مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 47-قىسىم_ ھەممىنى

文摘   小说   2024-10-15 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  84  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241




46




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

47 -قىسىم

   

 


47-قىسىم 

ھەممىنى  ئاستىن - ئۈستۈن قىلغان ئادەم (1)


ئەنۋەر ھەم ھەيران بولۇپ ھەم ئاچچىقى كېلىپ:

  - سىز... خانىمدىن گۇمانلىنىۋاتامسىز؟ -  دېدى.  

 - مەن دېگەن ئادۋوكات، مەسىلىگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىمەن. - دېدى شۆھرەت ئادۋوكات  تەمكىن تەلەپپۇزدا، - ئۇ ھازىر جەسۇر ئەپەندىنىڭ خانىمى، ئەگەر جەسۇر ئەپەندىگە بىرەر ئىش بولسا، ئۇ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى بولىدۇ. - دېدى.   

ئەنۋەر بىلەن شۆھرەت ئادۋوكات ئوخشاشلا جەسۇرنىڭ يېنىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن بولۇپ، ئىككىسىلى  قانۇن ساھەسىدىن  چىققان.

ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، شۆھرەت ئادۋوكاتنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ، ئېغىر بېسىق، ئەنۋەر بولسا  ياش، سەل ھېسسىياتچان.

 ئەنۋەر ئىككى قولىنى جۈپلەپ:

- لېكىن... ئۇلار تويدىن بۇرۇن كېلىشىم تۈزگەن ئىدىغۇ؟ - دېدى.  

شۆھرەت ئادۋوكات يانغا بۇرۇلۇپ، كېسەل كارىۋىتىدا ئۇخلاۋاتقان جەسۇرغا قاراپ:

 - ئەپەندىمنىڭ تۈزگەن تويدىن بۇرۇنقى كېلىشىمىدە  مال-مۈلۈكنى قوغداش ماددىسى يوق، - دېدى.   

 - نېمە؟- دېدى ئەنۋەر قاتتىق چۆچۈپ، -  بۇ ...بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دېدى.  

جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ تويى ئەسلىدە بىر قېتىملىق سودا ئاساسىغا قۇرۇلغان.

جەسۇرغا ئوخشاش زېرەك ئادەم كېلىشىمگە  مال-مۈلكىنى قوغداش ماددىسىنى كىرگۈزمىدىمۇ؟

ئەنۋەر بۇنداق بولۇشىنى  ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

 - شۇنداق بولسىمۇ، مەن بۇ ئىشتا خانىمنىڭ قولى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.- دېدى ئەنۋەر يەنىلا زىلالەگە تولۇق ئىشىنىپ، شۆھرەت ئادۋوكاتنىڭ پەرىزىگە قوشۇلماي:

 - خانىم بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، مەن ئۇنىڭ  جەسۇر دىرېكتورنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، - دېدى.   

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىلالە ئۆزى يارىلانغان تۇرۇقلۇق جەسۇرنىڭ يېنىدا تۇردى، ئويۇن قويسىمۇ، بۇنداق چاندۇرماي، مۇكەممەل قويالىشى مۇمكىن ئەمەس.

شۆھرەت ئادۋوكات مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ:

 - مەنپەئەت ئالدىدا، مۇھەببەت بەزىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. - دېدى.  

جەسۇرنىڭ مەخسۇس ئادۋوكاتى بولۇشتىن ئىلگىرى،  ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ئىشلىگەندە ھەر خىل ئادەملەر، ھەر خىل دېلولار بىلەن ئۇچراشقان.

شۇڭا، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى رەزىللىكنىمۇ كۆپ قېتىم كۆرگەن.

ئۇ زىلالە بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغاچقا، زىلالەگە بولغان بىلىشى ئەنۋەرنىڭكىدەك چوڭقۇر ئەمەس.

ئەنۋەر بېشىنى چايقاپ:

  - قانداقلا بولمىسۇن، مەن خانىمغا ئىشىنىمەن. - دېدى.  

شۆھرەت ئادۋوكات ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنماستىن، جەسۇرغا قاراپ:

 - بىز جەسۇر دىرېكتور بىلەن قاچان كۆرۈشەلەيمىز؟   - دەپ سورىدى.

 - دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئەھۋال مۇقىم بولسا، 24 سائەتتىن كېيىن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەيدىكەن. - دېدى ئەنۋەر بېغىشىدىكى سائەتكە قاراپ،  - يەنە تەخمىنەن 20 سائەت بار.  - دېدى.

شۆھرەت ئادۋوكات بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - سىز بۇ يەردە جەسۇر دىرېكتورنى قوغداڭ، مەن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ قاراپ باقاي. - دېدى.  

 - بولىدۇ.-  ئەنۋەر  بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ،-  ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمايمەن. - دېدى.   

شۆھرەت ئادۋوكات بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولغاندا، ئابلىكىم ياردەمچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى.

ئەنۋەر ئىككىيلەننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويدى، شۆھرەت ئادۋوكات ئابلىكىمگە بىر قاراپ، ئەدەپ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن يولىغا ماڭدى.

ئابلىكىمنىڭ كۆزى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئىككى ياردەمچىنى سىيپاپ ئۆتۈپ:

 - ئۇلار نېمە ئادەملەر؟ - دەپ سورىدى.  

 -  شۆھرەت ئادۋوكات ئېلىپ كەلگەن ئادەم. - دېدى ئەنۋەر مۈرىسىنى قىسىپ، -  ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئىككى ئادەمنى بۇ يەرگە قويدۇق، - دېدى.   

 - شۇنداق، ئىش ئېنىقلىنىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك، - دېدى ئابلىكىم  كۆزىنى ئىككى ياردەمچىدىن  كېسەل كارىۋىتىدىكى جەسۇرغا يۆتكەپ، بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئەنۋەرگە تەرەپكە بۇرۇلۇپ، - سىزمۇ بېرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، بۇ يەردە مەن بار!   - دېدى.

ئەنۋەر بېشىنى يېنىك چايقاپ:

- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، يەنىلا سىز مېھمانخانىغا قايتىپ ئارام ئېلىڭ.   - دېدى.

 - جەسۇرنىڭ بۇ ھالىتىدە  قايتىپ كەتسەممۇ ئۇخلىيالمايمەن. - دېدى ئابلىكىم يېنىك ئۇھسىنىپ، -  ھېلىمۇ ياخشى ھوشىغا كەلدى، بولمىسا  دادامنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغانتىم، - دېدى.   

ئەنۋەرنىڭ ئابلىكىمگە قارىغان كۆزلىرىدىن سەل تاسادىپىيلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئابلىكىم جەسۇرنىڭ  ئاتا بىر،  ئانا باشقا ئاكىسى، بۇنى ئەنۋەر بىلىدۇ.

ئۇ ئىزچىل ئابلىكىمنى ئۇكىسى جەسۇرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ دەپ قاراپ كەلگەن، كۆز ئالدىدىكى  چىراي ئىپادىسى ئەنۋەرنى ھەيران قالدۇردى.

ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئالدىن بىلمىگەن بولسا، ئابلىكىمنىڭ جەسۇرنىڭ ئۆز ئاكىسى ئەمەسلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولاتتى.

ئابلىكىم ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - نېمە؟ مېنىڭ جەسۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئويلىغىنىڭىزدەك چىقمىدىمۇ؟ - دېدى.   

ئەنۋەر مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.

 - نۇرغۇن كىشىلەر مېنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. - دېدى ئابلىكىم ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ،  - ئاپاممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە، لېكىن مەنمۇ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭغا ئۆچ بولالمىدىم. ئەمەلىيەتتە، جەسۇر ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدى، چوڭلارنىڭ ئاشۇ ئاداۋەتلىرى ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، - دېدى.

ئەنۋەر كۈلۈپ قويۇپ، باشقا گەپ قىلمىدى.

ئابلىكىممۇ باشقا گەپ قىلماي، قايتىدىن بۇرۇلۇپ جەسۇرغا قارىدى.

 كۆز ئالدىدا جەسۇرغا ئوخشايدىغان يەنە بىر چىراي كۆرۈنگەندەك بولدى.

 جەسۇرنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايىنى  ئابلىكىم ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيدۇ.

ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە يىراق ئەلگە ئوينىغىلى چىقىپ، ئوغرىلىقچە دادىسىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىر ياش قىز بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ قالغان.

ئۇ قىز جەسۇرنىڭ ئاپىسى.  ئۆزى چىرايلىق، ئاق كۆڭۈل ئايالدەك تەسىر بېرەتتى.

ئەمما ئابلىكىم ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ دادىسىنىڭ مۇھەببىتىنى تارتىۋالدى، يەنە دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئىناقلىقنى بۇزدى.

ئاپىسى ئۇ ئايالنىڭ <تۈلكە جىن، ئۈچىنچى شەخس  > لىكىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان.

كېيىن دادىسى بىر ئوغۇل بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ چىرايى ھېلىقى تۈلكە جىنغا  ئوخشاش ناھايىتى روھلۇق ئىدى.

دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بالىنىڭ ئىسمى جەسۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇكىسى ئىكەن.

جەسۇر پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، ئابىكىم ئىزچىل دادىسىنىڭ پەخرى ئىدى.

بىراق، جەسۇر ئۇنىڭدىن ئەقىللىك بولغاچقا، دادىسىنىڭ تېخىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈردى.

ئۇ جەسۇردىن نەپرەتلىنىدۇ،  ئىچىدە ھەتتا ئاپىسى جەسۇرغا ئۆچ بولغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئۆچلۈك قىلىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى يېپىپ قويىدىغان، ئۆزىدىن بەكرەك ئەتىۋارلىنىدىغان بۇنداق ئۇكىغا  ئېھتىياجلىق ئەمەس.

بۇ ئائىلىدە بىر ئوغۇل بولسا كۇپايە، شۇنداقلا پەقەت بىرلا ئوغۇل بولۇشى كېرەك.

 ئۇ بولسىمۇ ئابلىكىم!

  ئەتىسى گۇگۇم ۋاقتىدا، دوختۇر جەسۇرنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىدىن كېيىن، ئۇنى ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەشكە قوشۇلدى.

داۋالاش خادىملىرى ئۇنى چاقلىق كارىۋاتقا يۆتكەپ، ئېھتىيات بىلەن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا  ئەكىردى.

زىلالە باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، قولىنى يېنىك تۇتۇپ تۇردى.

ئەركىن بىلەن ئابلىكىم ئاتا-بالا ئىككىيلەنمۇ بار بولۇپ، جەسۇر ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا قارىتا ناھايىتى تەمكىن بولدى.

سېسترا ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، جەسۇر دەرھال   ئېغىز ئېچىپ:

 - ئەنۋەر، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتسۇن.- دېدى.   

 - جەسۇر!  - دېدى ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  - دادام ئۇ  ... - دېدى.

ئەركىن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئابلىكىمغا ئارتۇق گەپ قىلماسلىقنى ئىشارەت قىلىپ:

 -  ياخشى ئارام ئالغىن، بىز قايتايلى،-دېدى  ۋە ئەنىۋەرگە قاراپ  قانداق ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ، - دېدى.   

ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى  ئەنۋەرگە دېگەنىدى.

- مەرھەمەت،  ئىككىڭلارنى ئۇزىتىپ قوياي.   - دېدى ئەنۋەر ئىشىكنى ئېچىپ، ئەركىن بىلەن ئابلىكىم بىر-بىرلەپ كېسەلخانىدىن چىقتى.

ئاخىرى زىلالە بىلەن جەسۇر ئىككىسىلا قالدى.

ئۇ قولىنى سوزۇپ زىلالەنى يېنىغا تارتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ قاراپ:

  - يەنە نەرىڭىزگە يارىلاندى؟ - دەپ سورىدى.  

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، سىز ئوپېراتسىيەدىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى، ياخشى ئارام ئېلىشىڭىز كېرەك. - دېدى .   

جەسۇر يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۇشىغا، شۆھرەت ئادۋوكات ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى.

ئۇ جەسۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، زىلالەگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنىمۇ دېمەي تۇرۇپ قالدى.

 -  قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ - دەپ سورىدى زىلالە ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا تۇرۇشىنىڭ قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپ، -  سىزگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي.  - دېدى.

 -   ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  - ياخشى ئارام ئېلىڭ، سەل تۇرۇپ ئەنۋەر چىقىپ ئېلىپ كىرسۇن، -  دېدى.   

مۇشۇ گەپلەر بولۇنغاندا سېسترا كىرىپ:

- زىلالە خانقىز، دوختۇر سىزگە تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، - دېدى.  

 - بولىدۇ. - دېدى زىلالە  جەسۇرغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، - مەن بېرىپ قاراپ باقاي، بىردەمدىن كېيىن سىزنى كۆرگىلى كىرىمەن، - دېدى - دە، شۆھرەت ئادۋوكاتقا بېشىنى لىڭشىتىپ، سېسترانىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى.

جەسۇر يېنىك نەپەس ئېلىپ، قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ:

 - قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى.   

تۈنۈگۈن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولغاچقا، ھازىرقى ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.

زىلالەنى ئەنسىرىتىپ قويۇشنى خالىماي، قەستەن ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى.

 - نۆۋەتتە، ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنا ۋە شوپۇر تېپىلمىدى، ساقچىلار ماشىنىغا ئېسىلغان  نومۇر تاختىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى،  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى... - دېدى شۆھرەت ئادۋوكات قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، جىددىي تەلەپپۇزدا، -  بۇ ئادەتتىكى قاتناش ۋەقەسى ئەمەس، بەلكى قەستلەش، - دېدى.


 




、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章