كىملىك ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئەسكەرتمە

文摘   2024-11-26 22:30   新疆  

  كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە، ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى، سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى نورمال سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، يەنە مېھمانسارايدا قونۇش، پۇل- مۇئامىلە ئىشلىرى، پۇل ئامانەت قويۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشكە تەسىر يېتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىمىلىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. يېقىندا، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى گوڭئەن ئورگانلىرى كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 يىل بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ كەينى- كەينىدىن مۇددىتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا كىملىك ئالماشتۇرۇش كەسپىنى ۋاقىت پەرقلەندۈرۈپ بېجىرگىلى بولىدۇ؟

  كىملىك كەسپىدە ھازىر «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا تۇرمايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئەسلىدىكى كىملىكىنى ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى گوڭئەن ساقچىخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزنىكىدە كىملىكنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىملىك ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايدىكى گوڭئەن ئورگانلىرى يەنە توردا بىر تۇتاش بېجىرىش ۋە ئاپتوماتىك بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.

  

تەييارلىغۇچى: دىلرابا ئەنۋەر، مىرئادىل ناسىر، ئابلىكىم ئابلىمىت

نازارەتچى:  ئەركىن رەخمىتۇللا

新疆1074交通文艺广播
新疆广播电视台1074交通文艺广播 TEL:0991-2500330 2500362
 最新文章