«ئالتاي نۆل ئارىلىق» تور سۇپىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىدىكى قار تازىلاپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، قاتناش شارائىتى ھازىرلانغاچقا، 11- ئاينىڭ 29- كۈنى رەسمىي قاتناش باشلانغان!
ئالتاي شەھىرىدىن قۇمقاناس كەنتى يۆنىلىشىگە، تاق يۆنىلىشتە قاتناش ۋە ۋاقىت بۆلىكى، رايون بۆلىكى بويىچە قاتناش ئەندىزىسى قوللىنىلغان. شياۋدۇڭگۇ 小东沟 تەكشۈرۈش پونكىتىدا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە قاتناش باشلانغان بولۇپ، قۇمقاناسقا بارىدىغان ساياھەتچىلەر سائەت 13 تىن كېيىن قاتنىيالمايدۇ، يېكاشيا دالىدا قار تېيىلىش باغچىسىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر سائەت 18دىن كېيىن قاتنىيالمايدۇ؛ يېكاشيادىن قۇمقاناسقىچە بولغان بۆلەكتە سائەت 15 تىن كېيىن قاتنىغىلى بولمايدۇ.
يۈرۈش بىخەتەرلىكى جەھەتتە: ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ساياھەتچىلىرى قىشلىق چاق ئالماشتۇرغان، تۆت چاقى سۆرەيدىغان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەلسە بولىدۇ، شوپۇرلار قار- مۇزلۇق يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەشتە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى، ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇشى كېرەك. ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلغا ماي، توكنى لىق قاچىلاش، ماي (ياكى توك) يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن سەپىرىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت
نازارەتچى: ئەركىن رەخمىتۇللا