كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
54 | 53 | 52 | 51 | |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
55 -قىسىم
55-قىسىم
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا... (1)
- ساقچىلار تەكشۈرۈۋاتىدۇ، شىركەتنىڭ بارلىق مال-مۈلكى يەنىلا توڭلىتىلگەن ھالەتتە. بىراق، شۆھۋەت ئادۋوكات كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى تەسكىن تاپقۇزدى، كۆپچىلىكنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى ناھايىتى زور. بىز ۋىجدانسىزلىق قىلىپ باقمىدۇق، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قورقمايمىز. - دېدى ئەنۋەر قەغەز خالتىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئورۇندۇقنى تارتىپ:
- ئاۋۋال قورسىقىڭىزغا بىر نەرسە يەۋېلىڭ، - دېدى.
جەسۇر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، قولىغا چوكىنى ئېلىپ، يەنە قويۇپ:
- تيەننىڭ شىركىتى تەرەپتىچۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بۈگۈنكى پاي چېكى داۋاملىق چۈشتى، ھازىر شىركەتتە نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىشىدىغان بولدى دەپ قاراپ، پايچىكلارمۇ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى. - دېدى ئەنۋەر بېشىنى يېنىك چايقاپ، ـ ئاڭلىسام، نۇرغۇن كىشىلەر قولىدىكى پاي چېكىنى سېتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.- دېدى.
- ھىم! - دېدى جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ، - بۇنداق بولسا تېخى ياخشى ئەمەسمۇ، - دېدى.
ئەنۋەر سەل چۆچۈپ:
- نېمە دېمەكچىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- سىز يىراق ئەلدىكى شىركەتكە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇڭ، تيەننىڭ شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى ساتىدىغانلار چىقسا، قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنى سېتىۋالسۇن، - دېدى.
- ئەمما... - دېدى ئەنۋەر ئەنسىرەپ، - بۇ بەك خەتەرلىك، ئەگەر تيەننىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئورنىدىن تۇرالمىسا، پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈك ئايلىنىدۇ، - دېدى.
ئالدىنقى قېتىم 23 پىرسەنت پايغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، جەسۇر ئۈچتىن بىر قىسىم مەبلەغنى يۆتكەپ كەلدى.
ئەگەر بۇ قېتىممۇ يەنە سېتىۋالسا، بارلىق مال-مۈلكىنى دوغا تىككەن بولىدۇ.
ئەنۋەر بۇ ئۇسۇلنى بەكلا قاراملىق دەپ قاراپ:
- بىلىمەن، زىلالە خانقىزغا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىسىز، بىراق ئازراقمۇ چېكىنىش يولى قالدۇرمىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. - دېدى.
- مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تيەننىڭنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەرگەن. - دېدى جەسۇر تۆۋەن ئەمما كەسكىنلىك بىلەن، - ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىسام بولمايدۇ، - دېدى.
- لېكىن... ناۋادا... - ئەنۋەر يەنە نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا، جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ:
- مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ! - دېدى.
ئەنۋەر ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغان گەپنى يۇتۇۋېتىپ:
- بولىدۇ... ھازىرلا بېرىپ تېلېفون قىلاي. - دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بېرىپ تېلېفون قىلدى، جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئادىتى بويىچە سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىدىكى ئۈزۈكنى سىيلىدى.
ئۇزاق ئويلىنىشتىن كېيىن ئۈزۈكنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، بوينىدىكى ئاپىسى قالدۇرۇپ كەتكەن زەنجىرىنى ئېلىپ، ئۈزۈكنى ئېسىپ قايتىدىن تاقاپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى.
- جەسۇر دىرېكتور. - دېدى ئەنۋەر ئۈستەلگە قايتىپ كېلىپ، - ئىشلارنى دېگىنىڭىز بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇم، ھازىردىن باشلاپ ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تيەننىڭنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ. - دېدى.
جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بېرىپ تەييارلىق قىلىڭ، بۈگۈن كەچتە، ئەركىننىڭ ئۆيىگە قايتىمەن. - دېدى.
ئەنۋەر قاپىقىنى تۈرۈپ:
- ھازىر قايتىپ بارسىڭىز، بەك خەتەرلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ - دېدى.
ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئابلىكىم مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمىدى.
ئەمدىلىكتە بىۋاسىتە ئەركىن ئائىلىسىگە قايتىپ بارسا، ئەنۋەر قانداقمۇ خاتىرجەم بولالىسۇن؟
- ئۇ يەرگە قايتىپ بېرىپ، ئۇنى قول سېلىشقا قىستىماقچى. پەقەت ئابلىكىم ئۆپكىسىنى باسالماي قالغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتالايمىز. - دېدى جەسۇر.
- سىزنىڭ ئويىڭىزنى چۈشىنىمەن. - دېدى ئەنۋەر يۈزىنى بۇراپ، ئامالسىز قالغان قىياپەتتە، - شۇنداق بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا يارىڭىز ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ بارمامسىز؟ - دېدى.
ئەمدىلا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى، جەسۇرنىڭ يارىسى تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىدى.
دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆلچەملىك داۋالانسا توغرا بولاتتى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- مەن ئۇنچە ئۇزۇن ساقلىيالمايمەن. - دېدى.
ئابلىكىم بىر كۈن يامان نىيىتىنى چاندۇرمىسا، ئۇ بىر كۈن خاتىرجەم بولالمايدۇ، زىلالەگە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بولمايدۇ.
ئۇ ساقلىسا بولىدۇ، ئەمما زىلالەچۇ؟
جەسۇر زىلالەنىڭ كۆزىگە تىكىلگەن بىر جۈپ كۆزىنى ئويلاپ، ئۆزىنى ئىككى كاچات سالغۇسى كەلدى.
ئەنۋەر يېنىك يۆتىلىپ، پەس ئاۋازدا:
- بولمىسا... زىلالە خانقىزغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتساق بولمامدۇ؟ - دېدى.
- بولمايدۇ! - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ تەكلىپىنى دەرھال ئىنكار قىلىپ، - مەن سىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئەگەر ھەقىقىي ئەھۋالنى زىلالەگە ئېيتىشقا جۈرئەت قىلسىڭىز، ئەمدى مېنىڭ ئالدىمدا پەيدا بولماڭ. - دېدى.
جەسۇر زىلالەنى چۈشىنىدۇ، ئاشۇ مىجەز - خاراكتېرى بىلەن، ئۇنىڭ بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.
ئۇنىڭدىن داۋاملىق خاتا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە ئۆچ قىلىپ قويغىنى تۈزۈككى، ئاجىز قىزنى بۇ قاينامغا سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ.
ئەنۋەر ئېغىر ئۇھ تارتىپ، قايتا گەپ قىلمىدى.
شۇ كۈنى كەچ گۇگۇم ۋاقتىدا ئەنۋەر ئۆزى ماشىنىنى ھەيدەپ، جەسۇرنى ئەركىن ئائىلىسىگە ئاپىرىپ قويدى.
ئەركىن ئائىلىسىنىڭ چوڭ تۇرالغۇسى شەھەر سىرتىدا بولۇپ، پۈتۈن بىر تاغلىق كەنتتەك كېلىدىغان يەر ئەركىن ئائىلىسىگە تەۋە ئىدى.
ئاپتوماتىك تۆمۈر ئىشىكتىن كىرىپمۇ، ماشىنىدا يەنە نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن ھېلىقى ھەشەمەتلىك ئۇسلۇبىدىكى بىنانىڭ ئالدىغا بارغىلى بولدى.
جەسۇر مېھمانخانىغا كىرگەندە، ئەركىن ئايالى سانىيە، ئوغلى ئابلىكىم بىلەن بىللە ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتى.
ئۆي خىزمەتچىسىدىن جەسۇرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرغان ئۈچ ئادەم تەڭلا قولىدىكى چوكىنى قويدى.
ئەركىن ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ:
- ئۇ كىرسۇن، بىر يۈرۈش قاچا-قۇچا، چوكا ئېلىپ كېلىڭ، - دېدى.
- ئەركىن! - دېدى سانىيە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى.
- ئاپا! - دېدى قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان ئابلىكىم ئورنىدىن تۇرۇپ، سانىيەنى ئورۇندۇققا بېسىپ، - بۇ يەر جەسۇرنىڭمۇ ئۆيى، ئۇ بۇرۇنلا قايتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى، - دېدى.
- نېمىشقا چوقۇم قايتىپ كېلىشى كېرەككەن؟ - دېدى سانىيە سوغۇققىنە خۇرسىنىپ، ـ ئۇنىڭ ماڭىدىغان چاغدا نېمە دېگىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ < سىرتتا جېنىم چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدىن قايتا كىرمەيمەن > دېگەنغۇ، بىڭسى بولسا، قايتىپ كەلمىسۇن! - دېدى.
- بولدى قىلىڭ، - دېدى ئەركىن يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ، - مەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلدىم. - دېدى.
- ئۇنى سىز قايتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ تېخى؟ - دېدى سانىيە ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ، - بولىدۇ، سىز ئائىلىمىزنىڭ باشلىقى، مەن ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمايمەن، مەن كېتەي! - دېدى.
- ئاپا!
ئابلىكىم يەنە نەسىھەت قىلماقچى بولدى، سانىيە سالفېتكىنى ئۈستەلگە تاشلاپ، ئاشخانىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.
بۇ چاغدا جەسۇرمۇ كىرىپ بولغانىدى.
ئىككىسى ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدى.
سانىيە جەسۇرغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قەدىمىنى توختىتىپ:
- جەسۇر، ئېسىمدە قېلىشىچە، سىز ئەينى چاغدا، بۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە ھەرگىز قايتمايمەن دېگەن ئىدىڭىز، بۈگۈن نېمە بولدى؟ سىرتتا ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزەلمەي ،ئاندىن بۇ ئۆي ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ - دېدى.
- سىز! - دېدى ئەنۋەر قاراپ تۇرغۇسى كەلمەي، ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، جەسۇرنىڭ ئورنىدا رەددىيە بەرمەكچى بولدى.
جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلىپ:
- ئىلگىرى كىچىك بولغاچقا ئىش ئۇقمايتتىم، شۇڭا سانىيە ھامما كىچىك بالا بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى.
- كىچىكلىكتە ئىش ئۇقماي قالدىڭىزمۇ تېخى، - دېدى سانىيە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، - مەن تېخى سىزنى ھەقىقەتەن ئالىيجاناب، ئىرادىلىك دەپ ئويلاپتىمەن، ئەسلىدە خاتا كۆرۈپ قاپتىمەن. - دېدى - دە ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
- جەسۇر! - دېدى ئابلىكىم تېز قەدەم بىلەن كېلىپ، مۈرىسىدىن تۇتۇپ، - ئاپامنىڭ گېپىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، ئۇ ئاشۇنداق، ئاغزى ئىتتىك، كۆڭلى يۇمشاق، كېلە ئولتۇرۇپ تاماق يەيلى! - دېدى.
جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، خىزمەتكار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يېڭىدىن بىر يۈرۈش قاچا-قۇچا، چوكا تەييارلاپ، يەنە شورپا ئەكېلىپ بەردى.
ئەركىننىڭ كۆزى يەنىلا جەسۇرنىڭ بېشىدىكى داكىغا چۈشۈپ:
- ياراڭ قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچقىسى يوق، ھازىرچە ھايات تۇرۇۋاتىمەن، - دېدى جەسۇر شورپا قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى يۇتۇم ئىچىپ، - بىز بۇرۇن دېيىشىپ قويغان شەرتلەردىن، يېنىۋالمايدىغانسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ۋەدە بەرگەنىكەنمەن، ھەرگىز يېنىۋالمايمەن. - دېدى ئەركىن چوكىنى ئېلىپ، راكتىن بىرنى ئېلىپ قاچىغا سېلىپ قويۇپ، - ئاۋۋال تاماق يەيلى، بىر نەچچە كۈن ياخشى ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن دېيىشەيلى. - دېدى.
- شۇنداق، جەسۇر، - دېدى ئابلىكىم كۈلۈپ تۇرۇپ، - سالامەتلىك مۇھىم، ئاۋۋال سالامەتلىكىڭ ئەسلىگە كەلسۇن، ئاندىن خىزمەت قىلساڭمۇ كېچىكمەيسەن، - دېدى.
- ھاجىتى يوق، بۇنچىلىك يارىنىڭ كارايىتى چاغلىق، - دېدى جەسۇر مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ، - ئەگەر ئارام ئېلىشقا توغرا كەلسە، مەنمۇ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باراتتىم، بۇ يەرگە قايتىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتى، - دېدى.
ئابلىكىم يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدى، ئەمما ئەركىن ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ:
- ئاۋۋال تاماق يەيلى، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، كۇتۇپخانىغا بېرىپ سۆزلىشەيلى. - دېدى.
جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپ ئەنۋەرگە قاراپ:
- قايتىپ كېتىڭ، ئىش بولسا سىزگە تېلېفون قىلىمەن. - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar