىغا كېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ، - دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، سىزگە تېلېفون قىلاي دەپ تۇراتتىم! - دېدى.
- كەچۈرۈڭ، مەن دادامنى يوقلاپ كەلدىم. - دېدى زىلالە ئالدىراپ-تېنەپ ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنى مېھمانخانىغا باشلاپ، ـ قېنى، ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي قۇيۇپ بېرەي. - دېدى.
- ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! - دېدى ئەكبەر يېنىدىن كونۋېرتنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، - تېز قاراڭ، بۇ نېمە؟ - دېدى.
زىلالە گاڭگىرىغان ھالدا كونۋېرتنى قولىغا ئېلىپ، ئۈستىدىكى سوت مەھكىمىسى دېگەن خەتنى كۆرۈپ، كونۋېرتنى ئالدىراش ئېچىپ، ئىچىدىكى ھۆججەتنى چىقاردى.
ھۆججەتتە پەقەت بىر نەچچە قۇرلا خەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
- بەك ياخشى بولدى. - دېدى زىلالە. ئاخىرى يەنە بىر قېتىم سوت ئاچىدىغان خەۋەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇش بولۇپ، - ئەكبەر ئاكا، جاپا چەكتىڭىز. - دېدى.
- مەن ئاكىڭىزنىڭ ئادۋوكاتى، بۇ ئەسلىدىمۇ مېنىڭ خىزمىتىم، - دېدى ئەكبەر بىلىكىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، - زۆھرەنىڭ قولىدا دېلو بار، كەچتە خېلى كەچ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، تېخى تاماق يېمىگەنسىز، يۈرۈڭ، مەن سىزنى بىر نەرسە يېيىشكە تەكلىپ قىلاي، تاماق يېگەچ ئاكىڭىزنىڭ دېلوسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. - دېدى.
- ئالدىنقى قېتىم دېيىشىپ قويغان، بۇ قېتىم مەن مېھمان قىلاي، ئىش ھەققىمنى بۈگۈن ئالدىم، - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.
- بولىدۇ، سىز مېھمان قىلىڭ! - دېدى ئەكبەر.
ئىككىيلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ پەسكە چۈشۈپ، ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىغا كەلدى.
تاماق بۇيرۇتۇپ ئۈستەلگە چىققاندا، ئەكبەر سەل قىزىقىپ:
- ئاينىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ بولمىسا، مۇزىكا ئەترىتى نېمىشقا مائاش تارقىتىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئىستېپا بەردىم، شۇڭا مائاشىمنى ھېسابلاپ بەردى، - دېدى زىلالە.
- ئىستېپا بەردىڭىز؟ - ئەكبەر ھەيران بولۇپ، -سىز كۈي سۆيەر ئوركېستىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئوركېستىر، نېمىشقا ئىستېپا بەردىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە مۇلازىم ئەكەلگەن مېۋە شەربىتىنى ئېلىپ، ئەكبەرنىڭ ئىستاكانغا قۇيۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىستاكانىنىمۇ توشقۇزۇپ:
- مەن يىراق ئەلگە چىقىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدىم، ئۇ يەردىكى مۇزىكا ئۆمىكى بىلەنمۇ سۆزلىشىپ قويدۇم. دادامنىمۇ شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىمەكچى. ئەگەر ئاكامنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، يېنىپ چىقسا، ئۈچىمىز بىللە ماڭىمىز، - دېدى ۋە ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ، يېنىك سوقاشتۇرۇپ:
- قېنى، مېۋە شەربىتى بىلەن مۇشۇ كۈنلەردە قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، - دېدى.
ئەكبەر ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ، مېۋە شەربىتىدىن ئازراق ئىچىپ، قارشى تەرەپتىكى زىلالەگە تىكىلىپ قارىدى، بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى يەنىلا چىداپ تۇرالماي:
- جەسۇر... سىزنى ئىزدەپ بارمىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بالىنىڭ ئىشىنى ئۇمۇ بىلىپ بولدى، بىزمۇ ئېنىق دېيىشىپ بولدۇق، - دېدى زىلالە كىرپىكىنى ساڭگىلىتىپ كۈلۈپ قويۇپ، - ھازىرقى ئەھۋالدا، يەنىلا ئايرىلىپ كەتكىنىمىز ياخشى، ھە راست، ئاكامنىڭ دېلوسىغا ئائىت يەنە قانداق يېڭى ئىسپات تاپتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئەكبەر ئۇنىڭ ئەمدى جەسۇرنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلەشكۈسى يوقلىقىنى بىلىپ:
- مەن يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىسپاتلارغا ئېرىشتىم، بۇ قېتىم قەيسەر سوتقا چىقمىغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا يېڭىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە... - دېدى ۋە بېشىنى يېنىك چايقاپ، - مەن چوقۇم يېڭىمەن دەپ كاپالەتلىك قىلالمايمەن، - دېدى.
- چۈشەندىم. ـ دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، ـ ھېچقىسى يوق، بۇ قېتىم بولمىسا، كېلەر قېتىم بولار، مەيلى قانچە قېتىم بولسۇن، ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن! - دېدى.
ئەكبەر كەسكىن تەلەپپۇزدا:
- سىزلا ۋاز كەچمىسىڭىز، مەن بۇ دەۋانى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن ، - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا يانچۇقىدىكى تېلېفونى سايراپ كەتتى.
ئېكراندىكى جەسۇرنىڭ تېلېفونىنى كۆرگەن ئەكبەر زىلالەگە قول ئىشارىتى قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئايرىمخانىدىن چىقىپ، جىمجىت بۇلۇڭغا كەلدى.
- ئاڭلىسام، ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا پات ئارىدا قايتا قاراپ چىقىدىكەن، بۇ قېتىم قانچىلىك ئىشەنچىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- ھازىرچە ئەللىكتە ئەللىك. - دېدى ئەكبەر.
- قەيسەر تەرەپتىكىلەر نېمە دەيدۇ؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتتى، ئەمما قەيسەر سالامەتلىك سەۋەبىدىن سوتقا چىقىشنى رەت قىلدى، سوت مەھكىمىسىمۇ ئامالسىز قالدى. - دېدى ئەكبەر غەزەپ بىلەن تىللاپ، - بۇ سولتەك قەستەن قىلىۋاتىدۇ، - دېدى.
- دېلوغا قاچان سوت ئېچىلىدۇ؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- چارشەنبە كۈنى، يەنە ئىككى كۈن بار. - دېدى ئەكبەر.
- بىلدىم. - دېدى جەسۇر بىردەم سۈكۈتكە چۆكۈپ، - مەن ئامالىنى قىلاي، خەۋىرى بولسا سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن. - دېدى .
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، جەسۇر ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەنۋەرگە قاراپ:
- قەيسەرنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇ تيەننىڭدا ئۇزۇن يىل تۇرغان، بېجىرگەن ھېساباتمۇ بەك كۆپ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەكشۈرۋاتىمىز، شۇڭا ۋاقىت كېتىدۇ. - دېدى.
- بارلىق ھېساباتنى تەكشۈرۈپ بولۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟- دەپ سورىدى جەسۇر.
- ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ كۈن كېتىدۇ. - دېدى ئەنۋەر.
ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن سوت ئېچىلىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بولسا ھەرگىز ئۈلگۈرەلمەيدۇ.
- قولىڭىزدىكى بۇ ھۆججەتلەرنى ماڭا بېرىڭ، سىز بېرىپ ئۇلارغا ياردەملىشىڭ. - دېدى جەسۇر.
ئەنۋەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- يارىڭىز تېخى ساقايمىدى، دوختۇر ئەمدى تۈنىسە بولمايدۇ دەيدۇ. - دەپ ئەسكەرتتى.
جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:
- يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا سوت ئېچىلىدۇ، سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن بىز تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ ھۆججەتلەر بىزنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئۈمىدىمىز. - دېدى.
بۇ قېتىم ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىلىشى جەسۇرنىڭ بىر گىپى ئۆتىدىغان كىشىدىن ياردەم سورىغانلىقىدىن بولدى.
ئەگەر بۇ قېتىمقى سوتتا ئۆمەرنىڭ جىنايىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلالمىسا، كېلەر قېتىم قاچان سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
ئەنۋەر ئامالسىز ئالدىدىكى قېلىن ھۆججەتنى ئۈستەلگە قويدى.
جەسۇر ھۆججەتلەرنى ۋاراقلاپ، بەتمۇ-بەت ئەستايىدىل كۆرۈشكە باشلىدى.
داكا بىلەن ئورالغان بېشىغا قارىغان ئەنۋەر ئېغىر ئۇھسىنىپ، بىر ئىستاكان قەھۋە ئەكېلىپ بەردى.
..........
كېچىلىك كۇلۇبتا ئولتۇرغان قەيسەر ئۈستەلدىكى رومكىنى كۆتۈرۈپ ئازراق ئىچتى.
ئاخىردا قولىدىكى رۇمكىغا قاراپ، ئوڭ قولىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، رومكىنى پولغا تاشلىدى.
ھەمراھ بولۇۋاتقان ئىككى خانقىز بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، چىرقىرىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇشتى.
- نېمىگە چىرقىرايسىلەر، كارىۋاتتىمۇ ئۇنداق كۈچەپ توۋلىغاندەك قىلمىغانغۇ، - دېدى قەيسەر ئاچچىقىدا تىللاپ قويۇپ، بىر قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ يېنىغا تارتىپ:
- نېمە، يېقىندىن بېرى پۇلۇمنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ، ھەتتا سىلەرمۇ مېنى ياراتمايۋاتامسىلەر، - دېدى.
ئۇنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئىككى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:
- قاراڭ سىزنى، بىز سىزدىن قانداقمۇ بىزار بولالايمىز! - دېدى.
- شۇنداق، سىزنىڭ ئابلىكىم دىرېكتورنىڭ دوستى ئىكەنلىكىڭىزنى كىم بىلمەيدۇ. - دېدى يەنە بىرسى.
- ھىم! ـ دېدى قەيسەر دىمىقىنى قېقىپ، - دوست، ئەگەر ئۇ مېنى راستتىنلا دوستۇم دەپ قارىسا، ھازىرغىچە پەيدا بولماي قالامتى. - دېدى.
ئۇ گېپى تۈگىتىشىگىلا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئېچىلدى.
ئابلىكىم ئۈچ ياردەمچىسىنى ئېلىپ كىرىپ، ئىس-تۈتەكلىك ئايرىمخانىغا كۆز يۈگۈرتۈپ ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قولىنى پۇلاڭلاتتى.
ئىككى قىز ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايرىمخانىدىن چىقىپ كېتىشتى.
ياردەمچى ئىتتىك بېرىپ قۇلاقنى يارغۇدەك چىقىۋاتقان مۇزىكىنى ئېتىۋەتتى، ئابلىكىم يەردىكى رومكىنىڭ پۇچىقىغا تېپىپ، كىرىسلۇدا ئولتۇرغان قەيسەرگە بىر قاراپ قويۇپ:
- نېمە، ئۇتتۇرغىنىڭىزغا شۇنچە تېزلا تەن بەردىڭىزمۇ؟ - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar